بۇ يازمىنى ئاخىرىدا رەيھان007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-30 01:10
ۋاقتىنى سېتىۋەتكەن بالا يازغۇچى: پى چاۋخۇي بىر بالا مەكتەپكە بارماقچى بولۇپ، تاقەتسىزلىك بىلەن ماشىنا ساقلاپتۇ، ئۇنىڭغا ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ناھايىتى تەس كەپتۇ. بالا ئەسكى-تۈسكى يىغىدىغان ئاپئاق ساقاللىق بىر بوۋاينىڭ:«ئارتۇقچە ۋاقىتلارنى يىغىۋالغىلى بولسا، سېتىۋېتىپ يەنە قايتۇرۇپ كەلگىلى بولاتتى»دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلاپتۇ. بوۋاينىڭ سېۋىتىدە بىرقانچە ئاق خالتا بار ئىكەن. بالا ھاياجانلىنىپ: -بوۋا، مەن ماشىنا ساقلايدىغان ۋاقتىمنى سىزگە سېتىپ بەرسەم بولامدۇ؟-دەپتۇ. بوۋاي ئەپكەشنى قويۇپ: -سىزنىڭ نېمە تەلىپىڭىز بار؟-دەپ سوراپتۇ. -ماشىنىغا چىقىش،-دەپتۇ بالا. -پۈتۈشتۇق، -دەپتۇ بوۋاي. ئاقساقال بوۋاي بىر تال ئاق خالتىنى ئېلىپ، بالىنىڭ بېشىغا كەيدۇرۇپتۇ. دەرۋەقە ماشىنا كەپتۇ. كىشىلەر قىستىلىشىپ ماشىنغا چىقىپتۇ، ئەمما بالا يەنىلا ماشىنغا چىقالماپتۇ. بالا بىر ئاز ئويلانغاندىن كېيىن: -ماشىنىغا ئولتۇرۇدىغان ۋاقىتىمنى ساتىمەن، مەن مەكتەپكە بېرىشىم كېرەك،-دەپتۇ. -بولىدۇ،-دەپتۇ بوۋاي. ئاقساقال بوۋاي كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ: -بالام، ئەگەر يەنە ئوشۇق ۋاقتىڭ بولسا، دېرىزە يېنىغا كېلىپ، «ۋاقتىمنى ساتىمەن»دەپ توۋلىساڭ، مەن دەرھال پەيدا بولىمەن،-دەپتۇ. بالا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە مەكتەپكە كېلىپ قاپتۇ. بالا پايدىنىڭ تەمىنى ئوبدانلا تېتىپ قاپتۇ ھەم دەرس ۋاقتىدا دەرسنى ئاڭلاۋىرىپ زىرىكىشلىك ھېس قىلىپتۇ. ئۇ كۆڭلىدە:«مەن نېمىشقا ئوشۇق ۋاقىتلىرىمنى سېتىۋەتمەيمەن؟ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئالىمغا ئايلانمايمەن؟» دەپ ئويلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بالا دېرىزە يېنىغا بېرىپ، بوش ئاۋازدا: -ۋاقتىمنى ساتىمەن،-دەپ توۋلاپتۇ. شۇ ھامان ئاقساقال بوۋاي دېرىزە يېنىغا پەيدا بوپتۇ. بالا ئۆزىنىڭ ئوشۇق ۋاقتىنى مول بىلىم، نۇرغۇن داڭلىق ئەسەر ۋە يۈكسەك دەرىجىدىكى نام ئاتاققا ئالماشتۇرۇپتۇ. ئەمما بۇ ئالىمغا ئاللاقاچان قېرىلىق يېتىپ، كۈنبويى كېسەل كارىۋىتىدىن قوپالمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ قاپتۇ. ئاخىردا ئەزرائىل ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: -سېنىڭ ھاياتىڭ ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالدى، مەن بىلەن ماڭ،-دەپتۇ. ئۇ قاتتىق چۆچۈپ : -ياق،-دەپ ۋاقىراپتۇ. ئۇ ھاياتىنى ئەسلەپ باقسا، باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئاشۇ بىر نەچچە يىلدىن باشقا ھەممە ۋاقىتنى بىكارغا ئۆتكۈزۈۋەتكەن ئىكەن. ئۇ ئۈمىتسىزلىك ئىچىدە ئاقساقال بوۋاينى ئەسلەپ: -ۋاقتىمنى ساتىمەن،-دەپ توۋلاپتۇ. ئاقساقال بوۋاي پەيدا بوپتۇ. -ۋاقىت بوۋاي؟!- ئەزرائىل كۈچلۈك دۈشمەنگە دۇچ كەلگەندەك بوپتۇ. ئەسلىدە ئاقساقال بوۋاي ۋاقىت بوۋاي ئىكەن. ئالىم پۈتۈن كۈچى بىلەن توۋلاپتۇ: -ۋاقىت بوۋا، مېنى قۇتۇلدۇرۇۋېلىڭ... ئەزرائىل ۋاقىت بوۋايغا:- ۋاقىت بوۋاي، بۇ ئادەم ۋاقتىنى سېتىپ بولدى،-دەپتۇ. ۋاقىت بوۋاي ئىچى لىق توشقۇزۇلغان بىر تال چوڭ خالتىنى ئېلىپ: -مۇشۇ ۋاقىتنىڭ ھەممسى ئۇنىڭكى،-دەپتۇ. بۇنى كۆرۈپ ئەزرائىلنىڭ كەيپى ئۇچۇپ قايتىپ كېتىپتۇ. ۋاقىت بوۋاي ھېلىقى يوغان خالتىنى ئالىمغا بېرىپتۇ. ئالىم تاقەتسىزلىنىپ، شۇ ھامانلا ئۇنى بېشىغا كېيۋاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر كىچىك بالىغا ئايلىنىپ قاپتۇ. ۋاقىت بوۋاي ساقىلىنى سىلاپ تۇرۇپ: -بالام، ئىنسانلارنىڭ ھاياتى چەكلىك بولىدۇ. ئەمما كۆپ ساندىكى ۋاقتىمىز كۈرەش قىلىش ۋە ئىزدىنىش ئىچىدە ئۆتىدۇ. بايىقى ئوشۇق ۋاقىت ئەمەس، بەلكى ھەقىقىي ئەھمىيەتلىك ھايات. - ئېسىمدە تۇتۇۋالدىم، بوۋا،-دەپتۇ بالا بېشىنى لىڭشىتىپ. بالا بۇرۇنقىدەكلا كوچىنىڭ بىر چېتىدە ئابتوبۇس ساقلاپتۇ، ئەمما بۇ ۋاقتىنىڭ ئوشۇق ۋاقىت ئەمەسلىكىنى ھېس قىپتۇ. بو ۋاقىتتا بالا بىر ئابزاس تېكىست يادلاپتۇ، بىر پارچە ھېكايە ئوقۇپتۇ. شۇنداق، بۇ تېخىمۇ مەنىلىك ھايات ئەمەسمۇ؟
«مەنىزار» ژۇرنىلى ياش-ئۆسمۈرلەر نەشرىنىڭ 2013-يىللىق 1-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى. تەرجىمىدە رەيھانگۈل ھېمىت
出卖时间的孩子 意林少年版 2013年1月上 皮朝晖 一个小孩去上学,焦急地等着公共汽车,这段时间真难熬啊!“收多余的时间喽!”一个收破烂的白胡子老人在叫喊,他的筐里装着几个白袋子。 小孩心里一动,他喊道:“老爷爷,我把等车的时间卖给你!“好啊!”白胡子老人放下担子,说,“那么,你要求什么?”“我要车来!” “成交。”白胡子老人拿起一个白袋子,往小孩头上套了一下。果然车来了,人们都往车上挤。“但小孩没有上车,他想了想说:“乘车的时间我也卖,我要求到学校。”“好哩!”白胡子老人笑眯眯地说,“孩子,如果你还有多余的时间,就对着窗口叫一声‘卖时间喽’,我准会到的。”一转眼,小孩到了学校。 小孩尝到了甜头。上课了,听着听着,小孩不耐烦了。他想:我为什么不卖掉这些多余的时间,做个受人尊敬的科学家呢?” 之后,小孩对着窗口轻轻地喊:“卖时间啰!”果然,白胡子老人出现在窗口了。 于是,他换来了渊博的知识、大量的著作和崇高的声望!但是,这位科学家已是老态龙钟。整日躺在病榻上……终于,死神来到了他的床前,“你的生命到了尽头,跟我走吧!” “不!”他大吃一惊。回想起这一生,除了小学那几年,其他都是空白。他绝望地叫着:“我的时间……”他记起了白胡子老人,赶紧大喊:“卖时间啰!” 白胡子老人来了。“时间老头?”死神如临大敌。原来白胡子老人是时间老人!老科学家用尽力气喊道:“时间老人救我!”死神叫道:“时间老头,这人的时间用完了!”时间老人笑着,拿出一只鼓鼓的大袋子说:“这些时间全是他的啊!”死神见状,悻悻地走了。 时间老人把大袋子交给科学家 .”科学家迫不及待地拿起大袋子套在自己头上。于是,他又成了小孩。时间老人捋着白胡子说道:“孩子,人一生的时间是有限的;而且,大多数时间在奋斗、追求。那并非多余,而是一种真正有意义的生活!”小孩点点头:“我记住了。” 小孩仍然站在街边等着公共汽车,他再也不觉得等车的时间是多余的,这时候背一段课文、看一篇故事,不都是挺有趣的吗?
|