مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2063 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • چىركىن 8 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن ماتىرىيال يوللىماقچى ئىدىم

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • نۇردۇن تۈنۈگۈن 11:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام،دوسلار بايرىمىڭىلارگە بۇبارەك بولسۇن!بايراملىق تىللا سوۋغا قىلمامسىلە؟

  • پۇرخۇن تۈنۈگۈن 00:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    نېمە قىلىۋاتىسىز؟ دوستلىرىڭىز بېلەن ئورتاقلىشىڭ ...جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

  • زەپەر 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىشچاندىن تەر چىقىدۇ،ھورۇنندىن ئۇھ چىقىدۇ.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • خانىدان تۈنۈگۈن 14:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • دىلكەش ئۈلۈشكۈن 09:24 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا موبارەك بولسۇن~

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشى بولماق مىڭ يىلچىلىك،يامان بولماق بىر دھمچىلىك.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مقۋىلىك دەرەخنىڭ بېشى تۆۋەن،بىلىملىك ئادەمنىڭ يۇزى تۆۋەن.

كۆرۈش: 99|ئىنكاس: 5

مۇئەللىم، بىزنىڭمۇ غېمىمىز بار

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

0

دوست

211

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 2

قىزغىنلىق
47 سەر
تىللا
28 دانە
تۆھپە
38 سەر
شۆھرەت
39 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-30 00:10:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   رەيھان007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-30 00:27  

مۇئەللىم، بىزنىڭمۇ غېمىمىز بار
رەيھانگۈل ھېمىت
(پەيزاۋات ناھىيە بارىن بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن )

مەن ھەر قېتىم دەرس ئۆتكىلى سىنىپقا كىرگەندە ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ كۆزلىرىدىن بىر خىل قورقۇش، ئەندىكىش، مۇئەللىمدىن يېتىرقاش، ئازراق چۈشكۈنلۈك ئارىلاشقان، غەم باسقان چىراي ئىپادىسىنى كۆرىمەن. بولوپمۇ دەرسكە كىرگەندىن باشلاپ، يىڭى دەرس باشلانغۇچە قەدەر، بۇ خىل كەيپىيات سىنىپ ئىچىدە ئەۋج ئېلىپ قالىدۇ.
   ئەسلى 13-14 ياشلىق دەۋر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ناھايىتى جۇشقۇن، كۆتۈرەڭگۈ، ئۈمىدۋار، شوخ دەۋر دەپ چۈشىنىمەن. ئەمما دەرسخانىدىكى بۇ ئۇتتۇرۇۋەتكەن قىمارۋازدەك چۈشكۈن، رۇھسىز، سارغايغان چىراي ئىپادىسىنى كۆرۈپ، « نېمە بولدۇڭلار؟ سىلەرگە زادى نېمە ئىش بولدى؟ رۇھىي ھالىتىڭلار نىمانچە توۋەن؟» دېگۈم كېلىدۇ. بۇلار دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن ئاندىن شوخ، كەپسىز، تېتىك ھالىتىگە ئۆتىدىغان ئوخشايدۇ دەپمۇ ئويلاپ قالىمەن. بۇنداق ئەھۋالدا مەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرىمىزدا ئۆتكىلى بولمايدىغان چوڭقۇر بىر ھاڭ باردەك، ئوقۇغۇچىلار بىلەن مېنىڭ ئارلىقىم بەكلا يىراقلىشىپ كەتكەندەك، ئوقۇغۇچىلار « مۇئەللىم بىزنىڭ كۆڭلىمىزنى، نېمە ئويلاۋاتقانلىقىمىزنى پەقەتلا چۈشەنمەيدۇ، بىزنىڭ نېمە غېمىمىز بارلىقىنى بىلمەيدۇ ھەم بىلىشنىمۇ خالىمايدۇ. بىز بىلەن نېمە ئىشى، دەرسنى ئۆتۈپ چىقىپ كەتسە بولدى.» دەپ ماڭا ئىسيانكارلارچە قاراتقاندەك تۇيۈلىدۇ.
         ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ بۇ خىل ھالىتىگە پەقەتلا تاقەت قىلىپ تۇرالمىدىم، بىر نېمىلەرنى قىلىشىم، بىر نېمىلەرنى دېيىشىم  زۆرۈردەك، ئۇلارنىڭ ماڭا ئىچ-باغرىنى تۆكۈپ دەيدىغان قەلب سۆزلىرى باردەك تۇيۇلدى. بىر قانچە ساۋاقداش بىلەن بۇ توغرىسىدا پاراڭلىشىپ باقماقچى بولدۇم، ئەمما بۇ ياخىشى چارە ئەمەس ئىدى. ئوقۇغۇچىلار ئەتراپىدىكى ساۋاقداشلىرىدىن، مەندىن تارتىنىپ، كۆڭلىدىكى ھەقىقىي ئويلاۋاتقان ئوي-خىياللىرىنى ئېيتماسلىق مومكىنچىلىكى كۆپ ئىدى. شۇڭا بۇنىڭغا يەنە بىر ئەپچىل چارە ئويلاپ تاپتىم. مەن ئوقۇغۇچىلىرىمغا بەزىدە ھەپتىدە بىر، بەزىدە ئىككى ھەپتىدە بىر بىر پارچىدىن ماقالە يېزىش تاپشۇرىقى بېرەتتىم. مېنىڭچە ئوقۇغۇچىلار كۆڭلىدىكى گەپ-سۆزلىرىنى، چىرايىدىكى بۇ خىل كەيپىياتنىڭ سەۋەبىنى ماقالە ئارقىلىق يېزىپ ئىپادىلىسە، بۇنىڭ ئۈنۈمى بەك ياخشى بولاتتى دەپ ئويلىدىم ھەم مۇۋاپىق بىر پۇرسەتتە ئوقۇغۇچىلارغا ماقالە يېزىش تاپشۇرىقى بەردىم.
      -ساۋاقداشلار، بىز دائىم چوڭلارنىڭ بالىلىق دەۋر- غەمسىز دەۋر، بۇلارنىڭ يەيدىغىنى، كىيىدىغىنى، ئىچىدىغىنى، ئوقۇيدىغىنى... ھەممە نېمىسى تەييار تۇرسا، بولارنىڭ يەنە نېمە غېمى بولسۇن دەيدىغانلىقىنى دائىم ئاڭلاپ تۇرىمىز. ئەمما مېنىڭچە بۇ دۇنيادىكى ھەممە ئادەمنىڭ غېمى بار دەپ ئويلايمەن. سىلەرنىڭ ئەمەس، ھەتتاكى بۆشۈكتە ياتقان بۇۋاقنىڭمۇ غېمى بار، ئاپام قاچان كېلىپ مېنى ئىمتىپ قۇيار، قاچان ئاستىمنى قورۇغداپ قۇيار دەپ غەم قىلىپ، يىغلاپ كېتىدۇ.( ئوقۇغۇچىلار پاراققىدە كۈلۈشۈپ كەتتى.) مېنىڭچە سىلەرنىڭمۇ ئۆزۈڭلارغا چۈشلۈق غېمىڭلار بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا « مېنىڭمۇ غېمىم بار» دېگەن ماۋزۇ ئاستىدا بىر پارچە بايان خاراكتىرلىك ماقالە يېزىپ كېلىڭلار. چوقۇم كۆڭلۈڭلاردا نېمە بولسا، شۇنى تارتىنماي يېزىڭلار. يالغاندىن «ياساپ، جابدۇپ»، «گىرىم قىلىپ» قويماڭلار. تەبىئىي، سىدام چىقسۇن. مەن شۇ ئارقىلىق سىلەر بىلەن يەنە بىر قەدەم يىقىنلىشىپ بېقىش ئويۇم بار.

ئەتىسى دەرس ۋاقتىدا بىر قانچە ئوقۇغۇچىم:

-مۇئەللىم، ھېلىقى ماقالىنى يېزىپ بولدۇق، ھازىر يىغىۋالاملا؟-دەپ سورىدى. بىرقانچە ئوقۇغۇچى: مۇئەللىم، تاپشۇرۇق بەك كۆپ بولغاچقا، تېخى يېزىپ بولالمىدۇق. بوداقى سائەتلىك دەرسكە ئۈلگۈرتەيلى دەپ ئۈلگۈردى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ نېمە دەپ يازىدىغانلىقىغا قارىتا بەكلا قىزىقىشىم بولغاچقا، يېزىپ بولغانلار ھازىر تاپشۇرۇش، يېزىپ بولالمىغانلار كېلەركى سائەتلىك دەرسكە ئۈلگۈرتۈپ تاپشۇرۇش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدىم. 13- 14ئەتراپىدا ساۋاقداش ماقالىنى تاپشۇرۇپتۇ.

ئوتتەك قىزغىنلىق ئىچىدە « مېنىڭمۇ غېمىم بار» ناملىق ماقالىنى ئوقۇپ چىقتىم. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەرگىزمۇ بىز ئويلىغاندەك غەمسىز، شاد-خۇرام ئەمەس، ئۆزىگە چۈشلۈك غېمى بارلىقىنى، قەلبىنىڭ تىنىچسىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. ( بۇ ئوقۇغۇچىلار تولۇقسىز 7-يىللىق سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىدى.)

       تۆۋەندە مەن ئوقۇغۇچىلار يازغان ماقالىدە ئوتتۇرغا قويغان بىر نەچچە تىپىكرەك «غەم»لەرنى تاللاپ، دوستلارنىڭ دىققىتىگە سۇنماقچى:

دىلنۇر غېنى:
       مېنىڭ ناھايىتى كۆپ غەملىرىم بار. مەن غەملىرىمنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ناھايىتى قاتتىق ئويلىنىمەن. غەملىرىم: تاپشۇرۇقلارنى ئىشلەپ بولالماي قالسام، مۇئەللىم خاپا بولارمۇ؛ ساۋاقداشلىرىم زاڭلىق ئىتەرمۇ؟ ساۋاقداشلىرىم بىلەن ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتەلەرمەنمۇ ياكى ئۇرۇشۇپ قالارمەنمۇ؟ ئۆيدە ئىشىنى خاتا قىلىپ قويسام، ئاپام خاپا بولارمۇ دېگەندەك... ھەممدىن چوڭ غېمىم مۇشۇ تاپشۇرۇق. تاپشۇرۇقلارنى ئىشلەپ بولالىساملا، ئالتۇن تېپىۋالغاندەك خوش بولۇپ كېتىمەن. كۆڭلۈمدە ئۆيگە بارسام، راسا ئويىنىۋالمىسام دەپ ئويلايمەن. نەدىكىنى، ئاپام مېنى ھەرگىز ئوينىغىلى قويمايدۇ. دوستلىرىم مېنى ئىزدەپ كىرسىمۇ،ھەرگىز تالاغا چىقارمايدۇ. بەزى چاغلاردا تاپشۇرۇقلارنى ئىشلەپ بولالماي يىغلاپ كېتىمەن. دېرىزىدىن سىرىتقا قاراپ، مەنمۇ قۇچقاچ بولۇپ ئۈچۈپ كەتسەم، نەقەدەر ياخشى ھە دەپ ئويلاپ كېتىمەن...
       توغرا، غەم-ئىنسانلارنىڭ تەبىئىي ئويى، بىرەر ئىشىنى قىلالماسلىق ھەمدە شۇ ئىش ئۈستىدە كۆپ ئويلىنىشتىن كېلىپ چىقىدۇ. ئادەم مەڭگۈ غەم بىلەن ياشىسا قېرىپ كېتىدۇ. خۇشال ياشىسا ئۇزۈن ئۆمۈر كۆرىدۇ دېگەن گەپ بار. بىز مۇنچە غەملەرنى قىلماي، كۆپ ئىشلارنى ئويلىماي، غەمسىز ياشىساق نەقەدەر گۈزەل بولار ھە!

گۈللالەم:
         مەن دائىم مەندەك بالىنىڭ نېمە غېمى بولسۇن دەپ ئويلايتتىم. لېكىن بەزى چاغلاردا مېنىڭ غەملىرىممۇ كۆپىيىپ كېتىدۇ: خەنزۇچە تېكسىتنى قاچان يادلاپ بولارمەن؛ تاپشۇرۇقلار بەك جىق، قاچانمۇ ئىشلەپ بولارمەن؛ قەلىمىمنىڭ رېڭى تۈگەپ كەتسە، قانداق قىلارمەن؛ تازلىقىنى قاچان قىلىپ بولارمەن دېگەندەك... ئويگە بارسام، ئۆيدە ئىشلارنى قىلىپ بولالمىسام، ئاپام-دادام كەچكىچە تىللاۋاتقان... يەنە تېخى «سېنىڭ نېمە غېمىڭ بولاتتى، سەن ئۈچۈن ياشايمىز دەپ، جېنىمىزنى سېلىپ بېرىۋالساق» دەپ خاپا بولىۋاتقان... ھەي!... بۇ دۇنيادا ياشىماق نېمانداق تەس؟!...

شەھىدە ھۈسەن:

       مېنىڭ غېمىم بىرلا: ئاتا-ئانام قاچانمۇ بىزنى ئىللىق قوينىغا ئالار، بىزنىڭ ئائىلە قاچانمۇ باشقا ئائىلىلەرگە ئوخشاش بولا، ئاتا-ئانام قاچانمۇ ئۇرۇشمايدىغان بولا دەپ تولا غەم قىلىمەن.
       بىزنىڭ ئائىلىنىڭ گۈلى توزۇپ كەتتى. دادام بىز تۆت بالىنى ئانامغا تاشلاپ بىرىپ، يەنى ئاجرىشىپ ئۆزى يالغۇز بىر ئۆيدە ياشاۋاتىدۇ. مەن بالىلىقىمدا بونداق قىسمەتكە ئۇچرارمەن دەپ ئويلاپ باقىمغان.بۇ بىر تەقدىر، بۇ بىر پىشانە..
       مەن دائىم ئانامنىڭ يىغىلىغىنى كۆرسەم، ئىچىم سىيرىلىپ كېتەتتى. باشقىلارنىڭ ئاتا-ئانسى شۇنچىلىك كۆڭۈللۈك ياشايدىكەن، بىزنىڭ ئائىلە قانداق ئائىلە؟ زادى قانداق ئائىلە؟ بۇ ئىشلار نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق بولىدىغاندۇر؟ يا دادا بىلەن ئانىنى ئالماشتۇرۋالغىلى بولمايدىكەن، ياكى دادا بىلەن ئاننى بازاردا ساتمايدىكەن... بۇ ئىشلارنى كۆڭلۈمدىن چىقىرىۋېتەي دەپ شۇنچە قىلساممۇ ئۇنداق قىلالمايۋاتىمەن...
        ھەي! بەلكىم دادام ئاشۇنداق ئەسكىلىك قىلىمىغان بولسا، بىزنىڭ ئائىلىمىزنىڭ گۈللىرى تۇزۇمايتى، بەلكى تېخمۇ خوشپۇراق، رەڭلىك ئېچىلاتتى. بۇ ئىشلارنى يالغۇز دادامدىنمۇ كۆرمەيمەن. بۇ بىر تەقدىردۇر. بۇنىڭغا تەن بەرمەي ئامالىم يۇق. مانا بۇ مېنىڭ غېمىم، ھەسرەتلىك غېمىم.
      مەن باشقىلارنىڭ ئائىلىسگە تىنچلىق، بەخت-ئامەت تىلەيمەن. باشقا دوستلىرىمنىڭ ئائىلسى مېنىڭكىدەك بولمىسۇن. ئولارمۇ مەندەك چوڭ غەمگە چۆكۈپ قالمىسۇن. ئائىلە گۈلى پورەكلەپ ئېچىلسۇن!

ئارزىگۈل راخمان
       مەن ياتاقتا يېتىپ ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى. تۇغۇلۇپ مۇشۇ ۋاققىچە ئاتا-ئانامدىن بىر كۈنمۇ ئايرىلىپ باقمىغاچقا، ئەمدى قانداق قىلارمەن دەيدىغان غېمىم بار. ئاتا-ئانام يېنىمدىن كەتمىسە، مەن پەقەت ئۇلارنىڭلا يىنىدا تۇرسام دەيمەن. ياتاقلىشىپ ئوقۇغىنىمدىن كۆڭلۈم بەكلا يىرىم بولسىمۇ، بارا-بارا كۆنۈشكە تىرىشىۋاتىمەن. بەزى چاغلاردا ئۆگىنىشتە قىينىلىپ قالغان چاغلاردا قانداق قىلىشنى بىلمەيلا قالىمەن. دەرستە ياخشى بالىلاردىن سوراي دېسەم، ئولارنىڭ شۇنچىلىك نەرسىىنمۇ بىلىمىدىڭىزمۇ دەپ زاڭلىق قىلىشىدىن قورقىمەن. دەرسىنى ياخشى بىلسەم، ئاداشلىرىمنىڭ كەينىدە قالمىسامكەنمەن دەپ ئويلايمەن.

مەرھابا ھەزىرىتىئۆمەر  
       مېنىڭ باشلانغۇچ ھاياتىم ئاساسەن غەمسىزلا ئۆتكەن. بىراق ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن بىرى مۇشۇ غەم-ئەندىشە دېگەندىن قۇتۇلالمىدىم. ئاتا-ئانامنىڭ مەندىن كۈتكەن ئۈمدى بەكمۇ زور. شۇڭا يېزىمىزدىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتماي، ناھىيىلىك 3-ئوتتۇرىغا ئەكىلىپ بەردى.
       مەكتەپكە كېلىپ، نەچچە كۈندىن كېيىن بىزدىن ئىمتىھان ئېلىپ، سىنىپلارغا تەقسىم قىلماقچى بولدى. ئىمتىھاننى بېرىپ بولۇپ، شۇنداق جىددىيلىشىپ كەتتىم. قوش تىل «تاللانغان سىنىپ»قا ئۆتەلمەي قالسام، قانداق قىلارمەن... ئەنسىرەپ كېچىچە ئۇيقۇم كەلمىدى. ئەتىسى بىزنى سىنىپلارغا تەقسىم قىلدى. ئۆزۈمنىڭ «تاللانغان سىنىپ»قا كېرەلىگىنىمدىن شۇنداق خۇشال بولۇپ ، سەكرەپ كەتتىم.
        ئەمما غېمىمنىڭ ھەممسى مۇشۇ سىنىپقا كىرىپ قالغانلىقىمدىن باشلاندى. بىزنىڭ سىنىپتا دەرستە ياخشى بالىلار بەك كۆپكەن. ئاساسەن ھەممىسى دېگۈدەك دەرستە پىكىر قاتناشتۇرۇپ تۇرىدىكەن. تاللانغان سىنىپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بولغاچ، سىنىپ مەسئۇلىمىز ۋە ھەرقايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرى بىزگە بەك قاتتىق تەلەپ قۇيىدۇ. تاپشۇرۇقلىرىمىزنىڭ سانى، مەزمۇنى بەك كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى ئۆگىنىپ مېڭىشتىن باشقا خەنزۇچە تېكىست يادلاش، خەنزۇچە ماقالە يېزىش، ئەدەبىياتتىن ماقالە يېزىش، ھەرقايسى پەنلەردىن ئايلىق ئىمتىھان، چارەكلىك ئىمتىھان، دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆزلىرى ئېلۋاتقان بۆلەكلەر بويىچە ئىمتىھان سۇئاللىرى، ماۋۇنى ئىشلەپ ئەتە دەرس ۋاقتىغىچە تاپشۇرىۋىتىڭلار دەپ تارقىتىپ بىرىۋاتقان قوشۇمچە ئىمتىھان سۇئاللىرى، ھەرقايسى پەن مەشىق تاپشۇرۇقلىرى، مەكتەپتىن تارقىتىپ بەرگەن «ئايلىق، مەۋسۇملۇق بۆلەكلەر بويىچە ئىمتىھان سۇئاللىرى... ۋاي-ۋۇي... نېمانچە كۆپ؟! ساناپمۇ تۈگىتەلمەيمەن...
        ئاساسلىق پەنلەرنىڭ ئىچىدە ئەدەبىيات، سىياسەتتىن باشقىسىنىڭ ھەممىسى خەنزۇچە. ھەرقىتىم خەنزۇتىلى، ماتېماتىكا، بىئولۇگىيە پەنلىرىدىن ئىمتىھان ئالسا، بوش  ئورۇن ۋە تاللاش سۇئاللىرىدىن باشقا سوئاللارنىڭ ھەممسى ئاق قالىدۇ... مۇشۇ ئىشلار كاللامغا كىرىۋىلىپ، ئۆتكەن دەرسىمۇ تۈزۈك قۇلىقىمغا كىرمەيدۇ، دىققىتىم چېچىلىپ كېتىدۇ. مېنىڭ خەنزۇتىلى ئاساسىم بەك ئاجىز، دەرس ۋاقتىدا مۇئەللىم ھەم ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە سۆزلەپ چۈشەندۇرسىمۇ، باشقا بالىلاردەك تىز چۈشىنىپ يىتەلمەيمەن. ئومۇمىي پەن سىنىپىدا ئوقۇغان بولسام، مۇنچىۋالا جىق غەملەرگىمۇ قالماستىم...

رۇشەنگۈل ئابلىكم
        باشلانغۇچ 6-يىللىقتا ئوقۇۋاتقان چاغدا «شىنجاڭ تۇلۇقسىز سىنىپلىرى»غا ئۆتەلمىسەم قانداق قىلارمەن دەپ بەڭ ئەنسىرەيتىم. «ئەنسىرىگەن يەردە جىن بار» دېگەندەك، 2 نومۇرنىڭ كاساپىتى بىلەن ئۆتەلمەي قېپقالدىم. مانا ئەمدى ئىچكىرى تولۇققا ئۆتەلمىسەم قانداق قىلارمەن دەيدىغان بىر غەم-ئەندىشەم بار. ئۆيدە ئاپام-دادام مەن ئۈچۈنلا پايپىتەك بولۇپ يۇرۇيدۇ، ئاغزىمدىن چىققان «ھور»نىڭ ھەممسىنى ئورۇندايدۇ. مەن ئۆگىنىش قىلاتتىم دېسەم، ئۇكامنىڭ قەغىشلىك قىلغىنىغا قارىماي، ھەتتا تىلۋۇزۇرمۇ قويمايدۇ. مۇئەللىملەرمۇ دەرسلەرنى شۇنداق ئەستايىل، بېرىلىپ، چۈشەندۇرۇپ ئۆتىدۇ. ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرسا، ناۋادا مەن «نىيگاۋبەن»گە (ئىچكىرى تولۇققا دېمەكچى) ئۆتەلمەي قالسام، ئاتا-ئانامغا، ئۇكامغا، مۇئەللىملەرنىڭ يۈزىگە قانداقمۇ قارايمەن؟!

      مانا قاراڭ، بولار پەقەت تاپشۇرۇق دەپتەر تاپشۇرغان 14نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ ئىچىدىن تاللاپ چىققان ئالتە نەپەر ساۋاقداشنىڭ قەلب ساداسى. يەنە تاپشۇرۇق يېزىۋاتقان مەن دەرس ئۆتىۋاتقان قىپقالغان 60-70بالا ئۆزىنىڭ نېمە غەم-ئەندىشىنى يېزىۋاتىدۇ، بۇنىسى ئالدىمىزدىكى ھەپتە بىلىمەن. ھەي، ھازىرىقى بالىلارنى كىممۇ غەمسىز دەپ ئېيتالىسۇن؟ ئۇلارنىڭ زىممىسىدىكى يۈك تولىمۇ ئېغىر، ئۇلارنىڭ خۇشال ئوينايدىغان ۋاقتىلىرى تۈگمەس تاپشۇرۇق، ئىمتىھان، ھەرخىل كۇرسلار تەرىپىدىن تارتىۋېلىنغان تۇرسا، ھەتتا ئولار ئوقۇش مەزگىلى تۇرماق، تەتىل مەزگىلىدىمۇ تۈزۈك دەم ئالالمايدىغان تۇرسا! بۇلارغا قاراپ ئاتا-ئانىلارلا ئەمەس، ئوقۇتقۇچى بولغان كىشى ئوقۇغۇچىلارنى چۈشىنىشى، ئۇلار بىلەن سىردىشىشى، ئۈنۈملۈك، جانلىق ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرىنى قۇللىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزلىرىگە قارىتىپ، توغرا بولغان ئۆگىنىش ئادىتىنى يىتىلدۇرۇش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ غەملىرىنى ئازراق بولسىمۇ، يەڭگىللىتىش زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلدىم.
        شۇ تاپتا قانداق قىلسام، ئۇلارنىڭ غەملىرىنى ئازراق بولسىمۇ  يەڭگىللىتەرمەن  دېگەن ئوي قەلبىمنى چىرمىۋالدى. ئوقۇغۇچىلار تاپشۇرۇق دەپتەردە يازغان ئۆزلىرىنى چۈشەپ  تۇرۇۋاتقان  بۇ  بويۇنتۇرۇقتىن بىردەم بولسىمۇ خالىي قىلىش ئۈچۈن، بۇ ماقالىگە ئىلگىرىكىدەكلا بىر قېتىملىق تاپشۇرۇققا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىپ، «ياخشى يېزىپسىز»، «تېخىمۇ تىرىشىڭ»، « ئەلا»، «ياخشى» دەپلا بولدى قىلىۋەتسەم، ئۆزۈمنىڭمۇ كۆڭلى ئارام تاپمايدىغاندەك، ئوقۇغۇچىلىرىممۇ قانائەت ھاسىل قىلماي، «مۇئەللىمدىن سادا چىقماپتۇ، ئاۋارە بولۇپ، يېزىپ يۈرمىسەمچۇ» دەپ قېلىشىدىن، ماڭا بولغان ئىشەنچىسىنىڭ تۆۋەنلىشىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇلارغا كىچىكىنە بولسىمۇ بىرەر ئىش قىلىپ بېرىش ئويىغا كەلدىم.
       نېمە ئىش قىلسام، ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ غېمى ئازراق بولسىمۇ يەڭگىللە، مېنىڭ ئۇلارغا ياردەم قىلغۇم بار، ئولارغا تەسەللىي ۋە مەدەت، ئىلھام، رىغبەت ئاتا قىلغۇم بار. ئۇلارنى بۇ غەمدىن ئازاد قىلىپ، توغرا يولغا باشلىغۇم، توغرا ئۇسۇلدا يىتەكلىگىم، توغرا ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى ئۆگەتكۈم، توغرا ئۆگىنىش ئادىتى يىتىلدۇرگۈم بار. بۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇقۇغۇچىلارغا زادى نېمە ئىش قىلىپ بېرىشىم كېرەك؟
       مەن ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ماقالە تاپشۇرىقىنى ئوقۇش جەريانىدا، ئۇلارغا تۆۋەندىكى ئىشلارنى قىلىپ بەرسەم، ئۇلارنىڭ غەملىرىنىڭ بىر ئاز بولسىمۇ يەڭگىللەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ قالدىم.
1. كېسەلگە قاراپ دورا بېرىش. بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ غەملىرىنى ئازراق بولسىمۇ يەڭگىللىتىشتىكى  ئۈنۈملۈك ئۇسۇل دەپ قارىدىم. شۇڭا تاپشۇرۇق دەپتەر ئارقىلىق سىردىشىپ، ئۇقۇغۇچىلار يازغان «غەم»لەرنىڭ مەزمۇنىغا قاراپ، سىردىشىش، كۆڭلىنى چۈشىنىش، تەسەللىي، رىغبەتلەندۈرۈش تۈسىنى ئالغان سۆز-جۈملىلەر ئارقىلىق ئۇلارغا تەسەللىي ۋە مەدەت بېرىشىم زۆرۈركەن دەپ ئويلىدىم.
2. ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزىنىڭ غەم-قايغۇسىنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى ئۈستىدە ئويلاندۇرۇپ، بۇ غەمنىڭ ئۆزىدىكى ناچار ئۆگىنىش ئادىتىنىڭ تەسىرىدە پەيدا بولغان غەممۇ، ئۆتمۇشى ۋە كەلگۈسىگە مۇناسۋەتلىك غەممۇ،، ئىقتىدارسىزلىقىدىن كېلىپ چىققان غەممۇ، ئۆگىنىشنى بىسىم قىلىۋېلىشتىن كېلىپ چىققان غەممۇ... ئۆزىنىڭ قايسى تىپقا تەۋە بولدىغانلىقىنى ئېنىق ئايرىتىپ، ئۆزىدىكى رۇھىي ئاجىزلىق، توسالغۇلارنى تېپىپ چىقىش، ئۇلارنى رۇھىيتىدىن قانداق قوغلاپ چىقىرىۋىتىش، ھالقىلىق مەسىللەرنى بايقاشقا ماھىر بولۇپ، كۆڭۈلنى غەش قىلغان پەرىشانلىق تۇمانلىرىنىڭ تېزلا تارقاپ كېتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش ھەققىدە ئىديىۋى تەربىيەنى ياخشى ئىشلىشىم زۆرۈركەن دەپ قارىدىم. يەنى زۆرۇر تېپىلغاندا يوللۇق تاقابىل تۇرۇپ، كەيپىياتىمىزنى ئىزچىل كۆتۈرەڭگۈ تۇتساق، قىيىن دەپ ھېسابلىغان ئىشلىرىمىزنىڭمۇ ئاسانلىشىپ كېتىدىغانلىقى، ئۆگىنىش بىلەن جانلىق ئىشلتىشنى، بىلىم بىلەن تاكتىكىنى، ۋاقىت بىلەن ئۈنۈمنى ئۆز-ئارا ماسلاشتۇرساق، ئۆزىمىزگىلا ئەمەس، باشقىلارغىمۇ بەخت-سائادەت يارتىپ بېرەيدىغانلىقىمىزنى ئوقۇغۇچىلارغا بىلدۇرۇشىم زۆرۈركەن دەپ قارىدىم.
3. ئىلغار تىپلارنىڭ ئۈلگىلىك رولدىن پايدىلىنىپ ، ئۇلارنىڭ قانداق قىلىپ، شان-شەرەپكە ئېرىشكەنلىكى بايان قىلىنغان ئىش-ئىزلىرى تەسۋىرلەنگەن ماقالە-ئەسەرلەرنى ئوقۇغۇچىلارغا كۆپلەپ ئوقۇپ بېرىشىم زۆرۈركەن.
4. دالى كارنىگ، ناپالىيۇن خېئۇلنىڭ دۇنياغا داڭلىق «مۇۋەپپەقىيەت دەستۇرلىرى»دىن ئۈلگە ئۆرنەك ئېلىپ، ئۈزۈندىلەرنى ئوقۇپ بېرىش، كشىنى غەمدىن خالاس قىلىشقا يېتەكلەيدىغان ھېكمەتلىك سۆز، ماقال-تەمسىل، پەلسەپىۋى ھېكايەتلەر قاتارلىقلارنى ئوقۇپ كېلىشكە، توپلاپ كېلىشكە يىتەكلەش، دەرستىن ئازراق ۋاقىت ئاجرىتىپ مۇشۇ مەزمۇندىكى ياخشى ئەسەرلەرنى ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇپ بىرىپ، ئۇلارنىڭ غەمدىن خالاش بولۇشىغا ئازراق بولسىمۇ ياردەم قىلىشىم زۆرۈركەن.
5. ئۆگىنىشىنى بېسىم ھېس قىلىۋالماسلىق، ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۇش ئۈچۈن، دەرس ۋاقتىدا خۇشال كەيپىيات ئاتا قىلىپ، يۇمۇرلۇق، قىزىقارلىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كىتاۋى بىلىملەرنى ئۆز تىلىمىزغا، بالىلار تىلىغا ئايلاندۇرۇپ، تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرۇپ سۆزلىسەڭ، ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ دەرسكە بولغان قىزغىنلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلسە، ئازراق بولسىمۇ غەملەردىن ساقىت بولۇشى مۇمكىن.

        ئۇچرىغان بۇ مەسىلىگە باشقا ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىن، بۇ پەقەت مېنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ غېمى بولماستىن بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈرەك ساداسى بولۇشى مۇمكىن. مەن بۇ ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەشتە مۇنبەردە تۇرۇۋاتقان بارلىق ھارماس باغۋەنلەرنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيتى بار دەپ قارايمەن. ئۇلارغا توغرا يول كۆرسىتىپ، غەمدىن خالاش بولۇشىغا، گۈزەل كېلەچەك يارتىپ، پارلاق ئەتىنى بارلىققا كەلتۈرۈشىگە ھەمدەمدە بولۇشىنى ئۆتۈنىمەن. ئۇلار بىزنى چاقىرماقتا:

       ھەممىز قەلب ئىگىسى، قەلب تەسەللىسىگە مۇھتاجمىز!
       ھەربىرىمىزدە ئۆزىمىزگە تۇشلۇق غەم بار، بىز بۇ غەملەردىن خالاس بولۇشقا مۇھتاجمىز!
       ھەممىمىز ئۈمىدۋار غۇنچىلاردىن بىز، گۈزەل كېلەچەككە مۇھتاجمىز.

ئاپتورى: پەيزاۋات ناھىيە بارىن بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن
رەيھانگۈل ھېمىت
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
ئامان + 3 + 3 + 3 + 3ياخشى تېما.

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 3 تىللا + 3 تۆھپە + 3 شۆھرەت + 3  باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

263

تېما

45

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
2838 سەر
تىللا
1105 دانە
تۆھپە
3233 سەر
شۆھرەت
2525 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىجەۋھەر ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-30 09:19:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىلىرىڭىز ھەقىقەتەن پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى سەرخىل يازمىلار ئىكەن،بۇنىڭىدىن كېيىن مۇشۇنداق تېمىلىرىڭىزنىڭ داۋاملىق مۇنبەردە ئىلان قىلىپ تۇرۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن،رەھمەت سىزگە!!!
ھىكمەت: ‹‹سۇ ئېچكەندە،قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇما››.           باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش...

448

تېما

73

دوست

4 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
6159 سەر
تىللا
12307 دانە
تۆھپە
9295 سەر
شۆھرەت
4502 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-30 11:36:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇغۇچىلارنى چۈشۈنۈش_ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشنىڭ ئاساسى، شۇنداقلا ئوقۇتۇش شۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى.
پايدىلىنىش قىممىتى يۇقۇرى، ئەھمىيەتلىك ماتىرىياللارنى يوللاۋاتىسىز خانقىز، رەھمەت سىزگە.
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

25

تېما

10

دوست

6645

جۇغلانما

ئاق سۈڭەك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1018 سەر
تىللا
474 دانە
تۆھپە
2283 سەر
شۆھرەت
1046 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-30 19:19:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامان يوللىغان ۋاقتى  2013-4-30 11:36
ئوقۇغۇچىلارنى چۈشۈنۈش_ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى مۇناسىۋىتى ...

ياخشى پىكىر بوپتۇ،ھەممەيلەن تىرشايلى.

61

تېما

37

دوست

9175

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1670 سەر
تىللا
1116 دانە
تۆھپە
1960 سەر
شۆھرەت
2011 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-30 19:46:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پايدىلىنىش قىممىتى يۇقۇرى، ئەھمىيەتلىك ماتىرىياللارنى يوللاۋاتىسىز خانقىز، رەھمەت سىزگە.
كەمىنە ئىلغاردىن بالىق دوسلارغا سالام

14

تېما

4

دوست

1870

جۇغلانما

مائارىپ ئاۋاڭگارتى

Rank: 5Rank: 5

قىزغىنلىق
327 سەر
تىللا
363 دانە
تۆھپە
307 سەر
شۆھرەت
312 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-30 23:28:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ ئەھمىيەتلىك يازمىكەن ئەزىز قېرىندىشىم ... سىزنىڭ مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك يازمىللىرىڭىزنى مۇنبەردە داۋاملىق كۈرۈپ تۇرۇشقا نېسىپ بولسۇن ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 01:36, Processed in 0.567141 second(s), 42 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش