مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2062 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • خانىدان تۈنۈگۈن 14:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • دىلكەش ئۈلۈشكۈن 09:24 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا موبارەك بولسۇن~

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشى بولماق مىڭ يىلچىلىك،يامان بولماق بىر دھمچىلىك.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مقۋىلىك دەرەخنىڭ بېشى تۆۋەن،بىلىملىك ئادەمنىڭ يۇزى تۆۋەن.

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • نۇردۇن تۈنۈگۈن 11:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام،دوسلار بايرىمىڭىلارگە بۇبارەك بولسۇن!بايراملىق تىللا سوۋغا قىلمامسىلە؟

  • پۇرخۇن تۈنۈگۈن 00:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    نېمە قىلىۋاتىسىز؟ دوستلىرىڭىز بېلەن ئورتاقلىشىڭ ...جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

  • زەپەر 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىشچاندىن تەر چىقىدۇ،ھورۇنندىن ئۇھ چىقىدۇ.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    دىلىڭدا نېمە بولسا تىلىڭدا شۇ.

كۆرۈش: 62|ئىنكاس: 2

ئەرەبلەر ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

111

تېما

10

دوست

2930

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
606 سەر
تىللا
298 دانە
تۆھپە
514 سەر
شۆھرەت
730 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-12 21:29:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرەبلەر ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە




ئەرەبلەر  غەربىي ئاسىيا ۋە شىمالىي ئافرىقىدىكى ئەرەب تىلى بىلەن سۆزلىشىدىغان ئاساسلىق مىللەت بولۇپ ئەرەب ئەللىرى ئىتىپاقىغا ئەزا  22 دۆلەت -  مىسىر ، سۇدان، ماراكەش، ئالجىرىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىراق، يەمەن، سۇرىيە، تۇنىس، چاد، سومالى، ئىئوردانىيە ، لىۋىيە، ئېرىتېرىيە،  لىۋان،  ماۋرىتانىيە، ئومان، ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكى، فەلەستىن، كۇۋەيت، قاتار، بەھرەين، كومورو،   جىبوتى ۋە ئىككى رايون- غەربى سەھرا (ماراكەش)، مايوت ئارىلى(فىرانسىيە)       ئادەتتە ئەرەب دۆلىتى دەپ ئاتىلىدۇ.
    ئەرەب تىلى ھام-سام تىللىرى سېستىمىسى، سام تىللىرى ئائىلىسى ئەرەب تىلى تۈركۈمىگە تەۋە بولۇپ، ھەر قايسى رايون ۋە دۆلەتلەر ئارىسىدا مۇئەييەن دىئالىكىت ۋە شىۋە پەرقى بار، ئەمما ئەرەبلەر قۇرئان كەرىم ئاساس قىلىنغان، ھىجاز تەلەپپۇزىدىكى قەدىمى ئەرەب تىلىنى  ئۆلچەملىك ئەرەب تىلى قىلىشتا بىرلىككە كەلگەن.


  «ئەرەب» سۆزى مىلادىدىن بۇرۇنقى 9-ئەسردە پەيدا بولغان بولۇپ، ئەرەبلەر ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامدىن تارقالغان دەپ قارىلىدۇ. ئەرەبلەر يۇنانلىقلار تەرىپىدىن «سالاسىنلار» دەپ ئاتالغان. ئاساسلىق غەربىي ئاسىياغا تارقىلىپ غەربىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ئاھالىلەرنڭ كۆپ قىسمىنى ئىگىلىگەن، يەنە ئاز بىرقىسمى تۈركىيە، ئىران، ئافغان، ھىندونوزىيە، ئېفىئوپىيە، سومالى، چاد، تانزانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە تارقالغان، تەخمىنەن  350مىليون ئاھالىسى بار.
ئەرەبلەر ياۋروپا ئىرقى ئوتتۇرا دېڭىز تىپىغا تەۋە، شىمالىي ئافرىقا ۋە ئەرەبىستان يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىدىكى بىرقىسىم ئەرەبلەردە قارا تەنلىكلەرنىڭ  روشەن  ئالاھىدىلىكى بار.
   گەرچە ئەرەبلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىبىگە ئېتىقاد  قىلسىمۇ ئەمما لىۋان ئەرەب جۇمھۇرىيىتدە ئاھالىنىڭ 40% ى، سۈرىيە ئەرەب جۇمھۇرىيىتىدە ئاھالىنىڭ 12%ى ، مىسىر ئەرەب جۇمھۇرىيتىدە ئاھالىنىڭ 10%ى خىرىستان دىنىغا  ئېتىقاد قىلىدۇ.
   ئىراق ئەرەبلىرىنىڭ 60%ى، بەھرەين ئەرەبلىرىنىڭ 50% شىئە مەزھىبىنىڭ 12ئىمام مەزھىبىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. ئومان سۇلتانلىقى ۋە ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىكىدىكى فۇجايراھ خەلىپىكى ئاھالىسىنىڭ كۆپ قىسمى خاۋارىجلارنىڭ ئىبادى مەزھىبىگە ئېتىقاد قىلىدۇ.

    ئەرەبلەر 6-ئەسىردىن بۇيان ئەرەم ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئەرەپ يېزىقىنى قوللانغان بولۇپ، 9-10-ئەسىرلەردىكى ئىسلاھاتتىن كېيىن ھازىرغىچە قوللىنىپ كەلمەكتە.كۆپ قىسىم ئەرەبلەر ئىسلام دىنى سۈنئىي مەزھىپىنىڭ مۇرتلىرى، ئازقىسمى شىئە مەزھىپى مۇرتلىرى. ئۇنىڭدىن باشقا پارىژ، سۈرىيە، پەلەستىن، ئىئوردانىيىگە ئولتۇراقلاشقان ئازقىسىم ئەرەبلەر خىرىستىئان دىنىغا ئىتىقاد قىلىدۇ. 7-ئەسرنىڭ بېشىدا ئىسلام دىنى گۈللەنگەندىن كېيىن، ئەرەبلەر غەربىي ئاسىيادىن كۆتۈرۈلۈپ چىقىپ، ئىسلام دىنى بايرىقى ئاستىدا ئەرەب  قەبىلىلىرىنىڭ بىرلىشىشىنى تېزلىكتە ئەمەلگە ئاشۇردى، ھەمدە سرتقا كېڭىيىپ ئاسىيا، ئافرىقا ، ياۋروپا ئۈچ قىتئەگە تارقالغان ئەرەب ئېمپىرىيىسىنى قۇرۇپ چىقىپ  غەربى ئاسىيا ۋە ئافرىقىنىڭ شىمالىدىكى نۇرغۇن كۈچلۈك مىللەتلەرنى ئوڭۇشلۇق ئاسمىلاتسىيە قىلىپ، بۈگۈنكى ئەرەبلەرنى پەيدا قىلدى.
ئەرەبلەرنىڭ تارىخى ۋە پەن-تەتقىقات نەتىجىسى ئىسلام دىنى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. چۈنكى ئىسلام دىنى ئەرەب دۇنياسىغا كىرىشتىن ئاۋالقى ئۇزۇن يىللاردا، ئەرەبلەر قەدىمقى مىسىر، ھىندىستان، گىرىتسىيە، شەرقى رىم ۋە پارس مەدەنىيىتىنىڭ  ئىسكەنجىسىدە  بولۇپ، ھازىر مۇھىم ئەرەب رايونى ھىساپلىنىدىغان مىسىر سۈرىيەلەر شەرقى رىم ئىمپىرىيىسىسىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم سىتراتىگىيىلىك زىمىنى، ئىراق بولسا پېرسىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ مۇھىم پائالىيەت مەركىزى ئىدى. ئەرەبلەرنىڭ زىمىنى ۋە پائالىيەت دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، نۇرغۇنلىغان مىللەتلەر ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلىپ مۇسۇلمان بولدى، قىبتىلار ۋە باشقا شىمالى ئافرىقىنىڭ يەرلىك ئاھالىلىرى ، ئاسۇرىيانلار، بابىللىقلار ئەرەبلەرگە قوشۇلۇپ كەتتى، مەدەنىيىتى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان پارىس ۋە تۈركلەر گەرچە ئەرەبلىشىپ كتمىگەن بولسىمۇ ئەمما ئەرەبلەرنىڭ زور مەدەنىيەت تەسىرىنى ۋە نۇرغۇن سۆزلۈكلىرىنى قوبۇل قىلدى ۋە ئەرەب ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ كېڭىيىشى، گۈلىنىشى ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشتى. ئىسلام تەۋسىيە قىلىدىغان ھەممە ئادەم باراۋەر ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىدىن، ئەرەبلەر ۋە باشقا مىللەتلەر پەن-تەتقىقات مەدەنىيىتى جەھەتتە كەڭ قورساق بولۇش ۋە ھەممىنى قوبۇل قىلىش پوزىتسىيىسىدە بولغان، بۇ شۇ دەۋردىكى پەن-تەتقىقاتنىڭ ئالغا بېسىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن.

  
   ئەرەبلەر ۋە ئىسلام دىنىنىڭ ئاسىيا ۋە شىمالىي ئافرىقا قىتئەسىدىكى تەسىرى ناھايىتى زور، ئەرەب ئىمپىرىيىسى گۈللەنگەن دەۋردە، تۈركۈملىگەن ئەرەبلەر سىرتقا چىقىپ سودا بىلەن شۇغۇللانغان ۋە دىن تارقاتقان، ئۇلار ئىسلام دىنىنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقاتقان. ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىشى، قۇرئاندىكى «مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسى قېرىنداش» دېگەن ئۇلۇغ ئىدىيە، قانداشلىق مۇناسىۋىتىنى ئالاقە قىلغان ئەرەب ئۇرۇقداشلىق جامائەسى ئۇلىدا زور دەرىجىدە تەۋرىنىش پەيدا قىلدى، ئوخشاش بولمىغان مۇسۇلمان مىللەتلەر ئارىسىغا ئۆزئارا ئىتتىپاق بولۇش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش مۇمكىنچىلىكىنى تۇغدۇردى.
ئەرەبلەرنىڭ دۇنيا پەن-تېخنىكىسىغا قوشقان تۆھپىسى ناھايىتى زور، ئاساسلىق ئەدەبىيات، ماتىماتىكا، تارىخ قاتارلىق ساھەلەردە، شۇنداقلا مەدەنىيەتنىڭ ئالمىشىشى، جارى قىلدۇرۇلىشى ۋە ۋارىسلىق قىلىش جەھەتلەردەھ زور تۆھپە قوشقان.
   ھازىر ئەرەبلەرنىڭ كۆپ قىسمى شەھەر ئاھالىسى بولۇپ تەخمىنەن 40% ئاھالىسى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ؛ يەنە 10% دىن كۆپرەك قىسمى ھازىرمۇ يەنىلا كۆچمەن چارۋىچىلىق ياكى يېرىم كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشىنى كەچۈرىۋاتىدۇ.





مەنبە: ئوكيان تورى
بايقاشنىڭ خاسلىقىنى ساقىلاڭ.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

18

تېما

3

دوست

1611

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
294 سەر
تىللا
211 دانە
تۆھپە
374 سەر
شۆھرەت
292 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-12 23:08:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرەپلەر توغرىسىدا ياخشى ماتىريال يوللاپسىز .رەخمەت سىزگە.

574

تېما

30

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
7207 سەر
تىللا
2942 دانە
تۆھپە
7889 سەر
شۆھرەت
5849 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-13 00:36:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرەپلەرنىڭ مۇ قىسقىچە تارىخىنى بىلىۋالدىم دە
ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 01:22, Processed in 0.501165 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش