كۆرۈش: 325|ئىنكاس: 6

ئەقلى بولسىلا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
               ئەقلى بولسىلا
        ئابدۇللا توختى شاھدىيارى

ئەي نادان، يارالدىڭ ئەقلىڭ بىلەن سەن،
مۇجەسسەم  ئۆزۈڭدە روھىڭ بىلەن تەن.
ئۆزۈڭسىز  كىم ئويلار  ئىسدىقبالىڭنى،
ئەجىرسىز تەل ئەمەس ھەسەل بىلەن قەن.

ئەخلاقىڭ غورورۇڭ بىلەن سەن ئادەم،
ئۆزىنى  ئۆزگىنى   سۆيگەنلەر  ھاتەم.
نادانلىق  غەپلىتى    باسقاندا   سىنى،
پۇشايمان ئىلكىدە   تۇتىسەن ماتەم.

توختىماي بال ئىشلەر ھەسەل ھەرىسى،
ئەجرىسىز كەلمەيدۇ گۈلنىڭ شىرنىسى.
ئۆگەنمەي يۈرىسەن  نىمىشقا غەمسىز،
بىلىمسىز   ھاياتنىڭ   نىمە  مەنىسى.

تىرىشىپ بىلىم ئال  توختىما ھەرگىز،
نادانلىق  ئىلكىدە    ئۇخلىما ھەرگىز.
ئىلىم– پەن بابىدا    ئۆرلە  پەلەككە،
بىلىمسىز  ناداننى    ماختىما ھەرگىز.

ئۆزگىدىن پەرىقلىق ياشايمەن دىسەڭ،
ئاقىلنى بېغىڭغا   باشلايمەن دىسەڭ.
يىراق بول  بىلىمسىز روھى گادايدىن،
نادانلىق  تونىنى   تاشلايمەن دىسەڭ.

زەررىچە  بىلىمىڭ    ئارتۇق  بولسىلا،
نادانغا  يەتكۈزگىن   ۋاقىت  بولسىلا.
بىلمىدىم   نادانلار  ئۆگىنەر بىركۈن،
تېرىقتەك  بولسىمۇ   ئەقلى بولسىلا.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2013-8-15 14:52:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەسىپداشلارنى ۋە مۇنبەردىكى ئەزالارنى تىرشىشقا ئۈندەپسىز رەخمەت سىزگە  چۈنكى بىلىم يېنىپ تۇرغان چىراق ،بىلىملىك ئەرمەڭگۈ  خار بولماس،
ۋاقتى: 2013-8-15 14:52:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەسىپداشلارنى ۋە مۇنبەردىكى ئەزالارنى تىرشىشقا ئۈندەپسىز رەخمەت سىزگە  چۈنكى بىلىم يېنىپ تۇرغان چىراق ،بىلىملىك ئەرمەڭگۈ  خار بولماس،
ۋاقتى: 2013-8-16 10:53:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئىرىڭىزنى ئوقۇپ تولىمۇ سۆيۈندۈم.رەھمەت سىزگە!
شېئىرىڭىزگە مۇناسىۋەتلىك ماقال-تەمسلدىن بىر،ئىككى كەلىمە:
‹‹تىرشقان ئۇزار،تىرىشمىغان توزار››
‹‹بىلىم ئالمىغان ياش،تام تۈۋىدىكى تاش››
‹‹كۆپ ئوقۇغان ئوغۇل،كۆپ ياشىغان ئاتىدىن ئۇلۇغ››...

ۋاقتى: 2013-8-17 02:17:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز. بىلىم ئالماي بۇ تاللاش ۋە شاللاش رەھىمسىز بولىۋاتقان رىئاللىقتا پۇت تىرەپ تۇرغىلى بولمايدۇ. نادانمۇ بىلىم ئالسا دانا بولالايدۇ.
رەھمەت سىزگە.
ۋاقتى: 2014-5-12 11:39:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زەررىچە  بىلىمىڭ    ئارتۇق  بولسىلا،
نادانغا  يەتكۈزگىن   ۋاقىت  بولسىلا.
بىلمىدىم   نادانلار  ئۆگىنەر بىركۈن،
تېرىقتەك  بولسىمۇ   ئەقلى بولسىلا.

   زەررىچە بىلىمىڭ ئارتۇق بولسىلا،
   نادانغا يەتكۈزگىن ۋاقتىڭ بولسىلا.
   ئىشەنگىن، نادانمۇ ئۆگىنەر بىر كۈن،
   تېرىقتەك بولسىمۇ ئەقلى بولسىلا.

شۇ بىر مىسرانى مەن تازا چۈشىنەلمىدىممۇ ،ئىشقىلىپ شېئىرىڭىزنىڭ ئوبرازىغا نۇقسان يەتكۈزگەندەك ھېس قىلىپ قالدىم. شۇڭا بىلەرمەنلىك قىلىپ،ئانچە ماس كەلمىسىمۇ ئۆزگەرتىپ باقتىم.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-15 20:36:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناداننىڭ  ئۆگىنىشىگە  تازا  ئىشەنچىم يوق  دىگەن  مەنادا  يېزىپ قويغان  ئىدىم  تەلىم  بەرگىنىڭىزگە كۆپتىن  كۆپ رەھمەت
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش