مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2062 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • خانىدان تۈنۈگۈن 14:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • دىلكەش ئۈلۈشكۈن 09:24 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا موبارەك بولسۇن~

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشى بولماق مىڭ يىلچىلىك،يامان بولماق بىر دھمچىلىك.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مقۋىلىك دەرەخنىڭ بېشى تۆۋەن،بىلىملىك ئادەمنىڭ يۇزى تۆۋەن.

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • نۇردۇن تۈنۈگۈن 11:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام،دوسلار بايرىمىڭىلارگە بۇبارەك بولسۇن!بايراملىق تىللا سوۋغا قىلمامسىلە؟

  • پۇرخۇن تۈنۈگۈن 00:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    نېمە قىلىۋاتىسىز؟ دوستلىرىڭىز بېلەن ئورتاقلىشىڭ ...جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

  • زەپەر 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىشچاندىن تەر چىقىدۇ،ھورۇنندىن ئۇھ چىقىدۇ.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    دىلىڭدا نېمە بولسا تىلىڭدا شۇ.

كۆرۈش: 72|ئىنكاس: 0

دەرەخلەرنىڭ سۆھبىتى (تۇتۇش) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

3

تېما

2

دوست

190

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

قىزغىنلىق
37 سەر
تىللا
22 دانە
تۆھپە
34 سەر
شۆھرەت
39 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-3 16:21:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       بىر باغدا ئالما، ئامۇت، نەشپۈت،شاپتۇل.... قاتارلىق خىلمۇ-خىل مېۋىلىك دەرەخلەر بار ئىكەن.بۇ دەرەخلەر شۇنچە ئۇزۇن زامانلاردىن بېرى بىر-بىرى بىلەن،مەرتىۋە،ئۇرۇن تالىشىپ،ھەم بەزىدە شۇنداق ئىجىل-ئىناق ياشىسىمۇ ،لېكىن ئۆز خاسلىقى بىلەن ،بىر -بىرىگە ھېچ بىر ئېرەنسىز ياشاپ كەلگەن ئىكەن.
        كۈنلەر ئۈتۈپ،يىللار ئۈتۈپ ،بۇ دەخلەر ئوتتۇرىسىدا بىر خىل ھەسەتخورلۇق كېسىلى تارقاپتۇ. مېۋىلەر زاپ مەي باغلاپ پىشقان بىر يىلى ئامۇت بەك كۆكلەپ كەتكەچكە ،سايىسى ئالمىغا چۈشۈپ ،ئالمىنى زادى كۈن كۆرگىلى قويماپتۇ.
       ئالمىلارنىڭ تازا ئاچچىغى كەپتۇ،لېكىن شۇنچە قاخشاپ-زارلانسىمۇ ئامۇت پىسەنتمۇ قىلىپ قويماپتۇ.ئاچچىققا چىدىمىغان ئالمىلار شېخىدىن غەزەپ بىلەن يۇلقۇنۇپ ئۆزىنى ئامۇتقا ئېتىپتۇ -يۇ بىراق پارچىلىنىپ يەرگە چۈشۈپتۇ.كۇن نۇرى ئاز تۇلا بولسىمۇ چۈشكەن يەردە تۇرۇپ  خېلىلا چوڭىغان بىر ئالما ھېلىقى ئاچچىقى يامان ئالمىلارغا :
   - ھەي ،ئەخمەقلەر نىمە قىلىۋاتىسىلەر؟ كۈن چۈشمىسە نىمە بوپتۇ.يەرگە چۈشۈپ ئېزىلىپ كەتكۈچە ،شېخىڭلاردا جىم تۇرساڭلار بولمامدۇ .بۇ دېگەن بىزنىڭ تەقدىرىمىز بۇنىڭغا ئامالىمىز يوق،-ەپتۇ.
      بۇ ئالمىلار يەنە ئۆز بىلگىنىنى قىلۋېرىپتۇ. بەزى ئالمىلار بۇلارغا ئېچىنىپتۇ ۋە ئامۇتقا ئېيتىپتۇ :
     -ئامۇت ئاكا  سەن بەك كۈچلۈك ۋە قۇدرەتلىك ئىكەنسەن،بىزنى ھىمايەڭگە ئېلىپ قوغدىغىن.
   -بۇلىدۇ،ئەمسە سىلەر  ئۇ ئالمىلارغا ئېيتىڭلار،بىزنى تۇلا ئاۋارە قلىشمىسۇن ،دەپتۇ ھەم ئۇلارغا كۈن نۇرى چۈشكىچىلىك ئارلىق ئېچىپ بېرىپتۇ.
      كۈنلەر،  يىللا ئۆتۇپتۇ. ئامۇت تېخىمۇ زورىيىپ زادى ئالمىلارغا ئازراقمۇ كۈن نۇرى چۈشۈش ئىمكانىيىتى قويماپتۇ. ئالمىلار بەك ئۇمۇتسىزلىنىپتۇ
شاخلار ئۆز-ئارا گىرەلىشىپ،بىر-بىرى بىلەن چىرمىشىشقا باشلاپتۇ. بەزى ئالمىلار ئۆزىنىڭ ئامۇت بۇلۇپ قالمىغانلىقىغا پۇشايمان قىلىشىپتۇ ۋە ئالما يارىلىپ قالغانلىقلىرىغا ئۆكۈنۈشۈپتۇ.
   ئۇلارمۇ ئامۇتقا ئوخشاپ بېقىش ئۈچۈن ئامۇتنى دوراشقا باشلاپتۇ.ئامۇت ئۇزۇنچاقراق بولغاچقا ئۇلارمۇ ئۇزۇنچاق بۇلۇش ئۈچۈن كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئىغاڭلاپ بېقىپتۇ ۋە ئاستىغا  سۇزۇلۇپتۇ. شاخلىرى گىرەلىشىپ كەتكەن يەردىكى ئالمىلار ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ،ئامۇتقا چاڭلىشىپتۇ ھەم ئۇلارغا ئوخشاشقا باشلاپتۇ.
  بۇنى كۆرگەن بەزى ئالمىلار بۇلارغا ھەۋەس قىلىشىپ ،ئۆزىنىڭمۇ تىزراق كۈچلۈك ئامۇتلار توپىغا قۇشۇلۇشى كېرەكلىكىنى ھىس قىلىشقا باشلاپتۇ.
   بۇ ئەھۋاللارنى ئۆز كۈزى بىلەن كۈرۈپ تۇرغان باغدىكى خىلمۇ-خىل مېۋىلەر مۇنازىرىگە چۈشۈپتۇ.قېرى شاپتۇل سۆز باشلاپتۇ:
  -توۋا!بۇ ئالمىلارنىڭ قىلىقىنى كۆرمەمدىغان،ھەممە مېۋە ئۆز شەكلى،ئۆز خىلى، ئۆز تەمى،ئۆز رەڭگى بىلەن يارىتىلغان تۇرسا،نىمىشكە  ئۆزى تاتلىق ،يىيىشلىك بىر مېۋە تۇرۇپ،تەمى ئانچە ياخشى بولمىغان بىر مېۋىگە ھەۋەس قىلىشقنىنى،-دەپتۇ.
    قېرى ئۈرۈكمۇ بۇ گەپكە سۆز قىستۇرۇپتۇ؛
   -بىز مۇشۇ باغدا ياشىغىلى ئۇزۇن زامانلار بولدى،بىرىمىز يەنە بىرىمىزگە ئۆزگىرىدىغان ئىشلار بوپ باقمىغان،ھەتتاكى مۇشۇ باغدا بىز بىلەن بىرگە ياشاپ كەلگەن ھايۋانلاردىن ئىت، قوي،ئۆچكە، كالا،ئىشەك ،تۇخا،توشقان،كەپتەر قۇشقاچلارغىچە ھەممىسى قانداق يارالغان بولسا،شۇ پېتىچە ئۆز تىلى،ئۆز ئادىتى،ئۆز خارەكتىرى بىلەن ئۆز خاسلىقىنى ساقلاپ ياشاپ كەلگەن، توۋا بۇ زاماندا ھەممە نىمە تەتۈرىچە بۇلىۋاتىدۇ،-دەپتۇ
     بۇ گەپ تۈگىشى بىلەن باغنىڭ ئىگىسى بىر توك ھارىسىنى كۆتىرىپ كىرىپتۇ ۋە  بۇ ئامۇت بەك چوڭۇپ كېتىپ ، باغدىكى باشقا مېۋىلىك دەرەخلەرگە سايە تاشلاپ قۇيۇپتۇ ھەم بەك ئىگىزلەپ كەتكەچكە مېۋىسىدىن پايدىلانغىلى بولمايدىكەن.›› دېگىنىچە ئامۇتنى كېسىپ تاشلاپتۇ.ئالمىنىڭ گېرەلىشىپ كەتكەن بىر نەچچە چوڭ شېخى ئامۇت بىلەن بىرگە سىنىپ يەرگە چۈشۈپتۇ. ھېلىقى چاڭلىشىپ كەتكەن ئالمىلار   ئويلىمىغان بۇ ئىشتىن ھەيران بوپتۇ ۋە قىلمىشلىرىدىن ئويۇلۇپتۇ.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 00:08, Processed in 0.172027 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش