مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2062 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • خانىدان تۈنۈگۈن 14:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • دىلكەش ئۈلۈشكۈن 09:24 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا موبارەك بولسۇن~

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشى بولماق مىڭ يىلچىلىك،يامان بولماق بىر دھمچىلىك.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مقۋىلىك دەرەخنىڭ بېشى تۆۋەن،بىلىملىك ئادەمنىڭ يۇزى تۆۋەن.

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • نۇردۇن تۈنۈگۈن 11:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام،دوسلار بايرىمىڭىلارگە بۇبارەك بولسۇن!بايراملىق تىللا سوۋغا قىلمامسىلە؟

  • پۇرخۇن تۈنۈگۈن 00:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    نېمە قىلىۋاتىسىز؟ دوستلىرىڭىز بېلەن ئورتاقلىشىڭ ...جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

  • زەپەر 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىشچاندىن تەر چىقىدۇ،ھورۇنندىن ئۇھ چىقىدۇ.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    دىلىڭدا نېمە بولسا تىلىڭدا شۇ.

كۆرۈش: 68|ئىنكاس: 1

دەرتمەنلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

46

تېما

0

دوست

647

جۇغلانما

ئەتتىرگۈل ئەزا

Rank: 3Rank: 3

قىزغىنلىق
122 سەر
تىللا
154 دانە
تۆھپە
76 سەر
شۆھرەت
121 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-9 22:54:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەرتمەنلەر
  قاتناشقۇچىلار:
A: ھەنىپىخان،60ياشلاردىكى دېھقان.
B: سەلىمىخان،55ياشلاردىكى دېھقان.
  سەھنە: شەھەردىكى مەلۇم ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىنىڭ قورۇسى ئىچى.
A: (ئۇ بەل،پۇتلىرىنى مۇشتلىغاچ،ۋايسىغىنىچە چىقىپ كېلىدۇ) ۋاي...ۋاي...ۋاي!نېمانچە ئاغرىيدىغاندۇبۇبېشىنى يەيدىغان كاساپەت پۇتلىرىم،نېمانچە قىينايدىغاندۇ نىجىس بەللىرىم! (ئۇ يەرگە چاپلىشىپلا ئولتۇرىدۇ-دە،تىزلىرىنى مۇشتلايدۇ) ۋايەي !ۋايەي!
B: (ئۇ Aغا سىنچىلاپ قارايدۇ) ۋىيەي،ھەنىپىخان ئاچاممۇسىز؟
A:ھەئە،مەن،كېلىڭە سېلىمىخان،كېلىڭە.
B: (ئۇ سۆزلىگەچ كېلىدۇ) كۆزدىن كېتىپتۇق،ھەنىپىخان،كۆزدىن كېتىپتۇق.مەن تېخى سىزنى موتودىن چۈشۈپ قالغان سومكىمىكىن دەپ قاپتىمەن.
A:كۆزىڭىزدىنلا ئەمەس،ھەممە يېرىڭىزدىن كەتتىڭىز سەلىمەك،كېلىڭە،بىردەم ئاپتاپ سۇنۇپ ئولتۇرۇۋالسىڭىز،بىركىلو گۆش يېگەندەك بولىسىز.
B:مەندىن بالدۇر چىقىۋېلىپ،ھەنىپەك،بىرەر كىلو گۆشنى يەپ بوپسىز-ھە؟
A:ھەئە،سىزگە سۆڭىكىنى ئېلىپ قويدىم،ئولتۇرۇپ غاجىۋېلىڭ،چىشىڭىز بوغاندىكىن.
B:بېشىنى يەيدىغان قېرى جادۇگەرنىڭ گېپىنىڭ سېسىقلىقىنى (ئۇمۇ ياندىشىپ ئولتۇرىدۇ) قانداقراق قوپۇپسىز،ئۆلۈم ياراتمىغان قېرى!؟
A:ماۋۇ بېشىنى يەيدىغان پۇتلىرىم كېچىچە چىم،چىم،چىم؛ لوق،لوق،لوق؛ زىڭ،زىڭ،زىڭ... قىلىپ ئاغرىپ، پەقەت ئۇخلاتمىدى دەيمەن. يا بالىۋاقىنىڭ يېنىدا ۋايسىغىلى بولمىغان. شارتتىدە كېسىپ ئېلىپ قويىدىغان ئىش بولسا، ئارام تېپىپ قالاتتىممىكىن-تاڭ.
B: شارتتىدە كېسىپ ئېلىپ قويىدىغان بۇبىر ئانىڭىز قۇيغان ئۆپكە ئەمەس. سىزنى 60يىل كۆتەردىمۇ،ئەمدى سىز ئۇنى كۆتىرىسىز،ئۆتنە جاھان دېگەن شۇ.
A:ماۋۇ خەقمۇ ئۆينىڭ ئۈستىگە ئۆي سېلىۋالغىچە، بىرقەۋەت،بىرقەۋەت سالسا بولمامدۇ دەيمەن. بۇ قەۋىتىگە چىقىپ چۈشكىچە،دوزاققا نەچچە بېرىپ كەلگەندەك بولىۋاتىمەن.
B:بىزدەك قېرىلارنى «قىينىلىپ،تېزرەك ئۆلسۇن» دەمدىكىنە.
A:«قەۋەت،قەۋەت» دېگىنى «قېرىلارنى ئۇدۇنياغا ئەۋەت،ئەۋەت» دېگىنى ئوخشايدۇ.
B:بۇخەقنىڭ شەرىگە سىزىك ئەمەستۇق،بالىلارنىڭ زورىغا،يۈزىگە كېلەلمەي،كىرىپ قالدۇق-تە.
A: بالىلارنىڭ كۆڭلىنى دەپمۇ شەھەرگە كىرىپتۇق، ئەمما ماۋۇ نەۋرە دېگەن كاساپەتلەر يۈرۈكۈمنى غاجاپ كەتتى جۇماڭ،سەلىمىخان.
B:ۋۇيەيييييي!گېپىنى قىلماڭ،ھەنىپىخان.ئاۋۇ مېنىڭ قىز نەۋرەممۇ تۇلا خاپا قىلىپ، ئۆپكەمنى قانسىرىتىۋەتتى.
A:ھوي ئۇ نەۋرىڭىز شۇنداق چىرايلىق،ئوڭلۇق قىزبالىدەك تۇراتتىغۇ؟!
B:ۋىيەيي ماۋۇ ھەنىپىخان ئاچامنى، «چىرايلىقنىڭ دەردى،سەتنىڭ ھالى»دېگەننى ئاڭلىمىغانما؟!
A:ئاڭلىغان
B:ئۇجۇۋاينىمەكنىڭ سەتەڭلىكى جېنىمىزدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ دەيمەن.
A:توۋا ماۋۇ خوتۇننى، بالاۋاقا دېگەن چىرايلىق بولسا ياخشى ئەمەسمۇ!؟
B:قويىڭە ئۇنداق چىرايلىقنى!
A:ھە
B:بۇچىرايلىق خېنىم بۇيىل ئالىي مەكتەپكە ئېمتىھان بېرىدۇ دەڭە،«ئۈرۈمچىگە ياراشماي قالىمەن»دەمدۇ بىلمىدىم،ياسىنىشتىن باشقىنى بىلمەيدۇ دەيمەن.
A:ھە!!!مېنىڭ ئاۋۇ ئوغۇل نەۋرەمنىڭ تەتۈرىسىكەنغۇ. پاكىزلىق يېرىم دۆلەت،سەلىمەك، ياسانغىلى قويۇڭلار.
B:قۇرۇپ كەتسۇن ئۇنداق پاكىزلىق. ئاشۇ مەكتەپتىن كېلىدۇ،قىغ توشۇپ ھېرىپ كەتكەن قېرى ئېشەكتەك سوزۇلۇپ ياتىدۇ، دەنشى (تېلېۋىزور)دېگەننى كۆرىدۇ خۇددى ئانىسى ۋەزىپە قىلغاندەك. ئانىسى بىچارە خىزمەتتىن چۈشۈپ تاماق ئېتىدۇ،ياسانچۇق خېنىم بىرپىيالە ئاشنى زورىغا يەيدۇ.
A:ئاران بىرپىيالىما؟!
B:سەمرىپ كىتەمىش، خۇددى سەمرىپ كەتسە، قۇيرۇق يېغىدا مەن شويلا ئېتىپ يېۋالىدىغاندەك.
A:ھە؟ ئاندىنچۇ؟
B:ئاندىن ئۆزىنىڭ ئايرىمخانىسىغا كىرىپ كېتىپ..
A:ئۆگىنىش قىلىدۇ؟
B:خۇدايا مىڭ توۋا دەڭە، ئۆزىنى ياسايدۇ.
A:ئاشۇ كېچىدىما؟
B:ھەئە دەيمەن! بىرەر كىلو بىرنېمىنى يۈز- كۆزىگە بۇلاپ،ئەينەككە قاراپ، چېچىنى تاراپ ... يېرىم كېچە قىلىۋېتىدۇ.
A: «ئۆزى پاكىزنىڭ خۇيى پاكىز»دەپ، ئۆي ئىچىنىمۇ پاكىز تۇتىدىغاندۇ؟
B:ھو...ھوي،ھەنىپىخان، بۇبالاباغۇ، قوشۇق بىلەن چوكىدىن باشقا قاتتىقراق بىرنېمىنى تۇتمايدۇ دەيمەن. سۈپۈرگە تۇتسا،قولى قاپىرىپ كېتەرمىش،قىزبالا دېگەنمۇ شۇنداق تۇغۇلۇپ قالىدىكەن،ھەنىپىخان،ئاشۇ ئەتتىگەندە ئۇخلايدۇبۇ، ماشىنا دەسسىۋەتكەن پاقىدەك يېتىۋېلىپ. ئانىسى تولاۋاتقان «قوپ»، مەن تولاۋاتقان «قوپ». ئۇ ئاڭلامدىغان، بىچارە كېلىنىمنىڭ نالىسىگە ئۆلۈكمۇ قوپىتى جۇماڭ.
A:ئۇ قىزبالىمۇ،چارۋىچىلىقنىڭ بۇقىسىمۇ؟! يەپ تويغان شىردەكلا ئۇخلايدىكەن-دە.
B:نېمىسىكىن-تاڭ،ئانىسى بىلەن دادىسى ئىشقا كەتكەندە ئۇ سۇخانىغا كىرىۋېلىپ،ھېلىقى كېچىچە چاپلىغان گىرىملىرىنى تازا بىرسائەت يۇيىدۇ.
A:قىڭراق بىلەن قىرىپ قويسىڭىزچۇ.
B:مېنىڭچە بولسا، بوينىدىنلا ئۈزۈپ،ئەخلەت تۇڭىغا تاشلىۋېتىپلا «كۆرمىدىم» دېگۈم بار.
A:مەكتەپكە گىرىم قىلماي بارىدىكەن-دە؟
B:نېمە دەيدىغاندۇ ماۋۇ خوتۇن،ئاخشىمى بىركىلو چاپلىغان بولسا،ئەتتىگەندە ئىككى كىلو چاپلايدۇ. ئاق،قارا،قىزىل،يېشىل... ھەممىسى بار. شۇنداق قارىسىڭىز، ساراڭ بولغان ئالۋاسنىڭ دەل ئۆزى. ئۇنى كۆرگەن جىنمۇ بەدەر قاچىدۇ جۇما. ئۇنىڭ كىيىۋالغان كىيىمىنى دىۋانىغا پۇل قوشۇپ بەرسىمۇ كىيمەيدۇ،«مودا»مىش تېخى، جېنىمنى چىقىرىپ.
A:ئاشۇنداق يۈرسە،مەلىملىرى گەپ قىلمامدىكەن؟
B:گەپ قىلمامدىغان، تازا گەپ قىلىدىكەن. مەلىمى ئۆيگە نەچچە قېتىم كەلدى. «ساراڭغا سوت يوق، ئېشەك ھارۋىسىدا خوت يوق»دەپ، بۇساراڭغا گەپ يېگۈزەلمىدۇققۇ!«يا ياسىنىمەن،يا ئۆلىمەن»دەيدۇ، مۇناپىقنى «ئۆل»دېگىلى بولامدىكەن دەيسىز! ( ئۇ مىشىلدايدۇ )
A:كۆڭلىڭىزنى بۇزماڭ،سەلىمىخان. «تۈتۈننىڭ ئاچچىقىنى مورا بىلىدۇ»دەپ، بىزنىڭ دەردىمىزمۇ يېتىپ ئاشقۇدەك بار.
B:ھە؟
A:مېنىڭ ئاۋۇ ئوغۇل نەۋرەممۇ بۇيىل داشۆ دېگەن يەرگە ئېمتىھان بېرەرمىش. ئانىسى بىلەن دادىسى نىچارە «ئۆگىنىش قىلى، ئۆگىنىش قىلى»دەپ، كاككۇكتەك سايراپ كېتىدۇ. ئاۋۇ شوۋىچىنىڭ قۇلىقىنى ساپالدا ياساپمىتىكىن، پەقەت گەپ ئاڭلىمايدۇ،قاراڭ.
B:ئۇ نەۋرىڭىز ئانچە كۆرۈنمەيدۇ،ئۆيدىن تالاغا چىقمايدىغان ئوخشايدۇ؟
A:« ئۆيدىن تالاغا چىقمايدىغان ئوخشايدۇ» دەيدا. تالادىن ئۆيگە كىرمەيدۇ.
B:كۈندۈزىغۇ مەكتەپكە بارىدىغاندۇ، كېچىسى نەدە يۈرۈيدىغاندۇ؟
A:«ۋاڭبا»دەيدىغان بىريەر بارئىمىشقۇ؟
B:ئاناڭبا؟
A:« ئاناڭبا»ئەمەس،«ۋاڭبا»دەيدۇ، ئوينايدىغان يەرئىمىش.
B:ھە؟
A:كەچتە ئاشۇ ۋاڭبا دېگەن يەرگە كىرىۋېلىپ، كېچىچە ئوينايدىكەن. دادىسى ئىزدەۋاتقان،ئانىسى يىغلاۋاتقان،مەن ئۆزۈمنىڭ گۆشىنى ئۆزۈم يەۋاتقان.
B:يائاللا، كامىنادا قېچىپ كەتكەن ئېشەكلەرنى ئاشۇنداق ئىزدەيتتۇق، ئۇبالىمۇ مەكتەپتە ئوقۇپ ھارغاندا ئانچە-مۇنچە ئوينايدىغاندۇ ھەنىپىخان ؟
A: ئانچە-مۇنچە ئوينىسا، رەنجىپ يۈرەمدۇق،سەلىمىخان، ئانىسى نىچارە ئۇموزاينى ئاشۇ ۋاڭباغا تۇغۇپتىكەنمۇ دەيمەن، ھەمىشەم شۇيەردە، كېچىسىمۇ ئوينايدۇ، كۈندۈزىمۇ ئوينايدۇ؛ ئاچ قالىدۇ، ئۇيقۇسىز قالىدۇ، ئەمما ئۆزى بىلەن كارى يوق،قاراڭ. بىركۈنىسى دادىسى ئۇ ئەقلى يوقنى ۋاڭبادىن تېپىپ كەپتۇ، قارىسىڭىز، قوتۇر بېسىپ كەتكەن ئىتقىلا ئوخشاپ قاپتۇ. دىدارىدا قان يوق، مۇزغا تېيىلغان ئېشەكتەك ماڭالمايلا قاپتۇ، ئاتا-ئانا دېگەن بالىغا چىدىمايدىكەن، سەلىمىخان. ( ئۇ مىشىلدايدۇ )
B:«ئەسكىنىڭ ئوتى يامان »دەپ، ھەنىپىخان، يا بالىلارنى تاشلىۋەتكىلى بولمىسا، يا ساقچىغا تۇتۇپ بەرگىلى بولمىسا، يا قارنىغا پىچاقنى تىقىپلا، «ياتە ئەمدى» دېگىلى تېخى بولمىسا، قانداق قىلىمىزكىن-تاڭ .
A:بۇزاماننىڭ بالىلىرىغا نېمە بولدىكىن، سەلىمىخان، كۆپىنچىسىنىڭ ئەقلى بوينىغا يۆگىشىپ قاپتۇ-يا؟
B:بوينىغا يۆگەشكىدەك ئەقىل يوق، ھەنىپىخان، ماۋۇ بالىلارنىڭ قىلىۋاتقان قىلىقىنى ئېشەكمۇ قىلمايدۇ جۇمۇ .
A:سەلىمىخان،(ئۇ ھېجىيىدۇ) ئاشۇ گەپ ئاڭلىمىغان ئىككى گاۋاڭنى زەمبىرەككە سېلىپ، ئۈرۈمچىگە قارىتىپ مىڭ قېتىم ئاتسىمۇ، داشۆگە چۈشمەي، مۇشۇ ئۆينىڭ ئالدىغا چۈشىدۇ جۇما، بىكاردىن جاننى قىينىغۇچە، ئاشۇ ئەقىلسىزلەرنى بىر-بىرىگە نىكاھ قىلىپ قويامدۇم يا؟ ئوڭشىلىپ كەتسە ھەجەپ ئەمەس.
B:ھە؟! ئاشۇ قوتۇر ئۆچكىدەك سىڭايان ماڭىدىغان سېرىق مۈشۈككىما؟ كۆڭلۈمنى ئېلىشتۇرمىغىنا !
A:پاختەك تۇتۇۋالسا، يۇڭدىماي يەيدىغان مەينەت نېمە دەيدىغاندۇ! ھەي سەلىمەك! كۆزۈڭگە ئالۋاستىدەك كۆرۈنىدىغان ئىنجىمارۇق مايمىقىڭ ئەمدى پەرىزاتتەك كۆرۈنۈۋاتامدۇ؟ قۇدا بولاي دېگىنىمگە خوش بولغىنە قاسماق.
B:قاسماق دېگەن سەن! ھۇ يۇندۇسىدا ئىت ئۆلىدىغان مەينەت .
A: قاسماق دېگەن سەن! ھۇ قاسمىقىنى يىغىپ قىشتا ئوتۇن قىلىپ قالايدىغان مەينەت، ھۇ 100مېتىر نېرىدىن خەققە بۇرايدىغان مەينەت، ھۇ يېڭى كىيىم تاپسا، لايغا بۇلاپ كېيىدىغان مەينەت، ھۇ 100يىل سۇغا باغلاپ قويسا، مەينىتى تۈگىمەيدىغان مەينەت ...
B: (ئۇ ئۆيى تەرەپكە ماڭىدۇ) ۋۇيە...ي، پىلىموتتىن ئوق ئاتقاندەك تىللايدىكىنا ماۋۇ ئۆلمەيدىغان قېرى، ھۇ «ئۆلۈپ كەتسەم، پۇل كېتىدۇ» دەپ، ئۆلمەيدىغان قېرى، بىرموچەن پۇلنى 10يىل ساقلىيالىيالايدىغان قېرى، پۇل سالغان يانچۇقىغا قۇلۇپ سېلىۋالىدىغان قېرى...
A: قاچتىڭما مەينەت، قورقتۇڭمۇ مەينەت، ھۇف... تازا تىللىۋالدىما ئاۋۇ قېرىنى، يائاللا، خەقلەرنى تىللاپ باقمىغىنىمغا ئۇزۇن بوپتىكەن، ئەجەپ يەڭگىللەپ قالدىما... ۋايەي، ئەتە كىم بىلەن پاراڭلىشارمەن ئەمدى؟ ماۋۇ قۇياشمۇ ئەجەپ ئۆزىنى ئەتىۋار قىلىپ، كۆزىنى قىسىۋالدىيا بۈگۈن. ئىسسىقىمۇ يوق،ئو...ھوي، ئاستا ئۆيگە چىقىۋالاي، ھازىر ماڭسام، چۈش بولغىچە ئاران چىقىپ بولىمەن ، ھەقىچان . ( ئۇمۇ چىقىپ كېتىدۇ )
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

574

تېما

30

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
7207 سەر
تىللا
2942 دانە
تۆھپە
7889 سەر
شۆھرەت
5849 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-11 21:41:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلار بايرىمىدا ئەسقاتقۇدەك ياخشى تىمىكەن يارايسىز
ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 00:06, Processed in 0.502190 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش