سۆي ، نامرات بولسىمۇ ئۇ سىنىڭ داداڭ ...
ئىسىلزاد بولسىمۇ ئۇ سىنىڭ داداڭ، ئۇلۇغزاد بولسىمۇ ئۇ سىنىڭ داداڭ . سۇمباتلىق بولسىمۇ ئۇ سىنىڭ داداڭ ، باياشات بولسىمۇ ئۇ سىنىڭ داداڭ ، سۆي ، نامرات بولسىمۇ ئۇ سىنىڭ داداڭ ...
ئۇ سىنى چوڭ قىلدى مىڭ تەستە بىقىپ ، جىنىم دەپ پەپىلەپ باغرىغا بەسىپ . ئوتۇڭدا كۆيۈپ ، سۈيۈڭدە ئىقىپ ، قاق سەنەم بولسىمۇ بارىنى سىتىپ ، سۆي ، نامرات بولسىمۇ، ئۇ سىنىڭ داداڭ ...
ساڭىلا تۈگۈنۈپ ئۆزى يىمەيدۇ ، سەنىلا كەيسۇن دەپ ئوزى كەيمەيدۇ . جاپا ھەم زەربىگە ۋايساپ كەتمەيدۇ ، بەلكى كۆز يۇمغىچە غىمىڭنى يەيدۇ ، سۆي ، نامرات بولسىمۇ ئۇ سىنىڭ داداڭ ...
پۇتلىرى مىڭ قاداق ، قوللىرى يىرىق ، يىل بويى ئىشلەپمۇ كىيىمى يىرتىق . ئۈستىدە تۇرسىمۇ تۈمەن مىڭ سىلىق ، ئۇ شۇنچە مۇلايىم ، ئۇ شۇنچە سىلىق ، سۆي ، نامرات بولسىمۇ ئۇ سىنىڭ داداڭ ...
ئۆتكۈزدى ئۇ ئۆمرىنى بالام ، بالام دەپ ، كۈندۈزى ئىتىزدا ، كەچتە كالام دەپ . تىخى كۆپ بالامغا مىھرىم چالام دەپ ، ياشىدى ھەممىگە ئوخشاش سالام دەپ ، سۆي ، نامرات بولسىمۇ ئۇ سىنىڭ داداڭ ...
سەن ئۇنىڭ ھالىنى سوراپ باقتىڭمۇ ، بىشىغا بىر تەلپەك بىرىپ باقتىڭمۇ . مۈكچەيگەن قەددىگە قاراپ باقتىڭمۇ ، ئاقارغان چىچىنى سىلاپ باقتىڭمۇ ، سۆي ، نامرات بولسىمۇ ئۇ سىنىڭ داداڭ ...
ئۇ سىنى مەكتەپتە ئوقۇتۇپ قويدى ، شۇنداقلا دۇنيانى تونۇتۇپ قويدى . بەختنىڭ تەمىنى تىتىتىپ قويدى ، سەنى دەپ ياشلىقىنى يوقۇتۇپ قويدى ، سۆي، نامرات بولسىمۇ ئۇ سىنىڭ داداڭ ...
شۇ گۇزەل ھۆسنۈڭگە كۆچكەن ياشلىقى ، سەن ئۈچۈن كەتمەسكە كەتكەن شاشلىقى . سىنى دەپ يوقالغان ھەم ئوت شاشلىقى ، سىنى دەپ ئاقارغان بىشى چاچلىقى ، سۆي ، نامرات بولسىمۇ ئۇ سىنىڭ داداڭ ...
ئەۋەتىپ تۇرىدۇ ساڭا ئايدا ئاش ، نەۋرىلەر يىسۇن دەپ چامغۇر ھەم كۆكباش . ھىچيەردىن ئالمايدۇ بىر تىيىن مائاش ، ئۇ شۇنچە چىداملىق ئۇ شۇنچە يۇۋاش ، سۆي ، نامرات بولسىمۇ ئۇ سىنىڭ داداڭ ...
كۆمۈرگە پۇلى كەم ، قالايدۇ مەدەك ، پۇل ئۈچۈن ئىتىزدا تىرىيدۇ غوزەك . ئەمما سەن قەھرىڭنى چاچىسەن بۇزدەك ، ئەيتقىنا سەندىكى ئۇ قانداق يۈرەك ، سۆي ، نامرات بولسىمۇ ئۇ سىنىڭ داداڭ ...
كوچىدا كۆرسەڭ قاچىسەن تىخى ، كەمسىتىپ ئەيىۋىنى ئاچىسەن تىخى . ئاچچىقلاپ زەھرىڭنى چاچىسەن تىخى ، شۇندىمۇ بالام دەپ كۆيەر ئۇ تىخى ، سۆي ، نامرات بولسىمۇ ئۇ سىنىڭ داداڭ ...
تۇرقىغا قاراپ باق ، كىيىمى جۇل - جۇل ، ھەممىدىن ئايرىلىپ بولۇپ قالدى تۇل . تۇرمۇشنىڭ يولىدا يۈرىكى چۇل - چۇل ، پۇرىۋال ، ئۇ دىگەن خۇش پۇراقلىق گۈل ، سۆي ، نامرات بولسىمۇ ئۇ سىنىڭ داداڭ ...
قاراپ باق بەستىگە مۈكچىيىپ كەتتى ، ئىش - ئەمگەك دەستىدىن چەيلىنىپ كەتتى . ئۇششۈگەن گۈل كەبى شۈمشىيىپ كەتتى ، دەردىنى ئەيتالماي ئۈمچىيىپ كەتتى ، سۆي ، نامرات بولسىمۇ ئۇ سىنىڭ داداڭ ...
ئۇنىڭدا يوق قىلچە كىبىر - تەمەننا ، ھەر باسقان ئىزىدا تۈمەن مىڭ مەنا . ئەپسۇسكى ياشىنىپ قالدى ئۇ ئەمما ، لىكىن سەن قەرزىڭنى قىلدىڭمۇ ئادا ، سۆي ، نامرات بولسىمۇ ئۇ سىنىڭ داداڭ ...
بىلەمسەن سەن ئۇنىڭ نامراتلىقىنى ، نامراتلىق تەختىگە سۇلتانلىقىنى . بىلسەڭمۇ ئەڭ ئاددى پاك زادلىقىنى ، بىلمەيسەن قەرزىڭنىڭ قات - قاتلىقىنى ، سۆي ، نامرات بولسىمۇ ئۇ سىنىڭ داداڭ ...
كىيىشىڭ ئىسىل تون ، ساڭا كۈندە توي ، ئىچىشىڭ مەي - شاراپ ، يىيىشىڭ قوي . سەن گويا بىر ئەنبەر ، ئۇ بولسا بەدبۇي ، شۇ سەۋەپ داداڭنىڭ بەشىدا مىڭ ئوي ، سۆي ، نامرات بولسىمۇ ئۇ سىنىڭ داداڭ ...
ئۇ بەرگەن پاختا رەخ ئۇستاخانلاردا ، ئۇ بەرگەن ئاش - غىزا داستىخانلاردا . ئۇ تەرگەن سەي - كوكتات شۇ قازانلاردا ، ئۇ يەنە ئوتەلمەس ئىمتىھانلاردا ، سۆي ، نامرات بولسىمۇ ئۇ سىنىڭ داداڭ ...
سەن ئۇنى بىر قىتىم يوقلاپ باقتىڭمۇ ، بىرەر رەت قورسىقىنى توقلاپ باقتىڭمۇ . ئۇ سۇنغان داغ چاينى ئوتلاپ باقتىڭمۇ ، بايرىمىڭ بولدى دەپ قۇتلاپ باقتىڭمۇ ، سۆي ، نامرات بولسىمۇ ئۇ سىنىڭ داداڭ ...
ياشىدى ئۇ ھامان ھەقنى - ھەق سۆزلەپ ، ئەۋلادىم ، خەلقىم دەپ يىراقنى كۆزلەپ . ئىش - ئەمگەك ئەزسىمۇ ھەتتا ھەسسىلەپ ، چىداشلىق ئۆتكۈزدى ئۆمرىنى بەزلەپ ، سۆي، نامرات بولسىمۇ ئۇ سىنىڭ داداڭ ...
ئۇ كەتسە قايتىدىن تاپقىلى بولماس ، ئۇ كەتسە تاي بولۇپ چاپقىلى بولماس . ئۇ كەتسە قوشاققا قاتقىلى بولماس ، پۇل خەجلەپ بازاردىن ئالغىلى بولماس ، سۆي ، نامرات بولسىمۇ ئۇ سىنىڭ داداڭ ...
|