ئۇيغۇر ئاتالغۇلىرىنىڭ باھارى قومۇلدا ھۆرمەتلىك مۇنبەرداش مەن تور ئارلاۋېتىپ باغداش تورىدا بۇ تېمىنى كۆرۈپ قالدىم ھەم مۇنبەردىكى ئەزالار ئىچىدە بۇ خوش خەۋەرگە قىزىققۇچىلارمۇ بولىشى مۈمكىن دىگەن ئۈمىدتتە ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم . بۇ خەۋەرنى باغداش تورىنىڭ يازغۇچىسى ئەركىم ئەپەندى يوللىغان ئىكەن .
ئۇيغۇر ئاتالغۇلىرىنىڭ باھارى قومۇلدا 2013-يىلى4-ئاينىڭ25-كۈنى نەچچە ۋاقىتنىڭ ئالدىدا قومۇل تەۋەلىكىدىكى تەرجىمانلارنى تېزلىكتە تىزىمغا ئالغانتۇق. ۋاقىت بەك قىس بولغاچقا نۇرغۇنلىغان تەرجىمانلارغا خەۋەر يەتمەي قالدى. ئاشۇ خەۋەرسىز قالغان تەرجىمە ساھاسىگە قىزىقىدىغان كىشىلەرنىڭ ئىشخانىمىزغا يەنى قومۇل ۋىلايەتلىك تىل-يېزىق، قەدىمكى ئەسەرلەر ئىشخانىسىغا كېلىپ تىزىملىتىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز! يەنە بىر خۇش خەۋەر: بۇ يىل 7-ئاي ۋە ياكى 8-ئايلاردا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق<< ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرۇش ئىلمىي مۇھاكىمە>> يىغىنى يۇرتىمىز قومۇل ۋىلايىتىدە ئۆتكۈزىلىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، دىيارىمىز قومۇل ئۆزىنىڭ << تەرجىمانلار يۇرتى>> دېگەن شەرەپلىك نامىغا يۈز كېلەلەيدىغان ھەرتەرەپلىمە خىزمەتلەرنى كۈچەپ ئىشلىشى كېرەك. يىغىندا يەنە ھەرقايسى ساھەلەردىكى تەرجىمانلار يازغان ئاتالغۇلارنى تارىخقا ھۆرمەت قىلىپ، تارىخى رىئاللىققا ئۇيغۇن ئاتاش، يەرلىك مىللەت تىل-ئاتالغۇلىرىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە قىسمەن خەنزۇچە ئاتالغۇلارنى توغرا-ئۆلچەملىك تەرجىمە قىلىش...قاتارلىق مەزمۇنلاردىكى ئىلمىي ماقالىلەر ئوقۇلۇپ، تەجرىبە ئالماشتۇرۇلىدىكەن.شۇ كەڭ تەرجىمانلارنىڭ ۋە تەرجىمە ساھەسىگە قىزىققۇچىىلارنىڭ بىكار ۋاقىتلىرىنى ئىسراپ قىلىۋەتمەي بۇ يىغىنغا ئۆزىنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىنى يەتكۈزۈش ئۈستىدە بەكرەك كاللا قاتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەركەتكە ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز! ھەممىمىزگە مەلۇم، ئەتىراپىمىزدا كىشىنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدىغان ئەبجەش،شالغۇت تەرجىمىلەر ئۇچىراپ تۇرىدۇ. ئەگەردە بىر تەرجىمە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تەرجىمانلار قوشۇنىنى زورايتساق، مۇشۇنداق ئىلمىي پائالىيەتلەرنى ھەريىلى ئۆتكۈزۈپ تۇرساق، جانىجان ئانا تىلىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرەلەيمىز! تەرجىمانلار-قەلىبلەر كۆۋرۈكىنىڭ تۇتاشتۇرغۇچىسى! تەرجىمانلار-مىللەتلەر ئىپاقلىقىنىڭ ئەڭ ھەقلىق جاكارچىسى! تەرجىمانلار-تىنىچلىق قۇرۇلۇشىنىڭ داغدام يولباشچىسى!...قېنى ئەمىسە، مىللىتىمىزنىڭ تەرجىمە ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بىر كىشلىك تۆھپىسىنى قوشقۇسى بارلار...ھۇررا!
قومۇل ۋىلايەتلىك تىل-يېزىق، قەدىمكى ئەسەرلەر ئىشخانىسىدىن: - مۇجىبۇل راخمان ئېلخەت: hmdqyywz@163.com
ئىشخانە نومۇرى: 0902-2233542 |