بايقاشقا ئەزا بولۇپ كىرىگەندىن كىيىن بايقاشنىڭ مائارىپ گۈلزارلىقى، ياخشى بولغان ماتېرىيال ئامبىرى ئىكەنلىكى ، رايۇنىمىزدا مۇشۇنداق بىر تور بىكەتنىڭ بولغانلىقىدىن سۈيۈندۈم. لېكىن بايقاشتا جاپا چىكىپ ماتېرىيال يوللاپ مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆزىنى تەقدىم قىلىدىغانلارنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسىم كىشىلەر ئىكەنلىكىنى، كۆپ قىسىم تورداشلىرىمىزنىڭ «بەرسەڭ يەيمەن، بەرمىسەڭ ئۆلىمەن» دەپ، ئاددىسى باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىش تۇيغۇسى كەمچىل ئىكەنلىكىنى، ھەقسىز ئىشلىتىشكە تەمىنلەنسە رەھمەت دىيىشكىمۇ يارىمايدىغان بىر قسىم كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدىم. شۇ بىر قىسىم كىشىلەر ئۈچۈن بۇ شىېئرنى سۇندۇم. ئويلىنىپ باققايسىلەر!
نەپ بىرەيلى ئەلگىمۇ

كۆچەت تىكسە بەزىلەر سايىداشنى بىلىمىز ، ئۇندا يايراپ كۈڭۇللەر خۇشال بولۇپ كۇلىمىز، كۆكلەپ كەتسە شۇ كۆچەت ئىچى تارلىق قىلىمىز، پۇتلاپ ئاشۇ كۈچەتنى پەسلى خازان قىلىمىز.
يول باشلىسا ئالدىدا تەخسىكەش دەپ بىلىمىز، كىيىن قالسا ھۇرۇن دەپ مازاق قىلىپ كۈلىمىز، ھىچ ئىش قىلماي ئېغىزدا شەھەر ئېلىپ يۈرىمىز، بۇنداق ئۆتسە ئۆمرىمىز گۈل مەس غازاڭ تىرىمىز.
مەي باغلىسا مىۋىلەر ئېغىز يالاپ كىتىمىز، بىر ئامال قىپ ئۈزسەم دەپ تىپىرلاپلا يۈرىمىز، مەنپەئەت چۈن ئۆزگىدىن پۇل سوراپ يالۋۇرىمىز، يىتىۋالساق نىشانغا رەھمەت دىمەي كىتىمىز.
قاشادالسا تاملىرى بويۇن سوزۇپ كىتىمىز ، كىرىش ئۈچۈن ئىچىگە ھىيلە-نەيرەڭ قىلىمىز ، بىر ئايلىنىپ شۇ باغنى مەستخۇش بولۇپ يۈرىمىز ، رۇخسەتسىزلا مىۋىنى ئوغۇرلاپمۇ كىتىمىز.
تىككەندە شۇ كۇچەتنى نەدە ئىدۇق ھەممىمىز ، ئەمدى نىمە دەپ ئىشلىمەي مېغىزىنى چاقىمىز ، نەدىن كەلدى بۇ ئىللەت زادى قانداق بالا بىز، ‹‹ئېلىپ،بەنى››بىلمىسەك ئاھانەتكە قالىمىز.
مەجنۇنتالمۇ جېنىدا تازىم قىلار ئېرىققا، چۇمۇلىلەر بىر دان ئۈچۈن پەرۋا قىلماس يېرىققا ، بىزدە ئەقىل نە كەتتى كۆندۇق تەييار تاپلىققا، تەرلەپ كىشى چاپنىدا ئىرىشەمدۇق ئاتاققا.
جاپا چەكمەي ھالاۋەت كۆرۇش شۇنچە ئاسانمۇ؟ ھېرىپ -چارچاپ باغ قىلىپ ھۇزۇرلانسا يامانمۇ؟ ئايرىلىدۇ ئاخىرى بۇغداي، تېرىق ، سامانمۇ، يامان ئىللەت يۇقۇلۇپ ئۆزگىرەرمىز قاچانمۇ؟
ئۇنۇتمايلى سۇ ئىچسەك قۇدۇق قازغان كىشىنى، تەقدىرلەيلى خوش بولسۇن قىلغان ھەر بىر ئىشىنى ، تەييارتاپلىق نۇمۇستۇر تۇتۇڭ ئىشنىڭ پېشىنى، ھالال ياشاپ مەرتلىكتە ياڭرىتايلى ناخشىنى!
 |