مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2076 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • ئامان 28 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 29 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى باشقۇرغۇچىلار تېما يوللاشتا ھەر ۋاقىت سىزگە يول كۆرسىتىدۇ، تارتىنماڭ!

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى ئەزالار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • ئامان 28 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • چىركىن 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن ماتىرىيال يوللىماقچى ئىدىم

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • ئامان 29 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بىلمەسلىك ئەيىپ ئەمەس، تىرىشماسلىق ئەيىپ!

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللىغاندا تېما ھەققىدە قىسقىچە ئىزاھات بېرىپ يوللايلى!

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • ئەلەم تۈنۈگۈن 19:38 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك!

  • شاشتېكىن تۈنۈگۈن 18:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    «2-،3-،4-ۋە 5-يىللىقلارنىڭ خەنزۇتىلى دەرس تەييارلىقى»نىڭ چۈشۈرۈش ئادىرېسى يېڭلاندى.

كۆرۈش: 159|ئىنكاس: 12

ئانىلار بايرىمىغا (2)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

213

تېما

25

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3675 سەر
تىللا
937 دانە
تۆھپە
8477 سەر
شۆھرەت
3503 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-11 00:42:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇرىۋالاي ھىدىڭنى ئانا





پۇرىۋالاي ھىدىڭنى ئانا ،
ئايرىلماستا سەندىن يىراققا .
ھەمراھ بولار كىملەر قەلبىمدەك ،
مەن كەلگۈچە يالغۇزلىقىڭغا .

كۆرۈشكىچە يەنە بىر نۆۋەت ،
سەندەك كۆيەر ماڭا قايسى يات .
كۈنلەر شۇنداق ئۆتۈپ كېتەرمۇ ،
يۈرەكلەردە سېغىنىش قات - قات .

ئايرىلىشنى ئويلىسام سەندىن ،
كۆزۈم قىيماي ئېزىلەر باغرىم .
سۆيۈنگىدەك سېنى خۇش قىلسام ،
بۇندىن ئۆزگە يوقتۇر ئارمىنىم .





ئانامغا خەت




تەقدىرىمنى ئويلاپ تاڭغىچە ،
ئولتۇرامسەن ئانا خىيالچان .
سېغىنغانسەن مېنى تولىمۇ ،
شۇ يېگانە ئۆيدە ھەقىچان .

بولدى ئۇزۇن ، يازالمىدىم خەت ،
ئەندىشىدە ئۆتكەنمىدۇ كۈن .
سېنىڭ بەرگەن ئاپئاق سۈتۈڭگە ،
بېرەلمىدىم جاۋابنى پۈتۈن .

پوچتىكەش كىرسە گەر مەكتەپكە ،
ياش ئەگىيدۇ كۆزۈمدىن دەم -دەم .
يېرىم دىدار بىر پارچە خېتىڭ ،
بولار ئىدى يۈرەككە مەلھەم .




ئانا




يۈرىكىمدە تەنھا بىر ئۆزۈڭ ،
سەن باغرىمنى ئىللىتقان قۇياش .
ئارىمىز گەر بولسىمۇ يىراق ،
يۈرىكىمگە يۈرىكىڭ تۇتاش .

ئاق سۈتۈڭنىڭ تەمى تىلىمدا ،
سىڭگەچكە ئۇ پۈتۈن جىسمىمگە .
ئۈمىدىڭنى ئاقلايمەن چوقۇم ،
تەڭ قىلمايمەن سېنى ھېچكىمگە .

كۆزلىرىمدىن سېنى بىر كۈنى ،
قايسى شامال كېتەر ئۇچۇرۇپ .
سەنمۇ<<خوش>>دەپ قويماستىن ماڭا ،
كېتەرسەنمۇ ھەسرەتتە قويۇپ .





كۈلۈپ ياشا ، ئەي ئانا ھەردەم




چىن ساداقەت قۇچاقلىرىڭدىن ،
تۆكۈپ كەلدىڭ ماڭغان يۇلۇمغا .
ئارمىنىڭنى تىلتۇمار قىلىپ ،
بېرەي دەيمەن سېنىڭ قولۇڭغا .

كۆزلىرىڭدە تاڭنىڭ جىلۋىسى ،
پۈۋلەر ھەرچاغ ھايات چوغىنى .
ئاپئاق سۈتۈڭ تومۇر-تومۇردا ،
ئۆتتى پاكلاپ ۋىجدان غورۇرنى .

سەن ياراتتىڭ دۇنيانى ، مېنى ،
ئەسكە سالدىڭ تالاي ھېكمەتنى .
كۆرۈپ يەتتىم سەن باسقان ئىزدىن ،
ھەر قەدەمدە ئۇلۇغ قۇدرەتنى .

شادلىقىڭنى كۆرۈپ قالاي مەن ،
يۈرىكىڭنى ئورىمىسۇن غەم .
مېنىڭ مەڭگۈ زۇلپىقارىم سەن ،
كۈلۈپ ياشا ، ئەي ئانا ھەردەم .





ئانام مېنى تۇغقان چېغىدا




ئانام مېنى تۇغقان چېغىدا ،
تۇغقان بەلكىم ئارمانلىرىمنى .
باھار بېرىپ كۆكلەتسۇن دېگەن ،
كۆمۈپ قويغان يىلتىزلىرىمنى .

ئانام مېنى تۇغقان چېغىدا ،
تاڭغان چوقۇم يۈرەككە ئوتنى .
ئۇچۇپ بېرىپ ئەكەلسۇن دېگەن ،
ياشاش ئۈچۈن تاغدىن بۇلۇتنى .

ئانام مېنى تۇغقان چېغىدا ،
تۇغقان بىللە ئۆلمەس ئەقىدە .
قىزلارغىمۇ ئىنساب تىلىگەن ،
قاراپ تۇرۇپ يۇلتۇزلۇق كۆككە .




ئانامغا




سەندىن يىراق كەتكەن بولساممۇ ،
ئۇچۇم بولغان تەنھا قۇش كەبى .
يۈرىكىمدىن چوڭقۇر سېغىنىش ،
تۆكۈلمەكتە ئاپئاق قار كەبى .

ئامانمۇ سەن قەدىردان ئانا ،
ئىنتىزارمەن ئوتلۇق ھىدىڭغا .
سۆيگۈم كېلەر تالاي جاپادا ،
قاداق باسقان ئالىقىنىڭغا .
ئەپسۇس
يالغۇز قالغان چاغلىرىڭ تولا ،
يېتىشەلمەي ئېتىز ئىشىغا ،
ئۈمىدلىنىپ قارايدىغانسەن ،
شۇنداق چاغدا مەن كەتكەن يولغا.

شۇ تاپ ئانا ،
سېنىڭ يازغان ئوتلۇق خەتلىرىڭ
ئايلانماقتا قاناتلىرىمغا
مەندىن كۈتكەن ئارزۇلىرىڭنى ،
سېغىنىشىڭ سالماقتا دىلغا .
چۈشلىرىمدە بەزى كېچىسى ،
سەن قۇياشقا ئايلانغۇدەكسەن ،
ئىللىتىشقا پۈتۈن قەلبىمنى ،
ئىزدەپ ھارماي كەلگۈدەكسەن ھەم ،
يىتىپ كەتكەن مېنىڭ بەختىمنى .

ئانا ، سېنىڭ قەدەم تىۋىشىڭ ،
تىلسىملارنىڭ ئېچىپ سىرىنى .
گۈل كەلتۈرەر يېڭى دۇنياغا .
سېنىڭ بىلەن تۆت پەسىل باھار ،
قەلبىڭ ئوخشار چەكسىز دەرياغا
.

مۇنبەر  ئەھلىگە  سالام!
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

640

تېما

134

دوست

12 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

adminنامىنى بايقاشقا ئۆزگەرتتى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
9202 سەر
تىللا
93509 دانە
تۆھپە
5803 سەر
شۆھرەت
6305 سەر

ئاتامانمۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-11 00:56:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاپاكەش، مىھنەتكەش ئانىلارنىڭ بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن!
ماتىرىيال يوللىغاندا بايقاش تامغىسىنى بېسىشقا، بەيدۇ تور دېسكىسىغا يوللاشقا ئەھمىيەت بىرەيلى!

2

تېما

0

دوست

98

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 2

قىزغىنلىق
19 سەر
تىللا
12 دانە
تۆھپە
18 سەر
شۆھرەت
18 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-11 01:03:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى يېزىپسىز،  دىمىسىمۇ بىز نىڭ ئانىلىرىمىزناھايىتى ئۇلۇغ ئەمەسمۇ.

7

تېما

5

دوست

1213

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
212 سەر
تىللا
99 دانە
تۆھپە
214 سەر
شۆھرەت
309 سەر

بايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-11 02:18:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم ،سىرداش .بەك ياخشى شىئېرلار ئىكەن .مەن بۇ شىئېرىڭىزنى ئانىلار بايرىمى كۈنى (5-ئاينىڭ 12-كۈنى)ئانامغا ۋە قېيىنئانامغا ئوقۇپ بىرىمەن .

574

تېما

30

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
7206 سەر
تىللا
2942 دانە
تۆھپە
7888 سەر
شۆھرەت
5848 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-11 10:28:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانىلار بايرىمىنى ياخشى تەبىرىكلەپسىزغۇ . ھەممىمىز بىرلىكتە ئانىلار بايرىمىنى قىزغىن تەبىرىكلەيلى
ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

263

تېما

45

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
2838 سەر
تىللا
1105 دانە
تۆھپە
3233 سەر
شۆھرەت
2525 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىجەۋھەر ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-11 19:54:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەردىكى ئانىلارنىڭ، شۇنداقلا بارلىق ئانىلارنىڭ بايرىمىغا قۇتلۇق بولســــــــــــــــــــۇن!!!

باھا سۆز

pari مەنمۇ بىر ئانا شۇڭا سىزگە رەھمەت دەپ تۇراي ، رەھمەت  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-11 22:33
ھىكمەت: ‹‹سۇ ئېچكەندە،قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇما››.           باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش...

200

تېما

96

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6953 سەر
تىللا
1441 دانە
تۆھپە
7466 سەر
شۆھرەت
5474 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىبايقاش مەلىكىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-11 22:31:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى يېزىپسىز،  
مىللى مائارىپنى گۈللەندۈرۈش ھەممىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئوليىتى ۋە مەجبۇريىتى

25

تېما

10

دوست

6645

جۇغلانما

ئاق سۈڭەك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1018 سەر
تىللا
474 دانە
تۆھپە
2283 سەر
شۆھرەت
1046 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-11 22:35:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانلار بايرىمغا مۇبارەك بولسۇن،بارلىق ئانلىلارنىڭ تىنگە سالامەتلىك،ئىشلىرغا ئۇتۇق تىللەيمەن.

175

تېما

74

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
3190 سەر
تىللا
1447 دانە
تۆھپە
2070 سەر
شۆھرەت
1855 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبايقاش مەلىكىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-11 23:06:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەرىپەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-11 23:08  

            ياخشى يېزىپسىز بارىكاللا...

           
            پۇرىۋال، بەختىڭدۇر ئاناڭنىڭ ھىدى

            ئاۋايلاپ توققۇز ئاي كېچە- كۈندۈزى،
              مېھرىنى بىر ساڭا ئاققۇزۇپ ئۆزى،
              پەپىلەپ جاھانغا ياراتتى سېنى،
              شۇ ئانا ئەجرىگە باققىنىڭ قېنى؟
              پۇرىۋال، بەختىڭدۇر ئاناڭنىڭ ھىدى.      

              تۇغۇلۇپ تۇنجى رەت كۆرگىنى ئاناڭ،
               ئاۋايلاپ مەڭزىڭگە سۆيگىنى ئاناڭ،
               مېھرىنى زەمزەمدەك تۆككىنى ئاناڭ،
               ئۇۋادەك باغرىغا چۆككىنى ئاناڭ،
               پۇرىۋال، بەختىڭدۇر ئاناڭنىڭ ھىدى.

              تەرلىسەڭ سايىۋەن تۇمۇزدىن توسقان،
               چاڭقىساڭ بۇلاق ئۇ شىلدىرلاپ ئاققان،
                توڭلىساڭ جۇدۇندا ئۇ ساڭا گۈلخان،
                قۇياشتۇر بى مىننەت نۇرىنى چاچقان،
                پۇرىۋال، بەختىڭدۇر ئاناڭنىڭ ھىدى.

               ئاچ قالساڭ ئۇ ساڭا مىزلىككىنا ئاش،
                ھالۋىدۇر ئۇ سىلاپ قويغان تاغۇ-تاش،
                كارۋانسەن، ئۇ ساڭا مۇڭداش، سەپەرداش،
                يېقىلساڭ يېنىڭدا مادار، يۆلەكداش،
                پۇرىۋال، بەختىڭدۇر ئاناڭنىڭ ھىدى.

               ئۇ بولغاچ سەن يەكتا جاھان ئەركىسى،
                سورۇننىڭ، مەشرەپنىڭ بېشى، سەركىسى،
               دوستلارنىڭ ھۆرمىتى ئاشنىڭ تۇنجىسى،
               ئاناڭ ئۇ سۇلماس گۈل، سەن بىر غۇنچىسى،
               پۇرىۋال، بەختىڭدۇر ئاناڭنىڭ ھىدى.

              ئۇ بولغاچ يېنىڭدا دىلىڭ، باغرىڭ توق،
              ئوينايسەن،يايرايسەن ئەسلا غېمىڭ يوق،
              رەقىبىڭ گىدىيىپ قىلالمايدۇ دوق،
              مەزمۇتسەن تاغلاردەك، تېشەلمەيدۇ ئوق،
              پۇرىۋال، بەختىڭدۇر ئاناڭنىڭ ھىدى.

   
             ئۇ ماڭغان يوللاردىن ئىپار گۈپۈلدەپ،
            ياشىدىڭ بەختتە جېنىڭ چېچەكلەپ،
            ئۇ ماڭدى ئالدىدا سېنى يېتەكلەپ،
           ئەگەشتىڭ كەينىدىن كىيىكتەك سەكرەپ،
            پۇرىۋال، بەختىڭدۇر ئاناڭنىڭ ھىدى.

            يىتىلدىڭ ،ئەشۇنداق كۆيۈش سۆيۈشتە،
            چانمىدىڭ مۇشكۇلات، ئۇزۇن سەپەردە،
            تىك تۇرۇپ غۇرۇردا خەۋپ-خەتەرگە،
            باشلىرىڭ يەتسىمۇ ئەرىشكە،كۆككە،
            پۇرىۋال، بەختىڭدۇر ئاناڭنىڭ ھىدى.

          چوڭ بولدۇڭ، چوڭ بولۇپ ئىشلىرىڭ تولا،
           ھەركۈنى بەزمىدە ياڭرىتىپ ناۋا،
           دىمىدىڭ بىرەر رەت قايدىسەن ئانا؟
           يۈرەكنى تۇتۇپ باق سەن قانداق بالا؟
           پۇرىۋال، بەختىڭدۇر ئاناڭنىڭ ھىدى.

          ئۇ پۈتۈن ئۆمرىدە بىر سېنى دىدى،
           نەدە بول ھەركۈنى غېمىڭنى يىدى،
           سەن ئۈچۈن يىغدىيۇ ئۆزى يىمىدى،
          سەن پۇزۇر بايۋەتچە، ئۆزى كىيمىدى،
          پۇرىۋال، بەختىڭدۇر ئاناڭنىڭ ھىدى.

         دەم ئېلىش يات ئاڭا باقار بالاڭنى،
          سۇغۇرۇپ، يەم بېرىپ ھېيتلىق كالاڭنى،
          تۈگۈتەر بىر ياقتىن ئىشىڭ چالاڭنى،
          كۆرسە خوش شۇندىمۇ سېنىڭ قاراڭنى،
          پۇرىۋال، بەختىڭدۇر ئاناڭنىڭ ھىدى.

         ئويلاپ باق چوڭ بولۇپ ئاناڭغا بىر رەت،
         چاڭقىسا سۇندۇڭمۇ سوغۇق سۇ ،شەربەت...
         يېلىنىپ باشقىنى قىلغاندەك ئىززەت،
         يۈكۈنۈپ ئالدىدا قىلدىڭمۇ ھۆرمەت،
         پۇرىۋال، بەختىڭدۇر ئاناڭنىڭ ھىدى.

         ھاياتلىق چەكلىكتۇر مەڭگۈلۈك ئەمەس،
          دۇنيا بىر قونالغۇ، ئۇ قايتا كەلمەس،
          ئۇنۇتۇپ ئاناڭنى يۈرمە مەس-ئەلەس،
          ئانىسىز بەندىنىڭ بەختى كۆلىمەس،
          پۇرىۋال، بەختىڭدۇر ئاناڭنىڭ ھىدى.

         ئۇ ھايات بارىدا سۆيگىن قولىغا،
         تۇزانلار ئۆچمىسۇن سۇ سەپ يولىغا،
         بالىلىق مېھرىڭنى تۆككىن باغرىغا،
         ئۇ ساڭا مۇھتاجدۇر، ئەمەس ئاش-نانغا،
         پۇرىۋال، بەختىڭدۇر ئاناڭنىڭ ھىدى.

        سۆزىنى ئاڭلىغىن ،كايىپ سۆزلىمە،
         تەكرارلاپ سۆزلىسە گەپنى، تىرىكمە،
         ھەمرا بول ئۇزاقراق يېنىدىن كەتمە،
         سېنى دەپ مۈكچەيدى، ئۇنى خار ئەتمە،
         پۇرىۋال، بەختىڭدۇر ئاناڭنىڭ ھىدى.

        قېرىدى، تىنىدىن ماغدۇرى كەتتى،
        چاڭقىدى، ھاياتنىڭ يامغۇرى كەتتى،
        جەلىپكار خۇش ناۋا كۈيلىرى كەتتى،
        چۆللەرنى باغ قىلغان چاغلىرى كەتتى،
        پۇرىۋال، بەختىڭدۇر ئاناڭنىڭ ھىدى.

       تۇتۇپ قوي پۇتىنى مەڭزىڭنى يېقىپ،
        سۆيۈپ قوي مەڭزىگە مېھرىڭدە بېقىپ،
        ئۇتىغا ئۇتان بول، سۈيىدە ئېقىپ،
        ۋايسىماي ھاپاش قىل مۆرەڭگە ئېلىپ،
        پۇرىۋال، بەختىڭدۇر ئاناڭنىڭ ھىدى.

       ئۇ كەتسە يىتمىسۇن، چىگىلگەن بەختىڭ،
        ئۇ كەتسە غېرىپسەن، لىڭشىغاي تەختىڭ،
        ئۇ كەتسە مەجرۇھسەن، سارغىيار چېھرىڭ،
        ئۇ كەتسە گاچا سەن، ئۆتمەيدۇ تىلىڭ،
        پۇرىۋال، بەختىڭدۇر ئاناڭنىڭ ھىدى.

        ئانا ئۇ مۇقەددەس بالا جەننىتى،
         ئانىسىز نەدە ئۇ بالا راھىتى،
         ئانىسىز نەدە ئۇ بالا شەۋكىتى،
         ئانىسىز نەدە ئۇ بالا سۆلىتى،
         پۇرىۋال، بەختىڭدۇر ئاناڭنىڭ ھىدى.

        شەيتانغا ئالدىنىپ ئۇنىڭدىن چانما،
         كۈتمەستىن، كەتكەندە ئازاپقا قالما،
         ئۇ ھايات بارىدا باققىن، ۋايسىما،
         ئانا ئۇ بالىچۈن بايلىق بىباھا،
         پۇرىۋال، بەختىڭدۇر ئاناڭنىڭ ھىدى.

        مۇڭداش بول تۈنلەردە كېلىپ باغرىغا،
         قۇشۇق بول ئۇنىڭكى ئىچەر ئېشىغا،
         تارغاق بول كۈمۈشتەك ئاپئاق چېچىغا،
         ياغلىق بول كۆزىدىن ئاققان يېشىغا،
         پۇرىۋال، بەختىڭدۇر ئاناڭنىڭ ھىدى.

        ئىزىنى سۆي ئۇنىڭ سەجدىگاھ بىلىپ،
         ئۇ كەتسە كەلمەيدۇ بالام دەپ يېنىپ،
         يېتىۋال پۇتىدا باغرىغا قېنىپ،
         غۇربەتتە قالمىسۇن كۆزى ياشلىنىپ،
         پۇرىۋال، بەختىڭدۇر ئاناڭنىڭ ھىدى.

        چېھرىنى قاپلىغان قورۇقلار تامام،
         يەر سۆيۈپ ھەركۈنى قىل ئاڭا سالام،
         ئۇ دەيدۇ شۇندىمۇ ئوينا جان قوزام،
         ئۇ شۇنداق سېنى دەپ كۆيگەن يۇرۇق شام ،
         پۇرىۋال، بەختىڭدۇر ئاناڭنىڭ ھىدى.

5

تېما

3

دوست

806

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
165 سەر
تىللا
55 دانە
تۆھپە
161 سەر
شۆھرەت
182 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-12 00:36:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا ئانا ھىدى ھىچنىمىگە ئوخشىمايدىغان بىرخىل ھىد بىرچاغلاردا مەن ئەنە شۇ ئانامنىڭ ھىدىنى پۇراشقا بەكمۇ ئامراق ئىدىم.ئەمدى بولسا بالام مېنىڭ ھىدىمنى پۇراشقا شۇنداق ئامراق .ئويلايمەن ئانا مېھرى مەڭەۈ ئۈزۈلمەيدىغان ئۇلۇغ بىر مېھىر ئىكەن .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 02:31, Processed in 0.477674 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش