baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

BAYKAXBIZ
كۆرۈش: 572|ئىنكاس: 11

«ئۆمۈرلىك ئۈگۈنۈش»ھەر بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇش پائالىيىتىگە قاتن...

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
«ئۆمۈرلىك ئۈگۈنۈش»ھەر بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇش پائالىيىتىگە قاتنىشىدىغان-يول خېتى

مەمتىمىن ئابدۇراخمان

(مەكىت ناھىيىلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىدىن)

(مەزكۈر لىكسىيە 2013-يىلى 2-ئايدا دولان ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئورونلاشتۇرشى بىلەن ئوقۇتقۇچىلارغا سۆزلەنگەن لىكسىيە)


ئەسسالامۇئەلەيكۇم مىھرى ئاتەش ئۇستازلار، مائارىپ چوڭ ئائىلىمىزنىڭ جاپاكەش مىھرىبان ئاتا-ئانىللىرى ھەممىڭلارنىڭ ماڭا مۇشۇ پۇرسھەتنى يارىتىپ بەرگىنىڭلەر ئۈچۈن دولان ئوتتۇرا مەكتەپ رەھبەرلىكى ۋە قەدىناس كەسىپداشلىرىمغا كۆپتىن كۆپ تەشەككۈر! «ئۈگىنىش ئىنقىلابى»دەيدىغان بىر كىتاپتا مۇنداق بىر جۈملە سۆز ھازىرغىچە مىنى قاتتىق قاتتىق ئويغا سالىدۇ. بىر كىمىدە بىر يەھۇدىي دادىسى ۋە ئۇقۇتقۇچىسى بىلەن سەپەر قىلىش جەريانىدا دېڭىز قاراقچىلىرىغا ئۇچراپ، قاراقچىلار ناۋادا بارلىق مال دۇنياسىغا بىر ئادەمنىڭ جېنىنى قۇتقۇزۇشقا بولىدىغانلىقى ئېيىتقاندا ھېلىقى يەھۇدىي ئۇقۇتقۇچىسىنى قۇتۇلدۇردىغانلىقى قەيىت قىلىنغان دىمەك ئوقۇتقۇچىنىڭ رولىنىڭ موھىملىقىنى بىلگەن نۇپۇسى 10مىلىيونغىمۇ يەتمەيدىغان يەھۇدىي مىللىتى دونيادا، مەيلى سودا، پەن تېخىنىكا، ئىلىم – پەن، تىبابەتچىلىك، ۋە ئىنسانشۇناسلىقتا بولسۇن پۇتۇن دونيا ئەللىرىنىڭ كۇزىنى قىزارتىۋاتىدۇ. بىز مانا مۇشۇنداق ئۇلۇغ ئوقۇتقۇچى! خەلق بىزنىمۇ مۇشۇنداق ئۇلۇغلايدۇ. بىزمۇ خەلققە ھەقىقىي تۇردە جاۋاب قايتۇرشىمىز، مەجبۇرىيتىمىزنى تونۇشىمىز لازىم.
خوش! ئاساسى گىپىمىزگە كىلەيلى! «ئۆمۈرلىك ئۈگۈنۈش» دىگەن نىمە ؟
جەمىيەتشۇناس بوئىلدىڭنىڭ «بۇگۇنكى دۇنيا .....مەن تۇغۇلۇپ كۆز ئاچقان دۇنيادىن كۆپ پەرىقلىنىدۇ. مەن دۇنياغا كەلمەستىن بۇرۇن قانچىلىك ھادىسىلەر سادىر بولغان بولسا، مەن تۇغۇلغاندىن كىيىنمۇ شۇنچىلىك ھادىسىلەر سادىر بولدى »دەيدۇ مانا مۇشۇنداق يىللاپ، ئايلاپ،......سائەتلەپ قىسقىراۋاتقان تەرەققىيات تېزلىكى بۈگۈنكى دەۋېر كىشىللىرىگە، دەۋىرنىڭ جىددىي قەدەم رىتىمىغا قۇلاق سېلىشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى تونۇتتى دە ھەر بىر مائارىپ ھەركىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىنى «ئۆمۈرلىك ئۈگۈنۈش» ھەركىتىنى روياپقا چىقارماقتا.
مەلۇم بىر سائەت زرۋۇتىدا ئىنتايىن ئىشچان بىر ئىشچى بار ئىكەن. ئۇنىڭ ۋەزىپىسى ئاقما لىنىيىدە سائەتنىڭ ئۇششاق زاپچاسلىرىنى ئورنىتىش ئىكەن، ئۇ بۇ ئشنى ئۇدا 15 يىل ئىشلەپتۇ. ئۇ ئىشقا شۇنچىلىك پىششىق بولۇپ كىتىپتۇكى بىر ئازمۇ خاتالىق سادىر قىلمايدىكەن، ھەر يىلى ئىلغار خىزمەتچى بولۇپ باھالىنىدىكەن.
كىيىن زاۋۇتقا كومپىيوتۇر بىلەن تىزگىللىنىدىغان ئاقما لىنىيە كىرگۈزىلىپ ئۇ ئىشسىز قاپتۇ. ئۇنىڭ مەدىنىيەت ھەۋىيىسى ئانچە يۇقىرى ئەمەسلىكى، 15 يىلدىن بىرى باشقا ھۇنەرمۇ ئۈگەنمىگەنلىكىگە، كومپىيوتىر بىلمەسلىكى قوشۇلۇپ، ئۇنى ئىلغار خىزمەتچىدىن ئارتۇقچە ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قۇيۇپتۇ.
ئۇ زاۋۇتتىن ئايرىلىدىغان چاغدا زاۋۇت باشلىقى ئاۋۋال ئۇنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيانقى خىزمىتىنى ماختاپتۇ. ئاندىن تۇۋەنچىلىك بىلەن مۇنداق دەپتۇ:
-يېڭى ئۇسكىنىلەرنى كىرگۈزۈش پىلانىنى بىر نەچچە يىل بۇرۇنلا ئىلان قىلغان ئىدىم. مەقسىدىم، سىلەرنى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ يېڭى تېخنىكىلارنى ئۈگىنىشكە دەۋەت قىلىش ئىدى. خىزمەتدىشىڭىز xx نى مىسالغا ئالساق، ئۇ بىر نەچچە يىللاردىن بۇيان ئۆزلىكىدىن كومپىيوتىر ئۈگەندى، ھەتتا يېڭى ئۇسكىنىنىڭ چۈشەندۇرۇش قوللانمىسىنى تېپىپ ئەستايىدىل تەتقىق قىلدى. مانا ھازىر سىزگە سىخ مودىر بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. مەن سىزگە پۇرسەت بەرمىدىم ئەمەس،بەلكى ئۈزىڭىز بۇ پۇرسەتتى ۋاز كەچتىڭىز.
1999-يىلى گىرمانىيەنىڭ كوئىن شەھرىدە سەككىز دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى چاقىرىلدى، يىغىندا«كوئىن نىزامنامىسى-ئۆمۈرلىك ئۈگىنىشنىڭ نىشانى ۋە ئۈمىدى» ماقۇللاندى نىزامنامىدە ھەر قايسى ئەل پۇقرالىرىغا ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، پۇقرالارنىڭ مەجبۇرىيتىنى ئادا قىلىش، جەمىيەتنىڭ بىرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئۆمۈرلىك ئۈگىنىشكە چاقىرىق قىلىنىدى ھەمدە نۆۋەتتە سانائەت جەمىيىتىدىن بىلىم جەمىيىتىگە ئۆزگىرىۋاتقانلىقى قەيىت قىلىنغان.ج خ ج ئوقۇتقۇچىلار قانۇنىنىڭ 8- ماددا6-تىمىدا تەلىم تەربىيە ئوقۇتۇش كەسپىي سەۋيىسىنى ئۈزلىكسىز ئۆستۈرۈش دەپمۇ تەكىتلەنگەن.
نىمە ئۈچۈن «ئۆمۈرلىك ئۈگۈنۈش»ھەر بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇش پائالىيىتىگە قاتنىشىدىغان-يول خېتى بۇلۇپ قالدى ؟
مۇنداق بىر مەسەلنى ئوقىغاندىم: بىر دىھقان بىر پارچە ئىسىل قاشتاشنى تېپىۋاپتۇ ۋە ئۇنى تاراشلاپ نادىر ئەسەر ياراتماقچى بوپتۇ. ئەمما ئۇنىڭ قولىدا ئوتۇغۇچتىن باشقا سايمان يوق ئىكەن. شۇنداق قىلىپ ھېلىقى دىھقان قولىدىكى قاشتاشنى ئوتىغۇچ بىلەن تاراشلاپتۇ. ئەمما ئوتىغۇچ بىلەن تاراشلانغان قاشتاش ئۇششاق شېغىل تاشقا ئايلىنىپ، ئاخىرقى ھىسابتا ئۆز قىممىتىنى پۇتۇنلەي يوقىتىتىپتۇ.
مانا بىز ئوقۇتقۇچىلارنى ئاشۇ دىھقانغا، دەرىسخانىدا بىزگە تەلمۈرۈپ ئولتۇرغان ئاشۇ سەبىيلەرنى سۈزۈك قاشتاشقا ئوخشتىش مومكىن، ھالبۇكى بەزىللىرىمىز ئاشۇ قاشتاشتىن ئىنتايىن نەپىس نادىر سەنئەت ئەسىرىنى يارىتىدۇ، بەزىلەر بولسا بارا بارا ئۇششاق شېغىل تاشقا ئايلىنىپ ئۆز قىممىتىنى يوقىتىۋاتقان قاشتاشقا قاراپ ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ھارسىنىدۇ.
مەلۇم ئوتتۇرا مەكتەپتىكى 91 نەپەر ئوقۇتقۇچى، 503 نەپەر ئوقوغۇچىغا قارىتا بىر قىتىملىق سۇئال- جاۋابلىق تەكشۇرۇش ئىلىپ بىرىلغان بولۇپ،مۇناسىۋەتلىك بىر قانچە سۇئال ۋە تەكشۈرۈش نەتىجىسى تۆۋەندىكىدىن ئىبارەت.
سىزنىڭچە تاپشۇرۇق مىقدارىڭىز مۇۋاپىقمۇ؟
%37 ئوقۇغۇچىنىڭ قارىشىچە «بەك ئاز»؛ %51 ئوقۇغۇچىنىڭ قارىشىچە «مۇۋاپىق»؛ %8 ئوقۇغۇچىنىڭ قارىشىچە «تاپشۇرۇق ئاز ھەم نامۇۋاپىق»؛ %4 ئوقۇغۇچىنىڭ قارىشىچە «تاپشۇرۇق بەك كۆپ ».
سىزنىڭچە تاپشۇرۇق بىرىش مىقدارىڭىز ئۆلچەملىكمۇ؟(بۇ توغرىسىدا مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلىدۇبەلگىلىمە دە باشلانغۇچ 1-2-يىللىقلاردا تاپشۇرۇق بەرمەسلىك باشقا يىللىقلارنىڭ بىر سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىك، تولۇقسىزنىڭ بىر يېرىم سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىك)
تەن جازاسى بىرىشكە قارىتا قانداق قارايسىز؟(ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسىخىك ھالىتى، ئائىلە شارائىتى، مەزكۈر دەرىسكە ۋە ئوقۇتقۇچىغا بولغان پوزىتسىيى،نوقتىلارنى تەتقىق قىلىش مەسىلىسى ) بۇ نوقتىنى سەل تۈرۈپ تەپسىلى توختىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلىدۇ
سىزنىڭچە دەرسخانا ئوقۇتۇشى تۈۋەن بولىشىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان ئاساسلىق ئامىللار قايسى؟
%23 ئوقۇتقۇچىنىڭ قارىشىچە «دەرس ۋاقتى زىچ»؛ %63 ئوقۇتقۇچىنىڭ قارىشىچە «ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىقتىدارى تۆۋەن»؛ %6 ئوقۇتقۇچىنىڭ قارىشىچە «ئوقۇتۇش شارائىتى ناچار»؛ %4 ئوقۇتقۇچىنىڭ قارىشىچە «ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىش »؛ %4 ئوقۇتقۇچىنىڭ قارىشىچە «ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش سەۋىيىسى يىتىشمەيدۇ».
دەرسخانا ئوقۇتۇشقا نىسبەتەن تەتقىقات يىتەرلىك ئەمەس، ئوقۇتقۇچىلار كۆپىنچە سىرتقى سەۋەپنى باھانە قىلىپ، ئۆزىدىكى سەۋەپلەر ئۈستىدە ئويلانمىغان. بۇ بەلگىلىك دەرىجىدە دەرىسخانا ئوقۇتۇش ئىچكى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچنىڭ يىتەرلىك بولمايۋاتقانلىقىنى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆزى، ۋە ئۆز مەسئۇلىيتى ئۈستىدە قايتا ئويلىنىش ئىڭىنىڭ كەمچىللىكىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرىدۇ.
ئوقۇتقۇچىلار ئاساسلىق بىسىملار قايسى جەھەتتىن كىلىۋاتىدۇ؟
%40.4 ئوقۇتقۇچىنىڭ قارىشىچە «ئىمتىھان نەتىجىسىنى زىيادە قوغلىشىش خاھىشى»؛ %8.5 ئوقۇتقۇچىنىڭ قارىشىچە «يۇقۇرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ باشقۇرىشىنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقى»؛ %8.5 ئوقۇتقۇچىنىڭ قارىشىچە « ئوقۇتۇش پىلانىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئەمەلىي سەۋيىسىدىن بەك يۇقۇرى»؛ %42.6 ئوقۇتقۇچىنىڭ قارىشىچە «ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش سەۋىيىسىنىڭ يىتىشمەسلىكى».
. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي سەۋيىسىنى ئاشۇرۇشتىكى ئەڭ پايدىلىق ئامىللار قايسى ؟
%69.5 ئوقۇتقۇچىنىڭ قارىشىچە ئوقۇتقۇچىلار ئارسىدىكى ئۆز ئارا تەجىرىبە ئالماشتۇرۇش؛ %9.3 ئوقۇتقۇچىنىڭ قارىشىچە سىرتقا چىقىپ تەربىيلىنىش؛ %10 ئوقۇتقۇچى« مۇتەخەسىسلەرنىڭ يىتەكچىلىك قىلىشى» دەپ قارىغان؛ بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار دەرىس مىساللىرى ئارقىلىق مۇھاكىمە قىلىش، مەخسۇس تىمىلىق مۇھاكىمە قىلىش دەپ قارىغان.
مەجبۇرىيەت مائارىپ باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا دەرىس بىرىۋاتقان بىر قانچە ئوقۇتقۇچىلاردىن ئەھۋال ئىگەللىسەم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئومۇمۇۈزلڭك جاۋابى نىمە بولدى دىمەمسىز«مەمتىمىنجان بۇ بالارغىچۇ دەرىسكە كىرىپ باللار بىلەن غىجڭلىشىپ قالماي سالامەت بىر سائەت دەرىسنى تۈگىتىۋالساق بولدى». مانا بىزدىكى ئوقۇتقۇچىلىق!  
نىمە ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچى ئارىسىدا بۇنداق سۈركىلىشلەر تۈگىمەيدۇ؟نىمە ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئېغىزىدىن «بۈگۈنكى بالىلارنىڭ بۇرۇنقىلاغا ئوخشىماي قېلىشى» گەپلەرنى ئاڭلايمىز؟
بۈگۈنكى بالىلارنىڭ بۇرۇنقىلارغا ئوخشىماي قېلىشى ئەقىلغە مۇۋاپىق ئەمەلىيەت. سەۋەبىنى ئىككى دەۋرنى سېلىشتۇرساقلا ھېس قىلالايمىز.تور ۋە تىلىۋىزوردىكى مەۋھۇم دۇنيا ئوقۇغۇچىلار تۇرمۇشىدا شەھۋەتپەرەسلىككە ئايلىنىپ قېلىشى، جەمىيەت تەرەققىياتىدىكى ھەر خىل ئامىللەر، ئائىلە تەربىيىسى ئېتىزىنىڭ نابۇتلىشىشى، جەمىيەت ۋە ئىنسانىيەتنىڭ مەسھۇلىيەتسىىزلىكى قاتارلىق ئامىللار دەۋر ئۆزگەردى، ئائىلە تەربىيسىگە دەز كەتتى.جەمئىيەت ئۆزگەردى، بالىلار ئۆزگەردى  بىراق ئوقۇتقۇچى ئۆزگەرمىدى.ئوقۇتقۇچىلار جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ماس ھالدا تەربىيە ئۇسۇللىرىنى، تەپەككۇرىنى، روھىي دۇنياسىنى يېڭىلاپ ئۈلگۈرەلمىدى. قېلىپلىشىپ قالغان، ۋاقتى ئۆتكەن نەزەرىيىلەر، بەش-ئون ھەتتا 15-20 يىلنىڭ ئالدىدا ئۆگىنىۋالغان بىلىملىرىمىز، ئوقۇتۇش ئۇسۇلىمىز بىلەن بۈگۈنكى بالىلار ئالدىدا «ئامالسىز» قالدۇق. بىز تەپەككۇر كۆزىمىز بىلەن بۈگۈنكى دۇنياغا قاراپ باقايلى: جەمئىيەتنىڭ ئادەملەردىن نېمىلەرنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى ئىنچىكە كۆزىتىپ باقايلى؛ پەن - مەدەنىيەت يۈكسەك تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن ئەللەرنىڭ بالا تەربىيىلەش ئۇسۇللىرى بىلەن ئۆزىمىزنىڭكىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرەيلى؛ ئەنە شۇ چاغدىلا مەسىلىنىڭ تۈگۈنى ئۆزلۈكىدىن ھەل بولىدۇ.
ئوقۇغۇچىنىڭ قەلبىدىكى ئوقۇتقۇچى قانداق بولىدىۇ بۇنىڭغا نەزەر سېلىپ باقايلى؟
ئوقۇغۇچىلار ياقتۇرىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىش-ھەركىتى
        يۇمۇرىستىك، مۇئامىلىسى قىزغىن، تەبەسسۇم يىغىپ تۇرۇدىغان، دوستلارغا خاس پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان، مۇنازىرلىشەلەيدىغان، دەرىستىن سىرىتقى بىلىملەرنىمۇ سۆزلەپ بىرىدىغان، ئاغزاكى ئىپادىلەش سەنئىتى يۇقۇرى، ئىلمىي، سەۋىرچان، دەرىس سۆزلىشى ئېنىق، مۇكەممەل، ئەستايىدىل، تۈرلۈك ئۇيۇنلارنى ئوينىتىدىغان، ئوقۇتۇش مىتوتى ئۆزگىچە، ياخشى ئىپادىلەپ بىرەلەيدىغان، ئادىل، پۈتۈن ھىسياتى بىلەن سۆزلەيدىغان، كۆپ رىغبەتلەندۈرۈپ، تەقدىرلەيدىغان، كۆپ ياردەم قىلىدىغان، ئىش قىلسا ئەستايىدىل ئوقۇتقۇچىلارنى ياقتۇرىدۇ.
ئوقۇغۇچىلار ياقتۇرمايدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىش-ھەركىتى
        دەرىس ۋاقتىدا تەنقىد قىلىدىغان، تاپشۇرۇقنى قايتا ئىشلىتىدىغان، قالايمىقان ئاچچىقلايدىغان، مۇتەھەم، قۇپال، سۈرلۈك، كۆزىنى ئالايتىدىغان، باشقىلاغا يان باسىدىغان، تولا سۆزلەيدىغان، ئىشىكنىڭ سىرتىدا تۇرغۇزۇپ قويۇدىغان، دەرىس ۋاقتىدا گەپ قىلغىلى قويمايدىغان، بەك چىڭ باشقۇرۋالىدىغان، ئەركىن دەرىس سۆزلىمەيدىغان، دەرىس ۋاقتىنى قالايمىقان ئىشلىتىدىغان، ئىشنى ئاشۇرۋىتىدىغان، كىچىككىنە ئىش ئۈچۈن ئاتا-ئانىلارنى چاقىرىپ ئەكىلىدىغان(ئوقۇتقۇچىلار تەن جازاسى بەرسە بولمايدۇ دەپ قاراپ ئامالسىز ئاتا-ئانىسىنى چاقىرىش مودىغا ئايلاندى)، تازلىققا رىئايە قىلمايدىغان، كىينىشى رەتسىز بولغان، كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا كوتىلدايدىغان، بورنى قالايمىقان ئاتىدىغان، ئاچچىقلاپ دەرىس توختىتىدىغان، دەرىسكە كىچىكىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى ياقتۇرمايدۇ
بەرھەق شۇنداق ئوقۇتقۇچىلارمۇ باركى، ئۇلار دەرسلىك كىتابنى چالا-بۇلا يادلاپ بېرىپ ئوقۇغۇچىلارنى زېرىكتۈرۈۋېتىدىغان ئوقۇتقۇچىلارغا ئوخشىمايدۇ؛ دەرسلىكنى تۇرمۇشقا، ھاياتقاباغلاپ ئۇنىڭغا جان كىرگۈزۈۋېتىدۇ؛ ھەر جۈملىسىدىن ھېكمەت پۇراپ تۇرىدىغان لېكسىيىلىرى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى ماگىنىتتەك رام قىلىۋالىدۇ، ئوقۇغۇچىلارغا ئادەم بولۇشنىڭ يوللىرىنى ئۆگىتىپ قويىدۇ؛ ئوقۇتۇش پروگراممىسىدا، مەكتەپ پىلانىدا تىلغائېلىنمىغان نازۇك ھالقىلارنى، قىزىقارلىق، ئەھمىيەتلىك مىساللارغا بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ روھىي دۇنياسىغا سىڭىپ كىرەلەيدۇ. تەربىيە روھىي ھادىسە، ئۇكىشىلەرنىڭ ئېڭىغا تەسىر كۆرسەتكەندىلا ئاندىن ھەرىكەتكە ئايلىنىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ روھىي دۇنياسىدا يىلتىزلىنالمىغان تەربىيىدىن ئۈمىد كۈتكىلىبولمايدۇ. تەربىيىنىڭ بۇنداق نازۇك جەريانىنى قانداقتۇر بىر «ئۆلچەم»، «نومۇر» بىلەن باھالىغىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭغا بىزنىڭ مۇپەتتىشلىرىمىزمۇ ئۆلچەم تۈزۈپ بېرەلمەيدۇ. بۇنىڭدىن قارىغاندا، مەكتەپلەردىكى «باھالاش ئۆلچەم» لىرىنى ئىسلاھ قىلمىغاندا، تەلىم-تەربىيىنىڭ يوشۇرۇن كۈچلىرىنى قېزىپ چىققىلى بولمايدۇ. بىر قىسىمئوقۇتقۇچىلار ھازىرقى تەربىيىنىڭ ۋاقتى ئۆتكەن دورىدەك، بالىلارغا تەسىركۆرسىتەلمەيۋاتقانلىقى، بىرنەچچە يىللار ئىلگىرىكى ئۆزلىرى تەربىيىلىگەن بالىلارغاسېلىشتۇرۇپ، بۈگۈنكى بالىلاردىن دادلاپ، تەربىيىلەشكە ئامالسىز قېلىۋاتقانلىقىنى دېيىشىۋاتقىنىنى ئاڭلاپ قالىمەن. بالىلارنى تەربىيىلەشكە ئامالسىز قېلىش، ئوقۇتقۇچىدا ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەتنىڭ يوقلۇقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇنداق دېسەم، ئۇلار تۆمۈر تاۋاق ئورنىدا ئېلىپ قويغان «ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت» گۇۋاھنامىسىنىكۆتۈرۈپ چىقىشى مۇمكىن، ۋىجدانلىق بىر ئوقۇتقۇچىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى ھازىرلاشقا مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى تەلەپ قىلغان شەرتلەردىن باشقا، يەنە نۇرغۇن شەرتلەرنى ھازىرلىشى، بالىلارنىڭ قايغۇسى، ئازابىغا يىغلىيالايدىغان، بالىلارنىڭ تەنتەنىسىگە كۈلەلەيدىغان، ۋەتەن، مىللەتنىڭكېلەچىكىگە مەسئۇل بولۇش تۇيغۇسىدا ئۆز خىزمىتىدىن پەخىرلىنەلەيدىغان بولۇشىكېرەك.
ئۇقۇتقۇچىلىق كەسپى ئەخلاقى دېگىنىمىز ، ئۇقۇتۇش  تەلىم-تەربىيە ئەمگىكى بىلەن شۇغۇللانغاندا  ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك  ھەركەت ئۆلچىمى ۋە ھازىرلاشقا تىگىشلىك پەزىلەتلەرنىڭ يېغىندىسىدۇر. ئۇقۇتقۇچىنىڭ ئالى جاناپ پەزىلەتكە ئىگە بۇلۇشى بولماسلىقى مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك  بۇلۇلام قالماي  پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئىجىتمائى تەرەققىياتىغىمۇ  زور تەسىر كۆرسىتىدۇ . ئۇقۇتقۇچىنىڭ كەسپى ئەخلاقى  ئۇقۇتۇش پائالىيتى جەريانىدا ئىپادىلنىپلا قالماي يەنە ئۇنۇڭ باشقا پائالىيەتلىرىدىكى سۆز ۋە ھەركىتىدىمۇ ئىپادىلنىدۇ. شۇڭا ئۇقۇتقۇچى مەكتەپتە،جەمئىيەتتە تۈرلىك ئىش پائالىيەتلەر جەريانىدا  ئۈزىنىڭ سۆز ھەركىتى، يۈرۈش تۇرشى،كىشىلەرگە بولغان پۇزۇتسىيەسى ۋە مۇئامىلىسى جەھەتلەردە ئۈزىنىڭ ياخشى بولغان پەزىلىتىنى نامايەن قىلىپ  ئۇقۇغۇچىلارنى پائال يۇقۇرى ئۆرلەشكە يىتەكلەيدىغان  مەنىۋى كۈچ بۇلۇشى ھەم ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە دوستلىرىغا، خوشنىللىرىغا ۋە پۈتكۈل جەمئىيەتكە  ئۈلگە بۇلىشى كىرەك


ئوقۇتۇش موھىتى يارىتالايدىغان تەتقىقاتچىلاردىن بولايلى


بايقاش مائارىپ تورىدا مەلۇم بىر يازمىنى كۆرۈپ قالدىم. يازمىدا «ئۇنۋان ئالغۇچىلارغا خۇش خەۋەر  ئەركزات گېزىت-ژۇرنال ئۇچۇر-ئېلانچىلىقىمىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئېچىلغان ئېلان-ئۇچۇر مۇلازىمەت مەركىزى بولۇپ، مەركىزىمىز ھەر دەرىجىلىك ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ، بالىلار يەسلىسى، ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوم ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە جەمئىيىتىمىزدىكى ھەر قايسى كەسىپ، ھەر قايسى ساھە خادىملىرىنىڭ ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان كەسىپلەر بويىچە تۈرلۈك ئىلمىي ۋە كەسپىي تېخنىكا ئۇنۋانلىرىنى ئېلىش ئىلمىي ماقالىلىرى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش بويىچە ئوقۇش پۈتتۈرىدىغانلارنىڭ دىسېرتاتسىيە ماقالىلىرىنى، جۈملىدىن، مەدەنىيەت، سەھىيە، يېزا ئىگىلىك، چارۋىچىلىق، ئورمانچىلىق، سۇ ئىشلىرى قاتارلىق ھەر قايسى ساھەدىكى خادىملارنىڭ كەسپىي تېخنىكا ئۇنۋانى ئېلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي ماقالىلىرىنى كەسىپ ئېھتىياجى ۋە بەلگۈلەنگەن تېما تەلىپى بويىچە مەزمۇن، ھەجىم ۋە سۈپەت تەلىپىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا تېز سۈرئەت بىلەن مۇۋاپىق باھادا يېزىش، تەرجىمە قىلىش، ئاپتونۇم رايون ۋە مەملىكىتىمىز دائىرىسىدىكى قانۇنلۇق نەشر قىلىنىپ ئاشكارە تارقىتىلىدىغان، ئۇنۋان باھالاشتا تولۇق ئېتىراپ قىلىنىدىغان ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە تىل-يېزىقتىكى كەسپىي گېزىت-ژۇرناللاردا بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە ۋاكالىتەن ئېلان قىلدۇرۇش تۈرلىرى بويىچە سىزنى ھەر ۋاقىت قىزغىن ۋە سەمىمىي مۇلازىمەتلىرىمىز بىلەن تەمىنلەيمىز. » دەپ بىرىلىپ ئونۋان خىزمىتى باشلىنىشقا ئاز قالدى كەڭ ئونۋان ئالغۇچى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ماقالە يېزىش، ئىلان قىلدۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەر ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغانلىقى قەيىت قىلىنغان . بۇ خوش خەۋەرگە نىسبەتەن تورداشلارنىڭ ئىنكاسىغا قاراپ باقايلى.
زەپەر دىگەن تۇرداش : ئورنى نەدە ئىكەن . قانداق ئالاقىلىشىمىز
ئوغلانبەگ: ياخشى تەۋسىيە ئىكەن،لازىم بولغاندا ئىشلىتەرمىز. رەھمەت سىزگە!
گۈلزار: پاھ ! ئەمدى ئىلمى ماقال يازالماي قىينىلۋاتقانلارنىڭ كۈنى تۇغۇلۇپۇ - دە .  بۇمۇ بوپتۇ  ، پۇلى كۆپلەر مۇشۇنداق يەرلەرگە خەجلىمىسە نىمە قىلىدۇ
تۇرسۇنجان: ياخشى ئىشتىن بىرنى ئەپكەپسىز جۇمۇ  مۇنبەرگە
تەۋپىق521 : خا ! مانى كۆرۈڭ ! مانا بىزدىكى مائارىپ قارىشى ۋە مەسھۇلىيتى! بىزدىكى مائارىپ تاللا بازىرى بىلەن ئوخشاش بوپتىغۇ؟ ئۇنۋان مانچە پۇل؟ ماقالىسى مانچە پۇل؟ جەدىۋىلى مانچە پۇل ؟....مۇنبەر مانچە پۇل ؟.... .
ئۈمىد0998: بىزلەردە يىگىرمە-ئوتتۇز يىل مەكتەپ مۇدىرى بولۇپمۇ مائارىپنى قىلچىمۇ چۇشەنمەيدىغان، ئۆزىدە تۇزۇككىنە مائارىپ قارىشى يىتىلدۇرمىگەن، ھەتتا بىرەر پارچە دوكلاتنىمۇ تۇزۇك قاملاشتۇرۇپ يازالمايدىغان مۇدىرلىرىمىز شۇنچە كۆپ تۇرسا، نەدىكى مائارىپنى قىلچىمۇ چۇشەنمەيدىغان مال دوختۇرى، «پۇل دوختۇرى»، «نان دوختۇرى»لىرى قوشۇنىمىزدا شۇنچە كۆپ تۇرسا مۇشۇنداق ئۇنۋان تاللا بازىرى ئىچىلماي قالاتتىمۇ؟!!!!!!
مەمەت: بۇمۇ بوپتۇ ، لازىم بولسا ئىزدەرمىز. لىكىن ئورنى ئىنىق يېزىلماپتۇ. ئوتتۇرا ياشتىن ئاشقان مائارىپچىلارغا نىسبەتەن خەنزۇچە ماقالە، خەنزۇچە خىزمەت خۇلاسىىسى يېزىش قېيىن كىلەتتى...
دىمەك يۇقارقى تۇرداشلارنىڭ ئىنكاسى ئۈستىدە مۇلاھىزە!
مەن ئويلايمەن جەمىيىتىمىزدە تەنقىدچىلەر ناھايىتى كۆپ، تەتقىقاتچىلار ئاز ئىكەن،  ئالايلۇق ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردىكى «بىزدىكى ئىللەتلەر ، بىزدىكى ئىسراپچىلىق، بىزدە نىمە كەم، ئوقۇغۇچىلار گەپ ئاڭلىماس بوپ كەتتى ..........»دىگەندەك ئاغرىنىش قاقشاش تىپىدىكى ماقالىلەر كۈرمىڭ لىكىن ئەمەلىي يەڭنى تۈرۈپ قول سېلىپ تەتقىق قىلىدىغانلار ناھايىتى ئاز.
مۇنداق بىر مىسالنى ئېلىپ ئۈتۈشكە ئەرزىيدۇ 2005-يىللىرى ئۇرۇمچى شەھەرلىك ئالىي تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە پىراكتىكا قىلىش جەريانىدا تۇنساگۇل قاسىم دەيدىغان بىر ئوقۇتقۇچى ماڭا يىتەكچىلىك قىلدى، پىراكتىكىغا چۈشۈپ تۇنقى كۈنىلا ئۇكام بىز تەبئىي پەنچىلەر گەپ بىلەن تازا قاملىشالمايمىز پەقەت يەڭنى تۈرۈپ ئىشلىشىمىز ئۆز مەجبۇرىيتىمىزنى تولۇق ئادا قىلىشىمىز لازىم. سىزگە دەيدىغان تەلىمىم شۇ ئەمسە ئىشقا چۈشەيلى دەپلا تاپشۇرۇق تەكشۈرۈشكە باشلىدى. مەن نىمە قىلارىمنى بىلمەي يېنىدا جىم تۇردۇم. ئالاھىزەل ئىككى سائەت ئەتىراپىدا ھېلىقى تاپشۇرۇقلار تۈگىدى. قارىسام تاپشۇرۇقلار ئالتە تۈرگە ئايرىلغان بولۇپ ھەرگىزمۇ نەتىجە تەرتىپى بىلەن ئەمەس بەلكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇققا بولغان پوزىتسىيىسى، خەت سۈپىتى، مەسىللەرنى ھەل قىلىش ماھارىتى، تاپشۇرۇق دەپتەرنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى قاتارلىق ئامىللارنى ئاساس قىلىپ ئايرىپ چىقىپ ئۈزىنىڭ مەخسۇس خاتىرسى بولۇپ شۇنىڭغا ئەستايىدىل تاپشۇرۇق تەكشۈرۈش تەسىراتىنى يېزىپ ئاخىرلاشتۇرى. دە ئوقۇتۇش پائالىيتى ھەققىدە مۇنداق تەلىم بەردى.

مۇشۇ جەرياندا ساقلانغان ۋە شەكىللەنگەن ھەر بىر مەسىللەرنى ئەتىراپلىق تەتقىق قىلىنغاندىلا يېڭى بىلىم، تىخنىكىلارنى ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىشنى توختاتماسلىق، ئۆزىنى ئوقوغۇچىلار ئالدىدا ھەممىگە «ھۆكۈمران» دەپ قارىماسلىق، بەلكى ئوقوغۇچىلاردىكى ئارتۇقچۇلۇقلارنى كەمتەرلىك بىلەن ئۆگۈنىش، مىھرىبان، ئوقوغۇچىلىرىنى قىزغىن سۆيىش، ئىللىق، يىقىملىق بولغان ئۆگۈنىش مۇھىتىنى يارىتىش، ئوقوتۇش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە ئۇنى ئوقوتۇش ئەمەلىيتىدە سىناق قىلىش. ئوقوغۇچىلار ئۈچۈن مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار ئۆگۈنىش مۇھىتى يارىتىپ بىرەلەيدىغان بولۇش، «بالىلىق» پىسخىكىسىنى يوقاتماسلىق، مەسھۇلىيەتچان بولۇش قاتارلىق پەزىلەتلەرنى يىتىلدۈرگەندە. ئاندىن ھەقىقى مائارىپچى بولالايمىز دەپ تۈنجى كۈنلىك يىتەكچىلىكىنى ئاخىرلاشتۇردى.
خەنزۇ خەلق ماقال تەمسىللىرىدە«بىر كۈن راھىب بولساڭ بىر كۈن داڭ چال» دەيدىغان گەپ بار بىزمۇ ئوقۇتقۇچى بولغاندىن كىيىن ئۈزىمىز مەيلى خىزمەت ۋاقتى بولسۇن، سىرىتتا بولايلى، تاماقتا بولايلى، سورۇندا بولايلى بىز ئۈزىمىزنىڭ ئوقۇتقۇچى ئىكەنلىكىمىزنى ئۇنتىماسلىقىمىز لازىم.
خوش ئۇنداقتا تەتقىقات بىزگە شۇنچىۋالا زۈرۈرمۇ؟ زدى نىمىنى تەتقىقى قىلىمىز ؟

تەتقىقات يالغۇزلا ھەر خىل مەتبەئەلەردە ماقالە ئېلان قىلىشنىلا كۈرسەتمەستىن بەلكى مەكتەپ ئوقۇتۇش تەتقىقات تىزىسلىرى،  ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش كارتىنىسى، ھەر بىر سائەت دەرىسى، تەييارلىق جەريانى، ئۇسۇلى ، ئوقۇتۇش قۇراللىرى، ئوقۇتۇش جەريانىنى ئۆزگەرتىش پىلانى قاتارلىق جەريانىلار بىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەز زامان تەتقىق قىلىش ئوبىكتىمىز ھىسابلىنىدۇ.
مەلۇم بىر قېتىملىق دەرىس ئۆتۇش مۇسابىقىسىگە باھالىغۇچى بولۇپ قاتنىشىپ قالدىم ، شۇ قېتىملىق پائالىيەت جەريانىدا مەلۇم بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرىسىنى باھالاپ قالدىم . بۇ جەرياندا ھىلىقى ئوقۇتقۇچىسى ئۆز سىنىپىغا بىر سائەت بىئولوگىيە دەرىسى ئۈتىدىكەن ، مەن دەرىس تەييارلىقىنى بىر قۇر كۇرۇپ بولغاندىن كىيىن دەرىس جەريانىدا ئوقۇغۇچىلار سوراشقا تىگىشلىك سۇئاللارنى ئالدىن پەرەز قىلىپ باقتىڭىزمۇ؟دەپ سورسام « بۇ ئوقۇغۇچىلار مەن ئۆتكەن دەرىسنى ھەزىم قىلىپ بولالىسا چوڭ گەپ! نەدىمۇ سۇئال سوراش بولسۇن ! » دەرۋەقە دەرىس باشلاندى ..........پىت جىگەر خىزمىتى ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەن ھە مۇئەللىم؟  ئوقۇغۇچىنىڭ بۇ سۇئالى ئوقۇغۇچىنى ناھايىتى ئەندىكتۇردى.
بۇندا مىساللار بىزگە قەدەمدە بىر ئۈچىراپ تۇرىدۇ.
خوش قاراپ باقساق بىزدە مەسىللەر ناھايىتى كۆپ! لىكىن ھەل قىلىنغىنى ناھايىتى ئاز. قاراپ باقساق 20مىليۇن نۇپۇس ئۈچۈن چىقىرىلىۋاتقان «شىنجاڭ مائاىپى » دىن ئىبارەت نۇپۇزلۇق زۇرنالىرىمىزدا بىرەر ماھايەتلىك مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنغىنىغا ئائىت ماقالىلەر بىرىلسە قايسىمىز تەپسىلي ئوقۇپ ئۆز ئەمىلىيىتىمىزدە قوللىنىپ باقتۇق! .
ئىزىڭدىن تىكەن ئۈنسە ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىغا كىرەر دەيدىغان گەپ بار بى ئۆز ئوقۇغۇچىلىرىمىزنى تەتقىق قىلىپ ئولارغا ياخشى بولغان بىلىم بىرىش سەنئىتىنى يىتىلدۇرمىسەك ئىزىمىزدىن تىكە ن ئىنىپ قالىدۇ.
بىز بىر ئوخشىتىش قىلىپ باقايلى، بارلىق يېڭىدىن مەكتەپكە ئوقوشقا كىرگەن بارلىق بالىلارنى بىر خىل جىسمانىي ئەمگەك ۋەزىپىسىنى تاماملاشقا بۇيرىساق، مەسىلەن چىلەكتە سۇ توشۇتساق، بىر بالا بەش چىلەك سۇ توشۇپ ھالىدىن كتىپ قىلىشى، يەنە بىر بالا 20 چىلەك سۇ توشىيالىشى مۈمكىن. ئەگەر سىز تىنى ئاجىز بىر بالىنى چوقۇم 20 چىلەك سۇ توشۇيسەن دەپ تۇرىۋالسىڭىز، ئۇنداقتا بۇ بالا ھالىدىن كىتىپ، ئەتىسى ھىچ ئىش قىلالماسلىقى ھەتتا ياتاقتا يىتىپ قىلىپ مەكتەپكىمۇ كىلەلمەسلىكى مۈمكىن. بالىلارنىڭ ئەقلى ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىشىمۇ يۇقۇرىدىكىگە ئوخشايدۇ، بەزى ئوقوغۇچىلارنىڭ دەرسلىكتىكى مەزمۇنلارنى ئىدىراك قىلىشى، چۈشىنىشى، ئەستە تۇتىشى تىز بولۇپ، خاتىرىسىدە ساقلىنىش ۋاقتى ئۇزۇن ھەم مۇستەھكەم بولسا، يەنە بىر قىسىم ئوقوغۇچىلارنىڭ ئەقلى ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىشى تامامەن يۇقۇردىكىسى بىلەن قارىمۇ – قارىشى بولىشى مۈمكىن، يەنى دەرسلىكتىكى مەزمۇنلارنى ئىدىراك قىلىشى، چۈشىنىشى، ئەستە ساقلىشى نىسبەتەن ئاستا بولۇپ، خاتىرىسىدە ساقلىنىش ۋاقتى قىسقا ھەم پۇختا بولماسلىقى مۈمكىن.  ئەمما (بۇ دائىم ئۇچىرايدىغان ئىش) ئاخىرىدا بۇ بالا ئۆگۈنىش ۋە ئەقلى تەرەققىيات جەھەتتە ھىلىقى دەسلەپتىكى نىسبەتەن ياخشى بالىدىن ئىشىپ كىتىپ زور مۇۋاپىقىيەتلەرگە ئىرىشىشى مۈمكىن. ئوقوتۇش ۋە مائارىپنىڭ بارلىق قانۇنىيەتلىرىنى مىخاينىكىلىق ھالدا تەدبىقلىغىلى بولىدىغان ئۇنداق ئابىستىراكىت ئوقوغۇچىلار مەۋجۇت ئەمەس، شۇنداقلا ھەرقانداق ئوقوغۇچىغا ماس كىلىۋىرىدىغان ئۆگۈنىشتە مۇۋاپىقىيەتلەرگە ئىرىشتۈرەلەيدىغان ئالدىن ھەل قىلىش شەرتىنىڭ بولىشىمۇ مۈمكىن ئەمەس. ئۆگۈنىشتە مۇۋاپىقىيەت قازىنىش ئۇقۇمى ئەسلىدىنلا بىر نىسبى نەرسە. بىر ئوقوغۇچىغا نىسبەتەن ئىيتقاندا«100 نۇمۇر» مۇۋاپىقىيەتنىڭ بەلگىسى بولسا، يەنە بىر ئوقوغۇچىغا نىسبەتەن «60 نۇمۇر» كارامەت نەتىجە بولىشى مۈمكىن. ئوقوتقۇچى ھەر بىر ئوقوغۇچىنىڭ مۇشۇ پەيتتە ئۇنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە قىلالىغىنىنى، قانداق قىلىپ ئۇنىڭ ئەقلى قابىلىيتىنى تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى بىكىتىشكە ماھىر بولىشى كىرەك. مان بۇ تەلىم-تەربىيە ماھارىتىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر ئامىل.
ھەر بىر ئوقوغۇچىنىڭ قەدىر-قىممەت تۇيغۇسىنى قوغداش ۋە يىتىلدۈرۈش، ئوقوتقۇچىنىڭ مەزكۈر ئوقوغۇچىنىڭ ئۆگۈنىشتىكى شەخسى نەتىجىسىگە بولغان قارىشى تەرپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ئوقوغۇچىلرادىن ئوقوغۇچى قىلىش مۈمكىنچىلىكى بولمىغان ئىشلارنى قىلىشنى تەلەپ قىلماسلىق كىرەك. ھەر قانداق پەننىڭ ئوقوتۇش پىروگراممىسى ھەر بىر جانلىق بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولماستىن، بەلكى بەلگىلىك سەۋىيە ۋە دائىرىدىكى بىلىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. ئوخشاش بولمىغان بالىلارنىڭ مۇشۇ بىلىم سەۋىيىسى ۋە دائىرىسىگە يىتىشتە بىسىپ ئۆتكەن مۇساپىسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بەزى بالىلار بىرىنچى يىللىقتىلا مۇستەقىل ئوقويۇلايدىغان ۋە ئەمەلىي قوللىنىشچان مەسىلىلەرنى يىشەلەيدىغان بولىدۇ، لىكىن يەنە بىر قىسىم بالىلار ئىككىنچى يىللىقنىڭ ئاخىرى ياكى ئۈچىنچى يىللىقنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا ئاندىن شۇنداق قىلالىشى مۈمكىن. ئوقۇتقۇچى قانداق يوللار ئارقىلىق، قانداق توسالغۇ ۋە قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كۆچۈرۈش ئارقىلىق، ئوقوغۇچىلارنى ئوقوتۇش پىروگراممىسىدا بەلگىلەنگەن سەۋىيىگە يىقىنلاشتۇرغىلى بولىدىغانلىقى ھەمدە قانداق قىلغاندا ھەر بىر ئوقوغۇچىنىڭ ئەقلى ئەمگىكىدە ئوقوتۇش پىروگراممىسىنىڭ تەلىۋىنى كونكرېت ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى بىكىتىشكە ماھىر بولىشى كىرەك.
داۋامى ئېغىزاكى بايان قىلىنىدۇ.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 4قىزغىنلىق +16تىللا +16تۆھپە +16شۆھرەت +16يىغىشسەۋەبى
بايقاش + 5 + 5 + 5 + 5ياخشى تېما.
زەپەر + 3 + 3 + 3 + 3ياخشىكەن..!
گۈلزار + 5 + 5 + 5 + 5ياخشى تېما.
ئامان + 3 + 3 + 3 + 3بارىكاللا تېرىشىڭ!

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2013-4-21 22:30:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدى بىلەن سىزنىڭ بايقاش مۇنبىرىگە يىڭىدىن ئەزا بولغانلىقىڭىزنى قىزغىن  قارشى ئالىمەن ھەقيقەتەن پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى تىمىكەن .  ئۈزىڭىز ئۇقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىدا ئىشلەيدىكەنسىز   .بايقاش مۇنبىرى   كەڭ مائارىپچىلارنىڭ ئىللىق ئائىيلىسى  . بايقاش مۇنبىرنىڭ سەھىپىسى سەرخىل . مائارىپچىلار ئۈچۈن ئاساسەن پايدىلىق بولغان ھەر خىل تىمىلار 90% دىن يۇقىرى تېپىلىدۇ .  يەنى بايقاش مۇھاكىمە مۇنبىرى   ،ئۇقۇتۇش تەتقىقات ماقالىسى . دەرىس تەييارلىقى . تۇلۇق ، تۇلۇقسىز ، باشلانغۇچ . يەسلى قاتارلىقلارنىڭ ھەرقايسى پەنلەردىكى ياخشى دەرىس تەييارلىقلىرى. ماۋسۇملار بۇيىچە سۇئال . دەرسلىك دىتالى قاتارلىقلارنى كەڭ ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنۇپ مىللىي مائارىپنىڭ بۇندىن كىيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلنىۋاتىدۇ . بولسا ئۈزىڭىزمۇ  ئۇقۇتۇش تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىكەنسىز . شۇڭا بايقاش مۇنبىرىگە ئۈزىڭىزنىڭ ئىجادىي نادىر تىمىلىېىڭىز ئارقىلىق كەڭ مائارىپچىلارغا سوغا قىلىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن

ۋاقتى: 2013-4-23 00:44:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەۋپىق ئەپەندى بۇ تېمىڭىزنى تولۇق ئوقۇپ چىقتىم . ھەم ئوقۇپ كېتىۋېتىپ ئۆزەمنىڭ ئىسمىنىمۇ كۆرۈپ قېلىپ چۆچۈپ كەتتىم . ئەسلى بۇ تېمىنى كۆرگەن ۋاقتىمدىلا چۆچۈپ كەتكەن ئىدىم .  ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى جاپالىق ھەم شەرەپلىك خىزمەت. نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلار بۇ شەرەپلىك خىزمەتنى ئىسمى جىسمىغا لايىق ھالدا  قىزغىن سۆيۈپ ،كەلگۈسى ئەۋلاتلار ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلىقتىن ئىبارەت بۇ نامنى جۇلالاندۇرماقتا ، ئەمما يەنە بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار ئۆزىنىڭ نىمە ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى بولغانلىقىنى ، كىم ئۈچۈن ئادەم تەربىيلەۋاتقانلىقىنى ۋە قانداق تەربىيلەۋاتقانلىقىنى چۈشىنىپ كېتەلمەيۋاتىدۇ . ئۇلار قانداقتۇ ئۇنۋان ھەم سالاھىيەت كىنىشكىلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەر قانداق ئىش قىلىشتىن يانمايدۇ . ئۇلارغا پەقەت ئاشۇ كىنىشكىلارلا  لازىم . ئەمدى كېلىپ بۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۈنى تۇغۇلۇپ مۇنداقمۇ ئورۇنلار تەييار بولۇپتۇ .
مەنمۇ بۇ مۇنبەرگە ئەزا بولغاندىن بۇيان نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ  ئۆزلىرى تەييارلىغان دەرس تەييارلىقى بولامدۇ ، پىلان خۇلاسە بولامدۇ؟ ئىشقىلىپ مەكتەپلەردە ئىشلىتىشكە تىگىلىك ماتىرياللارنى  ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىجادى پايدىلنىشى ئۈچۈن يوللاۋاتىدۇ ،  . ئەمما بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار قاراپ تۇرۇپلا  « ئەتە ئوچۇق دەرس ئۆتمەكچى ئىدىم. ماڭا مۇنداق دەرس تەييارلىقى جىددى لازىم بولۇپ قالدى. ياردەم قىلساڭلار » دەپ   ياردەم سورايدىغان ئەھۋاللارمۇ  نۇرغۇن . بۇ ئوقۇتقۇچىلارغا ھەيران قالىمەن. ئۇلار ئادەتتىغۇ دەرسنى مۇشۇنداق ئەپلەپ - سەپلەپ ئۆتۈپ كەتسۇن ئاشۇ تەتقىقات خارەكتىرلىك كۆرەك دەرسىنىمۇ باشقىلاردنىڭكىدىن ئەينەن كۆچۈرۋېلىپ قانداق  دەرس ئۆتىدىغاندۇ؟ يا ئۇلار شۇنداق ئىقتىدارلىق  ئوقۇتقۇچىدىمۇ ؟
  يېڭى دەرس ئىسلاھاتى بىز ئوقۇتقۇچىلاردىن يېڭىچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە يېڭىچە تەپەككۈر يۆنىلىشىنى تەلەپ قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە  ئوقۇتقۇچىلاردىكى  مۇشۇنداق كۆچۈرمىچىلىك بىلەن ھورۇنلۇق ئۇلارنى بىر ئىزدا توختاپ قېلىشقا سەۋەپ بولماقتا . ئەگەر بىز ئۆزىمىزدىكى بۇ ئىللەتلەرنى تۈگەتمىسەك دەرسخانىغا يېڭىچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ھەم يېڭىچە ئىدىيەلەرنى ئېلىپ كېرەلمىسەك ، بىزنىڭ بۇ  ئۇيغۇر مىللى مائارىپىمزىنىڭ پارلاق كەلگۈسىدىن  سۆز ئېچىشىمىز مۇمكىنمۇ ؟
ۋاقتى: 2013-5-1 00:14:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر قېرىندىشىم ... مەن بۈگۈن مۇنبەردىكى تېمىلارنى كۈرىۋېتىپ بۇ تېمىڭىزنى ئۇچۇرتۇپ قالدىم ... تېمىڭىزغا قارىتا كۆڭلىمدىكى تۇغۇلغان ھىسلارنى ئوتتۇرغا تاشلاي دەپ ئويلىغان ئىدىم ، باشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار ماڭا قاراپ تەلمۈرۈپ تۇرۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن باشقا ئىنكاسلارنى ئەتە يېزىش قارارىغا كەلدىم ... ھازىر ئالدىراپلا يېزىپ چىقتىم ... مۇشۇنداق ياخشى تېمىللىرىڭىز مۇنبەر يۈزىدىن ئايرىلمىسۇن ...
ۋاقتى: 2013-5-1 14:44:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى يىزىلغان ماقالىكەن
ۋاقتى: 2013-5-2 20:27:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر قېرىندىشىم،ھەقىقەتەن ياخشى يىزىلغان ماقالىكەن
ۋاقتى: 2013-5-3 15:12:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمەلى،جانلىق مىساللار ئارقىلىق ياخشى  يېزىلغان  ماقالە ئىكەن،ئەجرىڭىزىگە كۆپ تەشەككۈر،بۇ ماقالىڭىز مەن ئوقۇتقۇچى دېگەن كەسىپ ئىگىسىنى ھەقىقەتەن ئويغا سالىدىغان تېما ئىكەن،رەھمەت سىزگە،بۇنىڭىدىن كېيىن مۇشۇنداق ئىجادىي تېمىلىرىڭىزنىڭ داۋاملىق مۇنبەردە ئىلان قىلىپ تۇرۇلۇشىغا تىلەكداشمەن...
ۋاقتى: 2013-5-3 21:49:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمەلى،جانلىق مىساللار ئارقىلىق ياخشى  يېزىلغان  ماقالە ئىكەن،ئەجرىڭىزىگە كۆپ تەشەككۈر،بۇ ماقالىڭىز مەن ئوقۇتقۇچى دېگەن كەسىپ ئىگىسىنى ھەقىقەتەن ئويغا سالىدىغان تېما ئىكەن،رەھمەت سىزگە،بۇنىڭىدىن كېيىن مۇشۇنداق ئىجادىي تېمىلىرىڭىزنىڭ داۋاملىق مۇنبەردە ئىلان قىلىپ تۇرۇلۇشىغا تىلەكداشمەن...
ۋاقتى: 2013-5-4 17:28:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر بىر ئوقوغۇچىنىڭ قەدىر-قىممەت تۇيغۇسىنى قوغداش ۋە يىتىلدۈرۈش، ئوقوتقۇچىنىڭ مەزكۈر ئوقوغۇچىنىڭ ئۆگۈنىشتىكى شەخسى نەتىجىسىگە بولغان قارىشى تەرپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ئوقوغۇچىلرادىن ئوقوغۇچى قىلىش مۈمكىنچىلىكى بولمىغان ئىشلارنى قىلىشنى تەلەپ قىلماسلىق كىرەك. ھەر قانداق پەننىڭ ئوقوتۇش پىروگراممىسى ھەر بىر جانلىق بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولماستىن، بەلكى بەلگىلىك سەۋىيە ۋە دائىرىدىكى بىلىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. ئوخشاش بولمىغان بالىلارنىڭ مۇشۇ بىلىم سەۋىيىسى ۋە دائىرىسىگە يىتىشتە بىسىپ ئۆتكەن مۇساپىسىمۇ ئوخشاش  بولمايدۇ›ھەقىقەتەن ياخشى يىزىلغان
ۋاقتى: 2013-5-23 18:10:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئوقۇتۇش تەتقىقات خادىملىرىنىڭ مۇشۇنداق ئېسىل تېمىلىرى ئارقىلىق ، ئوقۇتقۇچىلارغا كۆپرەك تەلىم بېرىپ ، يېتەكچى ،  ئەينەكلىك رولىنى ئۆتەپ تۇرۇشىنى  ئۈمىد قىلىمەن .سىزگە ئوخشاش مەسئولىيەتچان ، مائارىپنى ھەقىقىي مەنىسى بىلەن چۈشىنىدىغان تەتقىقات خادىملىرىمىزنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىشىگە تىلەكداشمەن!
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


قاماقخانا|يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2014-3-26 15:52, Processed in 1.163808 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش