مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 1851 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • زەپەر تۈنۈگۈن 23:27 [ئىنكاس(0)] [...]

    بۇ ماۋسۇممۇ باشلىناي دەپ قالدى . شۇڭا ئۇقۇتقۇچىلار ئۈچۈن دەرىس تەييارلىقى بولسا يوللاپ ئۇلارغا مەدەت بى...

  • بەختىيار(بايقاش تۈنۈگۈن 10:41 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئايەم بۈگۈن،قۇتلۇق روزا ھېيىت!ھەممىڭلارغا بەخىت تىلەيمەن...

  • دىلرۇس ئۈلۈشكۈن 01:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاشتىكى بارلىق ئەزىزلەرنىڭ ئايىمىگە مۇبارەك!

  • pari 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    توپقا قوشۇلالمايۋاتىمەنغۇ؟؟؟

  • abdihnijan 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالاممۇئەلەيكۇم باشقۇرغۇچى ئۇستازلار ياخىشمۇ سسللەر؟ئايەملەرگە مۇبارەك بولسۇن.مەن يىللارغا خىتا....

  • دىلداش 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىسنىڭ ئاچچىقىنى مورا بىلىدۇ ھەسەلنىڭ تاتلىقىنى ھەرە

  • دىلداش 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنساندىكى ھۆسىن ۋە لاتاپەت ھايا بىلەن ئىپپەتتۇر،ھاياسىز يۈز جانسىز جەسسەتكە ئوخشايدۇ.

كۆرۈش: 153|ئىنكاس: 4

ئەچكۈ جان قايغۇسىدا،قاسساپ ياغ قايغۇسىدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

3

تېما

2

دوست

149

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

قىزغىنلىق
28 سەر
تىللا
22 دانە
تۆھپە
25 سەر
شۆھرەت
30 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-27 14:16:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن  خۇتەن ۋىلايىتى كېريە ناھىيىسىدىكى بىر جاپاكەش ،نامرات ئوقۇتقۇچى. لېكىن روھىم كاتتا باي. شۇڭلاشقا ھازىر ئېيتماقچى بولغان دەردىمنى  ئىچىمدىلا بىلىپ ئاچچىق يۇتۇپ يۈرگىلى  بىر نەچچە يىل بولدى..بۇ دەرت بەلكىم پۈتكۈل ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بېشىدا بۇلىشى مۈمكىن ھەم دەردىنى ئىچىگە يۈتۈپ  يۈرگەن ،قايناپ تاشالماي  ئاران  چىداپ تۇرغان بۇلىشى مۈمكىن.
شۇڭا مۇنبەر ئەھلى بۇ دەردىمىزگە دەرمان بۇلىشىپ بەرسەڭلار، مەن گەپنى مېغىزلىق ،قىسقا قىلاي،كۆپ ۋاختىڭلارنى ئېلىپ زىرىكتۈرۈپ قويغۇم يوق.
     2009-يىلى ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسى ناھىيە بويىچە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەكتەپ پورمىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش  توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ،،ئوقۇتقۇچىلارغا بىر يۈرۈش  قارا كۆك كاستۇم -بۇرولكا،ئىككىدىن ئاق كۆينەك  زاكاس قىلغان.بۇ كىيىمنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئۆلچەملىك زاۋۇتلاردا تىكىلىدىغانلىغىنى ئېيتقان. پورمىلار ئوقۇتقۇچىلارغا تارقىتىپ بېرىلگەندە ئىشنىڭ قىزىقى بولدى ،بۇ كىيىملەر تىكىلىشى ئۆلچەمسىز،رەختى سۈپەتسىز ئىدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇكىيىمنىڭ باھاسىنىڭ قىممەتلىگىچۇ تېخى. 800 يۇەن. بۇ ناھىيىمىزنىڭ بىرەر يېزىسىدا ياكى مەلۇم بىر بۇلۇڭ-پۇشقاقتا نائۇستا تىككۈچى تەرىپىدىن ۋەزىپىگە تىكىلگەندەك قىلاتتى.ھەممەيلەننىڭ قۇساق كۈپىگى يەتكۈچە بولسىمۇ ،بىرنەچچەيلەننىڭ غۇدۇراپ دوق قىلىشلىرى بىلەنلا توختاپ قالدى.كۆپىنچىمىز بۇ كىيىمنى كىيمەي ،كونا پورمىمىزنى كىيىپ يۈردۇق.چۈنكى بۇ بىرىنچى قېتىملىق پورما  ئەمەستى ،ئەلبەتتە.
  بۇ ئىشنىڭ پايدىسى كۆپ بولسا كېرەك،بىر قىسىم نائىنساپلار بۇنىڭغا كۆنۈپ قالدى بولغاي ،شۇنىڭدىن باشلاپ پورما دولقۇنى كۈتۈرۈلدى.بىر نەچچە ئاي ئۆتمەيلا مەكتەپ رەھبەرلىگى يەنە پورما ئەكەلدۈرىدىغانلىقىنى ،باھانىڭ يېرىمىنى مەكتەپ كۈتىرىدىغانلىغىنى ئېيتىپلا ئىش باشلىدى.پورمىمۇ كەلدى.ئالدىنقى قېتىملىغى بىلەن ئوخشاش سۈپەتسىز،باھاسى 600 يۈەن.مەكتەپ 200 يۈەننى چىقارغان بولدى،يەنە بىزنىڭ غېرىپ مائاشىمىز بىلەنلا بۇ ئىشمۇ تۈگىدى.2010-يىلغا كەلگەندە بۇئىش يەنە باش كۈتۈرۈپ چىقتى .يەنە ئوخشاش تەكرارلاندى. شۇنىڭدىن باشلاپ ھەر مەۋسۇمدا يېڭى پورما كىلىپ تۇردى،مائاشىمىز ئوخشاشلا تۇتۇلۇپ تۇردى.2011-يىلى،2012-يىلىمۇ ئوخشاش تەكرارلاندى.2012-يىلدىكى پورمىمىزنى شاڭگاڭنىڭ داڭلىق شىركىتى ‹‹خۇڭدۇ ››گۇرۇھىنىڭ مەخسۇس بۇيرۇتمىسى ئىكەنلىكى،باھانىڭ 3 دىن بىرى مەكتەپ تەرىپىدىن كۈتۈرىلىدىغانلىقى ئېيتىلىپ پورمىمۇ كەلدى.خۇڭدۇ گۇروھى ماركا يىتۈشتۈرەلمىگەن ئوخشايدۇ بۇ كىيىملەرنىڭ ماركىلىرى بىر بىرىگە ئوخشىمايدۇ،يەنە بەك ئالدىراشمۇ قانداق بۇ ماركىلار پەقەت جايىغا چاپلانمىغان،بىرى مايماق ،بىرى سەيناق.بىرى قىيپاچ،بىرى تەتۈر،بىرى ئوڭ،بىرى دۈم...
باھاسىدا  بەكتەپ كۈتىرىدىغان قىسمىدا مەكتەپنىڭ قىيىنچىلىغىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۆزىمىز تۈلىدۇق.بىزنىڭ قىيىنچىلىغىمىز ‹‹بولمىغاندىكىن››،چۈنكى بىز مائاشىمىزنى خەجلەيدىغان يەر تاپالماي قالغان،پۇللىرىمىز يانچۇقلاردا سېسىپ كەتكەن .ئىدى.
ئ2013-يىلى كىرىۋىدى مارىپ ئىدارىسى قىزىپ كەتتى .يەنە پورما ،بۇ قېتىمقىسى ئالدىنقىلارغا  ئوخشىمايتتى،بۇقېتىم ناھىيىمىزدا تولا توپا ياغقاچقا پاكىزە كىيەلمەيدىكەن دەپ بىزگە كۈڭۈل بۈلۈپ ئىككى يۈرۈش پورما كەلتۈرىدىكەن.باھاسى  1600 (بىرمىڭ ئالتە يۈز) يۈەن ئىكەن بۇنى تېخى بۈگۈن ئۇقتۇردى،ھېچكىم غىڭ قىلالمىدى.چۈنكى ئوقۇتقۇچى دىگەن بەك بەتخەج بۇلۇپ تاپقان پۇلۇمىزنىڭ ھەممىسىگە پورما ئېلىپ كىيىۋالىمىز،  خۇددى سارجى چاپان ،بۈدۈر چاچ،ئۈچ كۈن بولدى قۇساق ئاچ دىگەندەك.
بىزغۇ مەيلى بوپتۇ خەجلەپ بۇلالمىغىدەك 2000(ئىككى مىڭ) يۈئەن مائاشىمىز بولغاندىكىن.لېكىن ئوقۇغۇچىلىرىمىزمۇ بۇ قىسمەتتىن خالى قالمىدى.ئۇلارمۇ ‹‹بېيىپ›› كەتتى.يازلىق پورمىسى قىزىل،كۆك،قارا،ئاق تۆت يۈرۈش قىشلىقى تۈت يۈرۈش ،يەنە تېىخى يېڭى رەڭلىكلىرى يولدا كىلىۋاتقانمىش!
مۇنبەر ئەھلى ،مۇناسىۋەتلىك رەھبىرى يولداشلار!!! ھالىمىز خاراپ بولدى،ئالۋاڭ ھاشار كۆپلىگىدىن. بوينىمىز قىسماق بولدى كۈن ئالماقنىڭ تەس لىگىدىن. يەنە بۇنىڭغا  قۇشۇلۇپ ھەر ئايدا بىزدىن يامانلاپ يېنىمىزغا كەلگىلى ئۇنىمايۋاتقان %30  مائاشىمىزمۇ بىزنى ئىگىپ خىزمەتنى ئويلىيالماس ،تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە باش كۈتۈرەلمەس قىلىپ قويدى،بۇ دەردىمىزگە دەرمان بولغايسىلەر.ئۆچكە جان قايغۇسىدا،قاسساپ ياغ قايغۇسىدا.
مەنبە: باغداش تورى. بايقاش ئوقۇتقۇچىلار كۆپ توپلاشقا مائارىپ تورى بولغانلىقى ئۈچۈن بايقاشقا قايتا يوللاندى.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

248

تېما

44

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
2553 سەر
تىللا
958 دانە
تۆھپە
2965 سەر
شۆھرەت
2222 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىجەۋھەر ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-27 14:39:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا،مۇشۇنداق ئىشلارمۇ بار ئىكەن-ھە! ئۇ نائىنسابلار مەكتەپنىڭ پۇلنى يىگىنى ئاز كېلىپ،جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئازغىنە مۇئاشىغا چاڭ ساپتۇ...بۇ قىلمىشلارنىڭىمۇ سورىقى بار.
بايقاشتىكى بارچە دوستلارنىڭ قۇتلۇق روزا ھېيتىنى قىزغىن مۇبارەكلەيمەن!!!

624

تېما

132

دوست

12 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

adminنامىنى بايقاشقا ئۆزگەرتتى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
9074 سەر
تىللا
93739 دانە
تۆھپە
5697 سەر
شۆھرەت
6181 سەر

ئاتامانمۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-27 15:45:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەسىلە ھەقىقەتەن مەۋجۇت، ھازىرغىچە نەچچە يۈرۈش قىممەت باھالىق مەكتەپ فورمىلىرى كەلتۈرۈلدى. لېكىن ھەممىسى ئىشىكىدىن توقۇمى يۇغان، تىكىلىش ۋە رەخت سۈپىتىگە قاراپلا باھا بىرەلەيسىز. ئاخىرى بولماي ئۆزىمىز باشقتىن سېتىۋېلىپ مەكتەپ فورمىسى قىلىپ كىيىۋاتىمىز.
ماتىرىيال يوللىغاندا بايقاش تامغىسىنى بېسىشقا، بەيدۇ تور دېسكىسىغا يوللاشقا ئەھمىيەت بىرەيلى!

24

تېما

10

دوست

6226

جۇغلانما

ئاق سۈڭەك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
936 سەر
تىللا
457 دانە
تۆھپە
2203 سەر
شۆھرەت
965 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-28 23:26:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەسىلە ھەقىقەتەن مەۋجۇت،بىزنىڭ ناھيەدىكى مەلۇم يىزدىمۇ مۇشۇنداق ئىشلار بولغان،ئەكەلدۇرگەن كىيىملىرىنىڭ بەزسى چوڭ،بەزىللىرى كىچىك،رەختىنغۇ دىمەيلا قۇياي،قاچانمۇ تۇگەر مۇشۇنداق سېلىقلار.

22

تېما

14

دوست

1303

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
250 سەر
تىللا
141 دانە
تۆھپە
235 سەر
شۆھرەت
305 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-19 23:19:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا !جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشى باشقىلارنىڭ  چۆنتىكىنى توملايدىغان بايلىق كانىغا ئايلىنىپ قالغان ئوخشىمامدۇ؟‹‹مەكتەپ فورمىسى ››دىگەن چىرايلىق نام ئۇلارنىڭ رەزىل مەخسىتىنى  يوشۇرۇشتىكى ۋاستىسى بوپتۇ.....بىزغۇ مەيلى بوپتۇ خەجلەپ بۇلالمىغىدەك 2000(ئىككى مىڭ) يۈئەن مائاشىمىز بولغاندىكىن.لېكىن ئوقۇغۇچىلىرىمىزمۇ بۇ قىسمەتتىن خالى قالمىدى.ئۇلارمۇ ‹‹بېيىپ›› كەتتى.يازلىق پورمىسى قىزىل،كۆك،قارا،ئاق تۆت يۈرۈش قىشلىقى تۈت يۈرۈش ،يەنە تېىخى يېڭى رەڭلىكلىرى يولدا كىلىۋاتقانمىش!
..............................
گۈل پۇرىقى بىلەن، ئادەم پەزىلىتى بىلەن قەدىرلىنىدۇ!
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-8-9 06:56, Processed in 0.480808 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش