ئۇ ھەقىقەتەن‹‹ ئاناتىل ››بويىچە تەربىلەش ئىكەن ئەمەسمۇ!
يېڭى خىزمەتكە چۇشكەن ۋاقىتلىرىمنى ئويلىسام يۈرۈگۇم ئازاپتىن مۇجلىدۇ.ئۇ بىر يىزا باشلانغۇچ مەكتەپ بولۇپ مەكتەپ قوروسى شۇنچىلىك ئاددى ئىدى.توپىلۇق تەنتەربىيە مەيدانى،ئىسلىنىپ كەتكەن كونا ئۆيدەك ئاددى سىنىپ ،بىر نەچچىلا يېزىق ئۈستىلى قۇيۇلغان ئاددى ئىشىخانا،بارماق بىلەن سانىۋالغۇدەكلا ئۇقۇتقۇچى بۇلۇپ بۇ مەكتەپنىڭ ئاساسى ئەھۋالى ئىدى. ھازىرلا سۇنۇپ كىتىدىغاندەك كونا ئوروندۇقلار،غىچىرلاپ يېپىلمايدىغان ئىشىك،چېقىلغان دېرىزىلەردىن كىردىغان ئاچچىق سوغۇق،سىنىپ سۇنچىلىك سۇغۇق ئىدى،بىراق ئۇيەردىن ئىللىق بىر ھارارەت تارايتتى،ئۇ بولسىمۇ بىلىمگە تەشنا ئۇماق بالىلار ئىدى.ئۆز كەسپىمگە بولغان يۇكسەك ئىشتىياقنىڭ تۇرۇتكىسىدە مەن بۇ ئاددى مەكتەپتە مۇقەددەس كەسپىمگە كىرىشىپ كەتتىم.دۆلەتنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۈلىشى مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ ئۇقۇتۇش ،تەلىم –تەربىيە شارائىتىنى ياخشىلاشقا ئەھمىيەت بىرىشى نەتىجىسىدە مېنىڭ ئەشۇ ئاددى مەكتىپىمدىمۇ ئالەمشۇمۇل ئۆزگۇرۇشلەر بارلىققا كەلدى. ھاياتىمنىڭ ئون نەچچە يىلىنى مۇشۇ تەرىقىدەئۆتكۈزۈپ كىلىۋاتاتتىم.بىر كۇنى مەكتەپ مۇدىرى ماڭا بىر ھۆججەتنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: -ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پىداگوگىكا ئونۋىرستىتىدائۇچ ئايلىق ‹‹ئاناتىل›› بۇيىچە تەربىلەش بارئىكەن.سىز ئۇقۇشنى خالامسىز دىدى. -‹‹ئاناتىل›› دەپ ۋارقىرىۋەتتىم مەن.خۇشاللىقتىن چىققان بۇ ئاۋاز ئەتراپتىكىلەرنىمۇ چۇچىتىۋەتتى. -نىمە،‹‹ئانا تىل ››ئۇقۇشى؟-دىدى بىر خىزمەتدىشىم. -ياقەي، خەنزۇتىلى ئەدەبىياتنى دەۋاتامدىكىن دەيمەن،- دىيىشتى بەزىلەر. مەكتەپ مۇدىرى قولىدىكى ھۆججەتنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ ھىچكىمنىڭ ئشەنگۈسى كەلمەيتتى. -بوپتۇ،بېرىپ كەل ئاداش،بانادا ئۈرۈمچىنى كۈرىۋالارسەن،- دىدى يەنە بىر كەسىپدىشىم مىنى مازاق قىلىپ. مەن نىمە دىيىشنى بىلەلمەي قالدىم. مەكتەپ مۇدىرىمىز قەتئىي ھالدا: -چۇقۇم بېرىڭ،بۇنداق پۇرسەت ھەممىلا ئادەمگە كىلىۋەرمەيدۇ،بارلىق خىراجەتنى دۆلەت مالىيەسىدىن چىقىردىكەن،ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋاقتىمۇ ئۇزۇن ئەمەس،سىزنىڭ ئۇقۇشىڭىزغا تازا ماس كىلىدۇ،-دىدى. مەن تەشۋىش ئەندىشە ئىچىدە مەكتەپتىن ئايرىلدىم.بۇ خەۋەرنى كىمگىلا ئېيتسام ئۇلارنىڭ ئىشەنگۇسى كەلمەيتتى.ھەتتا يولدىشىممۇ ماڭا: -ھازىر‹‹ قوش تىل››ئۇقۇتۇشى يولغا قۇيلىۋاتقان تۇرسا ،ئانا تىلدا تەربىلەش مۇمكىن ئەمەس،ئالدىنىپ قالمىغىن يەنە،-دىدى. مەن ئۆز كەسپىم ئۈچۈن ئۇلارنى تەستە قايىل قىلىپ ئۇقۇش قارارىغا كەلدىم.2012-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۇنى ماڭا ئۇقۇش چاقىرىقى كەلدى.مەن قۇلۇمدىكى قەغەزگە قاراپ دەككە-دۈككە بولۇپ قالدىم.باشقىلارنىڭ مىنى مازاق قىلغاندەك:‹‹ئانا تىلدا تەربىلىنىپ ،يازغۇچى بۇلۇپ كىلەرسىز.››دىگىنىنى ئاڭلاپ كۆڭلۇم تېخىمۇ يېرىم بولدى.بىراق بۇ مەن ئۈچۈن تېپىلغۇسىز ياخشى پۇرسەت ئىدى. مەن ئانا مەكتىپىم ۋە ئىللىق ئائىلەمدىن ئايرىلىپ ھېلىقى‹‹ئانا تىل››تەربىلەشكە كەلدىم.كۆڭلۇمدە يەنىلا ئىشەنگۇم يوق. دەككە-دۇككە ئىچىدە ھەيۋەتلىك مەكتەپ قوروسىغا كىرىپ كەلدىم.نۆۋەتچىنىڭ تۇنۇشتۇرىشى بىلەن مەن يېڭى ئۇقۇغۇچىلارنى تىزىملاش ئورنىغا كىردىم.ئۇقۇتقۇچى مىنى تىزىملاپ بولغاندىن كىيىن 800يۈەن نەق پۇل ۋە بىر سومكا بەردى.قۇلۇمدىكى مىنىڭ بىر ئايلىق تاماق پۇلۇم ۋە تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىم ئىدى.مەن كۈزۈمگە ئىشەنمەيلا قالدىم.قەلبىمدىكى تەشۋىشلەر ئاللىقاياقلارغا يوقىدى.بۇ ھەقىقەتەن ‹‹ئانا تىل››ئۇقۇتۇشى ئىدى.شۇنداقلا دۆلەت مالىيەسىدىن مەبلەغ ئاجرىتىپ،چەت ،يىراق، نامرات رايۇندىكى ئۇقۇتقۇچىلارنى ھەقسىز تەربيلەش ئىدى. سىنىپقا كىرىپ شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن نۇرغۇن كەسىپداشلار بىلەن تۇنۇشتۇم.بۇرۇن ئاددى مەكتەپتە ئۇقۇتقۇچى بولغان بولسام،ئەمدى ئىسىل سىنىپلاردا ئولتۇرۇپ ،يازغۇچى –پەيلاسوپلارنىڭ ھايات ھىكمەتلىرىنى ئاڭلايتتىم.مەن بۇ يەردە ئازات سۇلتان،ئابدىقادىر جالالىدىن،يالقۇن روزى،ۋاھىتجان ئوسمان،ئىخپال تۇرسۇن ،قۇربان ھەسەن، ئابدۇ بەسىر،نۇرشات،گۇلمىرە مۇئەللىم ۋە ماھىبەدەر مەخمۇت،رامىلە تۇرسۇن،رەھىمە ....قاتارلىق يازغۇچى-پەيلاسوپ،مائارىپچىلارنىڭ ئىسىل لىكسىيەلىرىنى ئاڭلىدىم.مەن بۇ كىشىلەرنى بۇرۇن تېلىۋۇزۇرلاردا كۆرگەن ،ھېكايىللىرىنى ئۇقۇپ ئاغزىمنى ئېچىپ قالغان ئىدىم. ئەمدى ئۇلارنىڭ ئىسىل لىكسىيەلىرىنى ئاڭلاپ ،ھاياتنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى چۇشەنگەندەك بولدۇم.يەنە تېخى مەكتەپ ئۇرۇنلاشتۇرغان كومپىيوتېر دەرسكە قاتنىشىپ ،كومپىيوتېر مەشخۇلاتىنى ئۈگۈنۈپ دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرلىيەلەيدىغان بولدۇم.ئۇقۇش ھاياتىمىز شۇنچىلىك ئەھمىيەتلىك ئۆتتى.دۆلەتلىك تەربىيلەش پىلانى بىزدەك نامرات رايۇندىكى ‹‹ئانا تىل››ئۇقۇتقۇچىللىرىنى تەربىيلەش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى.بىزنىڭ قەلبىمىز يۇرىدى.ئۈزىمىزدىكى يۇكسەك بۇرۇچ ۋە مەسئۇلىيەتنى ئېنىق تۇنۇپ يەتتۇق. ‹‹قوش تىل››ئۇقۇتۇش مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ‹‹ئانا تىل››ئۇقۇتۇشىنىڭ زۈرۇرلىگىنى ھىس قىلىپ قەلبىمىز ئىشەنچكە تولدى. بىراق يەنە بىر ئىش مىنىڭ كاللامدىن زادىلا ئۆتمىدى.سىنىپىزدىكى 37 نەپەر ئۇقۇغۇچىنىڭ پەقەت 20نەپىرىلائانا تىل ئۇقۇتقۇچىسى ئىدى.قالغانلىرى بولسا مەكتەپ مۇدىرى،تەنتەربىيە ئۇقۇتقۇچىسى،يەسلى ئۇقۇتقۇچىسى،ھەتتا ئانا تىل ساۋادىمۇ بولمىغان ئاتالمىش‹‹مىڭكوخەن››ئۇقۇتقۇچىلارمۇ بارئىدى.ئۇلارنىڭ دىيشىچە بۇ مەكتەپنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى ئىكەن.بۇ رىئاللىققا مىنىڭ ئاۋالقى تەشۋىشلىرىم قۇشۇلۇپ مىنى ئازاپلىماقتا ئىدى.دۆلەتنىڭ مالىيەسىدىن مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ‹‹ ئانا تىل››ئۇقۇتقۇچىلارنى تەربىلىشى قوش تىل مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۇندۇر. بۇ ئادەمنىڭ ئىشەنگۇسى كەلمەيدىغان ئىش ئەمەستۇ؟!ئەجىبا ئۇلار ‹‹قوش تىل››دىگەن سۆزنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى چۈشەنمەمدىغاندۇ؟ مەن يۈكسەك ئىشەنچ بىلەن شۇنداق دىيەلەيمەنكى‹‹شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋرىستىتىدا ئېچىلغان بۇ ئۇچ ئايلىق تەربىيلەش ھەقىقەتەن‹‹ئانا تىل›› تەربىيلەش.بۇ قىل سىغمايدىغان ھەقىقەت. مەن مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۆلەتلىك تەربىيلەش پىلانىغا، ‹‹ئانا تىل ››ئۇقۇتۇشى ئۇچۈن باغرىنى كەڭ ئاچقان شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋىرستىتىغا چىن كۆڭلۈمدىن رەخمەت ئىيتىمەن.ۋە ھەممەيلەنگە بۇنىڭ ھەقىقەتەن‹‹ئانا تىل›› تەربىيلەش ئىكەنلىنى ئۇقتۇرۇپ قويسام دەيمەن.
ئانا تىل مۇھەببىتى
مەرىپەت ئىشقىدا يانغان يۈرەكلەر، يىغلدۇق ئۆز-ئارا سىفەن داشۆگە. ئانا تىل خاسلىقى ئۇلۇغلىقى ئۈچۈن، ياڭراتتۇق دىللاردى تۈمەن مەدھىيە.
تەشۋىشتە گاڭگىراپ مۇزلىغان يۈرەك، تەپتىڭدە ئىرىدى گوياكى شامدەك. كۆز ئالدىم يۇرىدى،يۈرۈگۈممۇ ھەم، قايتىدىن تۇغۇلغان سەبىي بۇۋاقتەك.
قەلبىمدە ئۇرغۇدى ئىشەنىچ-جاسارەت، يوق ئەمدى ئۆكىنىش ،پۇشايمان پەقەت. ئانا تىل كۇيچىسى،بۇلبۇلى بۇلۇش، مەن ئۈچۈن،بىز ئۈچۈن ئەڭ ئالى شەرەپ.
كۇيلەيمەن ئانا تىل قانغىچە سىنى، سۆزلەيمەن ھارغىچە تەرپلىرىڭنى. خاسلىقىڭ،ئۆزلىكىڭ،كەلگۈسىڭ ئۈچۈن، قوندۇرماي ئۈستۈڭگە چاڭ-تۇزانلارنى.
مانا بۇ مىنىڭ ئۇقۇشتىن كىيىنكى تەسىراتىم ۋە كەلگۈسى نىشانىم!
|