گۈل سۇلۇپ بولماسمۇ خازان، بىر پۇراپلا تاشلىساڭ،
ئۇ قۇرۇپ بۇلمامدۇ نابۇت ، بەس يۇلۈپلا تاشلىساڭ.

ساڭا دىل بەرگەن ھەقىقى،چىن ۋاپادار يار تۇرۇپ،
تارتمامدۇ ۋىجدان سوراققا، بىر سۆيۈپلا تاشلىساڭ.

گۈل ئىچىدىن گۈلنى تاللاپ،تۇتقىنىڭ قوراي بولۇر،
ئوت ئېلىپ قاخشال غازاڭدەك،تېز كۆيۈپلا تاشلىساڭ.

مۇپتىلا قىلما ئازاپقا، ئەقىيدىنى خار قىلىپ،
سەندىكى قانداق يۈرەك ئۇ،يۈز ئۆرۈپلا تاشلىساڭ.

رەقىبلەر ئەزدى يۈرەكنى، تۇز سېپىپ قىلدى يارا،
گۆر قېزىپ سۆيگۈ-ۋاپاغا، بىر كېتىپلا تاشلىساڭ.

قىلما يار،يۈكلەپ ئۇنىڭغا، بىۋاپالىق دەردىنى،
سالغىنىڭ جەۋرى جاپادۇر،پەر قېچىپلا تاشلىساڭ.

ئۆتنىسى بار بۇ جاھاننىڭ، بېرىسەن ھېسابىنى،
بىرسىگە يۈزلەپ بەدەل بار، خار ئېتىپلا تاشلىساڭ.
مەنبە: ئۆز ئىجادىيىتىم.