پەيزىۋات ناھىيلىك 3- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 2011-2012-ئۇقۇش يىلى 1- ماۋسۇملۇق ئۇقۇتۇش تەتقىقات پىلانى ساپا مائارىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمىلىلەشتۈرۈپ ئۇقۇغۇچىلارنى ئەتراپلىق تەرەققى قىلدۇرۇش، ئاساس مائارىپ دەرىس ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چۇڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇقۇتۇش تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يىتەكچىلىك قىلىش، ئىلھام بىرىش، ھەيدەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق كونا مائارىپ ئىددىيەسى، مائارىپ قارىشىنى تەدرىجى ئۆزگەرتىپ ئۇقۇتۇش مىتودى، ئۇقۇتۇش ئۇسۇلى جەھەتىتىكى ئۆز- ئارا ئالماشتۇرۇشىنى كۉچەيتىپ ئىلغار تەلىم- تەربىيە تەجىربىللىرىنى كىڭەيتىپ ۋە ئۆگۉنۉپ ئىلعار مائارىپ قارىشىعا، يۇقۇرى كەسپىي قابىلىيەتكە ئىگە يۇقۇرى ساپالىق ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى بەرپا قىلىپ مەكتىۋىمىزنىڭ تەلىم- تەربىيە ئۇقۇتۇش سۈپۈتىدە ئۆزگۈرۈش ھاسىل قىلىش ئۈچۈن بۇ پىلان تۈزۈپ چىقىلدى. كونكىرىتنى ئىشلىنىدىغان خىزمەتلەر تۆۋەندىكىچە: 1) يۇقۇرى دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى تارقاتقان ئۇقۇتۇش تەتقىقاتىغا دائىر ھۆججەت، ئۇقتۇرۇش، ئۇرۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئۆز ۋاقىتدا سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا ئۇرۇندايمىز. 2) قىرىنداش، قوشنا مەكتەپلەر ئارا ئۆز- ئارا ئۇقۇتۇش، تەلىم- تەربىيە تەجىربىللىرىنى ئالماشتۇرۇشقا، تەجىربە ئىگەللەشكە تەشكىللەپ ئىلغارلاردىن ئۈگۈنۈشكە ئەھمىيەت بىرىمىز، شارائىت يارتىپ بىرىمىز، بۇ ماۋسۇم ئىچىدە كەم بولغاندا 2 قىتىم مەكتەپلەر ئارا تەجىربە ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە تەشكىللەيمىز. 3) مەكتەپ ئىچىدە تەربيەلەش بىلەن بىرلەشتۉرۉپ ئۆز- ئۆزىنى تەربىيەلەشنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەيمىز. بۇ ماۋسۇم ئىچىدە 12 قىتىم مەكتەپ خاراكتىرلىك ئۇچۇق دەرىس، ئۈلگۈلۈك دەرىس تەشكىللەپ ئۇقۇتۇش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىپ ئىلغار تەجىربىلەرنى قىزىپ چىقىپ كىڭەيتىمىز. ھەر قايسى كەسىپلەر بويىچە ئۇقۇتۇش گۇرۇپپىللىرىنى بىرلىك قىلىپ ھەر بىر ئادەمنىڭ بىر قېتىمدىن كەم بولمىغان ئۇچۇق دەرىس ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىمىز. 4) ئۆز- ئۆزىنى تەربىيەلەشنى چىڭ تۇتىمىز، ئۇقۇتقۇچىلار بۇ ماۋسۇم ئىچىدە 3 يىلدىن يۇقۇرى ئۇقۇتۇش سىتاژى بارلار 20 قىتىم، 3 يىلدىن تۆۋەن ئۇقۇتۇش سىتاژى بارلار 30 قىتىم، ئىلمىي بۈلۈمدىكى يولداشلار 30 قىتىمدىن دەرىس ئاڭلاش، باھالاش ۋەزىپىسىنى تۇلۇق ئۇرۇنداشقا كاپالەتلىك قىلىمىز. 5)ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇقۇتۇش تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ئىلھام بىرىمىز، مەدەت بىرىمىز، ھەيدەكچىلىك قىلىمىز. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي خىزمەت جەھەتلەردىن ئىزدىنىپ يازغان تەتقىقات ماقالىلىرىنى ھەر دەرىجىلىك مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلدۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ، زور تېرىشچانلىق كۆرسىتىلپ ھەر بىر ئۇقۇتۇش گۇرۇپپىسى ھەر ماۋسۇم كامىدا 5 پارچە ( بىئو- خىمىيە 3 پارچە، فىزىكا ئۇقۇتۇش گۇرۇپپىسى 2 پارچە، ئالاھىدە كەسىپ 3 پارچە) ئوقۇتۇش تەتقىقات ماقالىسىنى ئېلان قىلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىمىز. 6) ۋىلايەت، ناھىيە ئۇرۇنلاشتۇرغان تۈرلۈك ئۇقۇتۇش تەتقىقات پائالىيەتلىرگە ( مەسلەن: ئۈچۈق دەرىس، ئۈلگۈلۈك دەرىس، مۇھاككىمە يىغىنى، ئۇقۇتۇش ماھىرلىرىنى تاللاش مۇسابىقىسى، ئاساسى ماھارەت مۇسابىقىللىرىگە .... ) ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرشىپ كۈچ چىقىرىمىز. كونكىرىت تەدبىرلەر: (1) مەكتەپ ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇقۇتۇش تەتقىقات پائالىيىتىگە قاتنىشىشىغا ئىلھام بىرىدۇ، مەدەت بىرىدۇ. ئىلغارلارنى باھالاش، ئۇنۋان ئۆستۈرۈش، يىللىق سىناپ تەكشۈرۈش، ئىش ئۈنۈمىنى باھالاش قاتارلىق خىزمەتلەرگە بىۋاستە چىتىلدۇرۇلىدۇ. ھەمدە نەتىجىسى بارلار ئالدىن ئويلىشىلىدۇ. (2) ئۇقۇتۇش تەلىم- تەربىيە تەتقىقاتى ماقالىسى ئىلان قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۇرۇندىمىغان گۇرۇپپا باشلىقىدىن ئۇرۇندىمىغان ھەر بىر ماقالە سانى ئۈچۈن ئىش ئۈنۈم مائاشىدىن 500 يۇەن تۇتۇپ قىلىنىدۇ. ( بۇنى گۇرۇپپا ئىچىدىكى بارلىق ئەزالار ئورتاق ئۈستىگە ئالىدۇ) 3) دەرىس ئاڭلاش، باھالاش ۋەزىپىسنى ۋاختىدا ئۇرۇندىمىغان، يالغان ئاڭلىغان ئۇقۇتقۇچىلار ئۇمۇمىي ئۇختۇرۇش قىلىپ تەنقىدلىنىدۇ ھەمدە ئىككى ھەپتە ئىچىدە مەكتەپ خاراكتىرلىك ئۇچۇق دەرىس ئۆتۈشكە ئۇرۇنلاشتۇرۇلىدۇ، باشقا ئۇقۇتقۇچىلار بۇ ئۇقۇتقۇچىنىڭ دەرىسىنى ئاڭلاپ، باھالاپ چىقىدۇ.
|