| بۇ يازمىنى ئاخىرىدا xahdiyar46 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-24 11:48
تەغدىردىن ئابدۇللا توختى شاھدىيارى ياخشى كۈنگە ئېرىشسەڭمۇ تەغدىردىن، يامان كۈنگە يولۇقساڭمۇ تەغدىردىن. ئۆز يولۇڭنى تاپالمايسەن تەمتىرەپ، قاخشىغىنىڭ نىمە سەۋەپ تەغدىردىن. ياخشى يىسەڭ خۇش بۇلىسەن تەغدىردىن، ياخشى كىيسەڭ خۇش بۇلىسەن تەغدىردىن. بىر كۈنلەردە زاغىرنىمۇ تاپالماي، زارلىغىنىڭ نىمە سەۋەپ تەغدىردىن. ئەقىل بىلەن يارالغانسەن تەغدىردىن، ئادەم بولۇپ سانالغانسەن تەغدىردىن. ئادەم بولساڭ ھىچ ئەيلىمە يامانلىق، ئورۇنسىزلا رەنجىمىگىن تەغدىردىن. تەڭ يارالغان تەڭ تۇغۇلغان تەغدىردىن، نىمىشقىدۇر تەڭ ئەمەسسەن تەغدىردىن. بىلىم بىلەن ئۆزگەرتەلمەي تەغدىرنى، ئامال يوق دەپ يامانلايسەن تەغدىردىن. غورور بىلەن ياشىساڭمۇ تەغدىردىن، ئىللىتىڭنى تاشلىساڭمۇ تەغدىردىن. يىلان بولۇپ چېقىۋېلىپ دوستۇڭنى، يامان كۈندە تاشلىساڭمۇ تەغدىردىن. يامانلاپمۇ يۈرىۋەرمە تەغدىردىن، قول قوشتۇرۇپ تۇرىۋەرمە تەغدىردىن. ئورەك كولاپ يىقىتقاندا دوستۇڭنى، يامانلىقنى كۆرىۋەرمە تەغدىردىن. بىلىم ئېلىپ روناق تاپساڭ تەغدىردىن، ھەمكارلىشىپ ئىناق ئۆتسەڭ تەغدىردىن. ئادەم بولساڭ ئىناق ياشا ئادەمدەك، زار بولغىنىڭ نىمە سەۋەپ تەغدىردىن.
|
باھالاشباھا خاتىرىسى
|