كۆڭلۈمگە جاۋاب
(مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر سەھىپىسىگە) 
قەلبىم دېڭىز دولقۇنىدەك دولقۇنلىماقتا،يۈرۈگۈم ھاياجاندىن تىرىمەكتە ئىدى.‹‹يېقىندىن بۇيان ماڭا جىن چاپلىشىۋالغاندەك بىر قىسما بولوپ قالدىم دىسە؟››مەكتەپكە بارساممۇ ئۆيۈمگە قايتىشقا ئالدىرايمەن،مەيلى قەيەردە بولاي خىيالىمدا يەنىلا شۇ ئۆي.ئۈزۈمدىن ھەيرانمەن.بۇرۇن ئۇ زىرىكىشلىك تۆت تامدىن زىرىككەن ھەتتا ئۇ قورغاننى بۇزماقچىمۇ بولغان ئىدىمغۇ،ئەمدى ماڭا نىمە بولغاندۇ؟ھەتتا ئۇرۇق- تۇققان، دوسىت بۇرادەرلىرىممۇ ماڭا سىنى بىرەرسى ئۆيىڭگە ئىستىپ قويغان ئوخشايدۇ دەپ چاخچاق قىلاتتى.مىنى ئىستىۋالغىنى ئۆيۈم ئەمەس بەلكى تور دۇنياسىدىكى قوينى ئىللىق ئاشۇ ئىللىق ئائىلە ئىدى. ئۇ يەردە مىنىڭ ئامراق دوستۇم،خۇشاللىقىم ،ئۈممۈدۈم بار ئىدى.مەن ئاشۇ ئارزۇلار ئىچىدە ئەنە شۇ مەۋھۇم دۇنياغا شەيدا بولۇپ قالدىم.راستىنى ئېيتسام ياش ۋاقتىمدىمۇ بىرەرسىگە ئۇنچىلىك كۈيۈپ باقمىغان ئىدىم.مەن شۇنداق قىزىقىش ۋە ئوتلۇق ئىشتىياق ئىچىدە مەۋھۇم دۇنيادىكى بىر نەچچە ئائىلىنىڭ ئىشكىنى چەكتىم.ئۇلار مىنى قىزغىن قارشى ئالدى.مىنىڭ ئارزۇلىرىم قاناتلىنىپ خۇددى يېڭىدىن ئۇچۇرما بولغان قۇش باللىرىدەك ئۇزۇمنى شۇقەدەر خۇشال بەخىتلىك ھىس قىلدىغان بولدۇم.ئىلگىرىكى ئەنسىرەش ،كۈتۈش ئىچىدە ئۆتكەن ھاياتىمغا تۇيۇقسىز يىشىل چىراغ يېقىلدى.مەن يېڭى بىر يولدا ئۆز نىشانىم ئۈچۈن دادىل قەدەم تاشلاپ كىتىۋاتىمەن. كىتىۋاتىمەن،يەنە كىتىۋاتىمەن.... نۇرغۇن ئۆيلەرنى زىيارەت قىلىپ ،ئۆزگىچە ھىسلارغا چۆمۈلۈپ ئۈزۈمنى خۇددى يېڭى تۇغۇلغان بۇۋاقتەك ھىس قىلىپ رەھىمسىز ئۆتمۈشۈمدىن خوشلاشماقتىمەن.مەن ئاخىرى ئازاپ دېڭىزىدىن قۇتۇلۇپ قىرغاققا ئۈزۇپ چىقتىم.كۆك ئاسمان،يىشىل دالا نىمدىگەن گۈزەل-ھە!مەن بېشىمنى كۈتۈرۈپ ئەتراپقا قارىدىم.شۇنچىلىك نەپىس ياسالغان بىر ئۆي مىنى قارشى ئېلىۋاتقاندەك كۆزۇمگە تاشلىنىپ تۇراتتى. ئىختىيارسىز ئۇتەرەپكە قاراپ قەدەم ئالدىم.ئۆينىڭ ئالدىغا كەلگەندە يۈرۈكۈم دۈپۈلدەپ سۇقۇپ كەتتى.ئۆينىڭ ئىشكىگە قۇلۇمنى نەچچە ئۇزاتتىم-يۇ،چىكىشكە جۈرئەت قىلالمىدىم.ئاخىرى غەيرەتكە كىلىپ ئىشىكنى چەكتىم.ئۆي ئىچىدىن ئىللىق بىر ھارارەت تارايتتى.بىر-بىرىدىن ئىللىق چىرايلار خۇش تەبەسسۇم بىلەن مىنى قارشى ئالماقتا ئىدى.قەلبىمدىكى ئەندىشە تۇمانلىرى ئاللىقاياقلارغا تارىدى.بۇ ئۆي ماڭا خۇددى سىھىرلەپ قويغاندەك سىرلىق ،ئۆز ئۆيۈمدەك ئازادە تۇيۇلۇپ مىنى جەلىپ قىلىۋالدى. ئۆزۇم ئۆيدە بولغان بىلەن خىيالىم مىنى ئۆزىگە رام قىلىۋالغان ئاشۇ ئىللىق ئۆيدە ئىدى.ھەر كۇنى ئۇنى زىيارەت قىلىش مىنىڭ ئادىتىمگە ئايلاندى. ئاق كۆڭۈل،سەمىمى، مىھماندوست ساھىپخانلار سىزگە ھەر ۋاقىت ئەلا مۇلازىمەت قىلىپ،چاڭقاق دىللىرىڭىزغا مەلھەم بولاتتى.مەن بۇ ئۆيگە كىردىم ھەم تىزلا بۇئائىلىنىڭ ئەزاسىغا ئايلاندىم.قەلبىم ئاجايىپ خۇشال ئىدى.بىر-بىرىدىن ئىسىل نازۇ-نىمەتلەردىن ھۇزۇرلىنىپ بەخت بولقىغا چۆمۈلدۈم.ئۈزۈمنى خۇددى يەتتە قات ئاسمان ئۇستىدە تۇرغاندەك ھىس قىلاتتىم.ئاددى قەلىمىم ئارقىلىق ئاشۇ ئۆينىڭ ھۆسنىنى بىزەشكە كۇچ چىقىراتتىم. مىنىڭ خۇشاللىقىم،پەخرىم ئاشۇ ئۆيدە! مىنىڭ دوسلۇرۇم،كەلگۈسۈم ئاشۇ ئۆيدە ئىدى. ئۇيەر گوياكى جەننەتتەك بىزگە ئىللىق باغرىنى كەڭ ئېچىپ، بىزنى ئۆز مەئىشەتلىرىدىن ھۇزۇرلاندۇرۇپ تۇراتتى.كۆڭلۈمدە ئالامچە خۇشال ئىدىم.مىنىڭ بىردىنبىر خۇشاللىقىم ئاشۇ ئۆيدە ئىدى.مەيلى تاڭ سەھەر ياكى يېرىم كىچە بولسۇن ئۇنى زىيارەت قىلمىسام،كۆڭلۈم بىر قىسما بولۇپ ئۆزۈمنى خۇددى چىۋىن يەۋەلغاندەك ھىس قىلاتتىم. بۈگۈن يەنە ئۇ ئۆينىڭ ئىشكىنى چەكتىم.كىمدۇ بىرى شۇنداق سۆرۈن تەلەتى بىلەن ماڭا گۇمانلىنىش نەزىرىدە قاراپ كەتتى.ئۇنىڭ سۈرلۇك قاراشلىرىدىن پۈتۈن بەدىنىم تىكەنلىشىپ كەتتى.شۇندىمۇ يەنىلا شۇ ئۆينىڭ مەئىشەتلىرىدىن مىھرىمنى ئۈزەلمىدىم .ھەر قېتىم ئىشىك ئالدىغا كەلسەملا قەدىمىم توختاپ قالاتتى.ھېلىقى سۈرۈن تەلەتنىڭ يەنە مىنىڭ ئالدىمنى توسۇپ نۇپۇس تەكشۈرىشىدىن ئەنسىرەيتتىم. نەچچە قېتىم ئىشىك ئالدىغا كىلىپ قېلىپمۇ كىرىشكە جۈرئەت قىلالماي كەينىمگە ياندىم.بىراق يۈرۈگۈم يەنە شۇ ئۆيگە،ماڭا ئىلھام بەخىش ئەتكەن ئاشۇ ئىللىق ئائىلىگە سۇقاتتى.بىر خىل غايىبانە كۈچ مىنى چاقىرىپ ئارام بەرمەيتتى،شۇنىڭدىن تارتىپ مەن ئۇ ئۆيدىن تارتىنىدىغان بولۇپ قالدىم.گەرچە ھەر كۈنى ئۇ باغرى ئىللىق قوينى جەننەت ئاشۇ ئۆينى زىيارە قىلغۇم كەلسىمۇ بىراق كىرىشتىن ئەنسىرەيتتىم.كىرسەممۇ ئۇنىڭ سىزىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ جىمجىتلا چىقىپ كىتەتتىم. كۈنلۈرۈم شۇ تەرىقىدە ئۆتمەكتە.ئۆزۇمنى خۇددى ئوغرىدەك ھىس قىلىپ ،ئۇ ئۆيگە كىرسەملا پۇت-قولۇم كالۋالىشىپ،تىلىم تۇتۇلۇپ قالدىغان بولۇپ قالدى.توۋا دەيمەن ئۆزۈمگە: ‹‹مىنىڭ خۇشاللىقىم،ئارزۇيۇم،كىچىدىكى نۇرانە يۇلتۇزدەك غىل-پال چاقناپلا غايىپ بولارمۇ؟›› قەلبىم ئازاپتىن ئۆرتەنمەكتە.يۈرۈگۈم پىچاق تىلغاندەك ئېچىشماقتا ئىدى.نەچچە رەت كۆڭلۈمگەئۇنداق ئىشەنچ يوق يەردە قىسىلىپ يۇرگىچە،ئۇ ئۆيدىن ۋاز كىچىش توغرىسىدا نەسىھەت قىلدىم.بىراق كۆڭلۈم بۇنىڭغا ئۇنىمايۋاتاتتى.بەلكىم ئۇنىڭ تەستە ئىرىشكەن ئازغىنە خۇشاللىقتىن ئايرىلىپ قالغۇسى يوق بولسا كىرەك.بىراق بۇنىڭغا نىمە ئامال؟قارشى ئېلىنمىغان مىھماننىڭ قايتقىنى ياخىشى ئەمەسمۇ! بىراق مەن خۇددى ئاشىق يىگىت مەشۇقىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىىدىن ئايلىنىپ كىتەلمىگەندەك كىتەلمىگەندەك ئۇ ئۆينىڭ دەرۋازىسى ئالدىدىن كىتەلمەيتتىم.يىگىت ئۆزىنىڭ تەلۋىلەرچە سۆيگۈسىنىڭ ئۆزىگە قانداق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كىلدىغانلىقىنى بىلىدۇ.لىكىن ئۇيەردىن كىتەلمەيدۇ.چۇنكى ئۇ يەردە قەلبى تەلپۈنىدىغان نىگارى بار ئەمەسمۇ! مەنمۇ ھەم شۇنداق خۇددى يىگىت قىزنىڭ دادىسىدىن قورقۇپ تۇرۇپمۇ يەنە ئۇنىڭ ئۆيىدىن ئايلىنىپ كىتەلمگەندەك،مەنمۇ ئۇنى كۇرۇشنى خالىمىساممۇ يەنىلا بۇ ئىللىق ئائىلىدىن ۋاز كىچەلمەيۋاتىمەن .بەلكىم يىگىتنىڭ ساداقىتى ،مىھىر -مۇھەبىىتى ئۇلارنىڭ ۋىسال گۈللىرىنى ئېچىلدۇرغاندەك،بەلكىم مىنىڭ ئۇ ئۆيگە بولغان ئوتتەك ئىشتىياقىم،سەمىمى پاك قەلبىم،ئۆزلۈكسىز تىرىشچانلىقىم ،ئۇنىڭ قەلبىنى رام قىلىپ ئىجات گۈللۈرۈمنى ئېچىلدۇرۇپ،بۇ ئۆينىڭ ئەزىز مېھمىنىغا،ئىشەنچىلىك ئەزاسىغا ئايلىنىپ قالارمەن. بىردىنلا كۆڭلۈم تىنچىپ قالغاندەك بولۇپ قالدى. مەن كۆڭلۈمگە نەسىھەت قىلدىم. -تىنىچلان كوڭلۈم!ئىچى تارلىق،ھەسەت قىلما! گۇمان-ئىماننى قاچۇرىدۇ.گۇمانلىنىپ يۈرۈپ قەلبىڭنى ھەسەت ئوتى چىرمىۋالمىسۇن!قاراڭغۇ تۇمان قەلبىڭنى تۇسۇپ ھەقىقەتنى كۈرەلمەس قىلىپ قويمىسۇن!چۇنكى ھەممىز ئىنسان.بىر ئىرىق بىر مىللەت !بىزقاچانغۇچە تىرناقنىڭ ئاستىدىن كىر ئىزدەپ بىر -بىرىمىزدىن قۇسۇر ئىزدەپ يۈرىمىز.چۇشىنىش- ئىشەنچىنىڭ ئاساسى،ئۆزۇڭگە ۋە ئۆزگىگە ئىشەن!شۇندىلا دۇنيا تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ ئەمەسمۇ!بۇ دۇنيا بىزگە باقى ئەمەس.نام-ئەمەل مەنسەپلەر بىزگە ئۆمۈرلۈك ھەمراھ بولمايدۇ.قىسقىغىنە ھاياتىمىزدا بىزدىن قالدىغىنى پەقەت ۋە پەقەت ياخشى نام ئەمەللىرىمىز. تىنىچلان كۆڭلۇم! قۇتراتقۇلۇق قىلىپ مىنى ساراسىمىگە سېلىپ يۈرمە. مەيلى قانداق ئىش يۈز بىرىشىدىن قەتئىنەزەر مەن ئۇ ئائىلىدىن قەتئى ۋاز كەچمەيمەن! چۇنكى ئۇ مەندەك مائارىپچىلارنىڭ ئىللىق ئائىلىسى ۋە ئارام بەخىش جەننىتى!
مەنبەسى:ئۆز يازمام
|