| ئەڭ چوڭ جەڭ
"نەپسى بىلەن جەڭ قىلماق ئەڭ چوڭ جەڭ "، دىسە ئىشەنمەي يۈرۈپتىمەن كەڭ.
تىگىپ چىشىمغا كەلدى بېشىمغا، چاچار توپىنى شەيتان ئېشىغا.
تەس ئىكەن نەپسىنى يېڭىپ چىقماق، بۇ نەپسى دىگەن بىلەن جەڭ قىلماق.
نەپسى قۇلى قىلىۋالسا كارى يوق، بولمىسا دائىم چاچار ئىكەن پوق.
ئەس يادى نەپسى قۇلى قىلىشكەن، يېڭىپ مىنىمۇ«شەيتان» دىيىشكەن.
چۈشەندىم بۇتۇرمۇشنىڭ ئەسلىنى، ئۆزۈم ھەم نەپسى شەيتان قەستىنى.
يېڭىلمەيمەن شۇ نەپسى شەيتانغا، ھىلە بىرلە چاپسىمۇ ھەريانغا.
ماڭىمەن كۆپ ئويلاپ قىلمايمەن ھەزىل، ھىسيات ئۈستىگە دەسسىتىپ ئەقىل.
2013يىلى باھار
|
|