| خۇتەن ۋىلايىتىنىڭ مەلۇم ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسى 2010- يىلدىن باشلاپ ئاتالمىش <<ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش>>باھانىسىدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەر ئايلىق ئىش ھەققىدىن 30 % ئىش ھەققىنى تۇتۇپ قالغان.ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن 2500 كوي مائاش ئالىدىغان ئوقۇتقۇچى 600 كوي پۇلىنى كەم ئالغان .بۇ پۇللار ھەر ئوقۇش مەۋسۇمى ئاخىرلىشىپ خىزمەت نەتىجىسىگە نۇمۇر قۇيۇلۇپ. جازا -مۇكاپات شەكلى بىلەن تارقىتىلغان. بۇپۇللار نى تارقىتىشتا مائارىپ ئىدارە رەھبەرلىگى مەكتەپ رەھبەرلىگىنىڭ لايىھەسىنى تەستىقلىغاندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بۇلىدۇ.بۇ پۇللارنى مەۋسۇمدا بىر خۇلاسە قىلىدۇ.پەزى ۋاقىتلاردا ۇبۇ پۇللارنىڭ تارقىتىلىشى نەچچە ئاي كەينىگە سۈرۈلۈپ كەتكەن. ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشى تۈۋەن، بازار باھاسى ھەددىدىن يۇقىرى ،قىيىنچىلىق ئېغىر بولغاچقا ،بۇ پۇللارنى تۇتماسلىق توغرىسىدا تۈۋەندە ئىنكاسلار كۆپ بولسىمۇ لېكىن ئىدارە رەھبەرلىگى تۈۋۈننىڭ ئاھۇ-زارىغا قۇلاق سالمىدى. غۇجامنىڭ قۇسىغى توق.قۇلى بىلەن كارى يوق بۇلۇپ قالدى. سىتاستىكىلاپ باقساق ھەممە ئايان بولىدۇ.مەن 2500 كوي مائاش ئالدىم ،بۇنىڭدىن 700-600 كوينى 30% گە تۇتتى . قۇلۇمدا 1800 كوي قالدى. گۆش كىلوسى 60 كوي. بالا ئوقۇتىمەن. ۋە باشقا چىقىملار...... ھەپتىدە مائاشنىڭ يىلى چىقىپ كەتتى. يەنە بۇيۇن قىسىپ باشقىلاردىن پۇل سورايمەن.تۇتۇۋالغان پۇلۇمنى بەرگەن بولسا ئازراق ھاجىتىمدىن چىقسا دەپ خام خىيال قىلىمەن.مانا مۇشۇنداق دەرتلەر، سىلەرچە بۇ مۇۋاپىقمىدۇ.بۇ ئۇسۇللار بىلەن راستلا مائارىپ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ مەخسەتكە يەتكىلى بۇلۇرمۇ؟ بىزنىڭ ئۈمۈدىمىز بۇ پۇللارنى تۇتمىسا،بىزنىڭ ھەققىمىزگە چاڭ سالمىسا.بىزمۇ ئەۋلاتلار ئۈچۈن تىنىمسىز كۈيىۋاتىمىزغۇ!!! باغداش تورىدىن كۈچۈرۈلدى. |
|