كۆرۈش: 411|ئىنكاس: 5

دۇنيادىكى ئەڭ مىھرىبان زات ‹‹ئانا››

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
29230446.f867b2.jpg
ئانا   

(دۇنيادىكى بارلىق مىھرىبان ئانىلارغا )
تومۇرۇڭدا ئىسسىققىنە تامچە قان ئىدىم،
ۋۇجۇدۇڭنىڭ ھارارىتى ئىللىتىپ تۇرغان.
تېمىپ چۈشتۈم كائىناتقا، تىتىرىدى زېمىن،
قۇياش بولدۇڭ باش باھارنى چىللىتىپ شۇئان.

سۈمۈرەتتىم ئاپئاققىنە مۇھەببىتىڭنى،
چۈش كۆرەتتىڭ چۈشلىرىڭدە پەپىلەپ مېنى.
ئۇخلار ئىدىم يۇرىكىڭنىڭ ئىچىدە ئانا،
«ئىڭە...» لىرىم يىغلىتاتتى كېچىلەپ سېنى.

«ئانا» دېدىم، يۇيىۋەتتى مەڭزىڭنى ياشلار،
«ئانا» بىلەن ئېغىزلاندىم چىققاندا تىلىم.
«ئانا» دېسەم دورىۋالدى سۆزۈمنى تاغلار،
ئانا...ئانا ... سۆيىنىدۇ ھەرتاڭدا دىلىم.

قۇياش بىلەن تەڭ تۇرىسەن ئوچاق بېشىدا،
ئاق قۇشقاچلار قونىۋالار بېشىڭغا تېخى.
ئېچىۋىتىپ ھىجىردىكى مۇھەببىتىڭنى،
يول ئالىمەن مەكتىپىمگە تاقلىغان پىتى.

پىشانەمدە نۇر چاچىدۇ سۆيگەن ئىزلىرىڭ،
يىراقلارغا يول ئالغاندا ئىلىمنى كۆزلەپ.
كەتسەممۇ گەر سەرگەردان بوپ جاھان چېتىگە،
بىللە ئىدى ئاۋازلىرىڭ مۇھەببەت سۆزلەپ.

سېغىنغانسەن يۈرىكىڭدىن ياشلار ئاققۇزۇپ،
سورىغانسەن قۇشقاچلاردىن ھىدىمنى ئانا.
دەپ بەردىمۇ تاڭ سەھەردە سوققان شاماللار،
«ئاپپاق قوزاڭ سالام ئېيتۇر يۈرەكتىن ساڭا» !

تومۇرۇمدا چۇقان سېلىپ كىشنەيدۇ قانلار،
كەتمەكچىمەن سەن سۆزلىگەن چۆچەك قوينىغا.
«چىن تۆمۈر» نى سېغىنىمەن، «ئوغۇز» قەيەردە،
كىشەن سالاي، توختاپ تۇرسۇن، يىللار بوينىغا.

رازى بولغىن ئاق سۈتىڭگە، رازى بول ئانا،
قۇرۇپ چىقاي سېنىڭ ئۈچۈن يىڭى بىر دۇنيا.
ئۈزۈپ كېلىپ قۇياشنى مەن ئالما شېخىدىن،
سوۋغا قىلاي، يۇتىۋەتكىن، تۈمەن يىل ياشا.


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2013-9-13 21:32:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانىلارنىڭ ئۇلۇغلىقىنى تەرىپلەپ بولغىلى بولمايدۇ، ئانىلارنى ھۆرمەتلەش ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئاددى، شۇنداقلا ئەڭ مۇكەممەل بىلىشى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.
ياخشى شېئىركەن. ئىنىم، بۇ شېئىرنىڭ ئاپتورى......
مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويغايسىز.

باھا سۆز

رەھمەت مەن تىخى بايقاشتىكلەرنىڭ ئىناس يىزىش ھوقوقنى ئىلىپ تاشلىغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن 24 ئادەم كۆرەپتۇيۇ ئار تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2013-9-16 14:11
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-9-16 14:11:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامان يوللىغان ۋاقتى  2013-9-13 21:32
ئانىلارنىڭ ئۇلۇغلىقىنى تەرىپلەپ بولغىلى بولمايدۇ، ئا ...

رەھمەت  مەن تىخى بايقاشتىكلەرنىڭ ئىناس يىزىش ھوقوقنى ئىلىپ تاشلىغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن 24 ئادەم كۆرەپتۇيۇ ئاران بىر سىز ئىنكاس يازدىڭىز  رەھمەت سىزگە
ۋاقتى: 2013-9-16 17:38:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رازى بولغىن ئاق سۈتىڭگە،رازى بول ئانا . بىز ئانىمىزنى رازى قىلالىدىقمۇ؟بۇ بىزنىڭ ئېغىزىمىزدىكى سۆز بۇلۇپلا قالماي بەلكى ئەمەللىيەتتە شۇنداق قىلساق . شۇ ئانىلار بىزدىن قانچىلىك رازى بۇلاتتى ھە........
ۋاقتى: 2013-9-16 17:44:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئرنى بىر ئۇقۇپ چىقىش بىلەن يۈرەكنى ئەجەپ تىتىۋەتتى. بەك ياخشى يېزىلىپتۇ.رەسىممۇ بەك ماس كەپتۇ.
ۋاقتى: 2013-9-16 22:39:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىلىپتۇ.ياخشى شېئىركەن.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش