مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2062 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • خانىدان تۈنۈگۈن 14:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • دىلكەش ئۈلۈشكۈن 09:24 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا موبارەك بولسۇن~

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشى بولماق مىڭ يىلچىلىك،يامان بولماق بىر دھمچىلىك.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مقۋىلىك دەرەخنىڭ بېشى تۆۋەن،بىلىملىك ئادەمنىڭ يۇزى تۆۋەن.

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • نۇردۇن تۈنۈگۈن 11:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام،دوسلار بايرىمىڭىلارگە بۇبارەك بولسۇن!بايراملىق تىللا سوۋغا قىلمامسىلە؟

  • پۇرخۇن تۈنۈگۈن 00:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    نېمە قىلىۋاتىسىز؟ دوستلىرىڭىز بېلەن ئورتاقلىشىڭ ...جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

  • زەپەر 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىشچاندىن تەر چىقىدۇ،ھورۇنندىن ئۇھ چىقىدۇ.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    دىلىڭدا نېمە بولسا تىلىڭدا شۇ.

كۆرۈش: 152|ئىنكاس: 8

غەيۋەتچى بازارنى قاچان تاقايسەن؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

22

تېما

15

دوست

2667

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
533 سەر
تىللا
357 دانە
تۆھپە
501 سەر
شۆھرەت
567 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-18 23:54:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەيۋەتچى بازارنى قاچان تاقايسەن؟  
ھېلىمۇ ئىسىمدە تۇرۇپتۇ.كىچىكىمدە بازارنىڭ تاقىلىشىنى تەززالىق بىلەن كۈتەتتىم.ئۇچاغلاردا ئائىلە تۇرمۇشىمىز ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى.ھازىرقى بالىلار يەيدىغان،ئوينايدىغان نەرسىلەر بىزدە نىمە ئىش قىلسۇن.لىكىن ھەر يەكشەنبە كۈنى دادام بازارغا كىتىپ بىزگە ئالما،كەمپۈتلەرنى ئالغاچ كىلەتتى.بۇ بىزگە ئادەت بۇلۇپ قالغاچقىمىكىن،يەكشەنبە بولسىلا ئۆيدە ئولتۇرالماي قالاتتۇق.ئۇكىللىرىم بىلەن دادام تېخى ئەككەلمىگەن نەرسىلەرنى بۈلۈشۈپ كىتەتتۇق.بىراق قېرىشقاندەك دادامنىڭ قارىسى كۈرۈنمەيتتى.بىز جىددىلىشىپ تاكى قاراڭغۇ چۈشكىچە ئىشىك ئالدىدا دادامنى ساقلايتتۇق.دادامنى كۆرۈپلا قۇش باللىرىدەك چۇۋۇرلىشىپ كىتەتتۇق.دادام ئەكەلگەن نەرسىلەرنى بىزگە بۈلۈپ بىرەتتى،بۇ چاغدا كىچىككىنە ئۆيىمىز ھېيىت بولغاندەك قىزىپ كىتەتتى.شۇنداق ۋاقىتلاردا دادامدىن:
-بالدۇرراق كەلسەڭ بولمامدۇ؟سىنى بەك ساقلاپ كەتتۇق ›-دەپ سۇرايتتىم.دادام كۈلۈپ تۇرۇپ:
-بازارچىكام بازارنى تاقىغاندا ئاندىن كىلدىغان گەپ بالام›-دەيتتى.
ئىچىمدە ئاشۇ بازارچىنى تەسەۋۇر قىلاتتىم،‹‹ئۇ نىمشقا بازارنى بالدۇر تاقىمايدىغاندۇ؟››دەپ ئويلايتتىم.شۇنىڭدىن كىيىن ھېلىقى بازارچىغا ئۆچ بۇلۇپ قالدىم.دادام بازاردىن كەچ قالسىلائۇكىللىرىم بىلەن ھېلىقى بازارچىدىن رەنجىيتتۇق.بۇنداق ۋاقىتلاردا دادام:‹‹بالام كىشىنىڭ يامان گىپىنى قىلسا ئېغىزغا يارا چىقىپ قالىدۇ،دەرھال تۇكۇرىۋىتىڭلار››دەيتتى.بىز ئاغزىمىزنى سىلىغىنىمىزچە‹‹تۇف،تۇف››دەيتتۇق.نەچچە كۈنگىچە ئاغزىمىزنى سىلاپ ئەندىشە ئىچىدە يۈرەتتۇق.شۇنىڭدىن باشلاپ ئاشۇنداق ئىشلارغا يۇلۇقۇپ قالسام كىچىكلىكىمدىكى ئاشۇ ئەخمەقلقىم ئىسىمگە كىلىدۇ.دادامنىڭ ئاشۇ سۆزلىرىنى سۈيۈنۈش ئىچىدە ئەسكە ئالىمەن.ۋە ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىم ھەسسىلەپ ئاشىدۇ.
    بىراق ھازىرقى كىشىلەرچۇ؟ئۇلار ئاتا-ئانا،ئۇرۇق -تۇغقانلىرىنىڭمۇ يامان گىپىنى قىلىدۇ،ھەتتائاللاھقىمۇ شەك كەلتۈرىدۇ.ئاپتۇبۇستىكى ئىككى ئايالنىڭ سۆزلىرى مىنى چوڭقۇر ئويغا سالدى.ئۇلار ئېغىزلىرىنى پۈرۈشۈپ،چىرايلىرىنى تۈرۈپ كىملەرنىڭدۇ گىپىنى قىلۋاتقان ئىدى.
-قارا ئاداش نوركا كەيسىلا يۇغان ئادەم بۇلۇپ كىتەمدۇ،ئاۋۇ نايناقنىڭ يولۋاس تىرىسىدەك بىر نەرسىنى كىيىۋىلىپ تىرىسىگە پاتماي قالغىنىنى كۆرگەنسەن؟
-مەنمۇ ئىرىمگە دەپ نوركىدىن بىرنى ئېلىپ ئۇنىڭ كۈزىدىن ئوت چىقىرۋەتمىسەم.
-شۇ ئەمەسمۇ سەن يا بەشتە كاپالەتلىك بولمىساڭ نوركا دىگەن نىمىدى ئۇ!ئۇلارنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ بەكلا كۈلگۈم كەلدى.
    ھەي بىز ئاياللار نىمە دىگەن ئەخمەق-ھە!ھەدىسىلا كىيىم -كىيىم دىگەن،ياخشى بىزنى شۇ كىيىم بىلەن يەرلىكىگە قويمايدىكەن،بولمىسا كىيىم ۋەسۋىسىدە سەرسان بۇلۇپ يۈرەرمىدۇق.شۇخىيال بىلەن بىكەتكە كىلىپ قالغانلىقىمنىمۇ سەزمەي قاپتىمەن.ئاپتۇبۇستىن چۈشۈپ ئۈيۈم تەرەپكە قاراپ ماڭدىم.گەرچە قىش ۋاقتى بولسىمۇ ھاۋا شۇنداق ياخشى ئىدى.قورۇ ئىچىدىكى تاش ئۇرۇندۇققاقىشلىق ئۇيقۇسىدىن ئۇيغانغان چۈمۇلىلەردەك بىر توپ ئەرلەر توپلىشىۋالغان ئىدى.ئۇلار كىمنىڭدۇر ماشىنىسى،قەرزى،ئائىلىسى توغرىسىدا بىر-بىرىگە گەپ بەرمەي سۆزلەۋاتاتتى.ئارىدىن بىرى:<<ئاللاھنىڭ كۆزى يوق ئىكەن،شۇنداق ھارام-تاماق گۇيلارغا بەرگەن مال دۇنيانى نىمە دەپ بىزدەك مۆھمىن بەندىللىرىگە بەرمەيدۇ؟>>دەپ ئاۋازىنىڭ بارىچە توۋلاشقا باشلىدى.بۇنى كۆرۇپ تېخمۇ ھەيران قالدىم.كىشىلەر ئاياللارنىغۇ ئەزەلدىن<<غەيۋەتنىڭ ئانىسى>>دەپ قارايدۇ.شۇڭا كونىلار:<<ئۇچ ئايال بىر بولغان ئۆيدە قازان ئېسىلمايدۇ>>دەپتىكەن.ئاڭلاشلارغا قارىغاندائاياللار ئاغزى ئىتتىكلىكى سەۋەپلىك ئۇلارنىڭ <<گۆرىنىمۇ>>چوڭقۇر كولارمىش.
    بىراق ئەرلەرچۇ؟بۇلارنى ئويلاپ نىمە قىلارىمنى بىلەلمەي قالدىم.بىزنىڭ مەرت،سېخى،قاۋۇل ،قەددى تاغدەك ئەرلىرىمىزبۇلۇڭ-پۇچقاقلاردا تۈگۈلۈپ ئاياللاردەك غەيۋەت قىلىپ يۈرسە بۇنىڭدىن نۇمۇس قىلمامدىغاندۇ؟
بىزنىڭ ئەشۇ ئەرلىرىمىز ئۈزىنىڭ باتۇرلىقى بىلەن تىللاردا داستان بولغىدەك قەھرىمانلىقلارنى كۆرسەتكەن.
ئۆزىنىڭ ھالال ئەمگىگى بىلەن چۆللەرنى بوستانلىققا ئايلاندۇرغان.ئۈزىنىڭ ئاقىل ئۇرۇنلۇق سۆزلىرى بىلەن كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە نائىل بولغان ئەمەسمىدى؟
    بىراق بايقىدەك ئەرلەرچۇ؟ئۇلارنى ئەردىيىشكە تىلىم كۈيىدۇ.
<<كونىلار ئالدىغا كەلگەننى يىيىش ھايۋاننىڭ ئىشى،ئاغزىغا كەلگەننى دىيىش ناداننىڭ ئىشى >>دەپ ناھايىتى توغرا ئېيتقان ئىكەن.<<شۇكرى قانائەت،تىرىشچانلىق بەختنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچى>>بىز ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن شۇكرى قانائەتچان،تىرىشچان، مىھرىبان مىللەت.
   بىراق ھازىرچۇ؟شەخسىيەتچىلىك كۆزىمىزنى تۇسۇپ كۈرەلمەس قىلىپ قۇيۇۋاتىدۇ.ھەممىدە ئۈزىمىزنىلا ئويلاپ باشقىلار بىلەن كارىمىز بولمايدۇ.شۇڭا ئاتا-ئانىمىز ئۆلمەي تۇرۇپلا مىراس بۇلۇشكە ئالدىرايمىز،ئالدىدا ماڭغانلارنى پۇتلايمىز،خوش-خوش دىگەنلەرنىڭ مەيدىسىگە مۇشلاپ،بېشىنى كۈتۈرەلمەس قىلىۋىتىمىز.ئۇرۇق تۇغقانلارمۇ ئۆز-ئارا مەنمەنچىلىك تالىشىپ گەپ تارقىتىپ يۈرىمىز.
غەيۋەت-ئەقىل،ئىماننى بۇلغايدۇ،ئادەمنى شەخسىيەتچى،كۈرەلمەس قىلىپ قۇيىدۇ. ئۇشەيتاننىڭ قىلقىدۇر.بىراق بىزچۇ؟ئەشۇ شەيتاننىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئويناپ،سورۇن تاللىماي غەيۋەت قىلىپ يۈرىمىز.بەزىدە دوسلىرىمنىڭ<<ئۇگەپنى دىمە دىسەم باشقىلارغا دەپ قۇيۇپتۇ>>دەپ ئاغرىننغىنىنى ئاڭلايمەن،باشقىلار ئۇقمىسۇن دىگەن ئادەم باشقىلارغا دىمەسلىك كىرەك.ئادەمنى ئۆزسىرىنىڭ شىرى ئۆلتۈرىدۇ.ئۈزىڭىزنىڭ قەلبىگە پاتمىغان سىر قانداقمۇ باشقىلارنىڭ قەلبىگە سىغسۇن؟سىز باشقىلاردىن ئاغرىنىشنىڭ ئورنىغا سىرلىرىڭىزنى قەلىپ قەپىزىڭىزگە مەھكەم سولاپ،ئېغىز ئىشىكىنى ئىتىپ تاشلاڭ!شۇندىلا باشقىلاردىنمۇ رەنجىپ يۈرمەيسىز.
     كونىلار<<پۇت يۇگۈرۈگى ئاشقا،ئېغىز يۈگۈرۈگى باشقا>>دەپ توغرا ئېتقان.بىر ئېغز گەپ تۇپەيلى،نۇرغۇن سورۇنچىلىقلارنى تارتىپ،بىر ئۈمۈر ھەسرەت-نادامەتتە ئۈتىدىغانلارمۇ ئازئەمەس-ئەلۋەتتە.مىللىتىمىز ئەزەلدىن باشقىلارنىڭ يامان گىپىنى قىلىشىنى يامان ئادەت دەپ قاراپ كەلگەن.
      بىراق ھازىرچۇ؟غەيۋەت خۇددى ۋىروستەك تەرەپ تەرەپلەردە يامراپ يۈرمەكتە.ئۇنۇڭغا نۇرغۇنلىغان ئەر-ئاياللار ئىشتىراك قىلىپ،بۇلۇڭ-پۇچقاقلارنى ئاۋات بازارغا ئايلاندۇردى.شۇڭا بىز بەك گۇمانخور بۇلۇپ كەتتۇق.<<قارىساڭ كۆزۈڭنى ئويىمەن،سۆزلىسەڭ تىلىڭنى كىسىمەن>>دەپ بىر-بىرمىزدىن گۇمانلىپ،ئۆزئارا غەيۋەت،بوپىسىنى كەيدۈرۈپ كىلىۋاتىمىز. <<گۇمان-ئىماننى قاچۇرۇپتۇ>>دىگەندەك بارا-بارا بىر-بىرمىزدىن يىراقلىشىپ.ئادىمىلىكتىن ئايرىلىپ قېلىۋاتىمىز.
      ھازىرقى دەۋرىمىز پەن-تېخنىكا،رىقابەت دەۋرى.بىز ئۆز-ئارا مەنمەنچىلىك تالىشىپ،غەيۋەتنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ يۈرگەن كۈنلەردە باشقىلار ئىلىم دۇلدۇلىغا مىنىپ سەييارىلار ئارا كىزىپ يۈرۈيدۇ.بىز قۇرۇق گەپ مەنمەنچىلىك بىلەن ئەمەس،بەلكى ئىلىم پەن ئارقىلىق ئۈزىمىزنى نامايەن قىلالايمىز.غەيۋەتكە سەرىپ قىلغان زىھنىمىزنى ئىلىم-پەنگە بېغىشلايلى!باللىرىمىزغا مەرتلىك ،ۋاپا،مىھرىبانلىقنى تەكىتلەيلى!غەيۋەت بىلەن قىسىلغا كۆزلىرىمىزنى يۇغان ئېچىپ،ئەتراپقا نەزەر سالايلى!
     مەن ھازىر چوڭ بولدۇم،بۇرۇنقىدەك ئەخمەقلەرچە بازارنىڭ تاقىلىشىنى كۈتمەيمەن.بىراق غەيۋەت قۇرۇق سۆز-تۆھمەتلەرنىڭ ئارىمىزدىن يۇقۇلىشىنى،مىللى ئەنئەنە ۋە خاسلىقىمىزنى ساقلاپ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ رىقابەت،خرىس دەۋرىدە پۇت تىرەپ تۇرۇشىنى ئۈممۇت قىلىمەن. ھەممىز دوسىت-قېرىنداش،ھەرگىزمۇ دۈشمەن ئەمەس.ئىشەنچ ئادەمنى ياشنىتىدۇ.بىز بىر-بىرىمىزگە ئىشىنىپ مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ بىرلىكتە ئالغا ئىلگىرلەيلى !گۈزەل كەلگۇسى بىزنى كۈتمەكتە....
مىنىڭ يەنە شۇنى بىلگۈم كىلىدۇ.غەيۋەتچى بازارنى زادى قاچان تاقايسەن؟.......

بۇ يازمىنى مىسرانىم تور بىكىتىدە  akida888 تەخەللۇسى بىلەن ئىلان قىلىپ تورداشلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئىرىشكەن ئىدىم.بايقاشتىكى مۇنبەردەشلار بىلەنمۇ ئورتاقلىشش مەخسىتىدە بايقاش تورىغا يوللىدىم.قىممەتلىك پىكرىڭلارنى ئايمىغايسىلەر!
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

574

تېما

30

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
7207 سەر
تىللا
2942 دانە
تۆھپە
7889 سەر
شۆھرەت
5849 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-19 00:47:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زەپەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-19 01:22  

ئىمكان بار بايقاشنىڭ خاسلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن باشقا مۇنبەردىن تىمىنى كۈچۈرۈپ يوللاشنى تۈزۈتەيلى . بايقاشنىڭ خاسلىقىنى ساقلايلى
ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

15

تېما

0

دوست

1341

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
257 سەر
تىللا
154 دانە
تۆھپە
232 سەر
شۆھرەت
243 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-19 08:41:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
         تېمىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلە ھەممە كىشى ئولىنىشقا تېگىشلىك بولغان ،ئىجتىمائى كېسەلگە ئايلانغان يامان ئىللەت ، شۇڭا ئۆزىنى غۇرۇرلۇق ئىنسان سانايدىغان ھەر-بىر كىشى بۇ خىل ئىللەتتىن خالى بولمىغى كېرەك . تېمىڭىزگە رەھمەت ، ئىپادىلەش ئۇسۇلىڭىزمۇ ئۆزگىچە بوپتۇ .

       ياخشى تېمىلەرنى يۆتكەش، چاپلاش بىر مۇنبەرنىڭ خاسلىقىغا تەسىر كۆرسەتمەستىن بەلكى ئۇنىڭ كۆرۈشچانلىقىنى ئاشۇرۇش جەھەتتىمۇ بەلگۈلۈك رول ئويناش بىلەن بىرگە باشقىلارنىڭ قىممىتى بار ماتىرياللاردىن پايدىلىنىشىغا ئىمكان بېرىدۇ . بۇ تور دۇنياسىنىڭ بىر خىل خاسلىقى ......

263

تېما

45

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
2838 سەر
تىللا
1105 دانە
تۆھپە
3233 سەر
شۆھرەت
2525 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىجەۋھەر ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-19 08:58:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پىتنە-غەيۋەت ئۇلارنىڭ كەسپى ئىشى تۇرسا،ئۇلار مۇشۇنىڭ بىلەن بۇ  جەمئىيەتتە جان باقىدۇ...
ئاقىۋەت،بۇ خىل ناچار كەسپى ئادەت ئۇلارنى ھەر ئىككى دۇنيادا خارلىققا دۇچار قىلىدۇ.ھەربىرىمىز ئىبىرەت ئېلىشمىز كېرەك،بەلكىم بەزى چاغلاردا ئۆزىمىزمۇ بىلىپ-بىلمەي بۇ پىتنە-پاساتنىڭ ئىجراچىسى،ئىشتىراكچىسى بولۇپ قىلىشمىز مۇمكىن،شۇڭا ھەربىر ئەقىل ئىگىسى ئىشنى ئۆزدىن باشلىشى،باشقىلارنىڭ گىپنى قىلغاندا،ئۇنىڭ ياخشى پەزىلەتلىرىنى تىلغا ئېلىشقا ئادەتلىنشىمىز لازىم.
كۆپىنچىمىز بەزىلەرنىڭ كەينىدىن يامان گىپىنى قىلىۋاتقىنى ئېنىق تۇرۇپ،بىز ئۇنىڭ غەيۋىتىنى قىلمىدۇق،بۇ دېگەن ئۇنىڭ سۈپىتى دەپ ھەدەپ خاجاپ ئۆز كۆڭلىمىزنى خوش ئېتىمىز.
‹‹ئۆلگەنلەرنىڭ كەينىدىمۇ بىر گەپ بار››دېگەن ناخشا مىسىرالىرى بىكارغا يېزىلىپ قالمىغان
.بۇ خىل ئىبلىس روھى ئىللەتنىڭ قەلبىمىزدە يېلتىز تارىتىپ بىخلىنىشغا يول قويماسلىقىمىز كېرەك.
ھىكمەت: ‹‹سۇ ئېچكەندە،قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇما››.           باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش...

293

تېما

106

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6765 سەر
تىللا
1727 دانە
تۆھپە
10811 سەر
شۆھرەت
5784 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-19 10:31:43يانفوندا يوللانغان|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەيۋەت شىكايەت  كىشىلەر ئوتتۇرسىدىكى دوسلۇقنى ،قېرىنداشلىق مېھرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ ئاداۋەت ئۇرۇقىنى چاچىدۇ ، ئۇ بۈگۈنگۈ كەلگەندە مىللەتنىئۇ پارچىلاشقا ،قانداشلارنى بىر بىرىگە
رەقىپ قىلىشقا ،بىر -بىرىنى مازاق قىلىشقا سورۇن ھازىرلىماقتا ،ئەخمەقلىرىمىز غەيۋەت شىكەيەتتىن ئىبارەت بۇ شەيتاننىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئوينىماقتا،     بۇ تېمىڭىز كۈنلىرىنى غەيۋەت - شىكايەت بىلەن ئۆتكۈزۈپ ئۆزىگە خوشاللىق تاپىدىغان ئاشۇ ناكەسلەرنى ئويغاتسىكەن دەيمەن  رەھمەت سىزگە ،
来自: Android客户端
ئادەم ئەتكەنگە تەزىم ئەت .

22

تېما

15

دوست

2667

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
533 سەر
تىللا
357 دانە
تۆھپە
501 سەر
شۆھرەت
567 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-19 10:44:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا مۇنبەرنىڭ خاسلىقىنى قوغداش مەممىمىزنىڭ مەجبۇرىيىتى .باشقا تور بىكەتلىرىدە ئىلان قىلىنغان ئەسەرلەر دەل شۇ كىشىنىڭ ئەسىرى بولسا بۇنداق ئەسەرلەر مەيلى قايسى مۇنبەردە بولسۇن مىنىڭچە مۇنبەربىڭ خاسلىقىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.چۈنكى بىزنىڭ ۋاقتىمىز بەك قىس ،ھەممە تور بىكەتلىرىنى زىيارەت قىلىپ بولالمايمىز،شۇڭا شاكىلىنى ئېلىپ تاشلاپ،مېغىزىنى قۇبۇل قىلىپ،باشقا تور بىكەتلىرىدىكى ئەسەرلەرنى سۇنغاننىڭ زىيىنى يوق.پەقەت پايدىلىنىش قىممىتى بولسىللا دەپ ئويلايمەن.

باھا سۆز

گۈلزار قوللايمەن .  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-25 23:46

64

تېما

16

دوست

6001

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1154 سەر
تىللا
616 دانە
تۆھپە
1051 سەر
شۆھرەت
1127 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىپوتوشوپ ئۇستىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-21 10:15:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىزلەر...

213

تېما

25

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3675 سەر
تىللا
937 دانە
تۆھپە
8477 سەر
شۆھرەت
3503 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-25 00:15:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن خۇمارىنىڭ   پىكرىنى قوللايمەن،  ئىجادىيەت  يارىتىش  ئۇنچە  ئاسان ئەمەس،  ئۆز ئىجادىيىتىنىڭ  باشقىلارنىڭ  نەزەر سېلىشىغا  ئېرىشىشتىنمۇ  ئارتۇق ھۆزۇر بولمىسا كېرەك،    بۇ  تىما  بايقاشنىڭ خسلىقىغا  ماس كىلىدۇ  دەپ  قارايمەن،   تىرىشىڭ  خۇمارى    سىزنىڭ   قوللۇغۇچىلىرىڭىز    بايقاش تا   ساناقسىز،   توىتاپ قالماڭ........
مۇنبەر  ئەھلىگە  سالام!

18

تېما

49

دوست

6262

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1204 سەر
تىللا
354 دانە
تۆھپە
1236 سەر
شۆھرەت
1463 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-8 01:02:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«... ئۇلار مېنىڭ ياخشى تەرىپىمنى قىلىۋاتامدىغاندۇ، ياق، ياق ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ھەقاچان كەينىمدىن مېنى غاجاۋاتىدىغاندۇ.... بولدى قىلىڭلار ئۇ ئاداشنىڭ گېپىنى قىلماي، ئۇ دېگەن سېپى ئۈزىدىن بىر جاسۇس!...»  شۇ تاپتا ئۆز- ئۆزەمدىنمۇ گۇمانلىنىپ قالدىم. ماڭ بۇ كېسەلنىڭ قاچان ، قايەردە يۇققانلىقىنى بىلمەيمەن. شۇنداق ئۇيغۇر جەمئىيتىمىزدىكى بۇ ساقايماس كېسەللىك ۋاباسى، ھازىر چوڭ- كىچىك ھەممىمىزگە يۇقتى. بىز ئەمدى ئۇنىڭ داۋاسىنى قىلمايدىغان بولساق، قىرىلىپ تۈگەيمىز خۇددى 840- يىللاردىكىدەك. خۇامارىنىڭ بۇ تېمىسى ۋە ئۇنىڭدا يۇرىتىلغان ئىدىيە جەمئىيتىمىز جىددىي ھەل قىلىدىغان مەسىلىدۇر. بۇنىڭدىن مەنمۇ، سىزمۇ باش تارتالمايمىز. بەرىكەتلىك قەلىمىڭىزگە ئۇتۇقلار يار بولسۇن خۇمارى!
مەن بىلەن دوست بولۇشنى خالىغۇچىلار ئۈچۈن قۇلۇم كۆكسۈم
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 00:02, Processed in 0.467709 second(s), 39 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش