مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2063 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • چىركىن 14 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن ماتىرىيال يوللىماقچى ئىدىم

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • نۇردۇن تۈنۈگۈن 11:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام،دوسلار بايرىمىڭىلارگە بۇبارەك بولسۇن!بايراملىق تىللا سوۋغا قىلمامسىلە؟

  • پۇرخۇن تۈنۈگۈن 00:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    نېمە قىلىۋاتىسىز؟ دوستلىرىڭىز بېلەن ئورتاقلىشىڭ ...جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

  • زەپەر 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىشچاندىن تەر چىقىدۇ،ھورۇنندىن ئۇھ چىقىدۇ.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • خانىدان تۈنۈگۈن 14:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • دىلكەش ئۈلۈشكۈن 09:24 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا موبارەك بولسۇن~

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشى بولماق مىڭ يىلچىلىك،يامان بولماق بىر دھمچىلىك.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مقۋىلىك دەرەخنىڭ بېشى تۆۋەن،بىلىملىك ئادەمنىڭ يۇزى تۆۋەن.

كۆرۈش: 112|ئىنكاس: 2

دەرىس ئىسلاھاتى شارائىتىدا دەرىسخانا مۇھىتىنى قانداق يارىتىش كې...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

2

دوست

273

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 2

قىزغىنلىق
31 سەر
تىللا
64 دانە
تۆھپە
97 سەر
شۆھرەت
30 سەر

بايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-22 22:27:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەرىس ئىسلاھاتى شارائىتىدا دەرىسخانا مۇھىتىنى قانداق يارىتىش كېرەك؟
مەمتىمىن ئابدۇراخمان(مەكىت ناھىيىلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىدىن. 2010يىل 8ئايدا سۆزلەنگەن)
ئەسسالامۇئەلەيكۇم مىھرى ئاتەش ئۇستازلار، مائارىپ چوڭ ئائىلىمىزنىڭ جاپاكەش مىھرىبان ئاتا-ئانىللىرى ھەممىڭلارنىڭ ماڭا مۇشۇ پۇرسھەتنى يارىتىپ بەرگىنىڭلەر ئۈچۈن مەكتەپ رەھبەرلىكى ۋە قەدىناس كەسىپداشلىرىمغا كۆپتىن كۆپ تەشەككۈر! خەنزۇ خەلق ماقال تەمسىللىرىدە«بىر كۈن راھىب بولساڭ بىر كۈن داڭ چال» دىگەن گىپى بار مەمۇ مائارىپچى بولغانلىقىم ئۈچۈن مائارىپ ھەققىدە ئاز تولا چۈشەنچىللىرىمنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ باقاي
گەپنى داڭلى مائارىپشۇناس سوخومىلىنىسكىينىڭ« بارلىق ئىشلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئۇلۇغى ئۈگىنىش! ئنسانلار ئىچىدىكى ئەڭ ئۇلۇغى ئۈگەنگىنىنى باشقىلارغا ئۈگەتكۈچىدۇر!»دىگەن بىر جۈملىسىدىن باشلاشنى لايىق تاپتىم . دىگەندىكىدەك بۇ يەردە ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىمىز دەل ئاشۇ ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلغۇچى ئۇلۇغ ئىنسانلاردىندۇرمىز ! خەلىقنىڭ بىزگە بەرگەن « ئۇلۇغ»دىگەن بۇ سۆزنىڭ ۋەزنى ، ئۇنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان كۈچلىك مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت بۇ يەردە ئولتۇرغان ھەربىر « ئۇلۇغ» ئىنساننى توختىماي ئۈگىنىشكە، ئىزدىنىشكە، ۋە تەتقىق قىلىشقا، مائارىپ چوڭ ئائىلىسىدىكى مەسىللەرگە نىسبەتەن چوڭقۇر ئويلىنىشقا ئۈندەيدۇ. يىقىنقى يىللاردىن بۇيان جەمىيەتنىڭ تەرەققىياتى، ۋە ئىھتىياجى،مائارىپىمىزنى ماس ھالدا تەرەققى قىلىشقا قىلىشقا زورلاپ ئەنئەنىۋىي مائارىپتىكى ئاجىزلىقلار روياپقا چىقىشقا باشلىدى. جەمىيەتشۇناس بوئىلدىڭنىڭ «بۇگۇنكى دۇنيا .....مەن تۇغۇلۇپ كۆز ئاچقان دۇنيادىن كۆپ پەرىقلىنىدۇ. مەن دۇنياغا كەلمەسىن بۇرۇن قانچىلىك ھادىسىلەر سادىر بولغان بولسا، مەن تۇغۇلغاندىن كىيىنمۇ شۇنچىلىك ھادىسىلەر سادىر بولدى »دەيدۇ مانا مۇشۇنداق يىللاپ، ئايلاپ،......سائەتلەپ قىسقىراۋاتقان تەرەققىيات تېزلىكى بۈگۈنكى دەۋېر كىشىللىرىگە، دەۋىرنىڭ جىددىي قەدەم رىتىمىغا قۇلاق سېلىشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى تونۇتتى دە مائارىپ ئىسلاھار ھەركىتى بولغان دەرىس ئىسلاھاتىنى روياپقا چىقاردى. يېڭى دەرىس ھەققىدە گەپ بولغاندا ئالدى بىلەن يېڭى دەرىس ئىسلاھاتىنىڭ ئىدىيە يېڭىلىقى ئىسلاھاتى ئىكەنلىكىنى ئېنىق تۇنۇشىمىز، شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ مائارىپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى ھەر بىر ھالقىنىڭ ئىددىيە يېڭىلىقى ئېلىپ بېرىپ، دەرىس ئىسلاھاتىنىڭ يېڭى تەلىپىگە ماسلىشىشنىڭ زۈرۈرلىكىنى ھىس قىلىشىمىز كىرەك.
خوش! دەرىس ئىسلاھاتى شارائىتىدا دەرىسخانا مۇھىتىنى قانداق يارىتىش كېرەك؟
ئالدى بىلەن مەكتىپىمىزدىكى دەرىسخنا ئوقۇتۇشىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىللەر ئۇستىدە ئازىراق مۇھاكىمە يۇرگۇزۇپ باقاي.مەكتىپىمىز دەرىس ئىسلاھاتىنىڭ چاقىرقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قۇشۇپ 2008-يىلى دەرىس ئىسلاھاتى بويىنچە ئوقۇتۇش ئېلىپ بىرىشقا باشلىغان. بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنى ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك تەربىيلەشلەرگە ئەۋەتىپ،شۇنداقلا مەكتەپ خاراكتىرلىك نۇرغۇنلىغان تەربىيلەشلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ دەرىس ئىسلاھات ئىددىيسىنى يەتكۈزۈش، ۋە ئوقۇتۇشقا يىتەكچلىكى قىلىش خىزمىتىنى كۈرىنەرلىك ئېلىپ بىرىلدى شۇنداقتىمۇ ئاز بولمىغان مەسىللەرمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇردى .چۈنكى دەرىس ئىسلاھاتى مائارىپتىكى بىر قېتىملىق ئىددىيە ئۆزگەرتىش ھەرىكىتى بولۇپ تىزلا ئەمىلىيلىشىدىغان ئىش ئەمەس بۇنىڭغا نۇرغۇنلىغان جەريان كىتىدۇ. شۇڭا بىز تىرىشىپ ئۈگىنىشىمىز ئۈگەنگەننى قوللىنىشىمىز لازىم.
1 . ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنىڭ قېلېپلىشىپ قېلىنىشى
دەرىس ئىسلاھاتىنىڭ دەرىسخانىغا قويغان تەلىپى ‏-بارلىق رامكىلاردىن قۇتۇلۇپ چىقىڭ، ئىجادىي ئوقۇتۇش مۇھىتىغا قەدەم بېسىڭ! ھەممىمىزگە مەلۇم دەۋىر يۈزلىنىش توقتىسىدىن قارىغاندا، ئىجادچانلىق ھازىرقىدەۋرىمىزدىكى ئىختىساس ئىگىللىرىنىڭ قىممەتلىك ساپاسى،چۈنكى بۇدەۋەر ئىجاد قىلىش يېڭىلىق يارىتىش دەۋرى، ئىجاد قىلىش ئىقتىدارى كەمچىل مىللەت ئىجاتكار مىللەتلەرنىڭ بوسۇغۇسىدا ناغرا سۇنناي چىېلپ بىرىشتىن باشقىغا يارىمايدۇ! دىمەك بىزگە كىرەكلىكى ئىجادچانلىق . لىكىن دەرىسخانىمىزدا قېلىپلىشىش تولىمۇ ئېغىر. بىر سائەتلىك دەرىس ئوقۇغۇچىنىڭ نىشانى بىلەن ئەمەس ئوقۇتقۇچىنىڭ بىر قوللۇق پىلانى ، نىشانى بۇيىچە قانات يايدۇرلىۋاتقان ئوقۇتقۇچىنىڭ سالام بىجا كەلتۇرۇشتىن تاكى تاپشۇرۇق بىرىپ تاماملىغىچە بولغان جەريان مىنىت سىكىنوتلارغا بۆلىنىپ دەرىسىخانا مەسھۇلات – تاۋارلارنىڭ باھاسى بىكىتىلىپ بولغان تاللا بازىرىغا ئايلىنىپ قالماقتا.ئامىرىكىلىق مائارىپشۇناس ۋايىن.دېيىرنىڭ «سىز راستىنلا 30يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلدىڭىزمۇ ياكى بىر يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ ئۇنى 30يىل تەكراللىدىڭىزمۇ ؟» دىگەن گىپى ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى كۆپچىلىكنىڭ ئويلىشىغا قالدۇراي.
دەرىس ئىسلاھاتىدىن ئىبارەت يېڭىچە ئوقۇتۇش ئەندىزىسى بىزنىڭ دەرىسخانىمىزغا شەكىل جەھەتتىن ئەمەس بەلكى ئەسلى  ماھايىتى بىلەن سىڭىپ كىرىشى كىرەك. بولمىسا بىزنىڭ دەرىسخانا ئوقۇتۇشىمىز مىسلى كۈرۈلمىگەن دەرىجىدە رامكىلىشىپ دەرىسخانىمىزنى تەييار« قۇتا»لارغا قاچىلاپ تۆكمە قىلىپ مائارىپىمىزنى چەكسىز پاتقاققا ئىتتىرىشىمىز تۇرغانلا گەپ!
2. ئوقۇتقۇچى باش رول ئالىدىغان دەرىس.
3.بىلدۇرۇشنى ئاساسى مەقسەت قىلغان دەرىس.
4.«ئۇرۇقنى كۈمۈپ قويۇپلا ھوسول يىغىش»نى ئويلايدىغان دەرىس.
5.باھالاشقا بولىدىغان لىكىن كىڭەيتىشكە بولمايدىغان دەرىسلەرنىڭ يامىراپ كىتىشى ھادىسسى
بەزى چاغلاردا ئوچۇق دەرىسنى ئاڭلىغان چىغىمىزدا بۇ بىر سائەتلىك دەرىسنى باھالاش كۆرسەتكۈچى ئارقىلىق باھالىغان چېغىمىزدا «ئوقۇتۇش نىشانى ئېنىق»،«دەرى پىانىنى ئورۇنلىشى مۇۋاپىق»،«سۇئال سۇرىشى ئىخچام ،دەل جايىدا»،«كۆپ ۋاستىلەرنى جايىدا ئىشلەتكەن»،«سىڭدۈرۈپ  ئۈگىنىش ئۇسۇلىغا يىتەكچىلىك قىلغان»،«ئىقتىدار يىتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرگەن »،«دوسكا خېتى كۆركەم»..........بولۇپ ئەيىبلىگىدەك ھىچ يىرى يوكتەك قىلىدۇ. لىكىن ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزەتسەك بۇ دەرىستە ئوقۇغۇچىلار نىمىنى ئوگەندى؟ دىگەن سۇئالغا ئاساسە تەپەككۇر قىلساق بۇ بىر سائەتلىك دەرىس پەقەت باھالىغۇچىلارنىڭ دىتىغا يېقىش ئۇچۈنلا لاھىلەنگەن بولۇپ پەقەت باھالاشقا بولىدىغان لىكىن كىڭەيتىشكە بولمايدىغان دەرىستى ئىبارەت .
6.پىسخىك ساغلامسىزلىقتىن كىلىپ چىققان مەسىللەر : فىرويىت دەيدىغان غەرىپلىكلەرنىڭ پىسخولوگنىڭ ماتىرياللىرىدا نەقىل قىلىنىشىچە تەن قۇرۇلىشى ساغلام كىشىلەرنى ساغلام ئادەم دىيىش ئەخمىقانىلىق ئىكەنلىكى ئوتتۇرغا قويىدۇ .ئالايلىق ھازىر بىزدە رەھبەرلىكتىن ھەممىمىزدە بېسىم شەلكىللىنىگلىك.بىز تەپەككۇرىمىز بىلەن بېسىمنى يىنىكلىتىش ئۈچۈن تەپەككۇر قىلماي بىسىم بىزنى ئۇزى ئۆچۈن خىزمەت قىلدۇرغاچقا قارىساق ھەممە ئادەم بىكا تۇرمىغاندەك لىكىن قىلغان ئىشلىرىمىزنى تارازىغا سالساق ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق ھەممىمىز ھارغىن، خۇددى يامغۇردا قالغان گىزىتتەك بولۇپ قالىمىز؟ ئۆز-ئارا بىر بىرىمىزگە تاپا تەنە قىلىش، مەسئۇلىيەتتىن قېچىش، زىيادە قاقشاش، بىزار بولۇشتەش ھادىسلەر مەۋجۈت . بۇ ئەھۋاللارنىڭ دەل بىزدىكى پىسخىك ساغلام ئەمەسلىكىمىزنىڭ ئىپادىسى.
ئۇنداقتا دەرىس ئىسلاھاتى شارائىتىدا دەرىسخانا مۇھىتىنى قانداق يارىتىش كېرەك؟
دەرىسخانا مۇھىتى يارىتىش نۇرغۇنلىغان ئامىللارغا باغلىنىشلىق بولۇپ، دەرسكە تەييارلىق قىلىش، ئوقۇغۇچىغا تەييارلىق قىلىش، دەرىسلىك ماتىريالنى تەتقىق قىلىش، ئوقۇغۇچىنىڭ ئۈگىنىش موھىتىنى تەتقىق قىلىش، ئوقۇتۇش پىراگىراممىسى ۋە دەرىس ئۆلچىمىنى تەتقىق قىلىش، دەرىس بايلىقلىرىنى قېزىش، دەرىس جەريانىدىكى مەسىللەرنى ئەتىراپلىق ھەل قىلىش، ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلەن ئۈگىنىش ۋە قوللىنىش ئارقىلىق يەتكىلى بولىدۇ. مەن تۈۋەندە بىر قانچە نوقتىلاردىن چىقىپ  ئۇگەنگىنىمى قوللىنىۋاتقىنىمنى، كەلگۈسىدە قىلماقچى بولغىنىمنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ باقاي .
1. ئالدى بىلەن بىر سائەتلىك دەرىسىمىزدە يېڭىلىق ئەكىس ئىتىشى، قىزىقارلىق لاھىلىنىشى، دەرىسكە، دەرىسلىككە ۋە ئوقۇغۇچىغا قىزغىن ئەقىدە قىلىشىمىز، جانىلىق ۋە ئەمىلىيەتچىل بولىشىمىز لازىم
بۇيەردە دىيىلىۋاتقان يېڭىلىق دەرىس ئۈتۈش ئۇسۇل ، دەرىس تەييارلىقىغا نىسبەتەن يېڭىلىق، دەرىس ئۈتىۋاتقان ئوقۇغۇچىللىرىمىزغا نىسبەتەن يېڭىچە تەم ئاتا قىلىشنى دەرىس ئۆلچىمىدىكى (بىلىم ۋە ئىقتىدار، ئۇسۇل ۋە جەريان، ھىسيات پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارىشى)نىشانلارنى ئىشقا ئاشۇرۇپ ئوقۇغۇچىلارنى ئۈگىنىش يولىنى كۆرسىتىپ يىتەكلەشنى كۆرسىتىدۇ
قۇشۇمچە: ھازىرقى دەۋىر كىشىللىرى ئۈچۈن مەنىۋى تۇرۇك مۇنداق تۆت خىل-1. ئۈگىنىشنى ئۈگىنىۋېلىش 2.ئىش بىجىرىشنى ئۈگىنىۋېلىش، 3.ھەمكارلىشىشنى، 4.ياشاشنى ئۈگىنىۋېلىش. مانا بۇ تۆت خىل مەنىۋى تۈرۈكنى ھازىرلىغان ئوقۇغۇچى ھازىرقى دەۋىرگە ماسلىشالايدۇ. مائارىپمۇ ئوقۇغۇچىلاردىكى بۇخىل مەنىۋى تۈرۈكنى شەكىلەندۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش كىرەك.شۇنىڭ ئۈچۈن1.. سىز ئۆتمەكچى بولغان ھەر بىر سائەتلىك دەرىسنى ئوقۇغۇچىللىرىڭىزغا ماس ماس بولغان ئوسۇلدا لايھەلەڭ 2. سىز ئوقۇغۇچىللىرىڭىزنىڭ نەزىرىدە «بۇگۇن مۇئەللىمنىڭ ئاغزىدىن يەنە قانداق يېڭى گەپ چىقار »دىگەندەك ھەر كۈنى «يېڭى ئوقتقۇچىغا ئايلىنىشقا تىرىشىڭ 3.ھەر كۈنى كەيگەن كىيىمىمىز ئوخشاش بولسىمۇ تەپەككۇر ، پىكىرلىرىڭىز ئوخشاش بولۇپ قالمىسۇن4. ئوچۇق دەرىس ئۆتكەندە باھالاش جەدىۋەللىرىنىڭ رامكىللىرى ئىچىدىكى مەزمۇننى «ئۇيان بۇيان قىلىۋىتىپ» ئىلمىي بۆلۈمنى قايتىدىن تۈزۈشكە مەجبۇرلاڭ 5.ھەر قاندا شارائىتتا ئۈزىڭىزنى مۇستەقىل ئادەم دەپ قاراڭ، ئوقۇتۇش جەريانىدا باشتىن ئاخىر ئۈزىڭىزنىڭ خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە تىرىشىڭ 6. ھەرقېتىم دەرىسخانىغا كىرگەندە دەرىسخانىنى گۈررىدە ئوت ئالالايدىغان ئوقۇتۇش ئوسۇلى (سۇئال،مۇنازىرە،تەجرىبە،مودىل) لايھەلەڭ
2. بىز بارلىق رامكىلاردىن قۇتۇلۇپ ئىجادىي ئوقۇتۇش مۇھىتىغا قەدەم باسالايلى. دەرىس باھالاش رامكىللىرىدىكى كۆرسەتكۈچكە ئېسىلىۋالمايلى. ھەرقانداق دۆلەت ۋە ئورۇندىكى ھەرقانداق مەكتەپتە دەرىس باھالاش خىزمىتى مەۋجۈت بولۇشى زۈرۈر، بۇنداق بولمايدىكەن شۇ رۇننىڭ ئوقۇتۇش خىزمىتىدىن ئېغىز ئېچىش مومكىن ئەمەس. دەرىس باھالاش مائارىپ خىزمتىدىكى ئەڭ موھىم مەزمۇنلارنىڭ بىرى . شۇنىسى ئېنىق بولسۇنكى  دەرىس باھالاش كۆرسەتكۈچى يالغۇز ئەمەتاخۇن ياكى سەمەتئاخۇن ئۈچۈن لاھىلەنگەن ئەمەس . بەلكى شۇ دەرىدىكى، ئوقۇتۇش پىراگىراممىسىغا، مائارىپ ئىددىيسى ئاساسىدا ئوتتۇرغا چىققان دەرىسلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆلچەشتىكى ۋاستە. بىز ئۈنى بىردىنبىر ئۆلچەم قىلىۋالماستىن شۇ بىر سائەتلىك دەرىستىكى ماھايەتلىك مەسىلىنى قانداق چۈشەندۈرۈش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانداق يىتەكلەش قولاي بولسا، قانداق قىلىپ نىشانغا مۇۋەپپىقىيەتلىك يىتەكلىيەلىسىڭىز شۇ خىل ئۇسۇلنى قوللىنىڭ.چۈنكى ئاددىي ئىشنى مۇرەككەپلەشتۈرۋىتىش ئاۋارىچىلىك، مۇرەككەپ ئىشنى ئاددىيلاشتۇرۇش تۆھپە!
3. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھىسياتىغا ھۆرمەت قىلىش، كۈڭۈل بۆلىشىمىز، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئاساس قىلغان باھالارغا ئەھمىيەت بىرىشىمىز لازىم.
بىز شۇنى ھىس قىلىشىمىز كىرەككى ئوقۇغۇچى بىلىم قاچىلايدىغان «ئەخلەت ساندۇقى» ئەمەس، (سۇپۇرۇپ-كۈرەك بىلەن ئاغزىنى ئېچىپ تۈكۈپ قۇيىدىغان)بەلكى گۆش بىلەن قاندىن يارالغان ھىسياتلىق ئادەم ئىكەنلىكى بەرھەق. بىز ئەنئەنىۋى مائارىپ قارىشىمىز تۇپەيلى ئۈگىنىشتە ئەليۇل-ئەلا ئوقۇغۇچىلارنى يىتىشتۈرۈشنى ئاساسى مەخسەت قىلىپ قالدۇق. لىكن مەقسەتكە يىتەلمەيۋاتقاننىڭ ئۈستىگە ئۈگىنىش نەتىجىسىنىڭ چىكىنىپ كىتىۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن كۈتۈرۈپ قوپقىسىز روھى بېسىمغا، ھاقارەتلىق روھى بىسىمغا بىزمۇ، ئوقۇغۇچىلارمۇ دۇچار بولۇپ زەنجىرسىمان پىسخىك كىسەللەرنى ئوتتۇرغا چىقارماقتىمىز. شۇنىسى ئىسىمىزدە بولسۇنكى يېڭى دەرىس ھەم ھاياجانلىنالايدىغان، ھەم غەزەپلىنەلەيدىغان، گىزى كەلگەندە ياش تۈكۈپ، ئۆز نۆۋىتىدە كۈلەلەيدىغان ساغلام روھىي ھالەتتىكى ھىسيارلىق ئادەم تەربىيلەش مەسئۇلىيتىنى ئۈستىگە ئالغان.
4.ئۈزىڭىزنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ پىكىر قىلىڭ. ھەرقانداق كىشى بىرەر مەسىلىەە دۈچ كەلگەندە ئۈزىنى باشقىلارنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ تەپەككۇر قىلىش مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يەنە بىر ئاچقۇچى. بىز ياشلار كۈپۇنچە  ئوقۇغۇچىلارنى ئۇزىمىزدەك بىلىم سەۋيىسىگە تەڭ دەپ قارايمىز! يەنىلا نەتىجىنى قوغلۇشۇپ، دەرىس مەزمۇنىنى شۇنچىۋالا سۆزلىسەكمۇ  ئوقۇغۇچىلار بىلمەيۋاتقانلىقىدىن قاقشاش داۋاملىق بولۇپ تۇرىدۇ.بۇ خىل ئەھۋال مەندىمۇ يۈز بىرەتتى . بىر كۈنى قولۇمغا «ھەر قانچە ئازاپ چەكسىڭىزمۇ كۈلۈپ ياشاڭ»ناملىق كىتاپ قۇلۇمغا چۇشۇپ قالدى. كىتاپتىكى مۇنۇ مەزمۇن ماڭا بەك تەسىر قىلدى. « مىلاد بايرىمىنىڭ ھارپا كۈنى بىر ئانا ئوغلىنى باشلاپ بايراملىق مال سېتىۋېلىشقا چىققان. ئەتىراپ بايرام كەيپىياتىغا چۆككەن، ئەتىراپ بايرامنى مەدىيلەيدىغان ناخشىلار، ھەر خىل بالىلارنىڭ ئويۇنلىرى، سانجاق سانقاق ئادەملەر ...... ئانا بۇ مەزىردىن تاماشا قىلغاچ  ـ
قارا قۇزام، نىمىدىگەن چىرايلىق بايرام كىچىسى بۇ-ھە؟ دەيدۇ . لىكىن بالا ئىنكاسسىز توىتىماي يىغلايدۇ ،ئانا – بولدى يىغاڭنى توختاتمىساڭ مىلاد بوۋاي كەلمەيدۇ،جۇمۇ؟  بالا- ئاپا ئايىغىمنىڭ يىپى يىشىلىپ كەتتى.....ئانا بالىنىڭ ئايىغىنىڭ يىپىنى ئەتكەچ ئەتىراپقا قاراپ ھەيران قالىدۇ. چۈنكى كۆز ئالدىدىكى مەنزىرلەر غايىپ بولغان پەقەت سانسىز كىشلىلەرنىڭ پۇت قىسمىنىلا كۈرىدۇ .
بۇ ئانا تۈنجى قېتىم بەش ياشلىق بالا بىلەن ئوخشاش نوقتىدا تۇرۇپ دۇنيانى كۈزىتىپ ئىنتايىن ھەيران قالىدۇ، دە بالىسىنى كۈتۈرۈپ ئۇرنىدىن تۇرىدۇ.
ئەمىلىيەتتە مەسىلىەە بالىنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ قاراش بىر لاياقاتلىك ئانا ئۈچۈن موھىم بولغىنىدەك، لاياقەتلىك بىر ئوقۇتقۇچى ئۈچۈنمۇ مۇھىمدۇر.
5.دەرىستىن كىينىكى «تەھلىل»گە ئەھمىيەت بىرىش لازىم. دەرستىن كېيىنكى تەھلىلئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىنى  تونۇشنى مەقسەت قىلىپ، ئوقۇتۇشجەريانىغا قارىتا ئومۇميۈزلۈك ۋە چوڭقۇر ھالدا سوغۇق قانلىق بىلەن (ئوقۇتۇش ئىدىيىسى، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋەئوقۇتۇش پرىنسىپلىرىنى قوللىنىشتىن ئالغان تەسىراتلار؛ ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئىسلاھاتى ۋە دەرسخانىدىكى ئالاھىدە ئەھۋاللارغا قارىتا قوللانغان ۋاقىتلىق ئوقۇتۇش تەدبىرلىرى؛ ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئىسلاھاتى ۋە دەرسخانىدىكى ئالاھىدە ئەھۋاللارغا قارىتا قوللانغان ۋاقىتلىق ئوقۇتۇش تەدبىرلىرى؛ ئوقۇتۇش داۋامىدا ئوقۇغۇچىلارنى قوزغىتىش ئۇسۇلى؛ دەرسخانىدىكىئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈلگىلىك سوئال –جاۋابلىرى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەس –مۇنازىرلىرى ؛ ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئورتاق دىققىتىنى تارتقان مەسىلىلەر ۋە ھەل قىلىش ئۇسۇلى؛  تەربىيىۋى ئەھمىيىتى ئەڭ زور بولغان دەرسلىك ماتېرىياللىرى؛ بىرقىسىم دەرس مەزمۇنىلىرىغا قارىتا ئۆزگەرتىش پىكىر قاتارلىقلار.) تەھلىل يۈرگۈزىدىغان بىر خىل پايدىلىق تەپەككۇر پائالىيىتى ۋە قايتا ئۆگىنىش شەكلى بولۇپ، ھەربىر مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىنىڭ كەسىپتە پىشىپ يېتىلىشى دەرسىتىن كېيىنكى تەھلىلدىن ئايرىلالمايدۇ. ئەگەر بىر ئوقۇتقۇچى ئۆزىنىڭ ئوقۇتۇش تەجرىبىلىرى بىلەنلا قانائەتلىنىپ، تەجرىبە ئۈستىدە ئەتراپلىق پىكىر يۈرگۈزمىگەندە، گەرچە ئۇ كۆپ يىللىق ئوقۇتۇش تەجرىبىسىگە ئىگە بولسىمۇ، ئۇ پەقەتلا بىر خىل خىزمەتنىڭ كۆپ قېتىم تەكرارلىنىشى بولۇپ، ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قارىتا تۈرتكىلىك رول ئوينىيالمايدۇ ھەمدە ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇش سەۋىيسىمۇ بىر ئىزدا توختاپ قالىدۇ. پسىخولوگىيە ئالىمى لىن چوڭدې ئەپەندى : «بىر ئوقۇتقۇچى بىر ئۆمۈر دەرس تەييارلىسىمۇ داڭلىق ئوقۇتقۇچى بولۇپ يېتىشىپ چىقالىشى تەس. بىراق، دەرستىن كېيىنكى تەھلىل يېزىشنى ئۈچ يىل داۋاملاشتۇرسا، داڭلىق ئوقۇتقۇچىبولۇپ يېتىشىپ چىقالىشى مۇمكىن» دېگەن ھەمدە «مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى = ئوقۇتۇشتىنكېيىنكى تەھلىل + ئوقۇتۇش جەريانى» دىن ئىبارەت ئۆسۈپ يېتىلىش ئەندىزىسىنىئوتتۇرىغا قويغان، دېمەك، دەرستىن كېيىن تەھلىل يۈرگۈزۈش ئوقۇتقۇچىنىڭ بىلىم بۇلىقىنى ئېچىپ، دەرسلىك مەزمۇن توغرىسىدىكى ئىزدىنشىنىڭ يىڭى ئۇسۇلى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى كۈچ. ھەممىمىزگە مەلۇم دەرىستىن كىينىكى «تەھلىل» بىز جۈملىدىن مىللىي مائارىپىمىز سەل قاراپ كىلىۋاتقان ئەجەللىك نوقتا! بىز بۇنى ۋاقتىدا تۈگىتىشىمىز لازىم شۇنداقلا كەسىپداشلىرىمنىڭ بۇ مەسىلىنى تۈزىتىپ كىتەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
خوش ! قەدىردان خىزمەتداشلىرىم ئەمدى بىز قانداق رو ئالىمىز ؟
يېڭى دەرىس ئىسلاھاتىدا مائارىپنىڭ ھەممە ھالقىللىرى بىر بىرىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى چىشلىق چاقتەك رول ئوينىشى كىرەك. شۇنداق دىگەندىمۇ بۇ زەنجىرسىمان ئىكىلوگىيەدە، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەڭ ھالقىلىق رول ئالىدىغانلىقىنى ئىتىراپ قىلىشىمىز كىرەك. ئەگەر بۇ ھالقىدا مەسىلە كۈرۈلسە بىز يېڭى دەرىسنى يولغا قۇيۇپ، ئەمىلىيلەشتۈرۈش پىلانىمىز قۇرۇق گەپكە ئايلىنىپ قالىدۇ ياكى مۇنداقچە ئېيىتقاندا بىر تال سەرەڭگىنىڭ باجىئەسىنى سادىر قىلىپ قويىمىز. بىر تال سەرەڭگە قانداق نەرسە ؟
ئەمىلىيەتتە ئۇ 10تىيىنغىمۇ يارىمايدۇ، يەنە بىر نوقتىدىن ئېيىتساق بىر بىنانىڭ قىممىتى نەچچە 10مىليۇنغا يارايدۇ. بىراق جايىدا ئىشلىتىلمىگەن بىر تال سەرەڭگە ئاشۇ بىنانى ۋەيران قىلىۋىتىشى مومكىن. مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىغان كەسىپنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن نەچچە 10يىل سەرىپ قىلىشىمىز تەبىئي. بىراق ئۇنى ۋەيران قىلىش ئۈچۈن بىر خاتا تەدبىر تەتبىق قىلىنسىلا كۇپايە. يەنە بىر نوقتىدىن كۈزەتسەك باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىدىغان پەزىلەتنى يىتىلدۈرۈش ئۈچۈن بىر ئۆمۈر كىتەر ئەمما ۋەيران قىلىش ئۈچۈن بىر ئىشنى خاتا قىلساقلا يىتەرلىك. دىمەكچى بولغىنىم ئېنىقكى يېڭى دەرىس ئىسلاھاتىنى يولغا قۇيۇشتا ئەگەر ئوقۇتقۇچى خاتا يېقىلغان سەرڭگىنىڭ رولىنى ئالسا، چوڭ جەھەتتىن پۈتكۈل مائارىپىمىزغا ئاسىيلىق قىلغان بولىدۇ. شۇ نوقتىدىن دەرىس ئىسلاھاتىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇش- بولماسلىقى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرغان –قىلدۇرمىغانلىقى بىلەن باغلىق بولىدۇ بۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى ھەممىنى ئۈزنىنىڭ رولىنى ئۆزگەرتىشتىن باشلىشى لازىم.  دەرىس ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇشتىكى ئاچقۇچ-ئوقۇتۇش. ئوقۇتۇشنى ئىسلاھ قىلىشتىكى ئاچقۇچ-ئوقۇتقۇچى. بىر پەيلاسوپنىڭ قەبرە تېشىغا مۇنداق يېزىلغانكەن «ياش ھەم ئەركىن ۋاقتىمدا تەسەۋۋۇرۇم  ھىچقانداق تۇسالغۇغا ئۇچىرىمايتى مەن دائىم دۇنيانى ئۆزگەرتىشنى خيال قىلاتتىم ..... » كۈرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى بۇ ئەقلىيەدە چوڭ ئىشنى ئويلىغان ئادەم ئالدى بىلەن ئۈزىنى ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت دىگەن ئەقىدە چاقناپ تۇرىدۇ. يېڭى دەرىس ئىسلاھاتىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشتا بىز ئوقۇتقۇچىلار ئالدى بىلەن ئىشنى ئۈزىمىزنى ئۆزگەرتىشتىن ئېنىقكى ئوقۇتقۇچىنىڭ رولىنى ئۆزگەرتىشتىن باشلىشىمىز كىرەك.

كۆپچىلككە رەخمەت!
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

2

تېما

0

دوست

211

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 2

قىزغىنلىق
47 سەر
تىللا
28 دانە
تۆھپە
38 سەر
شۆھرەت
39 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-23 00:14:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارلىق ئىشلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئۇلۇغى ئۈگىنىش! ئنسانلار ئىچىدىكى ئەڭ ئۇلۇغى ئۈگەنگىنىنى باشقىلارغا ئۈگەتكۈچىدۇر!
بۇ جۈمىللەرنى بەكمۇ ياقتۇردۇم. ئوقۇتقۇچىلارغا ئەمەلىي نەپ يەتكۈدەك، ئىسل ماقالىدىن بىرنى يوللاپسىز. ئەجرىڭىزگە كۆپ رەخمەت. مەن ساقلىۋالدىم.

293

تېما

106

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6765 سەر
تىللا
1727 دانە
تۆھپە
10811 سەر
شۆھرەت
5784 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-23 01:17:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئوقۇتۇش سەنئىتى ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسلىكنى ، ئوقۇغۇچىلارنى تەھلىل قىلىپ ، ئىجادى ئەمگەك قىلغانلىقىنىڭ ، ئەقىل - پاراسىتىنىڭ مىۋىسىدۇر  .
  ئوقۇتقۇچى دەرس سۆزلىگەندە خۇددى ماگنىتقا ئوخشاش ئوقۇغۇچىلارنى  باشتىن - ئاخىرى ئۆزىگە تارتىپ  ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۈر پائالىيىتى ۋە كەيپىياتىنى ئۆزى سۆزلەۋاتقان   دەرسكە سىڭدۇرۋېتەلىگەندىلا  ئوقۇتۇش ئۈنىمىنى كۆرەلەيدۇ .
رەھمەت . مۇشۇنداق تەتقىقات خارەكتىرلىك تېمىلىرىڭىز ئارقىلىق جەمىيتىمىزدىكى ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلىرىمىزغا ئۆزلىكىنى تونۇتۇش ئۈچۈن دائىم يوللاپ تۇرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن .
ئادەم ئەتكەنگە تەزىم ئەت .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 01:42, Processed in 0.474366 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش