مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2076 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • ئامان 11 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 12 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى باشقۇرغۇچىلار تېما يوللاشتا ھەر ۋاقىت سىزگە يول كۆرسىتىدۇ، تارتىنماڭ!

  • ئامان 18 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 21 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 23 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى ئەزالار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • ئامان 11 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان 14 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان 18 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • ئامان 21 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • چىركىن يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن ماتىرىيال يوللىماقچى ئىدىم

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • ئامان 12 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بىلمەسلىك ئەيىپ ئەمەس، تىرىشماسلىق ئەيىپ!

  • ئامان 16 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللىغاندا تېما ھەققىدە قىسقىچە ئىزاھات بېرىپ يوللايلى!

  • ئامان 18 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان 22 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • ئەلەم تۈنۈگۈن 19:38 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك!

  • شاشتېكىن تۈنۈگۈن 18:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    «2-،3-،4-ۋە 5-يىللىقلارنىڭ خەنزۇتىلى دەرس تەييارلىقى»نىڭ چۈشۈرۈش ئادىرېسى يېڭلاندى.

كۆرۈش: 85|ئىنكاس: 3

‹‹تىلەمچى›› ھېكايە

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

30

تېما

16

دوست

1422

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
273 سەر
تىللا
159 دانە
تۆھپە
250 سەر
شۆھرەت
333 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-15 11:39:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                               «تىلەمچى» قىز
                               ئابدۇۋەلى مامۇت

     تومۇز كۈنلىرىنىڭ بىرى، ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتىم، يان تېلېفونۇم سايراپ قالدى. پوچتا خادىمى ماڭا تېگىشلىك پوسۇلكىنى دەرۋازىۋەنگە بېرىپ قويغانلىقىنى دەپ تېلېفون قىلغانىكەن. ئۇنى ئېلىش ئۈچۈن دىجورنىخانىغا ماڭدىم. بىنانىڭ ئىشىكىدىن چىقىشىمغا كۈچلۈك يالقۇن يۈزۈمگە ئۇرۇلدى، نەچچە قەدەم ماڭا – ماڭماي دېمىم سىقىلغاندەك بولدى. شۇ ئەسنادا ‹‹ئاكا›› دەپ چاقىرغان ئاۋاز دىققىتىمنى تارتتى. ئارقامغا قارىدىم. دەرۋەقە، 21 – 22 ياشلار چامىسىدىكى بىر قىز ماڭا قاراپ كېلىۋاتقانىكەن.
ـ مېنى چاقىردىڭىزما؟
ـ ھەئە!-دېدى قىز ماڭا يېقىن كېلىپ، ئۇنىڭ ئاق – سېرىق مەڭزى ئالمىدەك قىزىرىپ، ئېگىز قاڭشىرىدا دانە - دانە تەر تامچىلىرى پارقىراپ تۇراتتى. جىنەستىدەك لەۋلىرى قۇرغاقلىشىپ كەتكەنىدى. ئۇ ئۇچىسىغا سۇس ھاۋارەڭ كۆڭلەك كىيگەن بولۇپ، تۇرقىدىن سىرتتىن كەلگەنلىكى چىقىپ تۇراتتى.
ـ نېمە ئىشىڭىز بار ئىدى؟
ـ ئۇنىڭ يۇمۇلاق قارا كۆزىدىن قانداقتۇ بىر دىشۋارچىلىققا ئۇچرىغانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى. سۆزۈمنى تەكرارلىدىم. بىراق بۇ قېتىم ئاۋازىمنى بوش، سىلىق چىقاردىم.
ـ ئاكا، مۇنداق ئىشتى، -دېدى ئۇ تەستە ئېغىز ئېچىپ، دادامنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەلگەنىدىم. بۈگۈن ئەتىگەن دوختۇرخانىدىن چىققانىدۇق. دىققەتسىزلىكتىن پۇلىمىزنى ئوغرى ئېلىۋالدى. پۇلىمىز بولمىغاچقا كېتەلمىدۇق، بۇ شەھەردە تۇغقان تۈگۈل بىرەر تونۇشىمىزمۇ يوق، غېرىبسىنىپ، قىينىلىپ قالدۇق.
ـ نېمە دېمەكچىتىڭىز، مەن ئالدىرايمەن دېدىم ئۇنىڭ ئېزىپ – ئىچۈرۈپ سۆزلىشىدىن بىزار بولۇپ.
ـ ئازراق پۇل بېرىپ تۇرسىڭىز بوپتىكەن. يۇرتقا بېرىۋالساقلا پۇلىڭىزنى ئەۋەتىپ بېرىمەن. ياشىنىپ قالغان دادام ئىسسىقتا بەك قىينىلىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يېڭىلا دوختۇرخانىدىن چىققاچقا، ئىسسىق ئېغىر كېلىۋاتىدۇ. يەنە بىرەر ئىش بولۇپ قالامدىكىن دەپ ئەنسىرەۋاتىمەن، ئۇنىڭ كۆز چانىقى ياشقا تولدى، ئىككى تامچە ياش ئۇنىڭ مەڭزىدىن دومىلاپ چۈشتى. بۇ دۇنيادا پەقەت مەنلا ئۇنىڭغا ياردەم قىلالايدىغاندەك تەلمۈرگىنىچە قاراپ تۇراتتى.
ـ پۇلۇمنى ئوغرى ئېلىۋالدى دەڭ؟ شۇ ئوغرىنىڭمۇ كۈچى سىزگە يېتىپتۇ – دە! پۇل دېگەننىچۇ، ئوغرى ئالالمايدىغان يەرگە سالغۇلۇق، قىزنى تەنقىدلەۋاتامدىم ياكى ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلىۋاتامدىم ئۆزۈممۇ بىلمەيتتىم.
بۇنداق ئىشلار ماڭا ئۇچراپ تۇراتتى. بىرى ‹‹پۇلۇمنى ئوغرى ئېلىۋالدى!›› دېسە، بىرى ‹‹ پۇلۇمنى ئوغرىغا بەردىم!›› دەيتتى. بەزىلىرىگە ئىچىم ئاغرىپ يانچۇقىمدا بارىنى بېرەتتىم. بىراق، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى رازى قىلغىلى بولمايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق ئىشلارغا يولۇقۇۋەرسىڭىز ئىچىڭىز ئاغرىماس بولۇپ قالىدىكەن. ئۇنداقلاردىن يالغان سۆزلەيدىغانلىرىمۇ چىقىپ قالاتتى. بىراق، بۇ قىزنىڭ كۆزىدىكى سەمىمىيەت نۇرلىرىغا قاراپ، ئىچىم ئاغرىسىمۇ، يەنىلا ئىشەنگۈم كەلمىدى.
ـ دادىڭىز قېنى؟
ـ ھاجەتكە كىرىپ كەتكەنتى، دېدى قىز مەن چىققان بىنانى كۆرسىتىپ، ھازىر چىقىدۇ.
ـ نەچچە پۇل كېرەكتى؟
ـ 500كوي بولسا يېتىدۇ دېدى ئۇ ئىشەنچ بىلەن.
ـ شۇنچە كۆپما؟
ـ ئاكا! يولىمىز يىراق، قىز مەندىن خەيرخاھلىق كۈتمەكتە ئىدى.
ـ ئالداۋاتمايدىغانسىز ھە؟
ـ ئاكا، ئۆزۈمنى سىزگە ئىشەندۈرۈشكە ئامالسىزمەن. مەن سىزدىن پۇل تىلىمىدىم. قەرز بىرىپ تۇرۇڭ! ماڭا ئىشىنىڭ. پۇلىڭىزنى چوقۇم قايتۇرۇپ بېرىمەن. بەك ئىشەنمىسىڭىز، كىملىكىمدىن بىر نۇسخا كۆپەيتىپ بېرەي، مەندەك بىر قىزنىڭ بېشىغا بۇنداق ئېغىر كۈنلەر كەلمىسۇن.
ـ ئىككىلىنىپ قالدىم. بىراق ئۇنىڭ دادام بار دېگەن گېپىگە ئىشەنگۈم كەلمىدى. كۆز ئالدىمدىكى بىچارە سىياقىغا كىرىۋالغان قىزنى تىلەمچى دەپلا جەزملەشتۈردۈم – دە:
ـ مۇنداق بولسۇن! يېنىمدا بارى مۇشۇكەن، بىر ۋاخ تاماققا يېتىدۇ، دەپ، شىمىمنىڭ يانچۇقىدىن ئون يۈەننى ئېلىپ ئۇنىڭغا تەڭلىدىم. ياش بولغاندىكىن بىرەر يەردە ئىشلىسىڭىزمۇ پۇل تاپالايسىزغۇ؟ تىلەمچىلىك قىلىش سەت ئىش. قىز بالا بولغاندىكىن راست گەپ قىلىشنى ئۆگىنىڭ.
ـ ئاكا، دېدى قىز قولۇمدىكى پۇلغا بىر قارىۋېتىپ ، ماڭا تىكىلگىنىچە گېپىمنى بۆلۈپ، مېنى تىلەمچى دەپ قالغان ئوخشىمامسىز؟ دېدىمغۇ! مەن تىلەمچى ئەمەس. تىلەمچىلىك قىلىشنى مەنمۇ نۇمۇس بىلىمەن. پۇل بەرمىسىڭىزمۇ مەيلى، بىراق، غۇرۇرۇمغا تېگىدىغان گەپلەرنى قىلماڭ. سىزنى غەرەز ئۇقىدىغان ئادەم ئوخشايدۇ، دەردىمنى چۈشىنەر دەپ ئېغىز ئېچىپتىمەن. بولدى، مەن دېمىگەن بولاي، خاپا بولماڭ!
ـ تىلەمچى دېگىنىم ئۇنىڭ غۇرۇرىغا تەگكىنى ئېنىق ئىدى ، ئۇ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا شۇنچە تىرىشقان بولسىمۇ، كۆزىنىڭ چاناقلىرىدا لىغىرلاپ تۇرغان يېشى ئۇنىڭ كونتروللۇقىغا بوي سۇنماي، قىزارغان مەڭزىنى بويلاپ، سەل كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان كۆكرىكىگە چۈشتى. ئۇ بۇرۇلۇپلا كەينىگە ياندى.
تىلەمچى تۇرۇپ ھالىنىڭ چوڭلىقىنى بۇنىڭ، نەچچە پۇل بەرگەن بولسام رازى بولاتتىكىنە؟ قەرز سورىدىم دەيدۇ تېخى، ساڭا پۇل بەرسەم، نەدىن تېپىۋالىمەن؟ ئالساڭ ئال، ئالمىساڭ كارىم نېمە. ساڭا قەرزدارمىدىممەن! دەپ غۇدۇڭشىغىنىمچە يولۇمغا ماڭدىم...
دەرۋازىۋەندىن پوسۇلكىنى ئېلىپ كېلىۋاتسام قىز دەرەخ ئاستىدا سايىداپ ئولتۇرۇپتۇ. ئۇ ماڭىمۇ قارىمىدى. مەنمۇ گەپ قىلمىدىم. بىنانىڭ ئىشىكىگە كەلگەندە بىنانىڭ ئىچىدىن بىر بوۋاي چىقىپ كەلدى. بوۋاينىڭ بېلى يادەك ئېگىلگەنىدى. ئۇنىڭ قوشۇقتەك يۈزى قاقتەك قورۇلۇپ، بىر تېرە، بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان يۈزىنىڭ سۆڭىكى تېشىپ چىقىدىغاندەكلا كۆرۈنەتتى. ئۇنىڭ تۇرقىدىن 80 دىن ئاشقانلىقى مەلۇم ئىدى. ئۇچىسىغا كىيىۋالغان توپا رەڭ كۆينىكى چوڭ كېلىپ قالغانىدى. بوۋاي ئالدىمدىن ئۆتىۋىدى، تىنىدىن چىققان ئاچچىق تەر پۇرىقى دىمىقىمنى ئېچىشتۇرۇۋەتتى.
ئىشخانامغا كىردىم، لېكىن بوۋاي كۆز ئالدىمغا كېلىۋالدى. ‹‹قىزنىڭ دادىسى شۇمىدۇ؟›› دەپ ئويلىدىم – دە، تۇرۇپ قىزغا قىلغان ئۇۋالچىلىقىم ئۈچۈن پۇشايمان قىلىپ قالدىم. دېمىسىمۇ ياشىنىپ قالغان ئادەمگە بۇ پىژغىرىم ئىسسىقتا تەس بولىدۇ – دە! شۇنىڭ بىلەن تارتمامدىن 500 يۈەننى ئالدىم – دە، ئۇلارنى ئىزدەپ ماڭدىم. پەسكە چۈشسەم ئۇلار يوق. ئەتراپقا قارىدىم. ئۇلارنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمىدى. چوڭ كوچىغا چىقتىم. چوڭ كوچىدىمۇ كۆرۈنمەيتتى. شۇنىڭ بىلەن دەرۋازىۋەندىن سورىدۇم.
ـ ھېلىقى قېرى ئادەم بىلەن قىزنى دەمسىز؟ ئۇلار تېخى ھازىرلا ماڭدى.
ـ پۇل سورىغانىدى، ئېلىپ چۈشسەم ... توختىۋالدىم.
ـ مەن بەردىم، قارىسام بوۋاي تىنجىقتا بەكلا قىينىلىپ كېتىپتۇ. يېڭى ئوپېراتسىيە قىلىنغاچقىمۇ ئۆپكىسى ئېغىزىغا قاپلىشىپ قالغاندەكلا دەم ئالالماي قاپتۇ. بىچارە قىزچۇ تېخى. دادام بىر ئىش بولۇپ قالارمىكىن دەپ يىغلاپ ئېزىلىپ تۇرىدۇ. ئىنسابسىز ئوغرىنىڭ شۇلارغا كۈچى يەتكىنىنى دەيمىنا، ھەي! قەرز بېرىپ تۇرۇڭ دېگەنتى. 600 كوي بەردىم، دېدى دەرۋازىۋەن دىجورنىخانىنىڭ دېرىزىسىدىن سىرتقا قارىغىنىچە. تەلىيىگە ئوغلۇم ماشىنا ھەيدەپ كېلىپ قېلىۋىدى، ئۇلارنى ماشىنىسى بىلەن ئوزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس بېكىتىگە ئاپىرىپ قويۇشقا بۇيرۇدۇم.
دەرۋازىۋەن ‹‹ئاداشقانلارغا يول كۆرسەت›› دېگەندەك، ھالقىلىق پەيتتە نېرى – بېرىنى ئويلىمايلا چوڭ ئىشتىن بىرنى قىلغانىدى. بىراق، مەن ئۇنداق قىلالمىدىم، ئۇنىڭغا ياردەم بىرىش قولۇمدىن كېلەتتى. ئۇ ھەقىقىي ئېھتىياجلىق بولغاندا ياردەم قىلىشنى خالىمىدىم. ياردەم قىلىش نىيىتىگە كەلگەندە، ئۇ كېتىپ قالغانىدى. ۋاقتىدا قىلىنمىغان ياردەمنىڭ نېمە پايدىسى؟ يا، ئۇ خۇش بولمىدى. مېنىڭمۇ كۆڭلۈم غەش، چىۋىن يەۋالغاندەكلا بولۇپ قالدىم. بولۇپمۇ ئۇنى بىھۇدە ھاقارەتلىگەنلىكىمنى ئويلىغىنىمدا، ئۆزۈمنى ئەيىبلەيتتىم.
شۇنىڭدىن كېيىن بىنادىن چىقىپ، شۇ دەرەخنىڭ ئاستىدىن ئۆتسەملا ‹‹تىلەمچى›› قىزنىڭ ماڭا ئۈمىد بىلەن قاراشلىرى، بوۋاينىڭ ئېگىلگەن ھالىتى كۆز ئالدىمغا كېلىۋېلىپ، ئۆزۈمنى ‹‹پىخسىق›› دەپ تىلايتتىم. بۇ ئىشنى خېلى ۋاقلارغىچە ئۇنتۇيالمىدىم...
بىر كۈنى بىر ئىش بىلەن دىجورنىخانىغا كىردىم. ھېلىقى كىشى دىجورنىلىك قىلىۋاتقانىكەن.
ـ ھېلىقى قىزغا بىرىپ تۇرغان پۇلنىڭ ئىشى قانداق بولدى؟ تۇيۇقسىزلا يادىمغا يېتىپ سورىدىم.
ـ بىر ھەپتىگە قالمايلا ئەۋەتىپتۇ دېمەمسىز. مېنىڭدىن ئادرېسىمنىمۇ سورىمىغانتى. ئوغلۇم دەپ بېرىپتۇ. ئۆزى تېلېفون قىپتۇ، دادىسىنىڭ ياخشى بولۇپ قالغانلىقىنى، مېنىڭدىن بەك مىننەتتار بولغانلىقىنى ئېيتتى. سىزنىڭ قىيىنچىلىقىڭىز باركەن دەپ ئۆزۈم بەرگەن پۇلغا 2000 كوي قوشۇپ ئەۋەتىپتۇ. ماڭا تەئەللۇق بولمىغان پۇلنى ياندۇرۇۋېتەي دېسەم يا ئادرېسى، يا ئىسمىنى بىلمەيمەن. ئامال قىلالمىدىم. بۇ ئىشلار شۇنداق بولدى، دېدى ئۇ ھاياجان بىلەن سۆزلەپ.
كىشىلەرنىڭ، پۇل دېگەن ئادەمنىڭ ھەقىقى ماھىيىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئەينەك دېگىنىنىڭمۇ ئاساسى باركەن. ئاق كۆڭۈل، سەمىمىي ئادەملەر يەنىلا كۆپكەن. ئىشخانىدا تاماكا چەككەچ، دەرۋازىۋەننى كۆز ئالدىمغا كەلتۈردۈم...
ئارىدىن يېرىم يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتتى. قاتتىق سوغۇق بولۇۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، كاماندىروپكىغا چىقىپ كەتتىم. تېخى ئىككى كۈن بولا – بولماي، ئىدارىدىن ئايالىڭ بالنىستقا كىرىپ قالدى، تېز قايتىپ كەل دەپ تېلېفون قىلدى. ئۇنىڭ ئۆت خالتىسى يېرىلىپ كەتكەچكە جىددىي ئوپېراتسىيە قىلىنىپتۇ، ئوپېراتسىيەمۇ چوڭ بولغانمىش. شۇنىڭ بىلەن قايتىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلدىم. قېرىشقاندەك، تۇمان بولۇپ كەتكەچكە ئايروپىلان ئۇچالمىدى. ئامال يوق ئايرودۇرۇمدا تۈنەشكە توغرا كەلدى. قولۇم ئىشقا بارمايتتى. بالىلار كىچىك، تۇغقانلارمۇ يوق، شۇنداق بولغاندىكىن خوتۇنۇمغا قارايدىغان ئادەم يوق ئىدى. تىت – تىت بولۇپ كەتتىم. قۇدرىتىم يەتسە قانات چىقىرىپ ئۇچۇپ بارغۇم بار ئىدى. توختىماي تېلېفون قىلىپ سۈرۈشتۈرۈپ تۇردۇم. بۇنىڭدىن باشقا ئامالىم يوق ئىدى. ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتتى. تېلېفوننى خوتۇنۇم ئالدى. ئۇنىڭ ئاۋازى بەكلا زەئىپ ئىدى. ئۇ ماڭا:
ـ خاتىرجەم بولۇڭ، بىر ياتاقدىشىم ھالىمدىن خەۋەر ئېلىۋاتىدۇ، دېدى. خوتۇنۇمنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، كۆڭلۈم ئازراق جايىغا چۈشتى – يۇ، بىراق يەنىلا خاتىرجەم بولالمىدىم.
دوختۇرخانىغا كەلسەم خوتۇنۇم كارىۋاتتا ئولتۇرغۇدەك بوپتۇ. بىراق ياداپ، چىرايى سارغىيىپ كېتىپتۇ. ئۇ مېنى كۆرۈپ يىغلىۋەتتى. مېنىڭمۇ كۆڭلۈم بۇزۇلدى. مانا مۇشۇنداق ھالقىلىق ۋاقىتتا يېنىدا بولالمىغىنىمدىن كۆڭلۈم بەكلا غەش بولدى.
ـ بۇ ياتاققا كىرسەم بىر موماي يېتىپتىكەن، دېدى خوتۇنۇم ئۆزىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى سۆزلەپ بولۇپ، كۆزىدىكى ياشنى سۈرتۈۋېتىپ، بۇ موماي دوختۇرخانىدىن چىقاي دېگەندە مەن كىرىپتىمەن. مېنى ئوپېراتسىيە قىلىپ بولغاندىن كېيىن، قارايدىغان ئادەم يوق قىينىلىپ قالدىم. ئىدارىڭىزدىنغۇ بىر ئايالنى ئەۋەتىپتىكەن. بىراق، ئۇنى مالال قىلىشقا خىجىل بولدۇم. شۇڭا ئۇنى كەتكۈزۈۋەتتىم. باشقا كۈن چۈشكەندە، ھەقىقەتەن تەسكەن. بۇلارمۇ باشقا يەردىن كەلگەنلەركەن. موماي ‹‹قىينىلىپ قاپسىز، ئېرىڭىز كەلگىچە قاراپ تۇرسۇن›› دەپ قىزىنى ماڭا قاراشقا قالدۇرۇپ ئۆزى كەتتى. بۇ قىز قېرىندىشىمدىنمۇ بەكرەك ھالىمغا يەتتى. سوغۇقنى سوغۇق دېمەي پۈتۈن كىر – قاتلىرىمنى يۇيۇپ، پاكىزلاپ تۇردى. تامىقىمنى يېگۈزۈپ... بىچارە قىز، كۆڭلىنىڭ ياخشىلىقىنى دېمەيسىز. ئۇ بولمىسا قانداقمۇ قىلاتتىمكىنتاڭ؟ سىز كەلسىڭىزلا ماڭماقچىتى. نېمىدەپ رەھمەت ئېيتسام بولاركىن؟ بىلمەيۋاتىمەن، خوتۇنۇم چوڭقۇر بىر ئۇھ تارتتى.
ـ قولىغا ئازراق پۇل بەرسەك بولار. كەم – كوتىلىرى بولسا ئېلىۋالسۇن.
ـ بۇ قىز پۇل ئالغىلى ئۇنامدىكىن تاڭ.
ـ سىزنىڭ ساددىلىقىڭىز، پۇل بەرسە ئالمايدىغان كىم بار؟ شۇنداق بولسۇن 1000 كوي بېرەيلى.
شۇ ئارىلىقتا يۇيۇلۇپ بولغان بىر داس كىرنى كۆتۈرگەن بىر قىز ياتاققا كىرىپ كەلدى.
ـ كىردىڭىزمۇ؟ دېدى خوتۇنۇم، قولىڭىز توڭلاپ كېتىپتۇ – ھە!
ـ بۈگۈن سوغۇقنىڭ ئۇچىغا چىققان كۈنى ئوخشايدۇ، قىز داسنى كارىۋاتنىڭ ئاستىغا قويدى، كىر يايغىدەك جاي قالماپتۇ. سىزنى بىرەر ئىشى چىقىپ قالسا، ئۇيان – بۇيان قاراپ قالمىسۇن دەپ يېنىپ كىردىم. بىردەمدىن كېيىن پارغا ئارتىپ قوياي.
ـ سىزنى قىيناپ قويۇپتۇق – ھە، دېدىم ئورنۇمدىن تۇرۇپ قايىللىق نەزەرىم بىلەن بېقىپ.
ـ نېمە دەيدىغانسىز؟ ھەدەم ئوبدان ئەسلىگە كەلسىلا ماڭا شۇ كۇپايە، قىزنىڭ ئاۋازى جاراڭلىق ئىدى.
جاھاندا ياخشى ئادەملەر يەنىلا كۆپ ھە!
ـ شۇنداق! كونىلاردا ‹‹ بىر كىشى ياققان ئوت يۈز كىشىنى ئىسسىتار ›› دەيدىغان بىر گەپ بارغۇ. ئادەملەر ئوتتۇرىسىدا بۇنچىلىك ياردەم بولمىسا قانداق بولىدۇ. ھەر قانداق ئادەمنىڭ باشقىلارغا ھاجىتى چۈشىدىغان ۋاقتى بولىدۇ شۇنداقمۇ؟ مېنى تونىدىڭىزمۇ؟ ئۇ ماڭا تىكىلدى.
ـ سىلەر تونۇشامسىلەر؟ دېدى خوتۇنۇم ھەيران قېلىپ، ماڭا ھەم قىزغا قارىدى.
ـ ئېسىمگە ئالالمىدىمغۇ؟ دېدىم قىزغا بىردەم قارىۋېتىپ. راستلا ئېسىمگە ئالالمىغانىدىم.
ـ راست تونۇمىدىڭىزما؟
ـ ياق!
ـ ئاكا مەن سىزنى تونۇيمەن.
ـ شۇنداقمۇ؟ بىز كۆرۈشكەنما؟ دېدىم سەل جىددىيلەشكەندەك بولۇپ.
ـ ئۇنتۇپ قاپسىز – دە! يازدا بېشىمغا كۈن چۈشۈپ سىزدىن پۇل سورىغان...
ـ توۋا! كۆرۈڭ ما ئىشنى! بۇ دۇنيا ئەجەپ تاركىنا؟ شۇنچە كەڭرى جاھاندا، بېشىغا ئېغىر كۈنلەر كەلگەندە مەندىن ياردەم تەلەپ قىلغان بىر قىزغا ئەمدى ئېھتىياجىم چۈشۈپ قالغىنىنى قارىمامدىغان؟ بۇ تەقدىرنىڭ چاقچىقىمىدۇ ياكى شۇنداق بىر توغرا كېلىپ قالغانمىدۇ؟ ئەجەب ئىشلار بولىدىكىنا بۇ جاھاندا.
ـ بۇ...! سىز... نېمىشقىكىن تىلىم كۈچلۈك شىلىمدا يەملەنگەندەك قېتىپ قالغانتى. يۈزۈم ئوت ئالغاندەك قىزىپ كېتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئالدىدا بارغانسىرى كىچىكلەپ كېتىۋاتقاندەك، ھېلىقى بوۋايدەك ھالسىراپ، نەپسىم يېتىشمەيۋاتقاندەك ھېس قىلىۋاتاتتىم...
قىز كەتتى. بىز ئۇنىڭغا 5000 يۈەن تەڭلىدۇق. ئۇ، ماڭا بۇ پۇل كېرەك ئەمەس، دەپ ئالغىلى ئۇنىمىدى. ئەلۋەتتە چىن كۆڭلىمىزدىن بەرگەنىدۇق. ئۇ رەت قىلدى. بىراق ئۇ ماڭا ھەقىقىي ئادىمىيلىكنى قالدۇرۇپ كەتتى.
شىنجاڭ گېزىتى

گۈل پۇرىقى بىلەن، ئادەم پەزىلىتى بىلەن قەدىرلىنىدۇ!
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

263

تېما

45

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
2838 سەر
تىللا
1105 دانە
تۆھپە
3233 سەر
شۆھرەت
2525 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىجەۋھەر ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-15 15:38:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان ئىبرەتلىك ھېكايە ئىكەن.پۇل،مال-دۇنيا بىزگە مەڭگۈ باقىۋەندە بولالمايدۇ،بىز ھەر ئىككى دۇنيادا قىلغان ياخشى ئەمەللىرىمىز ۋە ئادىميىلىك خىسلىتىمىزنىڭ قانداقلىقىدىن پايدا ۋە زىياننى ئۆزىمىز تاللىۋالىمىز.
ھىكمەت: ‹‹سۇ ئېچكەندە،قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇما››.           باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش...

47

تېما

1

دوست

1905

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
395 سەر
تىللا
174 دانە
تۆھپە
423 سەر
شۆھرەت
387 سەر

مائارىپچىتىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-18 14:29:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھەقىقەتەنمۇ ياخشى يېزىلغان ھىكايەئىكەن ، تۇرمۇشتا ھەقىقەتەنمۇ قىيىنچىلىقتا قالغان ئادەملەر بار. بىز ئادىمىيلىكنى ، ۋىزداننى ئاساسى ئورۇنغا قويشىمىز، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەپ ، ھەممە ئادەمنى ساختىپەز دەپ ئويلىماسلىقىمىز لازىم. ھەممە ئادەمنىڭ ئۇنداق  ساختىپەز بولۇپ كېتىشىمۇ ناتايىن، بىخىل، پىخسىق ئادەم بولماسلىقىمىز باشقىلارغا ياردەم قولىمىزنى سۇنالايدىغان ئېسىل پەزىلەتلىك ئادەم بولشىمىزلازىم.بۇ ھىكايىدە دەل مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىددىيە ئالغا سۈرۈلۈپتۇ، مەن ھىكايىدىكى قىزنى بىر( تىلەمچى) ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قاپتىمەن ئەمما ئۇ ھەقىقەتەنمۇ ياخشى نىيەتلىك قىز ئىكەن ، شۇ ڭا ماۋزۇنىڭ قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنغانلىقىنى چۈشەندىم. پايدا مەنپەتنىڭ كۆزىمىزنى توسۋىلىپ ياخشى نىيەتلىك ئادەملەرنىمۇ پەرىقلەندۈرەلمەيدىغان بولۇپ قالماسلىقىمىزنى بىلۋالدىم. تىما يوللىغۇچىغا، (ئاپتۇرغا )تەشەككۈر.
ھەممىڭلارنىڭ نۇرۇز بايرىمغا مۇبارەك بولسۇن.

18

تېما

49

دوست

6262

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1204 سەر
تىللا
354 دانە
تۆھپە
1236 سەر
شۆھرەت
1463 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-23 19:49:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادىمىيلىك بىر ئىنساننىڭ ئەقەللىي بۇرچى. بۇ ھېكايىدىن ھۇزۇرلاندىم ھەم چوڭقۇر تەربىيگە ئىگە بولدۇم. رەھمەت سىزگە.
مەن بىلەن دوست بولۇشنى خالىغۇچىلار ئۈچۈن قۇلۇم كۆكسۈم
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 02:14, Processed in 0.186733 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش