| [ئاياللار توغرىسىدا پاراڭ ئاياللارنىڭ كۈچى چىداملىقتا ئىپادىلىنىدۇ. ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى خېمىيىلىك تەركىپ، ئەرلەرنىڭكى بىلەن ئوخشىمايدۇ. ئادەتتە ئاياللارنىڭ بەدىندە ماي ماددىسى كۆپ، مۇسكۇللار ئازاراق بولغانلىقتىن، ئاياللارنىڭ چىداملىقلىقى ئەرلەرنىڭكدىن كۈچلۈك بولىدۇ. مەسىلەن: يېشى، سالامەتلىكى ئوخشاش بولغان ئەر-ئايال ئۇزۇنغا يۈگۈرگۈچىنىڭ ئىچىدە ئايال گەرچە ئەردەك تېز يۈگۈرەلمىسىمۇ، لېكىن ئەرلەرگە قارىغاندا ئۇزۇنراق يۈگۈرەلەيدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى ئادەم يۈگۈرۈش جەريانىدا بەدىنىدىكى گلكوگىن ماددىسى تەمىنلىگەن «يېقىلغۇ»غا تايىنىدۇ. لېكىن، گلىكوگىن ماددىسى تەمىنلىگەن «يېقىلغۇ» چەكلىك بولغاچقا، بەدەندىكى ماينىڭ داۋاملىق«يېقىلغۇ» بولۇپ بېرىشىگە توغرا كېلىدۇ. كالىفورنىيە ئۇنۋىرسىتىتى قارمىقىدىكى دەپۇس مەكتىپىدە ئېلىپ بېرىلغان بىر قاتار تەكشۈرۈشلەردىن ئىسپاتلىنىشىچە، ئاياللارنى ڭتېنىدە %25ماي ماددىسى، ئەرلەرنىڭ تېنىدە %15 ماي ماددىسى بولىدىكەن. شۇڭا گلىكوگىن ماددىسى تەمىنلىگەن «يېقىلغۇ» ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن، ئاياللار ئۇزۇن ۋاقىتقىچە بەدەندىكى ماي ماددىسى تەمىنلىگەن «يېقىلغۇ» دىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ تولۇپ-تاشقان جىسمانى، مەنىۋى كۈچىنى ساقلاپ قالالايدىكەن. بىراق، ئەرلەر بولسا ئاسانلا ھېرىپ قالدىكەن. ئامىرىكىلىق بىر جۈپ ياش ئەر-ئايال بولۇپ، ئېرى، دائىم : «ئايالىم بەك ئاجىز، شامال چىقسىمۇ ئۇچۇپ كەتكىلى تاس قالىدۇ، ھەتتا مۇراببا قۇتىسىنىڭ ئېغىزىنمۇ ئاچالمايدۇ، بازاردىن نەرسە-كېرەك سېتىۋالغاندا، مەن بولمىسام نەرسىلەرنى ماشىنىغىمۇ سالالمايدۇ»دەيدىكەن. بىر يەكشەنبە كۈنى ئۇلار شەھەر سىرتىغا مۇز تېيىلغىلى چىققان ۋە بىر نەچچە سائەت مۇز تېيىلىپ ئوينىغان. ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئېرى ھېرىپ ھالىدىن كەتكەن. كرېسلوغا ئۆزىنى تاشلىغىنىچە ئولتۇرۇپ قالغان. لېكىن، ئايالى بولسا كەچلىك تاماق ئېتىپ، تاتلىق-تۈرۈملەرنى پىشۇرۇپ ئارام ئالماي ئىشلەپ كەتكەن. ئېرى تاماقنى يەپ بولۇپلا ئۇخلاپ قالغان، لېكىن ئايالى پوپايكا توقۇغاچ تېلۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرغان، ئازاراقمۇ ھارغىنلىق ھېس قىلمىغان. ئېرى بۇنىڭدىن ئەجەبلىنىپ، ئايالىم ئادەتتە يالغاندىن ئاجىز قىياپەتكە كىرىۋېلىپ مېنى ئىشقا سالىدىغان ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ قالغان. ئەمەلىيەتتە ئۇ ئاياللارنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنىڭ باشقىچە شەكىلدە ئىپادىلىنىدىغانلىقىنى چۈشەنمىگەن. ئاياللار بىۋاستا سېزىمىغا تايىنىپ، شەيئىلەرنى كۆزىتىشكە ماھىر بولىدۇ. ئادەتتە ئادەمنىڭ سول مېڭىسى تىل ئىقتىدارىنى، ئوڭ مېڭىسى كۆرۈش سەزگۈ قابىليىتىنى تىزگىنلىيەلەيدۇ. قىزلارنىڭ سول مېڭىسى ئوغۇللارنىڭكىگە قارىغاندا تېز تەرىقىقى قىلىدۇ. ئوغۇللارنىڭ ئوڭ مېڭىىسى قىزلارنىڭكىدىن بالدۇر يېتىلىدۇ. شۇڭا قىزلارنىڭ سۆز، يېزىقچىلىق قابىليىتى ئوغۇللارنىڭكدىن يۇقۇرى بولىدۇ. ياش قۇرامىغا يەتكەن ئەر-ئاياللارنىڭ مېڭە ئىقتىدارىنىڭ پەرقىمۇ ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ. ئەرلەر كىتاپ ئوقۇغاندا ئاساسەن سول مېڭىسىنى ئىشلىتىدۇ. خەرىتە ئارقىلىق بىرەر جاينى ئىزدىگەندە ئوڭ مېڭىسىنى ئىشلىتىدۇ. لېكىن، ئاياللارنىڭ چوڭ مېڭىسى ئىشنى بۇنداق بۆلۈۋالمايدۇ. كۆرۈش سەزگۈ قابىليىتىنى تىزگىنلىيەلەيدىغان ئوڭ مېڭىسى تىل قابىليىتىنىمۇ تىزگىنلەيدۇ. تىل قابىليىتىنى تىزگىنلىيەلەيدىغان سول مېڭىسى كۈرۈش سەزگۈسىنىمۇ تىزگىنلەيدۇ. شۇڭا ئاياللار بىرلا ۋاقىتتا چوڭ مېڭىنىڭ ئىككى بۆلىكىدىن تەڭ پايدىلىنىپ ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلالايدۇ. بۇ بىر خىل بىۋاستە سەزگۈنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ پىكىر قىلىش ئىقتىدارىدۇر. شۇڭا ئاياللار باشقىلار بىلەن سۆزلەشكەندە قارشى تەرەپنىڭ سۆزىنى زېھىن قويۇپ ئاڭلاش بىلەن بىرگە، سۆزلىگۈچىنىڭ ھېسىياتى، كىينشى، ھەركىتى قاتارلىقلارنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ. باشقىلار بىلەن سۆزلەشكەندە سۆزلىگىنىنىڭ ئويلىغىنى بىلەن ئوخشاش ياكى ئوخشاش ئەمەسلىكىنى بىلىۋېلىشتا ئاياللار ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ. ئاياللار ئۆزىنىڭ ئائىلىدىكى ۋە ئىجتىمائى تۇرمۇشتىكى ئورنىغا بەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئاياللار ئېرى بىلەن جاپادىمۇ ھالاۋەتتىمۇ بىرگە بولۇشنى ئويلايدۇ.ئەر-ئاياللار ھېسىياتىغا بەك ئەھمىيەت بېرىدۇ.بىراق، نۇرغۇنلىغان ئەرلەر ئايالى بىلەن بولغان ھېسىيات ئالماشتۇرۇشقا سەل قارايدۇ. ئاياللارنىڭ تەلەپ قىلىدىغىنى، ئۇلارغا بولغان ھۆرمەت، كۆيۈنۈش، ئىللىقلىق، مۇھەببەتتۇر.
|
|