مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2036 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • pari 6 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئەسلىگە كېلىپ ياخشى بولدى

  • axukunla تۈنۈگۈن 16:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    بۈگۈن پاتقان قوياش ئەتىسى چىققان بىلەن ،قەبرىگەپاتقان باش ئەتىسى چىقمايدۇ

  • tursun123 تۈنۈگۈن 15:37 [ئىنكاس(0)] [...]

    روزا ھېيتلىق سوۋغىنى ئالالمىدىم دىسە....

  • ساياھەت 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تىللا تاپقىلى بولمايدۇ يا

  • ئىلغار 6 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېمىسى بار مەزمۇنى يوق تېمىلار  ئۆچۈرۈپ تاشلىنىدۇ، يوللاشنى بىلمىسىڭىز باشقۇرغۇچىلاردىن سوراڭ

  • تۇرخان 6 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئارام كۇنىڭلار  خۇشاللققا چۇمگەي.......

  • ئىلغار 6 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشلانغۇچ  3- يىللىق 1- ماۋسۇم ئادەتتىكى سىنىپ ماتىماتكا تەييارلىقى بولسا يوللاپ قويغان بولساڭلا

  • pari 6 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئەسلىگە كېلىپ ياخشى بولدى

  • axukunla تۈنۈگۈن 16:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    بۈگۈن پاتقان قوياش ئەتىسى چىققان بىلەن ،قەبرىگەپاتقان باش ئەتىسى چىقمايدۇ

  • بەختىيار(بايقاش تۈنۈگۈن 15:02 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەجەپ سېغىندۇق سىنى ‹‹بايقاش››!!!

  • ئابلىمىت 6 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    6-يىللىق 1-مەۋسۈم ماتىماتىكا ئادەتتىكى سىنىپنىڭ دەرس تەييارلىقى بىلەن كالىندارى يوللاندى .

  • ئىلغار 6 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېمىسى بار مەزمۇنى يوق تېمىلار  ئۆچۈرۈپ تاشلىنىدۇ، يوللاشنى بىلمىسىڭىز باشقۇرغۇچىلاردىن سوراڭ

  • ئىلغار 6 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشلانغۇچ  3- يىللىق 1- ماۋسۇم ئادەتتىكى سىنىپ ماتىماتكا تەييارلىقى بولسا يوللاپ قويغان بولساڭلا

  • شاشتېكىن 6 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    «flash كۈيلىرى»نى قايتا تەھرىرلەپ چۈشۈرۈش ئادىرېسىنى قوشۇپ قويدۇم. چۈشۈرۈپ ھوزۇرلانغايسىلەر!

  • pari 6 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئەسلىگە كېلىپ ياخشى بولدى

  • axukunla تۈنۈگۈن 16:08 [ئىنكاس(0)] [...]

    بۈگۈن پاتقان قوياش ئەتىسى چىققان بىلەن ،قەبرىگەپاتقان باش ئەتىسى چىقمايدۇ

  • 江巴孜 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    4-يىللىق ماتېماتكا دەرىس دىتالىنىڭ بىر بۆلىكى كەتتى ،

  • زەپەر 6 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوتتۇرا -باشلانغۇچ  قوش تىل سىنىپنىڭ ئانا - تىل دەرىس تەييارلىقىنى يوللىساڭلار ديمەن

  • ئىلغار 6 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېمىسى بار مەزمۇنى يوق تېمىلار  ئۆچۈرۈپ تاشلىنىدۇ، يوللاشنى بىلمىسىڭىز باشقۇرغۇچىلاردىن سوراڭ

  • ئىلغار 6 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشلانغۇچ  3- يىللىق 1- ماۋسۇم ئادەتتىكى سىنىپ ماتىماتكا تەييارلىقى بولسا يوللاپ قويغان بولساڭلا

  • ئابلىز887 6 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشلانغۇچ 3-يىللىق 1-مەۋسۇمنىڭ  ئانا تىلدا يېزىلغان ماتىماتېكا دەرس تەييارلىقى بارمۇ تورداشلار

كۆرۈش: 115|ئىنكاس: 9

ئۇيغۇر ئۆرۈپ ئادەتلىرىدىكى 62 خىل تەربىيە

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

30

تېما

16

دوست

1422

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
273 سەر
تىللا
159 دانە
تۆھپە
250 سەر
شۆھرەت
333 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 08:51:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                ئۇيغۇر ئۆرۈپ ئادەتلىرىدىكى 62 خىل تەربىيە

(1) ياشانغانلارنى ، چوڭلارنى ، يۇرت مۆتىۋەرلىرىنى ، ئۇستازلارنى كۆرگەندە ئىككى قولنى مەيدىسىگە ئېلىپ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! (تەڭتۇش ، تۇنۇش - بىلىشلەر ئوڭ قولىنى كۆكسىنى ئېلىپ سالام دەيدۇ ) دەپ ھۆرمەت بىلدۈرۈش لازىم . سالام بەرمەسلىك ئەدەبسىزلىك ، ھاكاۋۇرلۇق قىلغانلىق دەپ يامان ئېلىنىدۇ.
(2) چوڭلارنىڭ ، ئاتا - ئانىلارنىڭ ، كۈيئوغۇل ( كېلىن ) ، قېيناتا ، قېينانىنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتۈشكە بولمايدۇ.
(3) ئاياللار ئەرلەرنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتۈشكە بولمايدۇ . ئەرلەر تۇرغان يەردىن ئۆتۈشكە توغرا كەلسە ، ئەرلەرنىڭ كەينىدىن ياكى ئۇلارنى يانداپ ئۆتۈشى لازىم.

(4) چوڭلار كىچىكلەرنى بالام ، ئوغلۇم ،( قىزىم ) دەپ ئاتىشى لازىم ، بولمىسا ئالجىغان،قېرىغىنىنى تۇيمىغان ، دەپ ئەيىبلىنىدۇ . كىچىكلەت چوڭلارنى دادا،بوۋا ,موما ,ئانا ,ئاكا ، ئاچا دەپ ئاتىشى لازىم . بولمىسا ،ئەدەبسىز ,تەربىيە كۆرمىگەن دەپ قارىلىدۇ
(5)كۆرۈشمىگەن ئۇرۇق - تۇققان ، دوست - ئاغىينىلەر كۆرۈشكەندە چوڭلار، تەڭتۇشلار قۇچاغلىشىپ مەڭزىنى - مەڭزىگە يېقىپ كۆرۈشىدۇ ، كىچىكلەرنى بولسا ، بېشىنى باغرىغا بېسىپ پىشانىسىگە سۆيىدۇ . ئاياللار - چوڭلار ، تەڭتۈشلەر مۈرىلىرىنى تۇتۇشۇپ يۈزلىرىنى يۈزىگە يېقىپ كۆرۈشىدۇ . كىچىكلەرنى باش - كۆزىنى سىيلاپ پىشانىسىگە ، مەڭزىگە سۆيۈپ كۆرۈشىدۇ . بولمىسا كۆيۈمسىز ، مېھرى يوق،باغرى قاتتىق، كۆڭلى بۆلۈنۈپ كەتكەندەپ ئەيىبلىنىدۇ.
(6)سىرداش دوست - ئاغىنىلەردىن باشقىلار ئادەتتە بىر - بىرىنى سىز،سىلى.... دەپ ئاتىشى لازىم ،سەن دېيىلسە كۆزگە ئىلمىغانلىق، پەس كۆرگەنلىكدەپ دەپ يامان ئېلىنىدۇ.
(7)ئىشىك ئالدى ياكى ئۆيگە يېقىن ئارىلىقتا تۇنۇش - بىلىشلەر ئۇچرىشىپ قالغان تەقدىردە، سالاملاشقاندىن كېيىن ئۆيگە باشلاي، خىزمەتتە بولاي دېيىش لازىم . بولمىسا قىزغانچۇق ، ئادىمىگەرچىلىكى يوق دەپ ئەيىبلىنىدۇ.
(8)مېھمان ياكى بىرەر ئىش بىلەن كەلگەن ئادەم ئۆيگە ئەسسالام دەپ كىرىپ ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئاللاھۇئەكبەر دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ (ياكى يېرىم تۇرۇپ) ئاندىم ئولتۇرۇش لازىم . بۇ بېرىش - كېلىشتە بىلىشكە تېگىشلىك ئاساسلىق قائىدە ، بولمىسا,قائىدىسىز; ، ھاكاۋۇر دەپ ئەيىبلىنىدۇ.
(9) تاماقتىن بۇرۇن ۋە كېيىن ، چوڭ - كىچىك تەرەتتىن كېيىن قول يۇيۇش لازىم ، بولمىسا "تەبىئىتى يوق ، مەينەت دەپ ئەتىبلىنىدۇ
(10) قول يۇغاندا ، بولۇپمۇ ساھىبخان مېھمان قولىغا سۇ ئالغاندا ، قولىنى سىلكىمەي لۆڭگە ياكى قولياغلىققا ئېرتىش لازىم.
(11) مېھمانغا چاي ، تاماق قويۇلۇپ ساھىبخان قېنى باقىلىي دەپ تەكلىپ قىلمىغۇچە ئالدىراپ چايغا ياكى تاماققا قول ئۇزىتىشقا بولمايدۇ.
(12) مېھمانغا چاي ، تاماق سۇنغاندا ، ئوڭ قول بىلەن سۇنۇش لازىم . بولمىسا ،كۆزگە ئىلمىغانلىق دەپ قارىلىدۇ.
(13) ئادەتتە مېھمان ئالدىغا قويۇلغان تاماقنى ئاشۇرۇپ قويماسلىقى، تاماق ئاغزىغا تېتىمىغان تەقدىردىمۇ ۋاي مەززىلىك بوپتۇ ، ئوخشاپتۇ دەپ مەمنۇنىيەتلىك بىلدۈرۈش لازىم . بولمىسا ، ئۆي ئىگىسىنى ياراتمىغانلىق بولىدۇ.
(14) مېھمان پۇتىنى ئارۋاڭ - سارۋاڭ سۇنۇپ ئولتۇرماسلىق ، بولۇپمۇ داستىخانغا قارىتىپ پۇتىنى سۇنۇپ ئولتۇرماسلىقى لازىم . ئۇنداق قىلىش ساھىبخانغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىق بولىدۇ . چوڭلار ئالدىدا پۇتىنى ئارۋاڭ - سارۋاڭ قىلىپ ، مىنگەشتۈرۈپ ئولتۇرۇشمۇ ئەدەبسىزلىك ھېسابلىنىدۇ.
(15) مېھمان ساھىبخاننىڭ ئۆيىدىكى نەرسىلەرنى قالايمىقان تۇتماسلىقى ، ئاختۇرماسلىقى ، ئۇ ئۆيدىن بۇ ئۆيگە مېڭىپ يۈرمەسلىكى، بولۇپمۇ قىز - ئاياللار يېنىغا ، قازان بېشىغا بېرىۋالماسلىقى لازىم . بۇ يات قىلىق دەپ يامان ئېلىنىدۇ.
(16) مېھمان داستىخان يېغىلماستىن بۇرۇن ئالدىراپ تۇرۇپ كەتمەسلىكى لازىم ، تالاغا چىقىش زۆرۈرىيىتى بولغاندا داستىخاننى دەسسەپ ياكى ئاتلاپ ئۆتۈشكە، مېھمانلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈشكە بولمايدۇ . ئۇنداق قىلىش ساھىبخاننى ، مېھمانلارنى كۆزگە ئىلمىغانلىق بولىدۇ.

(17) مېھماندارچىلىق سورۇنىدا ، تاماق ئۈستىدە بۇرۇن تارتىش ، بۇرۇن - قۇلاق كولاش ، مىشقىرىش ، تۆكۈرۈش ، تىرناق ئېلىش، جۈملىدىن ئاممىۋى سورۇنلاردا شۇنداق قىلىش تەبىئەتسىزلىك ۋە ئەڭ ئەدەبسىزلىك ھېسابلىنىدۇ.

(18) مېھمانلار ، جۈملىدىن باشقىلار پاراڭلاشقاندا ئىشىك مارىماسلىق، چوڭلار گەپ قىلغاندا لوقما سېلىپ ئېغىز غېرىچلىماسلىق لازىم . ئۇنداق قىلىش ئەڭ يامان قىلىق ، ئاقساقاللىق ، ئاتىكاچىلىق ھېسابلىنىدۇ.
(19) مېھماندارچىلىق ئۈستىدە ۋە ئادەتتە غەيۋەت - شىكايەت قىلىش يامان ئېلىنىدۇ . چۈنكى كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى بەزى ئاداۋەتلەر ئاشۇنداق غەيۋەت - شىكايەتتىن كېلىپ چىقىدۇ.
(20) مېھماندارچىلىقتا بالا ئەگەشتۈرۈپ بېرىش يامان ئېلىنىدۇ . چۈنكى بالىلارنىڭ جوداسىدا مېھماندارچىلىقمۇ كۆڭۈللۈك بولمايدۇ . بالا ئاپارغۇچىمۇ ئارام خۇدا يەپ - ئېچىپ ئولتۇرالمايدۇ . تويغا بارساڭ تويۇپ بار ، بەش بالاڭنى قويۇپ بار دېگەن ماقال شۇنداق ئادەتكە قارىتا مەيدانغا چىققان.
(21) مېھمان داستىخان يىغىلغاندىن كېيىن ئاللاھۇئەكبەر: دەپ دۇئا قىلىپ ،رەھمەت دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ ياكى يېرىم تۇرۇپ ساھىبخانغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش لازىم.
(22) مېھمانغا ئېيتقان يەردىن قالماسلىق لازىم ، چاقىرىلمىغان يەرگە بارماسلىق لازىم. چۈنكى سىزنى مېھمانغا چىللىغانلىق سىزنى ھۆرمەتلىگەنلىك ، بارمىغانلىق قارشى تەرەپنى كۆزگە ئىلمىغانلىق ، ئېيتمىغان يەرگە بېرىش قېلىنلىق ۋە تەمەخورلۇق قىلغانلىق بولىدۇ . ئېيتقان يەردىن قالما ، ئېيتمىغان يەرگە بارما" دېگەن ئىدىيوم شۇ ئاساستا شەكىللەنگەن.
(23) يالاڭباش ۋە ئۆرە تۇرۇپ تاماق يېيىش يامان ئېلىنىدۇ.
(24) غىزا - تاماقنى چاچماي ، پاكىزە يىيىش ، ئاش ئەۋلادىنى بۇزۇپ - چېچىپ ، ئىسراپ قىلماسلىق لازىم . بولمىسا ،ئادەمنىڭ رىسقى قالىدۇ ، ئادەمنىڭ رىسقى كالتە بولىدۇدەپ يامان ئېلىنىدۇ.
(25) مېھمان ، جۈملىدىن بىرەر ئىش بىلەن كەلگەن ئادەم ئۆي ئىگىسىنىڭ ئالدىدا كىچىك بالا ۋە باققان مال - جاندارىنى ئەجەپمۇ چىرايلىق ئەت ئاپتۇ ،ھەجەپمۇ چىرايلىق سەمىرىپتۇ... دەپ تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ ماختىماسلىقى شەرت،ماختىسا كۆز تېگىدۇ دەپ يامان ئېلىنىدۇ . ئاشۇنداق ماختاش بولسا ، قارشى تەرەپ ئىچىدە ئاغزىڭغا تاش دەپ قارغايدۇ .
(26) بىرى بىر نەرسە يەۋاتقاندا ئۇنىڭغا قاراپ مەسلەنمەسلىك لازىم ، مەسلىنىپ قارىسا ئېچى كىرىپ قالىدۇ دەپ يامان ئېلىنىدۇ.
(27) تاماق ئۈستىگە بىرى كىرىپ كەلسە ، ئۇنىڭغا تاماق قويماسلىق قىزغانچۇقلۇق ، ئاچكۆزلۈك دەپ يامان ئېلىنىدۇ.
(28) مەيلى ئۇرۇق - تۇققان ، دوست - ئاغىنە بولسۇن تالادىن كىرگەندە ، بولۇپمۇ سەپەر ئۈستىدىن كەلگەندە شۇ ئۆيدىكى كىچىك بالىنى ئالدىراپ قولىغا ئالماسلىق لازىم . بالا ئالدىراپ قولغا ئېلىنسا يول ئىسسىقى ئۆتۈپ ئۇچۇنۇپ قالىدۇ دەپ يامان ئېلىنىدۇ.
(29) يۈگۈرۈپ ، ھاسىراپ - ھۆمۈدەپ ئالاقزادىلىكتە ئۆيگە كىرمەسلىك لازىم . چۈنكى ئۆي ئىگىسى بىرەر كۈتۈلمىگەن ئەھۋال تۇغۇلغانمىدۇ ؟ دەپ غەم - غۇسسىگە قالىدۇ.
(30) ئۆيدە ئەخلەت قالدۇرماسلىق لازىم ، ئەخلەت قونۇپ قالسا بەرىكەت قاچىدۇ دەپ يامان ئېلىنىدۇ.
(31) ئىشىك ئالدىغا كىر سۈيى ۋە يۇندا تۆكمەسلىك لازىم . كىر سۈيى تۆكسە ئادەمنى مەينەت باسىدۇ ، ئەدەمنى سوغۇق تەلەت قىلىدۇ ، دەپ قارىلىدۇ.
(32) يۈز - كۆزنى سۇنى ئېقىتىپ تۇرۇپ يۇيۇش لازىم . بولمىسا ، يۇندىدا يۈز يۇغانغا باراۋەر دەپ قارىلىدۇ.
(33) ئوچاق بېشى ، قۇدۇق بېشىغا كىر ۋە قول چايقايدىغان داس قاتارلىق نەرسىلەرنى قويۇشقا ، قۇدۇققا ، سۇ ئىدىشىغا ، چېلەك ، ساپلىق - نوگايدىن باشقا نەرسىلەرنى سېلىشقا بولمايدۇ.
(34) ئىشىك ئالدىغا ، جۈملىدىن ئۆيگە ۋە ئۇدۇل كەلگەن يەرگە چوڭ - كىچىك تەرەت قىلسا تەبىئەتسىزلىك ، ھاياسىزلىق دەپ يامان ئېلىنىدۇ.
(35)كۈن ، ئايغا قاراپ چوڭ - كىچىك تەرەت قىلىش، سۇغا سىيىش ، ئاسمانغا قاراپ تۈكۈرۈش ، ئەتتىگەندە يۈز يۇيماي تۇرۇپ كۈنگە قاراش يامان ئېلىنىدۇ . ئاسمانغا قاراپ تۈكۈرسەڭ يېنىپ چۈشەر ئۆزۈڭگە دېگەن ماقال شۇ ئادەتتىن كېلىپ چىققان.
(36) زىرائەت ۋە يۇمران چۆپلەرنى دەسسەپ يۇلۇنسا ، ئۈستىگە سىيسە ئۇلار يورۇقلۇقتىن مەھرۇم بولىدۇ" دەپ قارىلىدۇ
(37) تۇزغا، ئوتقا تۈكۈرۈش يامان ئېلىنىدۇ.
(38) نان پارچىلىرىنى ، تۇزنى دەسسەشكە ، نان سالغان ساندۇق ۋە تۇز خالتىسىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇشقا بولمايدۇ ، بۇنداق قىلىش نانغا ، تۇزغا ھۆرمەت قىلمىغانلىق دەپ يامان ئېلىنىدۇ . چۈنكى نان ، تۇزنى ئەجدادلىرىمىز جاندەك ئۇلۇغلاپ كەلگەن . يېڭى توي قىلغان ئىككى ياشقا تۇزغا چىلانغان نان يىگۈزۈش ئادىتى ، ۋاپاغا جاپا قىلغۇچىنى يۇرت - جامائەتتىن يۈز ئۆرىگەن كىشىنى تۇزۇم ئۇرسۇن، تۇزكور دەپ قارغاش ئادىتى ئەنە شۇ ئەقىدە ئاساسىدا كېلىپ چىققان . شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەتتە ، شۆھرەت ، ھارام دۇنيا ، ھوزۇر - مەئىشەت قوغلۇشۇپ ۋەتەنگە ،خەلقكە ، دوست - يارەنلىرىگە خائىنلىق قىلغانلار :تۇزكور دەپ قارىلىدۇ
(39) ئۆيدىن خوشلۇشۇپ چىققاندىن كېيىن ، ئارقىسىغا قارىماسلىق لازىم ، ئارقىسىغا يانساسەپەر ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ دەپ قارىلىدۇ.
(40) سەيشەنبە ، جۈمە كۈنى يولغا چىقىشقا بولمايدۇ . چۈنكى كۈنلەر ئىچىدە سەيشەنبە قۇتسىز كۈن ، شۇ كۈنى تۇڭگۇزمۇ مويىنى تاشلىمايدۇ ؛ جۈمە روھىناتلارنىڭ سېغىنىشلىق كۈنى ، جۈمە كۈنى ئەجدادلار روھىغا دۇئا - تەگبىر قىلماي ، توپا بېشىنى يوقلىماي بولمايدۇ ، دەپ ھېسابلىنىدۇ . شۇڭا ، بۇ ئىككى كۈندە يولغا چىقىش;يامان بولىدۇ ، پىشكەللىككە ئۇچرايدۇ دەپ قارىلىدۇ
(41) چارۋا - مالنى بولۇپمۇ قوينى ئۇرماسلىق ، تەپمەسلىك لازىم . چۈنكى قوي ئامەت ، بەختنىڭ سىمۋولى دەپ قارىلىدۇ . ئەتتىگەندە قوي ئۇچرىسا;ئامەت كېلىدۇ دېيىش ئاشۇ ئەقىدە ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن . شۇڭا قوينى ئۇرۇش ، تېپىش يامان ئېلىنىدۇ.
(42)ئاياللار كىر سۈيىنى ئاتلىماسلىق دېگەن قاراش.
(43) يېڭى تۇغۇتلۇق ئۆيگە يات كىشى كىرىشكە بولمايدۇ ، شۇڭا ئىشىك بېشىغا قىزىل لاتا ئېسىپ قويۇلىدۇ . ئەدەتتە تۇغۇت يوقلاپ كېلىدىغانلارمۇ ئون ئىككى ئىدىرىدىن كېيىن يوقلايدۇ
(44) كىشىگە قول شىلتىپ تۇرۇپ گەپ قىلىش يامان ئېلىنىدۇ . چۈنكى ئۇنداق قىلىش كىشىنى كۆزگە ئىلمىغانلىق ، پەس كۆرگەنلىك بولىدۇ
(45) ئوينىشىپ بولسىمۇ كىشىگە تىغ تەڭلەشكە بولمايدۇ ، چۈنكى تىغ شەرتلىك ، يامان بولىدۇ، دەپ قارىلىدۇ.
(46) چوڭلارنىڭ ، جۈملىدىن ، ئۇستازلارنىڭ ئالدىدا تاماكا چەكمەسلىك ، ئىچىملىك ئىچمەسلىك لازىم ، ئۇنداق قىلىش ھۆرمەتسىزلىك بولىدۇ.
(47) كىشى ئوتتۇرىسىدا گەپ توشۇش تولىمۇ يامان ئېلىنىدۇ . گەپ توشڭغۇچى سۇخەنچى، تەخسىچى.... دەپ ئەيىبلىنىدۇ.
(48) ئەتتىگەندە ۋە ياتاردا چۈش ئۆرۈشكە بولمايدۇ، بۇنداق چاغدا ئۆرۈلگەن چۈش ئوڭىغا تارتمايدۇ ، دەپ قارىلىدۇ..
(49) ئەتتىگەندە يىغلاش ۋە قايغۇ ، قورقۇنچ ئۇقۇمىدىكى سۆزلەرنى قىلىش يامان ئېلىنىدۇ ، چۈنكى ئەتتىگەندە يىغلاش ، ئۇنداق سۆزلەرنى قىلىش پىشكەللىك ئېلىپ كېلىدۇ ، دەپ قارىلىدۇ
(50) پۇتنى قىبلىگە سۇنۇپ يېتىش يامان بولىدۇ ، دەپ قارىلىدۇ.
(51)چاچ - ساقال ، بۇرۇت ، تىرناقنى ۋە ئەۋرەت ، قولتۇق مويىنى زىيەدە ئۆستۈۋېتىش يامان بولىدۇ ، دەپ قارىلىدۇ
(52) ئەر - ئاياللارنىڭ غۇسلى قىلماسلىقىنى پالاكەت باسىدۇ، دەپ قارىلىدۇ
(53) ئات - كالا ، قوي ، تۆگە ، جەرەن - كىيىك قاتارلىق ھايۋانلار ، غاز - ئۆردەك ، توخۇ ،كەكلىك قاتارلىق ئۇچار قاناتلاردىن باشقا چوشقا ، ئېشەك .... لەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يىرتقۇچ ھايۋانلارنى ھارام دەپ يىمەيدۇ ، قوي - كالىلارنىڭمۇ رەسمىي بوغۇزلانغانلىرىنى يەيدۇ ، قېنىنى ئىچمەيدۇ ، ئۆزى ئۆلۈپ قالغاننى يىمەيدۇ .
(54) ناماز ئوقىغاندا ۋاراڭ - چۇرۇڭ قىلىش ، ئەرزان توۋلىغاندا پاراڭ سېلىش يامان بولىدۇ ، دەپ قارىلىدۇ.

(55) ناماز ئوقۇۋاتقاندا سەپنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈشكە بولمايدۇ.
(56) زاراتلىققا قالايمىقان كىرىش مەنئىي قىلىنىدۇ.
(57) ناماز ئوقۇيدىغان ئۆيگە بولۇپمۇ قىبلە تامغا ئادەم سۈرىتى ئېسىشقا بولمايدۇ.
(58) ئىسلام دىنىدىن غەيرىي دىنىدىكىلەرنىڭ مەسچىتكە كىرىشى ، مەسچىت ئەتراپى ۋە ئىچىدىغان سۇ بويىدا چوشقا بېقىشى يامان ئېلىنىدۇ.
(59) كىشىنى تىللاش ، بولۇپمۇ بىراۋنىڭ ئايالىنى ئاتاپ تىللاش بەك ئېغىر ئېلىنىدۇ.
(60) كەيىپخورلۇق ، قىمارۋازلىق پۈتۈن قەمىيەتنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرايدۇ.
(61) قۇدۇق ، ئېرىق - ئۆستەڭ بويىغا، ھاجەتغانا ، قوتان سېلىش مەنئىي قىلىنىدۇ.
(62) زىنا قىلىش ، كىشىگە قارا ساناش ، كىشى ھەققىنى يېيىش قاتارلىق ئىشلارغا پۈتۈن جەمىيئەت لەنەت - نەپرەت ياغدۇرىدۇ.
مەنبە :ئابدۇكېرىم رەخماننىڭ «ئۇيغۇر ئۆرۇپ ئادەتلىرى» دېگەن كىتاپتىن ئېلىندى.

گۈل پۇرىقى بىلەن، ئادەم پەزىلىتى بىلەن قەدىرلىنىدۇ!
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

199

تېما

95

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6925 سەر
تىللا
1429 دانە
تۆھپە
7437 سەر
شۆھرەت
5436 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىبايقاش مەلىكىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 09:00:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياىشىمۇ سىز پەرىشتە خانىم ؟ بۈگۈن سەھەردىلا  بەك ياخشى تېما يوللاپسىز رەھمەت .
بۇ تېمىڭىز ئارقىلىق گۈزەل ئەخلاقىي پەزىلەتلىك  ، شەرمى ھايالىق ، ئۇيغۇر مىللىتىنى كۆرگەندەك بولدۇم.
مىللى مائارىپنى گۈللەندۈرۈش ھەممىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئوليىتى ۋە مەجبۇريىتى

293

تېما

106

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6758 سەر
تىللا
1716 دانە
تۆھپە
10804 سەر
شۆھرەت
5777 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 10:02:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىمۇسىز پەرىشتەم ؟

ئەجدادلىرمىزدىن قالغان ئېسىل ئەنئەنىۋى ئۆرۈپ -ئادەتلىرىمىز  ئەۋلاتلىرىمىزغا يول كۆرسەتكۈچ ماياك بولۇپ ئۇلارنىڭ ھايات سەپىرىنى تېخىمۇ نۇرلاندۇرغۇسى . رەھمەت گۈلۈم .
ئادەم ئەتكەنگە تەزىم ئەت .

30

تېما

16

دوست

1422

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
273 سەر
تىللا
159 دانە
تۆھپە
250 سەر
شۆھرەت
333 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 12:54:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرى خانقىز بىلەن،گۈلزار خانقىزنىڭ يېتەكلىشىگە كۆپ تەشەككۈر .ئەجرىڭىزلەردىن گۈل ئۈنگەي!

باھا سۆز

pari رەھمەت گۈلۈم  يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 20:02
گۈل پۇرىقى بىلەن، ئادەم پەزىلىتى بىلەن قەدىرلىنىدۇ!

447

تېما

73

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
6142 سەر
تىللا
3463 دانە
تۆھپە
9279 سەر
شۆھرەت
4484 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 23:09:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارايسىز خانقىز.
ئېسىل مىللى مەدەنىيىتىمىز بىلەن ئاتالمىش ‹‹زامانىۋى مەدەنىيەت›› بەيگىگە چۈشكەن بۈگۈنكى دەۋىردە ئۆزىنى ئۇيغۇر ھىساپلىغۇچىلار چوقۇم كۆرۈشكە، بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئېسىل ھېكمەتلەر ئىكەن. رەھمەت سىزگە.
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

259

تېما

45

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
2758 سەر
تىللا
1053 دانە
تۆھپە
3157 سەر
شۆھرەت
2442 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىجەۋھەر ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 23:20:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى قەدىرلىشىمىز ۋە ئۇنى قوغدىشىمىز،ئەۋلادلىرىمىزغا بىلدۈرشىمىز لازىمىدۇر.
تېمىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر!!!
‹‹بايقاش››ئەخلەت تېمىلارغا ئەمەس،بەلكى ئىجادىي تېمىلارغا مۇھتاج!!!

15

تېما

0

دوست

1341

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
257 سەر
تىللا
154 دانە
تۆھپە
232 سەر
شۆھرەت
243 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-18 11:26:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    مانا بۇ مىللىتىمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىللىرىدىن بولۇپ ،پەرزەنتلىرىمىز كىچىگىدىن بۇ خىل تەربىيەنىڭ ئەللەيلىشى بىلەن چوڭ بولىدۇ .

15

تېما

0

دوست

1341

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
257 سەر
تىللا
154 دانە
تۆھپە
232 سەر
شۆھرەت
243 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-18 11:27:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    مانا بۇ مىللىتىمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىللىرىدىن بولۇپ ،پەرزەنتلىرىمىز كىچىگىدىن بۇ خىل تەربىيەنىڭ ئەللەيلىشى بىلەن چوڭ بولىدۇ .

18

تېما

49

دوست

6247

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1203 سەر
تىللا
344 دانە
تۆھپە
1235 سەر
شۆھرەت
1462 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-20 02:46:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزگە ئەجدادلاردىن تەۋەرۇك بۇ ئېسىل ئۆرۈپ- ئادىتىمىزنى ئېسىمىزگە سېلىپ قويغىنىڭىزغا تەشەككۈر! بۇ ئېسىل ئۆرۈپ- ئادەتلىرىمىزنى پەرزەنتلىرىمىزگە، ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا ئۆگىتىش بىزنىڭ مەجبۇريىتىمىز. مەن بۇ مەجبۇريىتىمنى چوقۇم ئادا قىلىمەن.
رەھمەت سىزگە.
مەن بىلەن دوست بولۇشنى خالىغۇچىلار ئۈچۈن قۇلۇم كۆكسۈم

4

تېما

27

دوست

2744

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

بايقاش

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
557 سەر
تىللا
4 دانە
تۆھپە
596 سەر
شۆھرەت
651 سەر

مائارىپچىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-29 16:12:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز مىلىتىمىزنىڭ ئىسىل ئەنئەنىلىرىنى تەشۋىق قىلىپسىز .بۇنى كەڭ دۇسلارنىڭ بىرقىتىم كۆرۆپ چىقىشىنى تەۋىسسىيە قىلىمەن.رەخمەت سىزگە كۆپ جاپا تارتىپسىز !
مەتتۇردى مەتتۇرسۇن
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-7 07:34, Processed in 0.510997 second(s), 42 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش