مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2064 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • ئامان 1 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى ئەزالار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • خانىدان تۈنۈگۈن 14:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • دىلكەش ئۈلۈشكۈن 09:24 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا موبارەك بولسۇن~

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشى بولماق مىڭ يىلچىلىك،يامان بولماق بىر دھمچىلىك.

  • چىركىن 24 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن ماتىرىيال يوللىماقچى ئىدىم

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • نۇردۇن تۈنۈگۈن 11:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام،دوسلار بايرىمىڭىلارگە بۇبارەك بولسۇن!بايراملىق تىللا سوۋغا قىلمامسىلە؟

  • پۇرخۇن تۈنۈگۈن 00:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    نېمە قىلىۋاتىسىز؟ دوستلىرىڭىز بېلەن ئورتاقلىشىڭ ...جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

  • زەپەر 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىشچاندىن تەر چىقىدۇ،ھورۇنندىن ئۇھ چىقىدۇ.

كۆرۈش: 128|ئىنكاس: 2

بالىلار ئويۇنلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

213

تېما

25

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3675 سەر
تىللا
937 دانە
تۆھپە
8477 سەر
شۆھرەت
3503 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 21:59:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سىرداش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-20 22:17  

  بالىلىرىمىزنى ئوينىتايلى  ،  ئۇلارنىڭمۇ  بۇ   ئەنئەنىۋى  ئويۇنلارنى ئويناپ ، ئەۋلاتلىرىغا  مىراس قالدۇرۇش    مەسئۇىيىتى  بار...............



بالىلار ئويۇنى
لىڭگى تاق-تاق
   بالىلار ئويۇنى
لىڭگى تاق-تاق
-        بۇ ئويۇندا ئىككى بالا بىر ئورۇندۇقنىڭ ئۈستىگە ئۇزۇن  بىر تاختاينى تەڭپۇڭ قىلىپ قويۇپ، ئىككى بېشىدا ئولتۇرىدۇ-دە، نۆۋەت بىلەن بېسىشىپ ئوينايدۇ. بۇ ئويۇننىڭ قوشۇغىنى بولسا ئىككى بالا ئۆزلىرىنىڭ ھەركەتلىرىگە ماسلاشتۇرۇپ تەڭ ئېيتىدۇ. قوشىغى مۇنداق:
-        لىڭگى-لىڭگى تاق-تاق،
-        ھەجەخان چاپاق.
-        يۈزلىرى قاسماق.
-        لىڭگى- لىڭگى تاق- تاق،
-        ئىككىمىز ئىناق.
-        دائىم رەتلىك ئوينايمىز،
-        يۈزىمىز ئاپپاق.

-        تۆگى- تۆگىلەڭ
-        7- 8 بالا بوينىغا قاراپ، بىر-بىرىنىڭ ئارقا پىشىنى تۇتۇپ تىزىلىپ، تۆگە بولۇپ ئىڭىشىپ تۇرىدۇ. يەنە 7-8 بالا بىر- بىرىنىڭ قولىنى تۇتۇپ دۈگلەك بولۇپ تۇرىدۇ. تۆگە بولۇپ تىزىلغان بالىلار ئۆز سېپىنى بۇزماستىن دۈگلەك بولۇپ تۇرغان بالىلارنىڭ ئارىلىقلىرىدىن ئىڭىشىپ ئۆتىدۇ. شۇ چاغدا دۈگلەك بولۇپ تۇرغان بالىلار بىلەن تۆگە بولۇپ تۇرغان بالىلار ئوتتۇرسىدا قوشاق ئېيتىشىش باشلىنىدۇ.
-        دۈگلەك بولۇپ تۇرغان بالىلار:
-        قاتار- قاتار تۆگىلەر.
-        نەگە- نەگە ماڭدىڭلار؟
-        تۆگە بولۇپ ئۆتكەن بالىلار:
-        تۇزغا- تۇزغا ماڭدۇق بىز.
-        دۈگلەك بولۇپ تۇرغان بالىلار:
-        تۇزۇڭ نەگە تۆكۈلدى؟
-        تۆگە بولۇپ ئۆتكەن بالىلار:
-        ئارا يولغا تۆكۈلدى.
-        دۈگلەك بولۇپ تۇرغان بالىلار:
-        تاسقاپ- تاسقاپ ئالساڭچۇ،
-        تاغىرىڭغا سالساڭچۇ!
-        تۆگە بولۇپ ئۆتكەن بالىلار:
-        تاغىرىمدا تۆشۈك بار.
-        ماراپ تۇرغان مۈشۈك بار
-        كېيىن ئىككى گۇرۇپپا ئالمىشىپ ئويۇننى داۋاملاشتۇرىدۇ .

-        ۋەللەي

-        بۇ ئويۇننى ئوچۇقچىلىق يەردە ئىككى بالا ئوينايدۇ(بىر نەچچە بالا ئىككى گۇرۇپپا بولۇپ ئوينىسىمۇ بولىدۇ). ئۇلار بىر يەرنى ‹‹پەللە›› قىلىپ ياساپ، ئىككى كېسەكنى قويىدۇ-دە، ئەتراپنى دۈگلەك قىلىپ جىجاپ قويىدۇ. ئاندىن بىر نەرسىنى شەرت قىلىپ قايسى ئۇتۇۋالسا ئويۇننى شۇ باشلايدۇ.
-        ئويۇن باشلىغۇچى كىسەكنىڭ ئۈستىگە بالىياغاچنى قويۇپ، ئانىياغاچ بىلەن ئاستىدىن كۆتىرىپ تۇرۇپ ئۇرىدۇ. قارشى تەرەپتىكى بالىلار بالىياغاچ چۈشىدىغان سەيناغا تارىلىپ تۇرۇپ، دوپپا ياكى شەپكىسى بىلەن بالىياغاچنى تۇتۇۋېلىشقا تىرىشىدۇ. ئەگەر بالىياغاچنى تۇتۇۋالسا، بالىياغاچ ئۇرغۇچىنىڭ نۆۋىتى كۆيۈپ كېتىدۇ-دە، بالىياغاچنى تۇتۇۋالغانلار ئويۇن باشلايدۇ. ئەگەر تۇتالمىسا بالىياغاچ نەگە چۈشسە، شۇ يەردە تۇرۇپ، بالىياغاچ بىلەن دۈگلەك ئىچىدىكى كىسەكنىڭ ئارىسىغا قويۇپ قويغان ئانىياغاچنى سوقىدۇ(كېسەكنى سوقسىمۇ بولىدۇ).سوقۇۋالسا بالىياغاچ ئۇرغۇچىنىڭ نۆۋىتى يەنە تۈگەيدۇ. ئەگەر سوقالمىسا بالىياغاچ ئۇرۇۋاتقان بالا بالاياغاچنى ئانىياغاچ بىلەن پۇچىلاپ تۇرۇپ ئۈچ قېتىم ئۇرىدۇ. بالىياغاچ ئۈچىنچى قېتىم ئۇرۇلغاندا (ئەگەر بالىياغاچنى پۇچىلاپ ئۇرالمىسىمۇ ئۇرغانغا ھىساپ). نەگە بېرىپ چۈشسە، قارشى تەرەپتىكى بالىلاردىن بىرى يوغان- يوغان چامداپ پەللىگە كەلگىچە سانايدۇ: بالىياغاچ ئۇرغۇچى تەرەپ بالىياغاچنى پەللىدىن يەنە يېڭىۋاشتىن ئۇرىدۇ. ئەگەر بۇ جەرياندا قارشى تەرەپ بالىياغاچنى تۇتۇۋالسا، بالىياغاچ ئۇرغۇچىنىڭ نۆۋىتى تۈگەپ، تاپقان سانىمۇ ‹‹كۆيىدۇ››. ئاندىن ئىككىنچى تەرەپ ئوينايدۇ. 500 قەدەمگە يەتكۈزسە، يەنە بىر تەرەپ ‹‹ئىشەك›› بولىدۇ. بۇ چاغدا ئۇتۇپ چىققان تەرەپ بالىياغاچنى پەللىدىن باشلاپ ئۇدا ئۈچ قېتىم ئۇرىدۇ.(بۇ چاغدا قارشى تەرەپ بالىياغاچنى توسىمايدۇ) بالىياغاچ ئۈچىنچى قېتىم نەگە بېرىپ چۈشسە، ‹‹ئىشەك›› بولغۇچى   بالا شۇ يەردىن پەللىگە توختىماستىن‹‹ۋەللەي... ۋەللەي... ۋەللەي...›› دەپ توۋلاپ يۈگۈرەيدۇ. ئەگەر ئۇ بىرەر يەردە تىنىپ ئالسا، ئۇتۇۋالغۇچى بالا بالىياغاچنى يەنە كەينىگە ياندۇرۇپ بىر قېتىم ئۇرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، قاچان ‹‹ۋىلى- ۋىلى ۋەللەي...›› دەپ تىنماي توۋلاپ پەللىگە يۈگۈرۈپ كېلەلىسە، ئاندىن ئويۇن تاماملىنىدۇ.


-        ئودۇكام
-        بۇ ئويۇن باشلىنىشتىن بۇرۇن يەرگە دۈگلەك سىزىلىدۇ. ئەگەر ئوينايدىغان  بالىلار ئالتە بولسا، دۈگلەك سىزىقىنىڭ ئۈستىگە ئايلاندۇرۇپ بەش دانە ئورەك، دۈگلەكنىڭ ئوتتۇرسىغا يەنە بىردانە ئورەك ئويىلىدۇ. بەش بالا دۈگلەك سىزىقىنىڭ ئۈستىدىكى بەش ئورەككە ئۆز تايىغىنى سانجىپ تۇرىدۇ. دۈگلەكنىڭ ئوتتۇرسىدىكى ئورەككە بىر چىكىلتەك (بىر غېرىچ ياغاچ بولسا بولىدۇ)سېلىپ قويۇلىدۇ. يەنە بىر بال دۈگلەكنىڭ ئوتتۇرسىدىكى تۇرۇپ، ھىلىقى ئورەكتىكى چىكىلتەكنى قولىدىكى ئۇزۇن تاياق بىلەن ئورەكتىن چىقىرىپ، ئەتراپتىكى بالىلارنىڭ ئورىگىگە ئىتتىرىدۇ. بۇ چاغدا چىكىلتەك كىمنىڭ ئورىگىگە يېقىن كەلسە، شۇ ئورەكنىڭ ئىگىسى ئۆز ئورىگىگە سانجىپ تۇرغان ئانىياغاچ بىلەن چىكىلتەكنى نېرى ئىتتىرىۋېتىدۇ. ئۇ بالا         چىكىلتەكنى ئوتتۇردىكى ئورەككە ئىتتىرىۋەتكەن چاغدا، ئوتتۇرىدا تۇرغان بالا ئۇنىڭ بىلەن قېرىشىپ تۇرۇپ چىكىلتەكنى ئۇنىڭ ئورىگىگە چۈشۈرۈۋالىدۇ. ئۇ ئاشۇ ئورەككە چۈشۈرەلمىسە، ئۆزى يەنە ئوتتۇرىدا تۇرۇپ ئويۇننى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئەگەر چىكىلتەكنى باشقىلارنىڭ ئورىكىگە چۈشۈرۈۋالسا، ئورىگىنى قوغدىيالمىغان بالا ئوتتۇرىغا چۈشۈپ، ئويۇننى داۋاملاشتۇرىدۇ.

-        ساردىن قوغدىنىش
-        بۇ ئويۇننى ئون نەچچە بالا بىرلىشىپ ئوينايدۇ. ئۇلار مەيداننىڭ ئوتتۇرىدىن بىر يەرنى پەللە قىلىپ ياسايدۇ. ئاندىن بالىلاردىن  بىرسى ‹‹سار›› قالغانلىرى ‹‹چۆجە›› بولىدۇ. چۆجىلەر مەيداندا دانلاشقا باشلايدۇ. سار شۇ چاغدا پەللىدىن چىقىپ دانلاۋاتقان چۆجىلەرگە قاراپ ئېتىلىدۇ. ئۇ ئىككى قولىنى كەڭ كېرىپ ھەم پۇلاڭلىتىپ (سارنىڭ ئۇچۇشىنى دوراپ) چۆجىلەرنى ‹‹چىل... لىگ... لىگ... لىگ... لىگ... ...››دەپ قوغلايدۇ. چۆجىلەر سارنى كۆرۈش بىلەنلا ھەر تەرەپكە پىتىراپ قېچىشقا باشلايدۇ، سار قوغلاپ يۈرۈپ قايسى چۆجىگە يېتىۋالسا، شۇنى شىللىسىدىن تۇتۇپ پەللىگە ئېلىپ كېلىدۇ-دە، يەنە باشقىلارنى قوغلاشقا باشلايدۇ. (چۆجە بولغان بالىلار پەللىنى ئايلىنىپ قاچىدۇ،  يىراق يەرگە قاچمايدۇ) شۇنداق قىلىپ سار تا چۆجىلەرنى تۇتۇپ بولغىچە ئويۇن داۋاملىشىدۇ.

-        چۆچۈرە قاينايدۇ
-        بالىلار دۈگلەك بولۇپ تىزىلىدۇ. ئارىدىن يېشى چوڭراق بىرسى ئوتتۇرىغا چۈشۈپ يۈكۈنۈپ ئولتۇرىدۇ-دە، چۆچۈرە تۈگۈش ھەركىتىنى قىلىدۇ. ئەتراپتا دۈگلەك بولۇپ تۇرغان بالىلار ئۇنى ئايلىنىپ قوشاق ئېيتىدۇ:
-        چۆچۈرە قاينايدۇ،
-        ئانىكام بەرمەيدۇ.
-        بەرمىسە بەرمىسۇن ،
-        ئىشىكنى تاقاپ يىسۇن.
-        ئالقانلىرىم بار،
-        پىيازلىرىم بار.
-        ئاق تامدا،
-        كۆك تامدا،
-        زىلەيخانىڭ بېغىدا،
-        بىر تال ئالۇچا.
-        ئالۇچىغا قونۇپتۇ،
-        بىر توپ سۇڭگۈلچا.
-        سۇڭگۈلچانىڭ پۇتلىرى
-        بوغۇم- بوغۇمكەن.
-        بويۇنلىرى ئالىبالداق،
-        تۇغۇم- تۇغۇمكەن.
-        بالىلار قوشاقنى ئېيتىپ بولۇپ، گۈررىدە ئانىنىڭ قېشىغا يىغىلىدۇ-دە:
-        چۆچۈرە پىشتىمۇ؟- دەپ سورايدۇ. ئانا:
-        پىشتى، مەن ئاچچىقسۇ ئەكىلەي،- دەپ ماڭىدۇ.
-        بالىلار ئانا كېتىشىگىلا ئانىنىڭ چۆچۈرىسىنى يەۋالىدۇ. ئانا بىر دەمدىن كېيىن قايتىپ كېلىدۇ-دە، بالىلارنى قوغلايدۇ. بالىلار پىتىراپ قاچىدۇ ئانا ھەممىسىنى بىر-بىرلەپ تۇتۇپ: ‹‹سەن قانچە چۆچۈرە يىدىڭ؟›› دەپ سورايدۇ.

-        توپ ئويۇنى
-        بۇ ئويۇننى قىزلار ئوينايدۇ. تۆت بەش قىز توپنى نۆۋەتلىشىپ ئويناپ قوشاق ئېيتىدۇ. شەرت: توپنى قاچۇرماسلىق ھەمدە قوشاق ئېيتىشتا دۇدۇقلاپ قالماسلىق ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە قوشاقنى توپنىڭ ئۆرلەپ چۈشىشىگە ماسلاشتۇرۇپ ئېيتىش كېرەك. توپ قولدىن چۈشۈپ كەتسە ياكى قوشاق ئېيتىشىشتا دۇدۇقلاپ قالسا، ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا بىرى ئوينايدۇ. قوشىغى تۆۋەندىكىچە:
-        چىگىچى، بۇغدايچى،
-        خەمىگى دۇغدايچى.
-        كېچىلەپ زۇۋانى قوي،
-        زۇۋىنىڭ قايسى قىز.
-        ئەڭ كىچىگى ۋوپا قىزى
-        ۋوپانى ۋوپا دىمەڭلار،                                                                  ۋوپا يالغانچى بولار.
-        ۋوپادىن كۆر بوۋاڭنى تاپ،
-        بوۋا بەك ياخشى بولۇر.
-        بوۋىنىڭ بىر تال تۈكى،
-        ئىشەككە ئاغامچا بولۇر.
-        ......................
-        ئۇچۇپ چىقتىم ھاۋاغا،
-        سەكرەپ چۈشتۈم دەرياغا.
-        دەريا سۈيى قۇيالدى،
-        پاتمىچۇقلار بويالدى.
-        بىرىنىڭ ئېتى كۇچۇلا،
-        بىرىنىڭ ئېتى پۇچۇلا.
-        ئاپپاق ساقال بوۋىلار،
-        قىلدى نەچچە توۋىلار...
-        ........................
-        ھاۋا- ھاۋا، ھاۋاچاق،
-        چاۋا تەردىم بىر قۇچاق.
-        چاۋانى ئېلىپ قاچتى،
-        پاقا بىلەن قۇمۇچاق.
-        ئۆتۈگۈم دىستا ئۆتۈك،
-        مېڭىشىم تاراق- تۇرۇق.
-        روزىنىڭ ئون بەشىدە.
-        چۈشتى غازاڭ شاراق-شۇرۇق.
-        ......................
-        يولدىشكامنىڭ بىر قىزى،
-        باسما كۆينەك كىيىپتۇ.
-        باسما كۆينەك كىيگەندە،
-        ھىلىمبەككە تېگىپتۇ.
-        ھىلىمبەككە تەككەندە،
-        ئالتە بالا تۇغۇپتۇ،
-        ئالتە بالا بەرى پوق،
-        ئېيتاي دىسە لاتا يوق.
-        لاتا دىگەن ئۆگزىدە،
-        چىقاي دىسە شوتا يوق.
-        شوتا دىگەن دەرەختە،
-        كېسەي دىسە پالتا يوق.
-        پالتا دىگەن بازاردا،
-        ئالي دىسە پۇلى يوق.
-        پۇل دىگەن ساندۇتا،
-        ئاچاي دىسە ئاچقۇچ يوق.
-        ئاچقۇچكاملار ئۆلۈپتۇ،
-        ئاق مازارغا كۆمۈپتۇ.
-        ئاق مازارغا بىر دەمدە،
-        ئاق تىكەنلەر ئۈنۈپتۇ...
-        يىغلايدىغان ئادەم يوق
-        ئۆزى قوپۇپ يىغلاپتۇ...
-        .....................
-        قوشاق ئەنە شۇنداق داۋاملىشىۋېرىدۇ.

-        تاياق تارتىشىش
-        ئىككى بالا پۇتلىرىنى بىر- بىرىگە تىرەپ ئولتۇرۇپ، بىر تال تاياقنى چىڭ تۇتۇشىدۇ. بۇيرۇق بېرىلگەن ھامان ھەرقايسىسى تاياقنى ئۆز ئالدىغا تارتىدۇ.كىم ئاۋۋال قارشى تەرەپنى تارتىپ ئورنىدىن تۇرغۇزۇۋېتەلىسە، شۇ غەلىبە قىلغان بولىدۇ.
-        شەرت: تاياقنى قويۇۋەتمەسلىك كېرەك.

-        دوپپا تالىشىش ئويۇنى
-        بالىلار ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ سەپ بولۇپ تىزىلىدۇ ، رەت بويىچە ساناپ چىقىدۇ.بۇ چاغدا ھەر بىر بالا ئۆز نومۇرىنى يادلىۋېلىشى كېرەك. ئاندىن ئىككى گۇرۇپپا  بىرلىشىپ بىر چەمبەرەك ھاسىل قىلىپ ئولتۇرىدۇ. چەمبىرەكنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر دوپپا قويۇلىدۇ. بىر بالا رېپىر بولىدۇ. ئويۇن باشلىنىش بىلەن رېپىر بىر نومۇرنى، مەسىلەن: ‹‹5- نومۇر›› دەپ چاقىرىدۇ. بۇ چاغدا ھەر ئىككى گۇرۇپپىنىڭ 5- نومۇرلۇق ئەزالىرى دەرھال ئوتتۇرىغا يۈگۈرۈپ چىقىپ دوپپىنى تالىشىدۇ. بۇ چاغدا كۆپچىلىك چاۋاك چېلىپ ناخشا ئېيتىدۇ. دوپپىنى ئالدىدا ئېلىۋالغان بالا دوپپىنى كۆتۈرۈپ چەمبەرنى ئايلىنىپ قاچىدۇ. دوپپىنى  ئالالمىغان بالا ئۇنى قوغلايدۇ.
-        ناخشا تۈگەشتىن ئىلگىرى قوغلاپ يېتىشىۋالسا دوپپىنى ئۇنىڭغا كىيگۈزۈپ قويىدۇ. بۇ چاغدا قوغلىغۇچى بالا  بىر نومۇرغا ئېرىشىدۇ. قوغلاپ يېتىشەلمىسە، دوپپىنى ئېلىپ  قاچقان بالا ئىككى نومۇرغا ئېرىشىدۇ.
-        ئۇلار ئۆز جايلىرىغا بېرىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن، رېپىر باشقا بىر نومۇرنى  چاقىرىدۇ. ئويۇن يەنە باشلىنىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا نومۇرغا ئەڭ كۆپ ئېرىشكەن گۇرۇپپا غەلىبە قىلغان بولىدۇ.

-        كىمنىڭ قەغىزى چۈشۈپ كەتمەيدۇ
-        ئويۇنغا قاتناشقانلاردىن ھەر قېتىمدا ئىككىدىن بەشكىچە بالا مۇسابىقىلىشىدۇ. ئۇلار ئوخشاش چوڭلۇقتا بىر ۋاراق قەغەز ياكى گېزىتنى  تەييارلاپ، ئۇنى مەيدىسىگە قولى بىلەن تىرەپ، بىر سىزىقتا قاتار تىزىلىپ، يۈگۈرۈشكە تەييارلىنىپ تۇرىدۇ. رېپىر كوماندا بەرگەن ھامان قەغەزنى  كۆكرىگىگە تىرەپ تېز سۈرئەت بىلەن ئالغا قاراپ يۈگۈرەيدۇ. كىم قەغەزنى يەرگە چۈشۈرۈۋەتمەي كۆزلىگەن نىشانغا ھەممىدىن بۇرۇن بارالىسا، شۇ بالا بىرىنچى بولىدۇ. دىققەت: يۈگۈرگەندە قەغەزنى ھەر قانداق نەرسە بىلەن كۆكسىگە  بېكىتىۋېلىشقا ياكى قولى بىلەن تۇتۇۋېلىشقا بولمايدۇ.
-        بايراقنى ئايلىنىپ مېڭىش
-        باشلىنىش نۇقتىسىدىن باشلاپ بىر مېتىر ئارىلىققا بىردىن قىلىپ 10 دانە كىچىك بايراق يەرگە قادىلىدۇ. ئويۇنغا قاتناشقان بالىلار سەپ بولۇپ تۇرىدۇ- دە، بىرىنچى بالىدىن باشلاپ تىكتاك توپ پالىقىدا بىر دانە توپنى توكىلدىتىپ ئۇرۇپ، ھەر بىر بايراقنى بىردىن ئارىلاپ ماڭىدۇ. ئەڭ چەتتىكى 10- بايراقنى ئايلانغاندىن كېيىن يەنە شۇ تەرىقىدە باشلىنىش نۇقتىسىغا قايتىپ كېلىدۇ. كىم ئۇدا 3 قېتىم توپنى يەرگە چۈشۈرۈۋەتمەي ئايلىنىپ كېلەلىسە، شۇ بالا بىرىنچى بولىدۇ.

-        چامغۇر يۇلۇش ئويۇنى
-        بالىلاردىن بىرى تۈۋرۈك ياكى بىر تۈپ دەرەخنى قۇچاقلاپ ئولتۇرىدۇ. قالغان بالىلار ئۇنىڭ كەينىدە بىر بىرىنى قۇچاقلاپ ئولتۇرىدۇ. بالىلاردىن يەنە بىرى دېھقان بولۇپ ئەڭ كەينىدە ئولتۇرغان بالىنى قۇچاقلاپ (دېھقان چامغۇر يۇلغان پەدىدە) تارتىدۇ. ئولتۇرغان بالا ئالدىدىكى بالىنى مەھكەم قۇچاقلاپ ئولتۇرۇۋالىدۇ. دېھقان بالا كۈچەپ تارتىدۇ. ئويۇن دېھقان بالا ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىنى تارتىپ ئورنىدىن قوپۇرۇپ بولغىچە داۋاملىشىدۇ.

-        يېرىلىڭ تېغىم
-        بالىلار بىر بىرىنىڭ قوللىرىدىن تۇتۇپ دۈگلەك بولۇپ ئولتۇرىدۇ. بىر بالا دۈگلەك ئىچىدە ‹‹ئانا›› بولۇپ يۈكۈنۈپ ئولتۇرىدۇ. يەنە بىر بالا دۈگلەكنى ئايلىنىپ قوشاق ئېيتىدۇ:
-        يېرىلىڭ تېغىم، يېرىلىڭ،
-        مەن ئانامنى كۆرۈۋالاي.
-        قۇچاقىغا باش قويۇپ،
-        دىدارىغا تويۇۋالاي...
-        بالا دۈگلەكنى ئايلىنىپ قوشاق ئېيتقاچ ئوتتۇرىغا كىرىش ئۈچۈن يوچۇق ئىزلەيدۇ. دۈگلەك بولۇپ ئولتۇرغان بالىلار بولسا ئۇنىڭغا يوچۇق بەرمەيدۇ. ئويۇن بۇ بالا بىرەر يەردىن يوچۇق تېپىپ دۈگلەكنىڭ ئوتتۇرسىدىكى ‹‹ئانا›› يېنىغا كىرىۋالغىچە داۋام قىلىدۇ.
-        شۇندىن كېيىن ، دەسلەپكى بالىغا يوچۇق بېرىپ قويغان يەردىكى ئىككى بالىدىن بىرى دۈگلەك ئىچىدە ئانا بولۇپ ئولتۇرىدۇ. يەنە بىرى دۈگلەكنىڭ سىرتىدا ئايلىنىپ ھېلىقى قوشاقنى ئېيتىدۇ.
-        ھەر قېتىم يېڭىلگەنلەر مەيدانغا چۈشىدۇ، ئويۇن شۇ يوسۇندا داۋاملىشىۋېرىدۇ.

-        چاۋاك ئويۇنى
-        ئىككى بالا بىر–بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرۇپ بىر–بىرىنىڭ قولىنى چاۋاكلايدۇ. شەرت: بىرى ئۆز قولىغا، يەنە بىرى قارشى تارەپنىڭ قولىغا، ئوڭ قولىنى ئوڭ قولغا، سول قولىنى سول قولىغا چاۋاكلىشى ھەمدە ھەر بىر چاۋاكلىغاندا ساناق سانىشى كېرەك. كىم ساناقتا ئازماي، تەمتىرىمەي چاۋاكلىيالىسا ھەمدە قارشى تەرەپنى ساناقتا ئازدۇرۇپ توختىتىپ قويالىسا، شۇ بالا ئۇتقان بولىدۇ.

-        كۆز بېقىشىش
-        ئىككى بالا يېقىن تۇرۇپ كۆز قارچۇغىنىمۇ مىدىرلاتماستىن  بىر- بىرىگە قارىشىدۇ. كىم كۆزىنى چىمچىقلاتماستىن ئۇزاققىچە تىكىلىپ (قارشى تەرەپ بەرداشلىق بېرەلمەي كۆزىنى چىمچىقلاتقانغا قەدەر) تۇرالىسا، شۇ بالا غەلىبە قىلغان بولىدۇ.
-        شەرت: بىر مېتىر ئارىلىق قالدۇرپ تۇرۇش كېرەك.

-        ئارقان ئاتلاش(1)
-        بۇ ئويۇننى بەش ياشتىن يۇقۇرى، ئىككىدىن بەشكىچە بالا ئوينايدۇ. قىز-ئوغۇللار ئارىلاش ئوينىسىمۇ بولىدۇ. بالىلارنىڭ ئۆز غۇلىچىدا بىر يېرىم غۇلاچچە ئارقان تەييارلىنىدۇ. ئوينىغۇچى بالا ئارقاننىڭ ئىككى ئۇچىدىن تۇتۇپ، بېشىدىن ئايلاندۇرۇپ سەكرەيدۇ ۋە ساناق سانايدۇ(ئارقاندىن بىر قېتىم سەكرەپ ئۆتسە بىرىنى سانايدۇ). پۇتىنى جۈپلەپ سەكرىسىمۇ، پەي-پەي ئېتىپ سەكرىسىمۇ بولىدۇ . سەكرىگۈچى ھېرىپ قالسا ياكى پۇتى ئارقانغا ئىلىنىپ قالسا نۆۋۋىتى توختايدۇ-دە، ئىككىنچى بالا ئويۇننى داۋاملاشتۇرىدۇ.
-        ئاخىرىدا قايسى بالا كۆپ سانلىق سانىسا، شۇ غەلىبە قىلىدۇ.

-        ئارقان ئاتلاش(2)
-        تۆت قىز ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ (كۆپ بولسىمۇ بولىدۇ) ئىككى قىز تانىنىڭ ئىككى بېشىدىن تۇتۇپ ئايلاندۇرىدۇ. يەنە ئىككى قىز تانا ھەر بىر يەرگە چۈشكەندە ساناق ساناپ تانا ئۈستىدىن سەكرەيدۇ. شەرت: پۇتىنى بىردە جۈپ، بىردە تاق قىلىپ سەكرىشى، پۇتلىرىنى تانىغا تەككۈزمەسلىگى كېرەك. تانا پۇتىغا تېگىپ كەتكەن ھامان ساناق توختايدۇ- دە، قارشى تەرەپ بىلەن ئورۇن ئالماشتۇرىدۇ. ئويۇن يەنە داۋاملىشىدۇ.

-        يىڭنەم يۇتتى
-        بالىلار دۈگلەك بولۇپ ئولتۇرىدۇ. بىر بالا دۈگلەكنىڭ  ئوتتۇرىدا  تۇرىدۇ. چەتتە ئولتۇرغان بالىلار ئۇنىڭ بىر نەرسىسىنى (توپ، دوپپا ياكى باشقا بىر نەرسىسىنى ) تىقىۋالىدۇ-دە، ‹‹يىڭنەم يۈتتى، غۇرتاڭ- غۇرت›› دەپ چېتى ئارقىلىق يوشۇرۇپ، بىر بىرىگە سۇنۇپ بېرىدۇ. ئوتتۇرىدا تۇرغان بالا كۈزىتىپ تۇرۇپ ئۆز نەرسىسى كىمنىڭ قولىغا كەلسە شۇنى تۇتۇۋېلىپ، ئۆز نەرسىسىنى تارتىۋالىدۇ. ئۇ تاپالمىسا داۋاملىق ئىزلەيدۇ. تېپىۋالسا چاندۇرۇپ قويغان بالا بىلەن ئورۇن ئالماشتۇرىدۇ. بالىلار ئوتتۇرىغا چۈشكەن بالىنىڭ يەنە بىر نەرسىسىنى  يوشۇرۇۋاللىدۇ-دە، ‹‹يىڭنەم يۈتتى، غۇرتاڭ- غۇرت›› دەپ توۋلاپ ئويۇننى داۋاملاشتۇرىدۇ
-        خۇشتازىم
-        ئون نەچچە بالا غۇلىچىنى كېرىپ بىر بىرىنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرىدۇ. ئاندىن ئەڭ ئاخىردىكى بالا ئەڭ باشتىكى  بالىنىڭ ئىسمىنى توۋلاپ ئەگىپ كېلىدۇ. باشقا بالىلارمۇ بىر بىرىنىڭ قوللىرىنى قويۇۋەتمەي ئۇنىڭغا ئەگىشىپ  باشتىكى بالىنىڭ ئىسمىنى توۋلاپ ماڭىدۇ. باشتىكى بالا ئورنىدا قىمىرلىماي تۇرىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدىكى بالا بىلەن ئىككىنچى بالىنىڭ قولتۇغىدىن ئۆتىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئەڭ باشتىكى بالا ئالدىغا، ئىككىنچى بالا ئارقىغا قاراپ قالىدۇ. ئىككىنچى قېتىم ئەڭ ئاخىرىدىكى بالا يەنە باشقىلارنى ئەگەشتۈرۈپ ئۈچىنچى بالىنىڭ ئىسمىنى توۋلاپ، مېڭىپ، ئۈچىنچى بالا  بىلەن تۆتىنچى بالىنىڭ قولتۇقىدىن ئۆتىدۇ.شۇنىڭ بىلەن تۆتىنچى بالا ئىككىنچى بالىغائوخشاش ئارقىغا قاراپ قالىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدىكى بالا يەنە باشقىلار بىلەن تەڭ بەشىنچى بالىنىڭ ئىسمىنى توۋلاپ، بەشىنچى بالا بىلەن ئالتىنچى بالىنىڭ قولتۇغىدىن ئۆتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئالتىنچى بالىمۇ ئارقىغا قاراپ قالىدۇ ... ئەڭ ئاخىرىدىكى بالا باشقىلارنى باشلاپ نۆۋەت كەلگەن بالىنىڭ ئىسمىنى توۋلاپ ئۆزى قالغانغا قەدەر ئايلىنىۋېرىدۇ. بۇ جەرياندا بالىلار بىر بىرىنىڭ قولىنى قويۇۋەتمەيدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ يېرىمى ئالدىغا، يېرىمى كەينىگە قاراپ قالىدۇ. شۇندىن كېيىن ئۇلار:‹‹ئالدىمىزغا سالام! كەينىمىزگە سالام!›› دەپ توۋلاپ، تەپ- تەكشى ھالدا بىر ئالدىغا، بىر كەينىگە ئېگىلىدۇ.

-        ئاغامچا تارتىشىش
-        بالىلار ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلىنىدۇ (ھەر بىر گۇرۇپىدا ئادەم سانى بەشتىن ئون بەشكە قەدەر  بولسا بولىدۇ) ئاغامچىنىڭ ئوتتۇرسىغا بىر قىزىل لېنتا باغلىنىپ، يەرگە پاراللىل قىلىپ (ھەر بىرىنىڭ ئارىلىغى بىر مېتىر بولىدۇ) ئۈچ سىزىق سىزىلىدۇ. ئاغامچىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى قىزىل لېنتا ئوتتۇرسىدىكى سىزىقىغا توغرىلىنىدۇ. ھەر ئىككى گۇرۇپپىنىڭ بېشىدىكى بالا ئۆزى تەرەپتىكى سىزىقنىڭ ئۈستىگە دەسسەپ تۇرىدۇ. ھەر ئىككى تەرەپ ئاغامچىنى چىڭ تۇتۇپ، تارتىشقا تەييارلىنىدۇ.
-        رېپىر پۇشتەك چالغان ھامان ھەر ئىككى تەرەپ كۈچەپ تارتىدۇ
-        بۇ مۇسابىقىدە قايسى تەرەپ ئۇدا ئىككى قېتىم يېڭىۋالسا غەلىبە قىلغان بولىدۇ. دەسلەپتە ھەر ئىككى تەرەپ بىردە- بىر بولۇپ قالسا مۇسابىقىدە يەنە بىر قېتىم داۋام قىلىدۇ.
-        شەرت: (1) رېپىرنىڭ پۇشتكى چېلىنماي تۇرۇپ ئاغامچىنى تارتىشقا بولمايدۇ. (2) ئارقاننىڭ ئۈستىدىكى قىزىل بەلگىنى ئۆز تەۋەسىدىكى  سىزىقتىن ئۆتكۈزۋېتەلىگەن تەرەپ غەلىبە قىلغان بولىدۇ.
-        چانا
-        چانا قىش كۈنلىرى قار ۋە مۇزدا ئوينىلىدۇ. چانىنى بالىلار ئۆزلىرى ياسىۋالسا بولىدۇ. چانا تېيىلىش بىرنەچچە تۈرلۈك بولىدۇ. بىرىنچى، ئېگىزدىن پەسكە تېيىلىش، بۇنىڭدا بالىلار قار ۋە مۇز قاپلىغان  ئېگىزلىكلەردىن پايدىلىنىدۇ، ئىككىنچى، تۈز مۇزدا تېيىلىش، بۇنىڭدا بالىلار چانىغا ئولتۇرۇۋېلىپ، ئىككى قولىدا زىقچە تۆمۈرنى تۇتۇپ، زىقچىنى مۇزغا تىرەپ قولىنىڭ كۈچى بىلەن چانىنى ئالدىغا ئىتتىرىدۇ. بۇ ئويۇننى ئوينىغۇچىلارنىڭ سانى چەكلەنمەيدۇ. مەلۇم ئارىلىقتا تېز تېيىلىشتا بەسلىشىدۇ. ئۈچىنچى قاردا تېيىلىش، بۇنىڭدا بىر ياكى ئىككى بالا چانىدا ئولتۇرىدۇ. ئىككى- ئۈچ بالا ‹‹ئات›› بولۇپ چانىنى سۆرەيدۇ. چانىدا ئولتۇرغانلار ‹‹ ئات›› لارنى ‹‹ چۇ - چۇ - چۇ ›› دەپ ھەيدەيدۇ. ‹‹ ئات ›› لار بولۇشىغا چاپىدۇ. مەلۇم ئارىلىققا بارغاندىن كېين ‹‹ئات›› بولغۇچىلار بىلەن چانىغا ئولتۇرغۇچىلار ئورۇن ئالماشتۇرۇپ ئويۇننى داۋاملاشتۇرىدۇ.

-        كىم كۈچلۈك
-        ئىككى بالا ئۈستەل ئالدىدا ئولتۇرۇپ،  جەينەكلىرىنى ئۈستەلگە تىرەيدۇ. بىر بىرىنىڭ ئوڭ قولىنى مەھكەم تۇتۇپ تەييارلىنىپ تۇرىدۇ. رېپىر كوماندا بەرگەن ھامان ئۇلار تەڭلا كۈچەپ بىر بىرىنىڭ قولىنى باسىدۇ. كىم قارشى تەرەپنىڭ قولىنى بېسىۋالسا، شۇ بالا غەلىبە قىلغان بولىدۇ.

-        چاڭغا تېيىلىش
-        بۇ ئويۇننى بالىلار قىش كۈنلىرى دەريا كۆللەردە قېلىن مۇز قاتقاندا ئوينايدۇ.
-        چاڭغا تېيىلىش ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ. بىرىنچى، بىر پۇتلاپ تېيىلىش، بۇنىڭدا چاڭغا ئوڭ پۇتقا مەھكەم تېڭىلىدۇ.  ئاندىن مەلۇم ئارىلىقتىن يۈگۈرۈپ كېلىپ، بىر پۇتى بىلەن تېيىلىدۇ. كىم پۇتىنى يەرگە قويۇۋالماي ۋە يېقىلىپ كەتمەي ئەڭ ئۇزۇنغا تېيىلىپ بارالىسا، شۇ غەلىبە قىلىدۇ. ئىككىنچى، ئىككى پۇتلاپ تېيىلىش، بۇنىڭدا ھەر ئىككى پۇتقا چاڭغا تېڭىلىدۇ. بۇ ئويۇننى سەل ئىلدىرەك ئورۇنلردا ئىككى پۇتنى تەڭ تۇتۇپ، تىزىنى سەل ئېگىپ، بەلنىمۇ سەل ئالدىغا ئېڭىشتۇرۇپ تېيىلىدۇ
-        دىققەت: بىرىنچى، كاچكۆل ئەتراپىدا تېيىلماسلىق ؛ ئىككىنچى، نېپىز مۇزلاردا تېيىلماسلىق؛ ئۈچىنچى، ئېگىز يەردىن ماشىنىلار ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان يوللارغا توغرىسىغا چۈشمەسلىك كېرەك.
-        لەگلەك
-        بۇ ئويۇننى ئوغۇل بالىلار ئەتىياز مەزگىللىرىدە كۆپ ئوينايدۇ.
-        لەگلەك كېپىنەك، يىڭناغۇچ، كەپتەر ۋە بېلىق شەكىللىرىدە ياسىلىدۇ. لەگلەكنى ياساش پىرىنسىپ جەھەتتىن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ. ئۇنى ياساش ئۈچۈن نېپىز قەغەز، شىلىم ۋە ياكى قۇمۇش تالاسىغا ئوخشاش يېنىك ماتېرىياللار ئىشلىتىلىدۇ. لەگلەك ياسىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۈچ تال يىپ ئارقىلىق توروزا بېكىتىلىدۇ.
-        لەگلەك قاتتىق شامالدا ۋە ئورمانلىق جايلاردا ئۇچۇرۇلسا ئاسانلا بۇزۇلۇپ كېتىپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى ئوچۇقچىلىقتا، سالقىن شامالدا ئۇچۇرۇش كېرەك.

-        پىقىرغۇچ
-        بۇ ئويۇننى 3 ياشتىن 7 ياشقىچە بولغان بالىلار ئوينايدۇ.
-        پىقىرغۇچ ئادەتتە سەل قېلىنراق قەغەزدىن ياسىلىدۇ. پىقىرغۇچ ياسىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇزۇنلۇغى ئىككى غېرىچ، توملۇغى چىمچىلاقتەك ياغاچنىڭ ئۇچىغا يىڭنە مىغ بىلەن بېكىتىلىدۇ. ئاندىن بالىلار ئۇنى ئالدى تەرەپكە قارىتىپ تۈز تۇتۇپ، تېز سۈرئەت بىلەن يۈگۈرىدۇ.  بۇ چاغدا پىقىرغۇچ خۇددى چاق پىلەكتەك پىرقىرايدۇ.
-        بالىلار 100- 50 مېتىر ئارىلىقتا بىر قولىدا ياكى ئىككى قولىدا پىقىرغۇچ تۇتۇپ يۈگۈرۈپ مۇسابىقىلىشىدۇ.

مەنبە    :ساقلىمىلىرىم

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
tursunjan + 5 + 5 + 5 + 5ياخشى تېما.

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 5 تىللا + 5 تۆھپە + 5 شۆھرەت + 5  باھا خاتىرىسى

مۇنبەر  ئەھلىگە  سالام!
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

200

تېما

96

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6953 سەر
تىللا
1441 دانە
تۆھپە
7466 سەر
شۆھرەت
5474 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىبايقاش مەلىكىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-21 00:40:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىرداش ئەپەندىم ياخشىمۇ سىز ؟ ياخشى تېما يوللاپسىز ، ئەنئەنىۋى ئۇيۇنلىرىمىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن مانا مۇشۇنداق داۋاملاشتۇرۇپ تۇرايلى !!
داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز ، رەھمەت .
مىللى مائارىپنى گۈللەندۈرۈش ھەممىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئوليىتى ۋە مەجبۇريىتى

111

تېما

18

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

تەستىقسىز ئەزا

قىزغىنلىق
2278 سەر
تىللا
774 دانە
تۆھپە
2475 سەر
شۆھرەت
2112 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش قىزىقچىسىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-21 14:54:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرۇن مەنمۇ ئوينايتىم . لىكىن چوڭ بولۇپ قالغاندا ھەي .....................
كىم دەيدۇ ‹‹ ياۋرۇپالىق مەدەني››؟      
نە ئەدەپ بار،نە ھايا، قىپيالىڭاچ بەدەنى           
گەر مەدەنىيەت ، ئىچىش بولسا بەدەننى،
ئىيتىڭلارچۇ ،ھايۋانلار بىزدىن بەكرەك مەدەني.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 01:52, Processed in 0.461043 second(s), 41 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش