مىنىڭ ئانام تۈگەپ كەتكەن، ھايات چېغىدا قەدرىنى بىلمىگەن ئانامنىڭ ھەر بىر سۆزى، ھەر بىر ھەركىتىنى ئويلىسام ئىچچىم قاتتىق ئازاپلارغا تۇلىدۇ. خۇشال بولغان ۋاقىتلىرىمدا، باياشات تۇرمۇشنىڭ لەززىتىنى تېتىغان ۋاقىتلىرىمدا شۇ ئانام كۆز ئالدىمغا كىلىدۇ. شۇنداقلا غېرىپ بولغان ۋاقىتلاردا سىردىشىم بولغان شۇ ئانام كۆز ئالدىمغا كىلىدۇ. بايقاشتىكى سۈيۈملۈك تورداشلىرىم! بەلكىم كۆپ سانلىقىڭلارنىڭ ئاناڭلار ھايات. سىلەر شۇ سىردىشىڭلار بولغان ئاناڭلارنى يوقلاپ تۇرامسىلە؟ بۇنداق دىسەم بەلكىم ‹‹ بىز يوقلاپ تۇرۇمىز، ئانا دىگەننىمۇ يوقلىمامدۇ، بىز ئۈزىمىز ئەڭ ئامراق تامىقىمىزنى يىگەندە چۇقۇم ئانىمىزغا ئەڭ بۇرۇن ئېغىز تەككۈزىمىز، ھەرخىل كىيىملەرنى سوۋغا قىلىمىز، ئانىمىز بىزدىن بەكمۇ رازى›› دىيىشىڭلار مۈمكىن. توغراشۇنداق قىلىش كىرەك، ئەقلى بار ھەرقانداق بىر ئىنساننىڭ بۇ باش تارتىپ بۇلالمايدىغان بىر مەقبۇرىيىتى ھەم قەرزى. مەن ئاانامنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالغان بايامقى ‹‹ خەۋەر تېپىش›› نى مەن تۇلۇق ئۇرۇنلىغان . ئەمما........................ دوستلۇرۇم مەن ھازىر شۇنى ھىس قىلىپ قالدىمكى ئاتا ئانىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشتىكى ئۆلچەم ياخشى يۈگۈزۈش، ياخشى كىيىندۈرۈشلا ئەمەسكەن. ئەڭ مۇھىمى ياخشى ھەمرا بولۇش. ھازىرقى خىزمەت بېسىمىنىڭ ئېغىرلىقىدىن قاخشاۋاتقان كۈنلىرىمىزدە بەلكىم ئىشتىن كەچ قايتىپ، سەھەر مېڭىپ شۇ ئانىمىزغا ۋاقىت چىقىرالمىغان بولىشىمىز مۈمۈكىن. مەنمۇ شۇنداق قىلغان . خىزمەتتىن ھېرىپ كەلگەندە شۇنداقلا كۈرۈنۈو قۇيۇپ ‹‹ ئەھۋالىڭىز قانداق؟، تاماق يىدىڭىزمۇ؟ بەك چارچاپ كەتتىم ئارام ئالاي دەپلا ھوجرامغا كىرىپ كەتكەن. دوستلۇرۇم خىزمەت ئېغىر ئازراقلا جاپا تارتساق قىلىپ تۈگىتەلەيمىز، ئۇيۇن تاماشا ھەم دوست- بۇرادىرچىلىكلەر كۆپ قۇيۇپ قويساق باشقىلار ىاپا بولسىمۇ، كىيىن كۆڭلىنى ئالالايمىز. ئەمما ئاتا- ئانىمىز تۈگەپ كەتسە.........................ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئالالمايمىز، بالىلىرىمىز چۇڭىغانسىرى بۇنى تېخىمۇ ھىس قىلىمىز. ئاتا ئاناڭلارنى يوقلاڭلار.... ئۇلارغا كۆپرەك ھەمرا بولۇڭلار ، ئۇلار بىلەن مۇڭدىشىڭلار ، ئۈزەڭلارنىڭ بالىلىق ۋاقتىڭلارنى كۆپرەك ئەسلەپ بىرىپ ئانىغا بولغان مىننەتدارلىقىڭلارنى بىلدۈرۈڭلا. مانا بۇ سىلەرنىڭ ئاتا ئاناڭلاغا ھەمراھ بولغۇنىڭلا. شۇنداق قىلالىساڭلار ئاتا-ئاناڭلاردىن كىيىن قالغاندا ھەسرىتىڭلار بىر ئاز يىنىكلەپ قالىدۇ. كۆپ سۆزلەپ زىركتۇرۇپ قويدۇم ، ئەپۇ قىلارسىلە
ئانا دېگەن يىلتىزى جاننىڭ،
ئانا دېگەن قۇۋۋىتى قاننىڭ.
ئانا دېگەن مۇقەددەس، ئۇلۇغ،
ئانا دېگەن بەختى ئىنساننىڭ.
ئانا دېگەن مىننەتسىز ئۇستاز،
ئانا دېگەن خاسىيەتلىك ياز.
ئانا دېگەن روھلاردا قۇياش،
ئانا دېگەن تەييار تۇرغان ساز.
ئانا دېگەن مېھىرلىك بۇلاق،
ئانا دېگەن ئەڭ رۇشەن قۇلاق.
ئانا دېگەن سېھىرلىك مېۋە،
ئانا دېگەن جەننەتكە ئۇلاق.
ئانا دېگەن يېقىملىق ئاھاڭ،
ئانا دېگەن قۇلايلىق باراڭ.
ئانا دېگەن چاقنىغان يۇلتۇز،
ئانا دېگەن پارلاپ تۇرغان تاڭ.
ئانا دېگەن ھۇزۇرلۇق بىر چۈش،
ئانا دېگەن كۆڭۈللۈك يۈرۈش.
ئانا دېگەن ئارزۇلۇق سەپەر،
ئانا دېگەن ئەجدادنى كۆرۈش.
ئانا دېگەن يىلتىزى جاننىڭ،
ئانا دېگەن روھىدۇر قاننىڭ.
ئانا دېگەن تۈگىمەس ناخشا،
ئانا دېگەن بەختى ئىنساننىڭ |