| ئەتىگە ئابدۇللا توختى شاھدىيارى توغرا-خاتا، ھەق-ناھەقنى ئايرىماي، ئاقىۋىتىڭ نىمە بۇلار ئويلىماي. ئىتتىپاقلىق ئىناقلىقنى بۇزىسەن، كۆزنى يۇمۇپ يۈگىرىسەن قارىماي. يۈرەلمەمسەن يامانلارنى دورىماي، ئۆتەلمەمسەن نەھى زەھەر شورىماي. ‹‹ئىتتىپاقلىق غەلبە››دىگەن ئۇلۇغلار، ياخشى ياشا دوستقا ئورەك كولىماي. ئىناق - ئىجىل ئىتتىپاقلىق كۈيىنى، ئىچەلىسەڭ شەربىتى ھەم سۈيىنى. ‹‹ئىتتىپاقلىق كۈچ››دىگەنغۇ ئۇلۇغلار، ئېچىلدۇرۇپ ئىتتىپاقلىق گۈلىنى. ساڭا ئېيتاي ئەي نادانلار ئاڭلىغىن، بىلىپ بىلمەي يامان بىلەن ماڭمىغىن. ئۈزىۋېتىپ ئىتتىپاقلىق گۈلىنى، پۇشايماندا ھەسىرەتتە قالمىغىن. ياخشىلاندى كۈندىن كۈنگە كۈنىمىز، پورەكلىدى ئىتتىپاقلىق گۈلىمىز. توغرا بولسا باسقان ھەر بىر قەدەملەر، ئىناقلىقتا ئۇيۇل تاشتەك بولىمىز. كومپارتىيە باشلار بىزنى غەلبىگە، قەدەم باستۇق ياخشى نىشان پەللىگە. ئىناقلىقتىن باشقىسىنى ئويلىماي، نەزەر تاشلا كەلگۈسىمىز ئەتىگە.
|
باھالاشباھا خاتىرىسى
|