بىز بىر ئۇقۇتقۇچى
ئۇقۇتقۇچىلىق شەرەپلىك ھەم جاپالىق خىزمەت.ئۇقۇتقۇچى-مىللەتنىڭ مەنىۋى تۈۋرۇكى،ئىنسان روھىنىڭ ئىنژىنىرى. ئۇقۇتقۇچى-قاراڭغۇ دىلنى يۇرۇتقۇچى مەشئەل،سەبىيلەر قەلبىنىڭ پەرۋىشكارى.ئۇ ئۆمۇر بويى بور-تۇزان ئىچىدە خۇددى ھەل-ھەرىسىگە ئوخشاش ئۈن-تۈنسىز تۆھپە قۇشىدۇ.ئاقارغان چاچلار بۇنىڭ شاھىدى،يۇزلىرىدىكى سانسىز قورۇقلار ئۇنىڭ يالدامىسى،ئەجرىدىن ئېچىلغان خۇشپۇراق گۇللەر ئۇنىڭ بايلىقىدۇر.
بىز بىر ئۇقۇتقۇچى.ئۆمرىمىز بور-تۇزان ئىچىدە ئاددى ئۆتسىمۇ،بىراق ئۇ ئاددىيلىققا ‹‹ئاقارتىشتىن ››ئىبارەت يۈكسەكلىك مۇجەسسەملەنگەن.مەمتىلى تەۋپىق ئەپەندىنىڭ بارلىقىنى مائارىپقا بېغىشلاشتەك ئىسىل روھى بىزگە مەنىۋى تۇۋرۇك بۇلۇپ قالغان.شۇڭا بىز بېسىم قىيىنچىلىقلارغا تىز پۇكمەيمىز.ھېرىپ چارچاشتىن قورمايمىز.بالىلار ئۈچۈن ئىللىق باغرىمىزنى كەڭ ئېچىپ،ئۇلارنى ئىللىق ھارارىتىمىز ئىلىم -پەن شەربەتلىرى ئارقىلىق سۇغۇرىمىز.كىتاب ئارقىلىق ئادەم تەربىلەشتەك مۇقەددەس بۇرچىمىزنى ئۈن-تۇنسىز ئادا قىلىمىز.چۇنكى بىز ئۇقۇتقۇچى.ئىرادىمىز پولاتتەك چىڭ ھەرقانداق جاپالىق شارائىت ۋە قىيىنچىلىق بىزنىڭ ئىرادىمىزنى تەۋرىتەلمەيدۇ.چۇنكى تەۋپىق روھى بىزگە ھەمراھ،ئۇ قەلبىمىزدە مەڭگۈ نۇر چاچىدۇ.
بىز بىر ئۇقۇتقۇچى.پەرزەنىت ئىشقىدا ئوت بولۇپ يانىمىز.مەيلى مەكتەپ ئائىلە،ھەتتا ئېغىر ئاغرىپ قالغاندىمۇ يەنە شۇ بالىلارنى ئويلايمىز.يۈكسەك بۇرۇچ ۋە مەسئۇلىيەت بىزنى ئورنىمىزدىن دەس تۇرۇشقا،ئەشۇ ئاددى مەكتەپكە مۇقەددەس كەسپىمىزگە چاقىرىدۇ.چۇنكى بىز ئۇقۇتقۇچى.بىزنىڭ قىممىتىمىز ئەشۇ يەردە،بىزنىڭ بەختىمىز ۋە خۇشاللىقىمىز ئەشۇ ئاددى مۇنبەردە!
بىز بىر ئۇقۇتقۇچى.ئۈمۈر بويى شامدەك يالقۇنجاپ مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن كۆيۈپ تۈگەيمىز.بىزنىڭ بايلىقىمىز ئەشۇ بالىلار،بىزنىڭ خۇشاللىقىمىز يەنىلا شۇ بالىلار.بىزنىڭ ئۆمرىمىز خۇشاللىق ۋە ئىزتىراپ ئىچىدە ئىزدىنىپ ئۆتىدۇ.يۈرىكىمىز بالىلار ئۈچۈن سۇقىدۇ.ئۆز باللىرىمىزدىمۇ يەنە شۇ باللىرىمىزنى ياخشى كۆرىمىز،ئۇلاردىن ئەنسىرەپلا يۈرىمىز.خۇددى ئانىلارغا ئوخشاش ئۇلارنىڭ ھەربىر قىلىقلىرىدىن شاتلىنىپ كۈلىمىز،ئەگەر ئۇلارغا ئۈششۈك تەگسە ئۇلارغا قالقان بولۇشقا رازى بولىمىز. چۇنكى،بالىلار مائارىپنىڭ بايلىقى،ئەشۇ بالىلار بولغاچقىلا بىز ئۇقۇتقۇچى دىگەن شەرەپلىك نامغا ئىرىشتۇق ،ئۈزىمىزنىڭ روھى قىممىتىمىزنى تونىيالىدۇق ئەمەسمۇ!
بىز بىر ئۇقۇتقۇچى،شۇنداقلا ئۈمۈر بويى ئۈگەنگۈچىمىز.ئاغزىمىزدىن ،مەكتەپ قولىمىزدىن كىتاپ چۈشمەيدۇ.بالىلىقتىن تارتىپ تاكى ياشانغىچەمەكتەپكە بېرىپ ھارمايمىز.بىلىم دەرياسىغا شۇڭغۇپ،غەۋغاستەك ئۈزىمىز.دولقۇنلارنى يېرىپ ئالغا ئىلگىرلەيمىز.خۇددى ئانا قۇشتەك بالىلارنى قاناتلىرىمىز ئاستىغا ئېلىپ ئۇلارنى ئىللىق ھارارىتىمىز بىلەن ئاغزىغا دان سېلىپ ئۇچۇرما قىلىمىز.ئۇلار قانچە ئگىز ئۈچسا،بىز شۇنچە پەخىرلىنىمىزچۇنكى،بىز ئۇلار ئارقىلىق ئۈزىمىزنىڭ قەدىر قىممىتىنى يۇرتىمىز.ۋەتەن ،مىللەت ئۈچۈن پارلاق مەنزىلگە قاراپ ئات سالىمىز.بىز شۇنداق ئاددى ئىنسانكى ،قىلغان ئەجرىمىزگە مىننەت قىلمايمىز،نام-ئەمەلگە قىزىقمايمىز.كەيىپ-ساپا،ئەيىش-ئىشرەتكە بىرىلمەيمىز.چۇنكى بىزنىڭ ۋۇجۇدىمىزغا ئاددى-ساددىلىق ،شەخسىيەتسىز ئۆزىنى بېغىشلاش روھى سڭىپ كەتكەن.
بىزنىڭ قەلبىمىزدە لاۋۇلداپ يېنىۋاتقىنى مائارىپ ئوتى ،ئۆز كەسپمىزگە بولغان گۇلخان .بۇ ئوت مەڭگۈ ئۆچۈپ قالمايدۇ. چۇنكى بىز بۇ شەرەپلىك جاپالىق كەسپىمىزنى سۆيىمىز. ئەگەر سىز بىر ئۇقۇتقۇچى بولسىڭىز يۇقارقى بايانلارنى ئۇقۇش بىلەن بىرگە ئۇقۇتقۇچىلار مارشىنى ئوقۇپ يۈرەك رىتىمىڭىزنى تىڭشاپ بېقىڭ.يۈرىكىڭىز تىپىچەكلەپ سۇقۇپ ھاياجانلانسىڭىز،ئۆزىڭىزنىڭ ئۇقۇتقۇچى بولغىنىڭىزدىن پەخىرلىنىپ ،بۇ كەسىپتىن مەڭگۈ ۋاز كەچمەس بولىسىز!...
ئۇقۇتقۇچىلار مارشى
شان-شەرەپلىك ئۇقۇتقۇچى بىز، ئاتلاندۇق مەنزىلگە يول يىراق. ئەل ئۈچۈن،ئەۋلاتلار بەختى ئۈچۈن، كۆيىمىز بولۇپ گويا شام چىراق. شان -شەرەپلىك ئۇقۇتقۇچى بىز، ئىلىم پەن يولىدا جان پىدا. ئەي ئانا ۋەتىنىم سەن ئۈچۈن، قىلىمىز بۇرچىمىزنى ئادا!.....
|