مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2062 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • pari 2 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 4 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • خانىدان 9 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

  • زەپەر 23 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • دىلكەش تۈنۈگۈن 09:24 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا موبارەك بولسۇن~

  • 1چىچەك ئۈلۈشكۈن 18:05 [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشى بولماق مىڭ يىلچىلىك،يامان بولماق بىر دھمچىلىك.

  • 1چىچەك ئۈلۈشكۈن 18:00 [ئىنكاس(0)] [...]

    مقۋىلىك دەرەخنىڭ بېشى تۆۋەن،بىلىملىك ئادەمنىڭ يۇزى تۆۋەن.

  • شىرنە 3 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 4 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • نۇردۇن 12 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام،دوسلار بايرىمىڭىلارگە بۇبارەك بولسۇن!بايراملىق تىللا سوۋغا قىلمامسىلە؟

  • پۇرخۇن 23 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    نېمە قىلىۋاتىسىز؟ دوستلىرىڭىز بېلەن ئورتاقلىشىڭ ...جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

  • زەپەر ئۈلۈشكۈن 23:39 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • 1چىچەك ئۈلۈشكۈن 18:03 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىشچاندىن تەر چىقىدۇ،ھورۇنندىن ئۇھ چىقىدۇ.

  • 1چىچەك ئۈلۈشكۈن 17:56 [ئىنكاس(0)] [...]

    دىلىڭدا نېمە بولسا تىلىڭدا شۇ.

كۆرۈش: 97|ئىنكاس: 6

تۈندىكى ھۇۋقۇش ئاۋازى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

22

تېما

15

دوست

2667

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
533 سەر
تىللا
357 دانە
تۆھپە
501 سەر
شۆھرەت
567 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-22 18:46:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بەختىيار(بايقاش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-22 20:26  

تۈندىكى ھۇۋقۇش ئاۋازى

ھېكايە

قەھرىتان قىش،قاراڭغۇ كىچە.دەھششەتلىك شامال تۈن كىچىسىنى تېخىمۇ ۋەھىمىلىك تۈسكە كىرگۈزۈپ،ھۇۋقۇشتەك ھۇۋلىماقتا.ئىشىك-دېرىزىلەر شامال زەربىسىدىن ئاچچىق غىچىرلىماقتا ئىدى.ھېلىقى شۇم ھۇۋقۇشنىڭ ئۆيۇم ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈرگەنلىكىنى تەسەۋۇر قىلساملا يۈرۈگۈم ئەنسىز تىپچەكلەيدۇ.قېرىشقاندەك ئۇ تېخىچە قايتىپ كەلمەيۋاتقانلىقى مىنى ساراسىمىگە سالماقتا ئىدى.. باللىرىم بىلەن ئۆينىڭ بىر بۇلىڭىدا سىرتتكى ۋەھىمىدىن قورقۇپ تۇگۈلۈپ ئولتۇردۇق.تۇساتتىن ئۇغلۇم ماڭا‹‹دادام نىمىشقا كەلمەيدۇ؟چۇقۇم يەنە ھاراق ئىچىۋاتىدۇ،ئانا مەن قورقىۋاتىمەن››دىدى.

  مەن باللىرىمنى باغرىمغا چىڭ باسقىنىمچە ئۆزۇمنى زورىغا بېسىپ،ئۇلارنى بەزلەپ ئاران ئۇخلاتتىم.لىكىن كۆزۈمنى ھەرقانچە يۇمساممۇ ئۇخلىيالمايتتىم.ئوغلۇمنىڭ بايقى سۆزى مىنى تېخمۇ ئازاپلىماقتا ئىدى.ئۇنىڭ كىچىككىنە قەلبىنى ۋەھىمىگە سالغىنى سىرىتتىكى دەھششەتلىك بوران ئەمەس بەلكى ئۆيدىكى ئادەتكە ئايلىنىپ قالغان تۈگىمەس جىدەل-ماجرالار ئىكەنلىكىنى ئويلاپ تېخىمۇ خىجىل بولدۇم.ئۆزۇمدىن نەپرەتلىنىشكە باشلىدىم.ئەگەر ۋاقىتنى كەينىگە ياندۇرغىلى بولسا مەن ھەرگىز تەۋەككۇل قىلىپ بۇ پاتقاققا سەكرىمىگەن،ھەم چىقالماي قىينالمىغان بۇلاتتىم.لىكىن ھاۋا ئاناممۇ شەيتاننىڭ قىزىقتۇرىشى بىلەن مەنئى قىلىنغان مىۋىنى يەپ سالغىنىدەك،مەنمۇ باشقىلارنىڭ قىزىقتۇرىشى بىلەن بۇتۇزاققا چۈشۇپ قالدىم.

    مىنى ھەرخىل خياللار ئەسىر قىلىۋالدى.مەن خىيال قاينىمىدا ئۈزىۋاتىمەن.خىياللىرىم بەزىدە مىنى گۈزەل ياشلىق دەۋرىمگە باشلىسا ،بەزىدە رەزىل رىئاللىقنىڭ چۆل-جەزىللىرىگە ئاپپىرىپ تاشلايتتى.مەن خيال دەپتىرىمنى ۋاراقلاشقا باشلىدىم.ئازاپلىق كەچمىشلەر كىنو لىنتىسىدەك بىر-بىرلەپ كۆزئالدىمدىن ئۆتۈشكە باشلىدى.مەن ھاراققا ئۆچ بۇلۇپ كەتتىم.توي قىلغانلىقىمىزنى تەبرىكلەپ ئىچىشتىن باشلانغان بۇھاراق كۈنلەپ-كۈنلەپ مىنى پەتىلەپ تۇردى.ھاراقتىن باشلانغان جىدەل،پۇل
ماجراسى تېلفۇن ماجرالىرىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى.ھاراقنىڭ كۈچى ئۇنى ۋەھشى چىل بۆرىگە ئايلاندۇرۇراتتى.  ئۇنىڭ رەزىل پەنجىسىدىن مەن تۈگۈل باللىرىممۇ قۇتۇلالمايتتۇق.بىراق ئۇ دەششەتلىك ھەيۋىدىن كىيىن ھالسىزلانغان بۆجەندەك تۈگۈلۈپ،خورەكنى دۆڭ تارتىپ شىرىن ئۇيقۇغا غەرىق بولاتتى.

يۈرۈگۈم چەكسىز ئازاپتىن ئۆرتىنەتتى.ۋۇجۇدۇم كەچ كۈزدىكى يىگانە ياپراقتەك غال -غال تىترەيتتى.كۆزياشلىرىمنى زادىلا توختىتالمايتتىم.بىراق باللىرىمنىڭ مۆلدۈرلەپ تۇرغان كۆزلىرىگە قاراپ نىمە قىلشىمنى بىلەلمەي قالاتتىم .ئۇلار ياشلىرىمنى سۇرتۇپ،ئۇممۇتلۇك كۆزلىرى بىلەن ماڭا مەدەت بەرگەندەك تەلمۈرەتتى.مەن ئۇلارنى بەزلەيتتىم،ئالدايتتىم.ئۇرۇنسىز تۇقۇنۇشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىپ،سەبىلەرنىڭ قەلىبىدە يارا بولماسلىقنى ئۇممۇت قىلاتتىم.شۇڭا ھەممە ئىشلارغا پەرۋاسىز قارايدىغان بولۇپ قالدىم.بىراق بۇ قىلمىشىم ئۇنۇڭغا بايرام بولۇپ خاتىرجەم ئوينايدىغان بولۇپ قالدى.لىكىن پۇل ۋەسۋەسى منىڭ قەلبىمنى يەنە تىنىچسىزلاندۇردى.بەزىدە بالامنىڭ بىر نەرسە ئالغۇسى كەلسە كۆزۈمگە قاراپ‹‹ئانا پۇل بارمۇ؟ بولدى ئالمايمەن.››دىگەنلىرىنى ئاڭلىغىنىمدا ئۈن سېلىپ يىغلىۋەتكىلى تاس قالىمەن.ھەي پۇل، سەن نىمەدىگەن قالتىس -ھە!سەن قانچىلغان نارەسىدىلەرنىڭ بوينىنى قىسىپ،ئۇلارنى زار-زار يىغلاتقانسەن.قانچىلغان نادانلارنى ئۆز تاۋكايىڭدا ئوينىتىپ قۇلۇڭغا ئايلاندۇرغانسەن.قانچىلىغان ئاتا-ئانىلارنى ۋەيران قىلىپ قان زار يىغلاتقانسەن.مەن ساڭا قايىل مەن ساڭا ئاپىرىن ئۇقۇيمەن.
سەن ئاي توشقان ھامان سېخىيلىق بىلەن ھېلىقى تۈمۈر قەپەزدىن چىقىسەن.سىنىڭ مىھرىڭ ھەر قانداق مېھىر مۇھەببەتتىن ئۇلۇغ.ئۇ سىنى ئالىدۇ-دەپۇتمەس قاناتقا ئىگە بولىدۇ.بىر ئىككى كۈن ھەتتا ئۈچ-تۆت كۈنگۈچە ئۆيگە كىرمەي ئوينايدۇ.بىراق سەن ۋاقىتلىق خۇددى ئاقار يۇلتۇزغا ئوخشاش بىردەمدىلا غايىپ بولىسەن.ئۇنىڭ خيالىغا ئۆي كىرىدۇ.ھەتتا سىنىڭ غالچىللىرىڭ قەرىزچىلەرمۇ دىگىنە.ئۇلار شۇنداق قالتىسكى ھىچنىگە ئىرەن قىلمايدۇ،باريوقىنى سۈپۈرۈپ ماڭىدۇ.بالاغا قالدىغىنى يەنىلا مەن .بىچارە باللىرىم.بىر ئاي كۈنىمىز غورىگۈل ئۆتىدۇ.‹‹چىشىڭنىڭ بارىدا گۆش يە››دىگەندەك ئۇ ئەمدى چىشى ئارسىدىكى گۆشلەرنى شۇمۇپ ئولتۇرىدۇ.سىرىتقىمۇ چىقماي شۇنداق رائىش بولوپ كىتىدۇ.مەن يەنە ئۇنۇڭغا ئىشىنىشكە مەجبۇر بولىمەن.
   بۇھال تەكرارلانغانسىرى مەن يۈرەكسىز بولوپ قالدىم.ئاي تۇشۇپ مائاش چىقسىلا ئەنسىرەيمەن.ئۇنىڭ يەنە ھېلىقى يوللارغا مېڭىشىدىن سەن پۇلنىڭ كىچە ئاسمىنىدىكى نۇرانە يۇلتۇزدەك غىل-پال كۈرۈنۈپ قويۇپ غايىپ بولىشىڭدىن قورقىمەن.‹‹قورققانغا قوش كۈرۈنەر دىگەندەك ھەر قېتىم شۇنداق بولىدۇ.سائەت رىتىملىق چىكىلداپ 10-2،11-3لەرنى توختاش بىكىتى قىلىپ ئايلىنىپ يۈرىدۇ.لىكىن ئۇنىڭ قارسىمۇ كۈرۈنمەيدۇ.تۈگىمەس خياللار ئىچىدە ئۆزۈمنى ئالداپ يۈرىمەن .بىمەنە خياللار مىنى چەكسىز ئازاپلايدۇ.قەلىپ يارام ئەمدى ئۈچكە ئايلانسا مىنىڭ ھەرگىز چىدىيالمايدىغانلىقم ئۈزۈمگە ئايان .شۇڭا باشقىلارنىڭ بىمەنە گەپلىرىگە قۇلاق سالمايتتىم ھەم ئاڭلاشنىمۇ خالىمايتتىم.باللىرىم بىلەن خاتىرجەم ياشاش منىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم ئىدى.مەن ئاشۇ بەخىتنى ئىزدەپ تەمتىرەپ يۈرەتتىم.قاچاندۇر بىر ھۇقۇشنىڭ پەيدا بولوپ قەلئە ئۈستىدە شۇملۇق بىلەن سايرىشىنى يۈرۈگۈم تۇيۇپ تۇرسىمۇ،كۆڭلۈمدە بۇنۇڭغا ئىشەنمەيتتىم.ئۇنىڭ كىچىدە بىزنى ئەسلەپ تىلفۇن قىلغىنى چوڭ ئىش ھىساپلاپ ھەسەل يالتىلغان بالىلارسوسكىسىنى شۇراپ غەمسىز يۈرەتتىم.
بۈگۈنكى تېلفۇندىن چۆچۈپ كەتتىم.بىر خىرلداق ئاۋاز قۇلىقىم تۈۋىدە جاراڭلاپ ئۆيگە قايتمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.يېنىدا بىرنىڭ ئۇنى ئالدىراتقانلىقى ئاڭلىنىپ تۇراتتى.مەن قۇلىقىمغا ئىشەنمەي قالدىم.ئۇنىڭ خوشياقماس دوكىلاتىنى ئاڭلاپ ئۆزۈمنى ئۇنىڭ ئايالى ئەمەس بىر دەرۋازۋەن ياكى بولمىسا بۇسۇغا ئالدىدىكى ئىتتەك ھىس قىلدىم.مىنىڭ ئاياللىق غۇرۇرۇم بۇنۇڭغا يول قويمايتى.مەن قايتا تېلفۇن قىلدىم.ھۇۋقۇشنىڭ ھۇۋلىشى يەنە ئاڭلاندى.مەن ئۇنى تىللىدىم.قاغىدىم.لىكىن بۇئۇلارغا تەسەر قىلمىدى.مەن ئۇنىڭدىن قايتىپ كىلىشنى ئۈتۈندۈم.لىكىن تېلفۇن ئۈزۈلۇپ قالدى،يەنە قانچە قېتىم تېلفۇن ئۇرغۇنىمنى بىلمەيمەن.
كاللام قۇپقۇرۇق.داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدىم.مەن بۇنداق ئىشلارنى كىنولاردا كۆرگەن ئىدىم.بۇنى رىئاللىق ئەمەس دەپ ئۈزۈمگە تەسەللى بىرەتتىم.كۆزياشلىرىم يامغۇردەك چۈشمەكتە.كاللامدىن بىرخىيال ئۆتۈپ ‹‹ئۈلۈپ تۈگىشىشنى ››ئويلۇدۇم.بىردىن باللىرىم يادىمغا كەلدى.ئۇلار شۇنداق تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتى.‹‹خوش دىدىم ››-ئىچىمدە ئۇلارغا.يۈرۈگۈم ئازاپتىن پىچاق بىلەن تىلغاندەك ئېچىشىپ كەتتى.‹‹پەرزەنىت ئانىنىڭ يۈرەك پارىسى››
مەن يۈرەك پارىللىرىمنى ئۇ شۇم ھۇقۇشقا قانداقمۇ تاشلاپ قۇياي.ئۇلار ئۇنىڭ زەھەرلىك پەنجىسىدە قانچىلىك قىينىلار،ئۇنىڭ يېقىمسىز ھۇۋلاشلىرىدىن قانچىلىك ئازاپلىنار.ياق ئۇلارنىمۇ ئېلىپ كىتەي،ئۇلارنى ئازاپتىن قۇتقۇزاي،-دىگەنلەرنى ئۇيلۇدۇم .
يەنە باللىرىمغاقارىدىم .قولوم بۇشۇشۇپ تىترەشكە باشلىدى.
يولۋاس جېنىدا ئۆزبالىسىنى يىمەيدۇ،مەن ئۇلارغا قانداقمۇ زىيانكەشلىك قىلاي.بىراق ھېلقى ھۇۋقۇشچۇ؟بۇلارنى ئويلاپ  ساراڭدەك بولوپ قالدىم. گاھ ھۆكىرەپ يىغلايتتىم.گاھ باللىرىمنى قۇچاقلاپ نىمە قىلىشىمنى بىلەلمەي قالاتتىم.
بىردىنلا كاللامغا بىر خىيال كەلدى.‹‹ھۇۋقۇش پەقەت كىچىسى ۋەھىمىلىك ھۇۋلاپ كىشىلەرنى ساراسىمىگە سېلىپ يۈرىدۇ.ئۇ كۈن نۇرىدىن قورقىدۇ.بىراق مەن ئۇنداق ئەمەس.مەن ئۇنىڭ ھۇۋلىشىدىن قورقۇپ قالمايمەن.پەقەت ھۇۋقۇش ئۇنى تۈندىكى غېرىبانە كۈلبىسىگەمەھكۇم قىلۋالمىسىلا ئۇيەنە قايتىپ كىلىدۇ.مەن ئۇنۇڭغا قۇچاق ئاچىمەن.باللىرىم ئۇچۇن بولسمۇ بەختىلىك ياشاشقا تىرشىمەن!....››
مەنبە:ئۆزيازمام


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
بەختىيار(بايقاش + 3 + 3 + 3 + 3بارىكاللا تېرىشىڭ!

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 3 تىللا + 3 تۆھپە + 3 شۆھرەت + 3  باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

263

تېما

45

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
2838 سەر
تىللا
1105 دانە
تۆھپە
3233 سەر
شۆھرەت
2525 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىجەۋھەر ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-22 20:23:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپىرىن سىزگە خۇمارى بۇ ھېكايىنى ياخشى يېزىپ چىقىپسىز،ئوقۇپ بەكمۇ تەسىرلەندىم،ئانا مېھرنىڭ ئۇلۇغلۇقنى ھېكايىڭىزدە جانلىق تەسۋىرلەپسىز...
ھىكمەت: ‹‹سۇ ئېچكەندە،قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇما››.           باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش...

11

تېما

7

دوست

974

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
192 سەر
تىللا
73 دانە
تۆھپە
179 سەر
شۆھرەت
206 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-22 21:20:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى تىما بوپتۇ،بارىكاللا!
نىمانداق تۈگىمەيدىغان ئىمتھانلار بۇ،تەتىلدەMHK ئالىمى ...

640

تېما

134

دوست

12 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

adminنامىنى بايقاشقا ئۆزگەرتتى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
9202 سەر
تىللا
93509 دانە
تۆھپە
5803 سەر
شۆھرەت
6305 سەر

ئاتامانمۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-22 23:18:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئادەمنى ئويلاندۇرىدىكەن.قەلەم قۇۋۋىتىڭىزگە ئاپىرىن،ئىچكى ھېسياتنى بەك جانلىق ئىپادىلەپسىز.
بۇ ھېكايىدە ئائىلىنى قۇرۇپ قۇيۇپ ئائىلە بىلەن كارى بولمايۋاتقان بىر قىسىم ئەركەكلەرنىڭ ھاراققا بېرىلىپ ئەقەللىي مەجبۇرىيىتىنى ئۇتنۇپ تېخىمۇ زۇلمەت پاتقىقىغا پىتىپ كىتىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جەمئىيىتىمىزدىكى بىر قىسىم ئەرلەرنىڭ ئۆزىنى تۇنۇش ئۈچۈن بىشارەت بېرىپسىز. بارىكاللا!
ماتىرىيال يوللىغاندا بايقاش تامغىسىنى بېسىشقا، بەيدۇ تور دېسكىسىغا يوللاشقا ئەھمىيەت بىرەيلى!

17

تېما

4

دوست

1005

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
210 سەر
تىللا
106 دانە
تۆھپە
214 سەر
شۆھرەت
215 سەر

بايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-23 09:20:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ئىبرەت ئالاي جۇمۇ ؟بەك ياخشى يېزلپتۇ ؟

15

تېما

1

دوست

874

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
181 سەر
تىللا
92 دانە
تۆھپە
162 سەر
شۆھرەت
171 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-23 09:30:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە خۇمارى ، ئەسىرىڭىزنى ئۇقۇپ ، مىھرىبان ئايالىم ۋە غەمگۇزار كۈيۈمچان ئانا كۆز ئالدىمدا نامايان بولدى . ناھايىتى ياخشى يېزىلغان ھىكايە ئىكەن ، كىيىنچە ئاۋازلىق ئەسەر قىلسا تېخىمۇ ياخشى چىقىدۇ ، ، تېخىمۇ تىرشىڭ ، ئۆتكۈر قەلىمىڭىز توختاپ قالمىسۇن .

18

تېما

49

دوست

6262

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1204 سەر
تىللا
354 دانە
تۆھپە
1236 سەر
شۆھرەت
1463 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-23 23:32:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ھۇۋقۇش پەقەت كىچىسى ۋەھىمىلىك ھۇۋلاپ كىشىلەرنى ساراسىمىگە سېلىپ يۈرىدۇ.ئۇ كۈن نۇرىدىن قورقىدۇ. بىراق مەن ئۇنداق ئەمەس. مەن ئۇنىڭ ھۇۋلىشىدىن قورقۇپ قالمايمەن. پەقەت ھۇۋقۇش ئۇنى تۈندىكى غېرىبانە كۈلبىسىگە مەھكۇم قىلۋالمىسىلا ئۇيەنە قايتىپ كىلىدۇ. مەن ئۇنۇڭغا قۇچاق ئاچىمەن. باللىرىم ئۇچۇن بولسمۇ بەختىلىك ياشاشقا تىرشىمەن!....›› شۇنداق، مۇشۇنداق زور قۇرباننى پەقەت ئانىلارلا بېرەلەيدۇ، ئانىلاردىكى ئۇلۇغلۇق مانا مۇشۇ يەردە. ھېكايىڭىز نېرىۋامنى قاتتىق غىدىقلىدى ھەم ماڭا ئۆچمەس تەسىرلەرنى بەردى. قەلىمىزگە ئۇتۇقلار يار بولسۇن.
مەن بىلەن دوست بولۇشنى خالىغۇچىلار ئۈچۈن قۇلۇم كۆكسۈم
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-10 23:53, Processed in 0.454415 second(s), 42 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش