كۆرۈش: 950|ئىنكاس: 16

قۇربان ھېيتلىق مۇشائىرە

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بەختىيار(بايقاش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-15 12:05  

01.gif


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى!
بايقاش مۇنبىرىمىزدىكى چوڭ-كىچىك، قېرى-ياش، ئۇرۇق-سىمىز ھەممىڭلارنىڭ قۇربان ھېيتىغا مۇبارەكلەر بولسۇن. ھەممىڭلارنىڭ قۇربان ھېيتنى خۇشال-خۇرام خاتىرجەم ھالدا ئۆتكۈزىشىڭلارغا تىلەكداشمەن.
قۇربان ھېيت بولسا بىزنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمىمىز، ھەممىمىزنىڭ كىچىك ۋاقىتلىرى ئىسىدە بولىشى مۇمكىن ھېيت قاچان كىلەر دەپ كۈن ساناپ ئولتۇراتتۇق، ھېيت كۈنى ھەممىمىز چىرايلىق ھېيتلىق كىيىملىرىمىزنى كىيىشىپ، ھېيتلىق پۇللىرىمىزنى ئېلىشىپ تايچاق كەبى سەكرەپ ئوينىشاتتۇق.




مانا شۇ مۇبارەك ھېيت كىلىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ. ھېيت كۈنى چوڭلارنى يوقلاشنى، كىچىكلەرگە ھېيتلىق بىرىشنى، ئۇرۇق-تۇققان، دوست-بۇرادەرلەرنىڭ ئۆيلىرىگە ھېيتلاپ بېرىشنى ئۇنتۇپ قالماڭلار. كىچىككىنە ئىشلار تۈپەيلىدىن ئازارلىشىپ قالغان يەرلەر بولسا ھېيت كۈنىدە يوقلاپ بېرىپ چىگىش تۈگۈننى يىشىۋېتىڭلار.
ئەمدى ھېيت كەلدى دەپ مۇنبەرنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىڭلا ئۈچۈن مۇنبەردە «قۇربان ھېيتلىق مۇشائىرە» ئۇرۇنلاشتۇرۇشنى لايىق تاپتۇق، بارلىق مۇنبەر ئەھلىنىڭ كەڭ كۇشادە قاتنىشىشىنى سورايمىز.



ھەممە ئىشنىڭ قائىدە يۇسىنى بولغانغا ئوخشاش مۇشائىرىنىڭمۇ بەلگىلىك قائىدىسى بولىدۇ. تۈۋەندە بۇ قېتىملىق مۇشائىرىنىڭ قائىدىسىنى سۆزلەپ ئۈتەي.
1. مۇشائىرە 4 مىسرا بىر كوپىلىت قىلىپ يېزىلىدۇ.
2. داۋام قىلماقچى بولغان ئادەم ئالدىدا يېزىلغان مۇشائىرىنىڭ 4-مىسراسىنى ئېلىپ شۇنىڭغا 3 مىسرا قۇشۇپ بىر كوپىلىت قىلىپ مۇشائىرە قاتسا بولىدۇ.
3. چۇقۇم ئالدىدا يوللانغان مۇشائىرىنىڭ 4-مىسراسىنى ئۆزگرتمەي ئېلىش كىرەك. ئۆز ئالدىغا ئۆزگەرتىۋالغانلار بايقالسا مىللى ئۇسلۇپتا جازا بىرىلىدۇ.
4. بۇ مۇشائىرە بولغاچقا مۇشائىرىگە مۇناسىۋەتسىز بولغان ھەر تۈرۈرك ئىنكاسلار يوللانماسلىقى كىرەك، ئەگەر يوللىنىپ قالغان بولسا باشقۇرغۇچىلار تەرىپىدىن ئۈچۈرۈلۈپ تاشلىنىدۇ، شۇڭا ئەزالارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى سورايمىز.
5. ئەگەر  بىر مۇشائىرىگە ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ ئادەم بىرلا ۋاقىتتا مۇشائىرە يازغان بولسا، ئەڭ بۇرۇن يازغىنى ساقلاپ قېلىنىپ، كەينىدىكىلىرى ئۈچۈرۈلۈپ تاشلىنىدۇ. شۇڭا كەينىدە يېزىپ قويغانلار ئېغىر كۆرمەي تەھرىرلەپ يېڭىسىغا ماس ھالدا مۇشائىرە يازساڭلار بولىدۇ.
6.ئەگەر بىر مۇشائىرىگە ئىككى خىل مۇشائىرە يېزىلغان بولسا، سىز داۋام ئەتمەكچى بولسىڭىز چۇقۇم كىم ئاۋال يوللىغان بولسا شۇنىڭغا داۋاملاشتۇرۇڭ. بولمىسا سىزنىڭمۇ مۇشائىرىڭىز بىردەك ئۈچۈرىلىدۇ.
ھەر قانداق ئىشنىڭ خۇلاسىسى بولىدۇ، شۇڭا مۇشائىرە ئاياغلاشقاندا. بۇ تىمىغا چۈشكەن مۇشائىرىلەرنى رەتلەپ ئايرىم  تىما قىلىپ يېزىپ چىقىپ، ئاكتىپ ئاۋاز قوشقانلارغا ھېيتلىق تارقىتىپ تارتۇقلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.(بۇنى ئاخىرىدا مەن بىجىرىمەن)



ئەمىسە قۇربان ھېيتلىق مۇشائىرە مۇشۇ يەردە باشلاندى


كەلدى ئايەم، كۈلدى ئالەم، ئەل كۆڭلى شادلىقتا ،
كىيىپ دوپپا، قىسىپ گۈل، قىزلار كەلدى بەس - بەستە.
بەلنى باغلاپ، تۈرۈپ يەڭ، بولدى تەييار يىگىتلەر،
سېلىپ   ساما، ياڭرىتىپ ساز  ، كۈلەيلى بايقاشتا.


02.gif

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2013-10-14 01:06:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qol~Ogli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-14 01:45  

  سېلىپ ساما،ياڭرىتىپ ساز، كۈلەيلى بايقاشتا
تاڭ زىباسى جىلۋە قىلسۇن چېھىرلەردە .
قۇت تىلەيلى، ھېيتلىشايلى ، ئىزلىشەيلى ،  
دوستلۇق گۈلى زەپ ئېچىلسۇن مېھىرلەردە .


ۋاقتى: 2013-10-14 01:49:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستلۇق گۈلى زەپ ئېچىلسۇن مېھىرلەردە،
ئايام شادلىقى جىلۋىلەنسۇن چېھىرلەردە .
ئاداۋەتنى چۆرۈپ تاشلاپ كۆڭلىمىزدە ،
ئۆملۈك رىشتى يىلتىز تارتسۇن يۈرەكلەردە .

باھا سۆز

ياخشى چىقىپتۇ بۇ مىسرا ئەزىز  ۋاقتى: 2013-10-14 01:58
ۋاقتى: 2013-10-14 02:43:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆملۈك گۈلى يىلتىز تارتسۇن يۈرەكلەردە،
ئاسايىش ھەم بەخت تىلەيلى تىلەكلەردە.
گۈلگۈن ھايات، پاك تەبىئەت دەۋران سۈرگەن،
جەننەت كەبى يۇرت قۇرايلى بىلەكلەردە!
ۋاقتى: 2013-10-14 09:56:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەننەت كەبى يۇرت قۇرايلى بىلەكلەردە!
ئايەم شادلىقى ئەۋج ئالسۇن پەلەكلەردە.
جۆر بولسۇن جىمى بارچە شادىيانە دەۋرانغا،
دوستلۇق كۈيى ياڭرىسۇن ھەربىر پاك قەلىبلەردە.

باھا سۆز

دوستلۇق كۈيى ياڭرىسۇن ھەربىر پاك قەلىبلەردە، خۇسال كۈلۈپ يايراپ ئارزۇ -ئارمان تىلەكلەردە،جېمى ئەزا جۆر بول تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2013-10-14 10:51
ۋاقتى: 2013-10-14 10:51:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەختىيار(بايقاش يوللىغان ۋاقتى  2013-10-14 09:56
جەننەت كەبى يۇرت قۇرايلى بىلەكلەردە!
ئايەم شادلىقى ئە ...


دوستلۇق كۈيى ياڭرىسۇن ھەربىر پاك قەلىبلەردە،
خۇسال  كۈلۈپ يايراپ ئارزۇ -ئارمان تىلەكلەردە،
جېمى ئەزا جۆر بولۇپ ئىللىق ماكان بايقىشىمدا ،
كۈي ياڭراتسۇن، كۆككە يەتسۇن ،ئاسمان پەلەكلەردە
ۋاقتى: 2013-10-14 18:38:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qol~Ogli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-14 18:41  

ياڭراتسۇن كۈي ، ناۋا ئەيلەپ،مېھرىبانلار،
قۇت تىلەشسۇن، خۇلۇم-خوشنا قەدىردانلار .
ئۆم ئىناقلىق ،ئىتتىپاقلىق  بىزگە مىراس،
ئەخلاق مىزان ، ئەجدات روھى دۇردانىلار.

باھا سۆز

يارايسىز،دوستۇم،بارىكاللا!  ۋاقتى: 2013-10-14 19:52
ۋاقتى: 2013-10-14 23:26:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈي ياڭراتسۇن، كۆككە يەتسۇن ،ئاسمان پەلەكلەردە،
دىيارىغا چىن ئىشتىياق باغلاپ يۈرەكلەردە.
ئوغلانلىرى زەپەر قۇچقان ھەر بىرچىلىشلاردا،
نە ئارمان بارئەۋلاتلىرىم يەڭسە كۆرەكلەردە.
ۋاقتى: 2013-10-15 11:24:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بەختىيار(بايقاش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-15 11:33  

نە ئارمان بار ئەۋلاتلىرىم يەڭسە كۆرەكلەردە،
شادلانمامتى مەخمۇد بۇۋام روھى خۇش بولۇپ.
جاھان ئەھلى نىچۇن قالسىۇن شۇندا ھەيران.
مىليۇن ساندىن چىقسا بىر ياش تۇغ بولۇپ.
ۋاقتى: 2013-10-30 00:43:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   pari تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-30 20:05  

مىليۇن ساندىن چىقسا بىر ياش تۇغ بولۇپ،
يانار ئەۋلاد يۈرەكلىرى چوغ بولۇپ.
ئەجدادىمنىڭ خىسلىتىدىن چەتنىسەڭ،
تومۇرۇڭدا ئاقماس قېنىڭ دۇغ بولۇپ.

باھا سۆز

كەچۈرۈڭ خاتا چىكىپ تەھرىرلەشكە كىرىپ قاپتىمەن تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2013-10-30 20:06
تومۇرۇڭدا ئاقماس قېنىڭ دۇغ بولۇپ ،ھەر ئىشىڭدا ئەل خەلقنى ئويلىمىساڭ ،روناق تاپماس ئۆزۈڭنىلا ئويلىساڭ ،ئاد تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2013-10-30 20:04
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش