| زار بولدۇم ئابدۇللا توختى شاھدىيارى
ھايۋان بولۇپ تۆرەلمەي يا ئادەمدەك يۈرەلمەي، ئېچىلىپمۇ كۈلەلمەي يۈرگىنىمدىن زار بولدۇم.
نىمە قىلدىم بىلەلمەي ھوزۇرىنى كۆرەلمەي، بېشىم قېتىپ يۈرىمەن يۈرگىنىمدىن زار بولدۇم.
بىرنى بىر دەپ دىيەلمەي يا ئىككىنى كۆرەلمەي، تېڭىرقاپلا يۈرىمەن يۈرگىنىمدىن زار بولدۇم.
نىمە دىسەڭ راس دەيمەن مەن ئاڭلىماس گاس دەيمەن، بىر نان تاپسام داپ چېلىپ يۈرگىنىمدىن زار بولدۇم.
تورمۇش مۇشۇنداق دەيمەن نان تاپسام ئۆزەم يەيمەن، ساڭا بىر نان بىرەلمەي يۈرگىنىمدىن زار بولدۇم.
كۆزۈمنى خىرە دەيمەن چاقىرساڭ كىرە دەيمەن، ئەينەك تاقاپ كۆنەلمەي يۈرگىنىمدىن زار بولدۇم.
|
باھالاشباھا خاتىرىسى
|