| ئەر- خوتۇن ئوتتۇرىسىغا چۈشكەن كۈيە ... ناۋادا سىز قىز بولسىڭىز، يىگىتىڭىزگە سادىق بولۇڭ؛ ئايال بولسىڭىز، ھەر زامان ئېرىڭىزگە ۋاپادار بولۇڭ ؛ يىگىت بولسىڭىز، قىز دوستىڭىزغا سەمىمىي بولۇڭ؛ ئەر بولسىڭىز ئايالىڭىزغا تولۇق مەسئۇل بولۇڭ ... ئادەم مەيلى ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن، مەيلى ئۇ كىچىك بولسۇن ۋە ياكى چوڭ بولسۇن، ئائىلىدىن ئىبارەت خۇسۇسىي دېموكراتىيە ۋە شەخسىي ئەركىنلىك مۇجەسسەملەنگەن ئەڭ كىچىك ۋەتەندە تۇغۇلۇپ، يەنە شۇ ئەڭ كىچىك ۋەتەندە دۇنيا بىلەن خوشلىشىدۇ. شۇنىڭغىچىلىك بولغان ئارىلىقتا ئائىلىدىن ئائىلە تۇغۇلىدۇ، ئۇ ئائىلىدىن بۇ ئائىلىگە كۆچۈش ئىشلىرى دائىم بولۇپ تۇرىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسىگە نىكاھ تۈپ سەۋەبتۇر، ئەلۋەتتە. نىكاھ - ئەر - ئايال بىللە تۇرمۇش كەچۈرىدىغان ئۆمۈرلۈك ھايات سەپىرى بولۇپ، بۇ سەپەرنىڭ ھەممە قەدىمىلا كۆڭۈللۈك بولۇۋەرمەيدۇ. ئاسماندا چاقماق چېقىپ، گاھ يامغۇر ياغىدۇ؛ گاھ بوران قۇم - توپىلارنى ئۇچۇرۇپ كېلىپ، كۆزنى ياشلايدۇ، ۋەھاكازا .ئاقىۋەتتە سەپەر يېرىم يولدا توختايدۇ ياكى باشقا بىر يولدا مېڭىش ئىرادە قىلىنىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، قوشۇش ئەمىلىنىڭ كەينىدە ئېلىش ئەمەلى بولغاندەك، «نىكاھلىنىش» بولغان يەردە «ئاجرىشىش»مۇ بولۇپ تۇرىدۇ. نىكاھ ئەركىنلىكى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىپ، ئۆز رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇۋاتقان، بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئەتى ھەققىدىكى تەشۋىقاتلار كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە، ئەر - خوتۇنلارنىڭ ئۇنداق ياكى مۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن نىكاھتىن ئاجرىشىشى ئادەتتىكى ئىشقا ئايلاندى. ھەتتا «ئۆمۈرلۈك» دېيىلىۋاتقان بۇ سودىنىڭ يېرىم يولدا ياكى بوسۇغىدىن ئاتلاپلا بۇزۇلۇشىدىن ھېچكىم ھەيران قالمايدىغان دەرىجىگە يەتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چەت ئەل مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرى، تۇرمۇش رېتىمىنىڭ تېزلىشىشى، كۈنسېرى ئېشىۋاتقان ماددىي، مەنىۋى ئېھتىياجنىڭ جەمئىيەت ۋە ئائىلە تەرىپىدىن تېگىشلىك دارامەتكە ئېرىشىپ بولالماسلىقى؛ شۇنداقلا شالغۇتلاشقان زامانىۋى ياشاش تەرتىپىنىڭ غىدىقلىشى ... بىلەن ئادەملەرنىڭ روھىي دۇنياسىدا ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن «يەر تەۋرەش» ھادىسىسى يۈز بېرىپ، «ئۆيلەر»نىڭ، كەم دېگەندە «ھويلا - تام»لارنىڭ ئۇلىغا گاھ ئاشكارا، گاھ يوشۇرۇن ھالەتتە چاك كەتتى. تۇرمۇشتىكى جىددىيچىلىك كىشىلەرنىڭ نېرۋىسىنى مەلۇم دەرىجىدە سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كېتىش نۇقتىسىغا سۆرىدى. بۇنداق بولۇشىدا تۆۋەندىكىدەك كونكرېت سەۋەبلەر بار، ئەلۋەتتە. كوت - كوتلۇق ئادەملەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى، تەربىيىلىنىشى، بىلىم سەۋىيىسى، ئائىلىۋى مۇھىتى، مىجەز - خاراكتېرىنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبلىك شەيئىلەرگە، ھادىسىلەرگە تۇتقان مۇئامىلىسى، تونۇشىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. شۇڭلاشقا ئائىلىدە ئەر - ئايالنىڭ بىر - بىرىنىڭ كۆزقارىشىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە چۈشىنىشىنىڭ يېتەرسىز بولۇشى سەۋەبلىك شۇنىڭغا يانداش ھالدا ئۇنداق - بۇنداق سۈركىلىشتىن ساقلانماق تەسكە توختايدۇ. بۇ سۈركىلىشلەرنىڭ كۆپرەكى: ئەر - ئاياللار تۇرمۇشتىكى ۋە ئائىلىدىكى كىچىك ئىشلاردىمۇ بىر - بىرىنىڭ ئۇششاق - چۈششەك ئىشلىرىغا چات كېرىۋالىدۇ. مەسىلەن، شۇنداق پېتىر ئەرلەرمۇ باركى، ئۇلار كۈندىلىك تاماققا ئىشلىتىلىدىغان تۇزدىن تارتىپ ئۇنغىچە، ماي - گۆشتىن تارتىپ پىيازغىچە ھەممىسىگە ئۆلچەم بېكىتىپ بېرىدۇ. خوتۇنى بازارغا چىقسىمۇ ھەربىر تىيىننىڭ ھېساباتىغىچە بېكىتىپ بېرىدۇ. ھەتتا قازان بېشىدا تۇرۇۋېلىپ، توغرالغان كۆكتات، گۆش ۋە ماي قاتارلىقلار ئۈچۈن كوتۇلداپ - چېچىلىپ خاپا بولىدۇ. يەنە بەزى شۈكۈر - قانائەتسىز ئاياللارمۇ ئۇچرايدۇكى، ئۇلار ئەرلىرىنى بىردەم «مائاشىڭ تۆۋەن، پۇل تېپىشنى بىلمەيسەن» دېسە، بىردەم «مېنى ئويناتمىدىڭ، پالانى دۇكاندىكى يېڭى مودىدىكى كىيىملەرنى ئېلىپ بەرمىدىڭ» دەپ كوتۇلدايدۇ ... ئىشقىلىپ داۋاملىق ئۆز ئەرلىرىنى باشقا ئاياللارنىڭ ئەرلىرىگە سېلىشتۇرۇپ، تىنىم تاپماي ئېۋەن تېپىشقا ئۇرۇنىدۇ. يۇقىرىقىدەك ئىشلار سەۋەبلىك ئاقىۋەتتە ئەر - ئايالغا نىسبەتەن دەسلەپ توي قىلغان چاغدىكى ئىللىق ئائىلە بارغانسېرى زىمىستان قىشتەك كۆرۈنىدىغان بولۇپ قالىدۇ. كۈنلەش - گۇمان - سېسىق جالاپلار بىلەن سۆزلىشىپ بولدۇڭما؟ - ئۇ ھېلىلا كەلگەن تېلېفوننى قوبۇل قىلىپ بولۇپ تۇرۇشىغىلا كەلگەن تېلېفوندا خوتۇنى شۇنداق دەپ چالۋاقاپ كەتتى، - شۇڭا تېلېفون ھەققىڭ كۆپ چىقىدۇ سەن شاپاقچىنىڭ، پوچتا -تېلېگرافقا بېرىپ بىرلا تەكشۈرسەمغۇ چاۋاڭ چىتقا يېيىلىدۇ. خەپ ... ئايالى ئۇنىڭغا تېلېفون ئالغاندا، ناۋادا ئۇ باشقىلار بىلەن سۆزلىشىۋاتقان بولۇپ، «تېلېفون ئالدىراش» دېگەن ئۇچۇر بولسىلا، يۇقىرىقىدەك گەپلەر بىلەن بىر ھازا قاينايتتى. ئۇ بار يەردە راستتىنلا بىرەر ئايال خىزمەتدىشى ياكى خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئايال زاتى ئۇنىڭغا تېلېفون قىلسىغۇ جېدەلگە نەق تۇترۇق بولۇپ بېرەتتى. بۇنداق ئىشلارنى نەچچە رەت چۈشەندۈرگەن بولسىمۇ، ئايالىغا پەقەت توغرا قوبۇل قىلدۇرالمىغان بولغاچقا، ئائىلىۋى مۇناسىۋەتكە تەسىر يەتمىسۇن دەپ، ئۇ خىزمەتتىن چۈشۈپ ئۆيگە كەلگەن ھامان يان تېلېفونىنى ئېتىۋېتەتتى … قارايدىغان بولساق، توي قىلىشتىن بۇرۇن مەيلى قىز بولسۇن ياكى ئوغۇل بولسۇن، بىرەرسى بىلەن يېقىنراق ئۆتكەن بولۇپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ ئايالى بۇنى قەتئىي قوبۇل قىلالمايتتى. شۇڭلاشقىمىكىن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغاندىن كېيىن ئۇ ھەققىدىكى كىچىككىنە گەپمۇ خوتۇنىغا رېئاكسىيە بەرمەي قالمايتتى. بىر كۈنى مۇنداق بىر ئىش يۈز بەردى: ئۇ ئىشخانىدا ئولتۇراتتى. قېيناچىسىدىن كەلگەن تېلېفوندا بىر ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالدى. ۋەزىپە مۇنداق ئىدى: قېيناچىسى قىيامەتلىك ئاغىنە بولۇپ ئۆتۈۋاتقان بىرەيلەننىڭ قىزى بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرگەن بولۇپ، ھازىر ئۇ تۇرۇۋاتقان مۇشۇ مەركىزىي شەھەر(ۋىلايەتلىك كادىرلار ئىشلىرى ئىدارىسى)گە تىزىمغا ئالدۇرغىلى ئۈرۈمچىدىن يېتىپ كەلگەنىدى. ئۇ ھېلىقى قىز ۋە قىزنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئارزۇسى بويىچە بىرنەچچە ئىدارە بىلەن قىزنى كۆرۈشتۈرۈپ، مۇمكىن بولسا مۇشۇ شەھەردە قېلىپ قېلىش ئىشىغا ياردەم بېرىش ئارقىلىق تۇغقاندارچىلىقنى يەتكۈزسىلا كۇپايە ئىدى. ئۇ ۋەزىپىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن كۆڭلىگە بىرنەچچە ئىدارىنى پۈكتى. ھېلىقى قىزنى تاپتى - دە، ۋېلىسىپىتنىڭ كەينىگە مىندۈرۈپ(ئۇ چاغلاردا تېخى تاكسى دېگەن نەرسە پەيدا بولمىغانىدى) مۇناسىۋەتلىك ئىدارىلەر بىلەن كۆرۈشتى. بۇنىڭغا ئالاھەزەل يېرىم كۈن كەتتى. ئۆيگە كەلگەن ھامان ئايالىنىڭ بورانلىق چىرايىغا دۇچ كەلدى: - ئەمدى سەن ھەددىڭدىن ئېشىپ، ئىشخاناڭدا مەخپىي كۆرۈشكەننى ئاز دەپ، كوچىدا ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا غىلجىڭلارنى كەينىڭگە مىندۈرۈپ ماڭغۇدەك بولدۇڭما؟ ئەسلىدە ئايالىنىڭ بىر دوستى ئۇنىڭ ھېلىقى قىزنى ۋېلىسىپىتكە مىندۈرۈپ كېتىپ بارغىنىنى كۆرگەن بولۇپ، شۇ ھامان ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ «خىزمەت كۆرسەتكەن»ىدى. ئۇ ھەرقانچە قىلىپمۇ خوتۇنىغا بۇ ئىشنى چۈشەندۈرەلمىدى. ئاخىر ئۆيدە چوڭ بىر جېدەل كېلىپ چىقتى. قېيناچىسى بۇ ئىشقا ئارىلاشقاندىن كېيىنلا، ئاندىن جېدەل بېسىققان بولدى. كېيىنچە بۇنداق ئىشلار دائىم دېگۈدەك كۆرۈلۈپ تۇرغاچقا، ئۇلار ئاجرىشىپ كەتتى. قەستەن 3 - شەخس كۆلەڭگۈسىنى پەيدا قىلىش - ۋەي، تۇرسۇنما؟ ئايالىڭىز ئۆيدىما؟ ... ھە شۇ ... پەقەت ۋىجدانىم چىدىمىدى، بىر گەپنى دەي قاراڭ، سىزگە نەچچە قېتىم ئويلىنىپ بۇ تېلېفوننى ئۇرۇۋاتىمەن. ھەرگىز ئايالىڭىزغا دېمەڭ. باياتىنچۇ، ئايالىڭىز يەنە بىر ئايال، ئىككى ئەر بىلەن رېستورانىغا كىرىپ كەتتى. خوش ئەمىسە ... تېلېفوندىن كەلگەن ئاۋاز ئىگىسىنى ئۇ پەقەت ئەسلىيەلمىدى ۋە بۇنىڭغا ئىشىنىش - ئىشەنمەسلىكنى بىلەلمەي بىر ھازا تۇرۇپ قالدى. ئىشەنمەي دېسە، ئۇنىڭ يانفون نومۇرىنى بۇ ئەر نەدىن بىلىدۇ؟ بىرەر تونۇشى ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈپ تېلېفون قىلغان بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن ئىدى. بۇ ناتونۇش ئاۋاز بىلەن ئۇنىڭ چىرايىنىڭ ئۆڭ - سۆلى ئۆچۈپ كەتتى. ھەرقانداق نورمال ئادەم بۇنداق ئىشقا دۇچ كەلسە، شۇنداق بولماي قالمايتتى. ئايالى ئەتىگەن يەنە بىر دوستى بىلەن بازارغا كەتكەنىدى. ئۇ شۇ ھامان ھېلىقى تېلېفون تەمىنلىگەن ئادرېسنى بويلاپ ماڭدى. ئاۋۋال تېلېفون ئۇرۇپ باقماقچىمۇ بولدى - يۇ، «نەق ئۈستىدىن چۈشۈش»نى ئويلاپ ئۇنداق قىلمىدى. لېكىن ئۇ يەردە ئايالى يوق بولۇپ چىقتى. شۇ ھامان ئايالىغا تېلېفون قىلدى. ئايان بولدىكى، ئايالى يېقىنلا بىر كوچىدا ماگىزىن ئارىلاۋاتقانىكەن، ئۇلار ناھايىتى تېزلا ئۇچراشتى. بۇ ھەقتە ئايالىغىمۇ گەپ قىلمىدى … بىر كۈنى ئەر - ئايال تېلېۋىزور كۆرۈپ ئولتۇراتتى، تۇيۇقسىز تېلېفون جىرىڭلىدى. ئايالى تېلېفوننى ئالدى. ئايالى ھەرقانچە گەپ قىلسىمۇ، تۇرۇپكىنى شۇنچە ئۇزۇن تۇتۇپ تۇرسىمۇ، قارشى تەرەپ گەپ قىلمايۋاتاتتى. - سىزنىڭ تېلېفونىڭىز ئوخشايدۇ، «چىرايلىقىڭىز» ئەتە تاڭ ئاتقۇچە تاقەت قىلالماي قالغان چېغى، - دېدى ئايالى چىرايىنى تۇمان باسقان ھالدا ئۇنىڭغا ھومىيىپ. ئۇ گەپ قىلماي تېلېۋىزور كۆرۈۋەردى. ئايالى كوتۇلداپ - كوتۇلداپ توختاپ قالدى. بىردەمدىن كېيىن تېلېفون يەنە جىرىڭلىدى. بۇ قېتىم ئايالى ئۇنىڭغا ئالىيىپ قويۇپ تېلېفوننى ئالماي ئولتۇرۇۋەردى. ئەر ئاخىر ئۆزى ئالدى. ئەھۋال ئايالى تېلېفون ئالغاندىكىدەك بولۇپ چىقتى. ئۇمۇ ئايالىغا ئوخشاش بىر تالاي سېسىق گەپلەر بىلەن كەيپىياتنى جىددىيلەشتۈردى. بۇنداق تېلېفونلارنىڭ كېلىشى مۇشۇ بىرلا قېتىم ئەمەس ئىدى. بۇنداق ئەھۋال پات - پاتلا تەكرارلىنىدىغان بولۇپ قالغانىدى. ئىگىلىشىمىزچە، بۇنداق تېلېفون ھادىسىلىرى نۇرغۇن ئۆيلەردە يۈز بېرىدىكەن. نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ؟ گەرچە ھازىر بۇنداق ئىشلار ئۆي - ئۆيلەردە تولا تەكرارلىنىپ ئادەملەرمۇ توغرا قارايدىغان بولۇپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن «نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئىشلار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ؟» دېگەن مەسىلە بىزنى ئويلاندۇرماي قالمايدۇ. بۇ يەردىكى گەپ تىنچ ئائىلىلەرگە قەستەن ئاۋارىچىلىق تېرىش، ئەر - خوتۇن ئوتتۇرىسىغا سوغۇقچىلىق سېلىش، شۇ ئارقىلىق بىر چەتتە تۇرۇپ تاماشا كۆرۈشتەك ناچار ئەخلاقىي كەيپىياتقا بېرىپ تاقىلىدۇ. بىر قىسىم كىشىلەر نېمىشقا ئۆزىنىڭ ئىشلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ھە دېسىلا باشقىلارنىڭ تۇخۇمىدىن تۈك ئۈندۈرۈشنىڭلا كويىدا بولىدىغاندۇ؟ ... ئوقۇرمەنلەرگە نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا يۈز بەرگەن بىر دېلونى سۆزلەپ بەرگۈم كېلىۋاتىدۇ: ئۆزئارا ئامراق، ناھايىتى كېلىشكەن ياش بىر جۈپلەر بار ئىكەن. ئىدارىسىدىكى ئاياللاردىن غەيرىي ئەر - ئايال مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى پاراڭلارنى تولا ئاڭلىغان ئايالنىڭ كۆڭلىگە بىر جىن كىرىپتۇ. ئېرىگە ئۆزىنى كۈنلەتمەكچى، شۇ ئارقىلىق «ئېرىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئامراقلىقىنى تېخىمۇ قوزغىماقچى ۋە سىنىماقچى» بولۇپتۇ. ئۇنداق ئويلا - بۇنداق ئويلا ئاخىر ئىشخانىسىدا ئولتۇرۇپ تازا باش قاتۇرۇپ ئىككى پارچە خەت يېزىپتۇ، ئاندىن چېنىپ قالماسلىق ئۈچۈن ئۇنى بىر دوستىغا كۆچۈرتكۈزۈپتۇ. ئىككىلا پارچە خەت نامدا نامەلۇم بىر ئەرنىڭ ئۇ ئايالغا يازغان خېتى ئىكەن. بىرىنچى خەتنىڭ مەزمۇنى: ئەرنىڭ ئۇ ئايالنى ئۇزاقتىن بۇيان بەكمۇ ياخشى كۆرۈپ كېلىۋاتقانلىقى، بىر قېتىم ئۇچرىشىشنى نەقەدەر ئۈمىد قىلىدىغانلىقى ... دىن ئىبارەت تەسىرلىك مۇھەببەت ئىبارىلىرى ئىكەن. ئىككىنچى خەتنىڭ مەزمۇنى: ئەرنىڭ ئايال تەرىپىدىن بىرىنچى خەتكە نىسبەتەن «ئويلىنىپ كېىينچىرەك جاۋاب بېرەي» دېگەندەك مۈجمەل جاۋابىغا نىسبەتەن يازغان خېتى ئىكەن. ئۇ ئايال خەتلەرنىڭ يېزىلغان ۋاقتىنىمۇ ئەينى چاغدىن بىرەر يىل ئىلگىرى قىلىپ يېزىپتۇ - دە، كونۋېرتقا ئۆزىنىڭ ئادرېسىنى بىرەيلەنگە يازدۇرۇپ، ئۆيىگە كېلىپ ئۆزى ۋە ئېرى دائىم ئىشلىتىدىغان بىر تارتمىغا سېلىپ قويۇپتۇ. بىرنەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ھېلىقى خەت ئەرنىڭ كۆزىگە چېلىقىپتۇ. ئوقۇسا ھېلىقىدەك تۇرغان. بۇ ئىش ئەرنىڭ كۆڭلىدە بىرمۇنچە گۇمان - چىگىش پەيدا قىلىپ قويۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەر، ئايالىدىن بۇ ھەقتە قىستاپ سوراپ تۇرۇۋاپتۇ. ئايال، بولغان ئىشلارنى بىرمۇبىر دەپ بېرىپتۇ، لېكىن ئەر قەتئىي ئىشەنمەپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن جېدەل - ماجىرا ئۇلاردىن نېرى بولماپتۇ. ئاخىر »گۇمان ئىماننى قاچۇرار» دېگەندەك، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى پاجىئە بىلەن ئاياغلىشىپتۇ ... 3 - شەخس 3 - شەخسنىڭ ئائىلىنىڭ ئۇلىغا كۆمۈلگەن مىنا ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ماقالىلەر كۆپ يېزىلدى. بۇنى ھەركىم ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايدۇ، ئەلۋەتتە. ئەسلىدە ئەر - ئايال ئۆزئارا سادىق بولۇپ، ئۆز ئائىلىسىنى روناق تاپقۇزسا، بالىلىرىنى ئوبدان تەربىيىلىسە، جەمئىيەت تەرەققىياتىغىمۇ، دۆلەتنىڭ، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىگىمۇ ئوخشاشلا پايدىلىق بولاتتى. گەرچە كۆپ ئائىلىلەر شۇنداق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ناھايىتى ئاز بىر قىسىملارنى «ئائىلىگە نىسبەتەن مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىۋاتىدۇ» دېمەي تۇرالمايمىز. بۇنىڭدا غەرب كىنولىرىدىكى ئەركىن نىكاھ كۆرۈنۈش - سەپسەتىلىرى ئېزىتقۇلۇق رول ئوينىغاندىن باشقا، مۇھىمى شۇ ئادەمنىڭ ئۆزىگە، جەمئىيەتكە، مىللىتىگە بولغان بۇرچىنى ئادا قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغانلىقى سەۋەب بولغان. بىر تونۇشۇمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ مۇشۇنداق جەڭگى - جېدەلنىڭ ئارىسىغا ئۇقماي كىرىپ قېلىپ، بەكمۇ تەستە خالاس بولۇپتۇ: بىر كۈنى بىرنەچچە ئاغىنە بىر رېستوراندا سورۇن تۈزۈپ ئولتۇرۇپتۇ. نېرىقى ئۈستەلدە بىر يۈرۈش قىز - ئاياللار بار ئىكەن. ئۇلار قىزىپ بىر يەرگە بارغاندا، ئاياللارنى تارتىپ تانسىغا چۈشمەكنى سىناق قىلماقچى بولۇپتۇ. سىناق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپتۇ. چۈنكى قىز - ئاياللارمۇ «قىزىل»دىن ئىستېمال قىلىشقان بولۇپ، پۇت - قوللىرى قىزىشقانىكەن. ئارىدا ھېلىقى تونۇشۇم بىرسى بىلەن ھاراقنىڭ كەيپىدە سۆزلىشىپ، چالا مەستچىلىكتە، «بۇنىڭدىن كېيىن ئارىلىشىپ ئۆتمەكچى» بولۇپتۇ. ئەتىسى بېشى ئاغرىپ ئولتۇرسا، تۈنۈگۈن كەچ تانسا ئوينىغان ھېلىقى قىزدىن ئىشخانىسىغا تېلېفون كەپتۇ. ئەمما ئۇ تۈنۈگۈنكى قىزغا تېلېفون نومۇرىنى دەپ بەرگىنىنى زادىلا ئەسلىيەلمەپتۇ. شۇنداقتىمۇ قىزنىڭ ئەسكەرتكىنى بويىچە مەستچىلىكتە ئاتقان پولىرىغا يارىشا ۋە قىزنىڭ زورى بىلەن تاماققا تەكلىپ قىلىپتۇ. يەنە ئىچىپتۇ. شۇنداق قىلىپ بۇرۇندىن بۇنداق ئىشنى ئەيىب ھېسابلاپ كەلگەن ھېلىقى تونۇشۇم بىلىپ - بىلمەي نەق مۇشۇ يولنىڭ يېڭى يولۇچىسىغا ئايلىنىپ قاپتۇ. بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۆزىنىڭ خاتا قىلغانلىقىنى ئويلاپ يېتىپ، ئىچىدە ۋىجدان ئازابى تارتىپ، بۇ ئىشتىن ئۆزىنى تارتماققا ئىرادە باغلاپ، ئۇ قىزنى قەتئىي ئىزدىمەپتۇ. قىز ئىزدەپ تېلېفون قىلسىمۇ، تېلېفوننى ئالماپتۇ. لېكىن قىز ئىزدەشنى توختاتماي ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا كەپتۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قىزنىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىپتۇ. ئەپسۇس، قىز نەدىن بىلىۋالغان، ئۇنىڭ ئۆيىگە تېلېفون قىلىشنى باشلاپتۇ … ئۇنىڭ غەزىپى كېلىپ قىزنى چاقىرىپ تىللاپتۇ. قىز ئۇزاق ئۆتمەي تونۇشۇمنىڭ ئايالى بىلەن تېلېفون جېڭى باشلاپتۇ. ئۇلارنىڭ تىللىرىنى ئادەم ئېغىزغا ئېلىشقىمۇ ئۇيىلىدىكەن ... شۇنداق قىلىپ ھاراقنى جىقراق ئىچكەن بىر باھانە بىلەن ئوماق بالىلار ئاتا - ئانا مېھرىدە ساغلام چوڭ بولۇۋاتقان ئىناق بىر ئائىلىگە دەز كېتىپتۇ ...... بۇنداق مىساللارنى بەلكىم ئوقۇرمەنلەر كۆپ ئاڭلىغان ھەم كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئىشتا «گۇناھ ئەردىمۇ ياكى ئايالدىمۇ؟» دېگەن مەسىلە تەبىئىي ھالدا ھەممەيلەننىڭ دىققەت سىرتىدا ئەمەس، ئەلۋەتتە. مېنىڭچە بۇنىڭدا ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى ئەر ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ئەر دېمەك ئايالنىڭ مۇرەببىسى - يۆلەنچۈكى دېمەكتۇر. شۇنداق بولغانىكەن، ئۇنىڭ ئايالىنى ھۆرمەتلەش، ئىززەتلەش، يېتەكلەش، ھېلىقىدەك قىز - ئاياللارغا يولۇققاندا تەربىيە بېرىپ توغرا يولغا باشلاش مەسئۇلىيىتى بار. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ۋاسىتىلىك تۇغقانلىرىمىز ياكى مىللىتىمىزنىڭ ئانىلىرىدۇر. ئۇلارنىڭ ئەخلاقىي ساپاسىنىڭ ئۆسۈشى - بىزنىڭ كېلەچەكتە باشقا مىللەتلەر قاتارىدا قەددىمىزنى كۆتۈرۈپ يۈرۈشىمىز بىلەن زىچ باغلىنىشلىق. ناۋادا بىرەر قىز - ئايال بىزگە مەيلى قانداق مەقسەت بىلەن يېقىنلاشمىسۇن، ئۇلارغا چىرايلىق يول كۆرسىتىشىمىز، ئۆزىمىزنىڭ ھوقۇقى، ئىمتىيازىغا ئاساسلىنىپ، ئۇلارنى خاتا يولغا باشلىماسلىقىمىز ياكى شۇنداق يولغا مېڭىشقا مەجبۇرلىماسلىقىمىز لازىم. ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرىنىڭ كەچۈرمىشلىرىدىن مەلۇمكى، ئۇلارمۇ ئەلۋەتتە ئۆزى خالاپ بۇ يولغا كىرگەن ئەمەس. نۆۋىتىدە قىز - ئاياللارمۇ مەسئۇلىيەتتىن خالى ئەمەس. ناۋادا سىز قىز بولسىڭىز يىگىتىڭىزگە سادىق بولۇڭ؛ ئايال بولسىڭىز، ھەر زامان ئېرىڭىزگە ۋاپادار بولۇڭ، ياخشى مۇئامىلىدە بولۇڭ؛ يىگىت بولسىڭىز، قىز دوستىڭىزغا سەمىمىي بولۇڭ، ئەر بولسىڭىز ئايالىڭىزغا تولۇق مەسئۇل بولۇڭ. ئۇلارنىڭ سىزسىز ياخشى ياشىيالمايدىغانلىقىنى ئەمەلىي ھەرىكىتىڭىز بىلەن ئىسپاتلاڭ. شۇنداق بولغاندا «3 - شەخس» دېگىنىڭىزنىڭ ئىشىكىڭىزنى ئون ئىككى ۋاق يىگىرمە تۆت سائەت ئوچۇق قويسىڭىزمۇ كىرىشكە پېتىنالمايدىغانلىقىغا مەن تولۇق ئىشىنىمەن .
|
|