مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2076 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • ئامان 28 سېكۇنت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 1 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى باشقۇرغۇچىلار تېما يوللاشتا ھەر ۋاقىت سىزگە يول كۆرسىتىدۇ، تارتىنماڭ!

  • ئامان 7 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 10 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 13 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى ئەزالار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • ئامان 50 سېكۇنت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان 3 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان 7 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • ئامان 10 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • چىركىن يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن ماتىرىيال يوللىماقچى ئىدىم

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • ئامان 1 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بىلمەسلىك ئەيىپ ئەمەس، تىرىشماسلىق ئەيىپ!

  • ئامان 6 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللىغاندا تېما ھەققىدە قىسقىچە ئىزاھات بېرىپ يوللايلى!

  • ئامان 8 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان 11 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • ئەلەم تۈنۈگۈن 19:38 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك!

  • شاشتېكىن تۈنۈگۈن 18:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    «2-،3-،4-ۋە 5-يىللىقلارنىڭ خەنزۇتىلى دەرس تەييارلىقى»نىڭ چۈشۈرۈش ئادىرېسى يېڭلاندى.

كۆرۈش: 81|ئىنكاس: 3

غەنىمەت(ساتىرا) (مۇزاتى)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

55

تېما

1

دوست

1632

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
338 سەر
تىللا
288 دانە
تۆھپە
267 سەر
شۆھرەت
321 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 16:11:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   گۈلزار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-5 18:08  

غەنىمەت

(ساتىرا)

مەخمۇت ئاۋۇت (مۇزاتى)


چوڭ ئەمەلدار بوپ قالغىنىم غەنىمەت،
ئەپكەلگەننى نەق ئالغىنىم غەنىمەت؛
تۈزۈت قىلماي كوم سالغىنىم غەنىمەت،
كەلدى  پۇرسەت يەۋالغىنىم غەنىمەت.


ئۆي تەقسىملەش،خىزمەت يۆتكەش ئىشىدا،
بار چۆپقىتىم ھەممە ئېچىق بېشىدا؛
شەپە بېرىپ مەن ساقلايمەن تېشىدا،
ئىش بىجىرىپ نەپ ئالغىنىم غەنىمەت.


ئىش قىلىشتا ئادىمىگە قارايمەن،
قىز-چوكاننىڭ قاش-كۆزىنى مارايمەن؛
يارىسا كىم، مەنمۇ ئاڭا يارايمەن،
كۆڭۈلنى خوش قىۋالغىنىم غەنىمەت.


ھوقۇقۇمنى ئىشلىتىمەن ئۆزۈمگە،
«ئىش ئۇقماسلار»سەت كورۇنەر كۆزۈمگە؛
ئەدەپلەيمەن  كىم كۆنمىسە سۆزۈمگە،
ئەمەل باردا دەۋالغىنىم غەنىمەت.


چۈنكى پۇلغا سېتىۋالغاچ ئەمەلنى،
ئۆزگىلەرگە تۆلىتىمەن بەدەلنى؛
رەڭۋازلىقتا ئوينىتىمەن قەلەمنى،
ئەلنى مايىل قىۋالغىنىم غەنىمەت.


يۇقۇرىدىن كەلسە مەبلەغ تالايمەن،
پۇللا بولسا ھەتتا  يالاق يالايمەن؛
ئەلنى بېسىپ يۇقۇرىنى ئالدايمەن،
چىشىم باردا يەۋالغىنىم غەنىمەت.


مۇپەتتىشنى ئەمەل بىلەن تورايمەن،
ئەلنى شۈلۈپ،يىلىگىنى شورايمەن؛
ئىشلىرىمنى نىقاپلايمەن،ئورايمەن،
چېنىپ قالسا يوقالغىنىم غەنىمەت.


ئۇلۇم پۇختا مەنسىپىمدىن  غېمىم يوق،
تاۋاق تۆمۈر-نېنىم پۈتۈن كۆڭلۈم توق؛
نەپ ئېلىشتا ئىشىك-دەرىزەم ئوچۇق،
ئامىتىم بار ، تومدۇر يېنىم غەنىمەت.

ھارامدى يەپ  سالدىم قۇرساق باداڭدەك،
تەرسىز كەلگەن پۇلنى چاچتىم غازاڭدەك؛
خەقنىڭ غېمىن يەپ يۈرمەسمەن ساراڭدەك،
كۆپەيسىلا  مال-دۇنيارىم غەنىمەت.


خىتاپ:

چىرىكلىشىپ بۇلغىما ئىچ-تېشىڭنى،
ھارام يىسەڭ چىقار تېشىپ تۆشۈڭنى؛
كۆتۈرەرسەن ئەلدە قانداق بېشىڭنى،
تۇيۇق يولدىن بەس، يانغىنىڭ غەنىمەت.

مەنبە: ئۆز ئىجادىيىتىم.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

64

تېما

16

دوست

6001

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1154 سەر
تىللا
616 دانە
تۆھپە
1051 سەر
شۆھرەت
1127 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىپوتوشوپ ئۇستىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 17:54:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىزلەر...

64

تېما

16

دوست

6001

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1154 سەر
تىللا
616 دانە
تۆھپە
1051 سەر
شۆھرەت
1127 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىپوتوشوپ ئۇستىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 17:55:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىزلەر...

293

تېما

106

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6765 سەر
تىللا
1727 دانە
تۆھپە
10811 سەر
شۆھرەت
5784 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 18:14:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىئېرىلىڭىز ئارقىلىق بايقاشنى رەڭدارلىققا ئىگە  قىلىپ ،بايقاشلىقلارغا ھۆزۇر ئاتا قىلىپ كېلىۋاتىسىز  ئەمما ي رەھمەت سىزگە
مۇزاتى ئەپەندى يېقىندىن بۇيان مۇنبەردە كۆرۈنمەيۋاتىسىز خىزمىتىڭىز ئالدىراشمۇ ياكى باشقا سەۋەپ بارمۇ ؟  
مانا ئوت ماكانى ئەپەندىممۇ شىئېرلىڭىزغا رەڭ بېرىپ تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇپ قويۇپتۇ، بولسا سىزمۇ تېزراق كېلىڭ .
بايقاشلىقلار سىزنى ھەم تېمىلىرىڭىزنى كۆرشكە تەشنا . رەھمەت  
ئادەم ئەتكەنگە تەزىم ئەت .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 02:03, Processed in 0.488024 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش