سىز لاياقەتلىك ئائىلە باشلىقىمۇ ؟
قەدىرلىك ئائىلە باشلىقى ئۆزىڭىزنىڭ لاياقەتلىك ئاتا - ئانا ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىپ باققۇڭىز بارمۇ ؟ ئۇنداقتا تۆۋەندىكىلەرنى ئويلىنىپ كۆرۈڭ .
1. كۆپچىلىك ئالدىدا بالىنى تەنقىدلەمسىز ؟ 2 . بالىنى ناھايىتى ئاز ماختامسىز ؟ 3 . دائىم ئۆگىنىشتە ياخشى بالىلارنى مىسال قىلىپ ئۆز بالىڭىزنى تەنقىدلەمسىز ؟ 4 . دائىم ئۆزىڭىزنىڭ كىچىك ۋاقىتلىرىدىكى كەچۈرمىشلىرىڭىز ئارقىلىق بالىڭىزغا تەربىيە قىلامسىز ؟ 5 . بالىغا دائىم قىلغانلىرىمنىڭ ھەممىسى سەن ئۈچۈن دىگەندەك گەپلەرنى قىلامسىز ؟ 6 . بالىڭىزنى تەربىيلەشتە پۈتۈنلەي مەكتەپ ۋە ئائىلە ئوقۇتقۇچىسىغا ئۈمىد باغلامسىز ؟ 7 . دائىم ئۆزىڭىزنى ئۆلچىمى بويىچە بالىڭىزغا نىشان بەلگىلەپ بېرەمسىز ؟ 8 . ماددى غىدىقلاشنى بالىنى ئىلھاملاندۇرۇشنىڭ مۇھىم ئۇسۇلى قىلامسىز ؟ 9 . بالىنىڭ گاڭگىراپ قېلىشىغا كۆڭۈل بۆلمەمسىز ؟ قىزىقمامسىز ؟ 10 . بالىڭىزنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى بىلىشكە قىزىقامسىز ؟ 11 . بالىڭىزنى رىغبەتلەندۈرۈشنى خالىمامسىز ياكى رىغبەتلەندۈرمەمسىز ؟ 12 . دائىم بالىڭىزنىڭ يېتەرسىزلىكىنى ئەيىپلەمسىز ؟ 13 . بالىڭىزنى تەربىيلەشتە ، ئەر - ئايالدا پىكىر بىردەكلىكى بولمامدۇ ؟ 14 . سىز دائىم بالىڭىزنىڭ ئالدىدا جىدەللىشەمسىز ؟ 15 . ئېنىق بولغان تۇرمۇش نىشانىڭىز بارمۇ -يوق ؟ 16 . سىزنىڭ كەيپىياتىڭىز بالىڭىزنىڭ نەتىجىسى بىلەن ماس قەدەمدە ماڭامدۇ ؟ 17 . بالىڭىزنىڭ ماددى ئېھتىياجى قاندۇرۇلغاچقا بالا چوقۇم تىرىشىپ ئۆگىنىشى لازىم دەپ قارامسىز ؟ 18 . بالىڭىزنى دېگەن قائىدىلىرىمنى چۈشەندى ، لېكىن قەستەن ئۇنداق قىلمايۋاتىدۇ دەپ قارامسىز ؟ 19 . ئۆز ھەركىتىڭىزنى بالىڭىزغا تەسىر قىلمايدۇ دەپ قارامسىز ؟ 20 . بالىڭىزنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى ئۆزىڭىزنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسى بىلەن مۇقەررەر مۇناسىۋەتلىكمۇ ؟ 21. بالا ئۈچۈن قىلغان بارلىق ئىشلارنى بالىڭىزغا بولغان كۆيۈنۈش دەپ ھېساپلامسىز ؟ 22. ھەر خىل تېز يېتىشتۈرۈش سىنىپلىرىغا ئىشىنەمسىز ؟ 23. بالىڭىزنىڭ ئۆگىنىشىنى چوقۇم بىر ئادەم نازارەت قىلىپ تۇرغاندىلا خاتىرجەم بولغىلى بولىدۇ دەپ قارامسىز ؟ 24 . بالىڭىزغا سەمىمى بولۇش توغرىسىدا تەربىيە بېرىپ تۇرۇپ ، ئۆزىڭىز باشقىلارغا يالغان سۆزلەمسىز ؟ 25 . بالىڭىزنى ماختىغاندا ھەمىشە بالا مەغرۇرلىنىپ قالىدۇ ، دەپ قارامسىز ؟ 26 . بالىڭىزنى ئويۇندىن چەكلەپ تۇرۇپ ، ئۆزىڭىز دائىم سىرتلارغا چىقىپ كېتەمسىز ؟ 27 . بالا گەپ ئاڭلىمىغاندا ، دائىم بالىڭىزنى ئۇرۇپ تىللامسىز ؟ 28 . دائىم بالىڭىزنىڭ ئالدىدا باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكىنى سۆزلەمسىز ؟ 29 . بالىڭىزنىڭ كەمچىلىكلىرىنى چوقۇم تەنقىد قىلغاندىلا ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ دەپقارامسىز ؟ 30 . دائىم « سەن نىمەدىگەن دۆت » دىگەندەك گەپلەرنى كۆپ قىلامسىز ؟ 31. دائىم ئاچچىقلانغاندا بالىڭىزنى ئەيىپلەپ ، سەن ھېچ نىمە ئەمەس دىگەن گەپنى قىلامسىز ؟ 32 . سىزنىڭچە ئۆگىنىش ئازاپلىق ئىشمۇ ؟ 33. دائىم « سەن ياخشى تىرىشساڭلا ھەر قانداق شەرتىڭگە قوشىلىمەن» دەمسىز ؟ 34 . بالىڭىزنىڭ ئۆگىنىشىنىڭ ياخشى - يامان بولۇشى ، ئۇنىڭ ئەقىللىق دەرىجىسىگە باغلىق ، دەپ قارامسىز ؟ 35 . بالىڭىزنىڭ كەلگۈسىدىكى تەغدىرىنى ئۇ ئۆزى يارىتىدۇ . دەپ قارامسىز ؟ 36 . ئادەم تەبىئەتنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ دەپ قارامسىز ؟ 37 . ياش قورامىغا يەتكەن ئادەملەر ئۆزگەرمەيدۇ ، دەپ قارامسىز ؟ 38 . بالا كۆرەڭلىگەن ھالدا بىر ئىشنى ئېيتقاندا ، بالىڭىزغا مەغرۇرلىنىپ كەتمەسلىكنى ئۆگىتەمسىز ؟ 39 . قىلىشقا تىگىشلىك بارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلدىم ، ياخشى - يامان بولۇشى پۇتۇنلەي بالىدا قالدى ، دەپ قارامسىز ؟ 40 . بالىڭىزنى ئۆگىنىشتە ئازراقمۇ جىددىيلەشمەيۋاتىدۇ ، ئەمما ئۆزۈم جىددىيلىشىپ پايپىتەك بولۇپ كېتىۋاتىمەن ، دەپ قارامسىز ؟
ئىنكاسقا مۇئەييەنلەشتۇرگەن جاۋابىڭىزنى يېزىڭ ئاندىن نەتىجىسىنى كۆرەلەيسىز .
سەيياھ ئەگەر بۇ تېمىدىكى يوشۇرۇن مەزمۇننى كۆرمەكچى بولسىڭىز، ئىنكاس يېزىڭ مەنبە : ئائىلە باشلىقلىرى قوللانمىسى
|