بۇ يازمىنى ئاخىرىدا گۈلزار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-3 18:33
قىياپىتىم گۈزەل بولسۇن دىسىڭىز

قىزلارنىڭ يۈرۈش -تۇرۇشىدىن قانچىلىك تەربىيە كۆرگەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ .كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ،بىز يۈرۈش تۇرشىمىزغا ئانچە ئىتىبار بەرمىگەچكە ،قىياپىتىمىزنىڭ گۈزەل بولغان بولمىغانلىقىنى ھىس قىلالايمىز .لېكىن ،بۇنىڭدىن ئەنسىرەش ھاجەتسىز .پەقەت يۈرۈش -تۇرۇش شىمىزغا دىققەت قىلىپ ،ئۆزگەرتىشكە كۆڭۈل بۆلسەكلا ،كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ . 1.ئۆرە تۇرۇشتىكى بەش مۇھىم نۇقتا . 1.ئۆرە تۇرغاندا ،ئىككى پۇتنىڭ ئارقا تەرىپى يىقىن تۇرۇشى ،ئالدى تەرىپىدىن بىر مۇشىت پاتقۇدەك ئارىلىق قالدۇرۇلىشى 2.تىز تۈز بولۇشى . 3.قورساقنى ئىچىگە تارتىپ تۇرۇشى . 4.ئىككى بىلەك تەبئىي ھالدا تۆۋەنگە ساڭگىلاپ تۇرۇشى 5.باشنى كۆتۈرۈپ ،ئۇدۇل قاراش كىرەك . 2.ئولتۇرۇشتىكى سىپايىلىك . ئولتۇرۇش ،ئۆرە تۇرۇش ،مىڭىشتىن ئانچە پەرىقلەنمەيدۇ .ئولتۇرغاندىمۇ ئوخشاشلا بەلنى تۈز تۇتۇش ،باشنى كۆتۈرۈش لازىم .روھلۇق ئولتۇرغاندىن باشقا ئەركىن ئازادە بولۇشقا دىققەت قىلىش كىرەك .ئولتۇرغان ۋاقىتتا بەدىنىڭىز ئورۇندۇقتا بولغاچقا ،قىياپەتنى ئاساسەن توغرىلاپ تۇرغىلى بولىدۇ .بەزى قىزلار ئورۇندۇقنىڭ ئىگىز پەسلىكىگە سەل قارايدۇ .ئورۇندۇقتا خۇددىي يۇمشاق لاتا قونچاققا ئوخشاش ھەددىدىن زىيادە ئولتۇرىۋالىدۇ .ئولتۇرغاندا دۈمبە ۋە بەل قىياپىتى توغرا بولۇپلا قالماستىن ،ئىككى پۇتى جۈپىلىنىشى كىرەك .مانا بۇ بىر قىزنىڭ ئەدەپلىك سىپايە قىياپىتىدۇر 3.تىز ۋە يىنىك قەدەم ئېلىش .مېڭىش قىياپىتىمۇ ئولتۇرۇشقا ئوخشاشلا مۇھىم .توغرا بولمىغان مىڭىش قىياپىتى سالامەتلىككە زىيانلىق بولۇپلا قالماي ،يەنە ئوبرازىڭىزغىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ ،ماڭغاندا بەدەننى تۈز تۇتۇپ ،باشنى كۆتۈرۈپ ،يىنىك قەدەم تاشلاپ تېز ۋە رىتىملىق مىڭىش ،بەدەننىڭ بەلگە مەركەزلىشىش كېرەك ،شۇڭا ،بۇ خىل ئۆلچەملىك مىڭىش ئۇسۇلى بەلنى ھەرىلەتلەندۇرۇپ مىڭىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ .يىنىك ۋە تېز مىڭىش كىشىلەرگە ھاياتىي كۈچكە تولغاندەك تۇيغۇ بىرىدۇ ،ھەمدە سىزگە ئازادىلىك بەخىش ئىتىدۇ .ئۇدۇل قاراپ ماڭمىغاندا بەدەن تەبئىيلا ئىگىلىپ قالىدۇ .
مەنبە: « قومۇل گېزىتى »
|