بايقاش مۇنبىرىدىكى بارلىق كونا-يېڭى تورداش دوستلارنىڭ 2013-يىللىق نەۋرۇز بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن!
مەرھابا نەۋرۇز
ئامان
كەلدى نەۋرۇز، كۈلدى ئالەم، كەلدى پەسىل ئەركىسى، ئېرىدى مۇز، ئاقتى ئەگىز، ئەستى كۆكلەم سەلكىنى، بارچە ئەل شاتلىق ئىچىدە، قىزىدى تور مەشرىپى، ياندۇرۇپ دىللارغا دوستلۇق، ئۆم-ئىناقلىق مەشئىلى، قىزىسۇن مەشرەپلىرىمىز ھەر باھاردا، ھەر يىلى.
نەۋباھار ئەييامىدا جانلاندى بايقاش مۇنبىرى، ھەممە قۇتلۇقلاپ نەۋرۇزنى، قاتتى ھەرخىل دىل كۈيى، بېزىدى مۇنبەرنى ئۇز گۈلدەستىلەرنىڭ سەرخىلى، تارىدى ئەتراپقا شاتلىق، نەۋباھارنىڭ خۇش ھىدى، ئىتتىپاقلىق، تەڭ يۈكسىلىش ــ مەشرىپىمىز مەنزىلى.
نەۋباھار ــ نەۋرۇز ئۆزى، يىلنىڭ بېشى، ئىشنىڭ بېشى، نەۋباھاردا گۈللىسۇن شوخ، دېھقىنىمنىڭ ئېتىز-قىرى، مول-ھوسۇلغا تولۇپ خامان، غەمسىز ئۆتسۇن ياز-قىشى، يىراق تارىخ بۇلۇپ قالسۇن، نانغا زارلىق ئۆتمۈشى، نەۋباھاردا–نەۋرۇزدىدۇر ــ باي بۇلۇشنىڭ ئاچقۇچى.
نەۋباھار ــ نەۋرۇز ئۆزى، يىلنىڭ بېشى،ئىشنىڭ بېشى، نەۋباھاردا چىڭ تۈرۈلسۇن،باغۋىنىمنىڭ جۈپ يېڭى، باغۋىنىمنى چاقىرىدۇ، ئىجتىھاتنىڭ تۈن-تېڭى، باغۋىنىمگە قاراشلىقتۇر، ئۇيغۇرۇمنىڭ كۆپ غېمى، نەۋباھاردا–نەۋرۇزدىدۇرــ يۈكسىلىشنىڭ ئاچقۇچى.
بىزگە غەيرەت، كۈچ قوشسۇن بۇ،قۇتلۇق نەۋرۇز بايرىمى، كۈل قىلايلى، ئۆم-ئىناقسىز، زىتلىشىشتەك يايمىنى، تولسۇن تېزراق، نادانلىق ھەم جاھالەتنىڭ پايمىنى، ئۆركەشلىسۇن، دولقۇنلىسۇن ئىجتىھاتنىڭ قاينىمى، ئەجرىمىزدىن يېتىشسۇن كۆپ، مىللىتىمنىڭ سەرخىلى.
بىرلىك بولماي كۈچ بولماس ھەم بىرلىك بولماي نەتىجە، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى يەتكۈزەيلى يەتكۈچە، مائارىپنىڭ بوستانىنى گۈللىتەيلى چەككىچە، ئەجرىمىزدىن كۆز ئاچسۇن بۇ مىللىتىمىز يېڭىچە، نەۋباھاردا–نەۋرۇزدىدۇر ــ ئاقارتىشنىڭ مەشئىلى!
مەنبە: ئىجادىيەت
مەن تۆۋەندە مۇنبىرىمىزدىكى مەشرەپ ئەھلىنىڭ كۆڭۈل ھۇزۇرىغا تۆۋەندىكى نۇمۇرلارنى سوۋغا قىلىمەن:
|