مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2062 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • خانىدان تۈنۈگۈن 14:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • دىلكەش ئۈلۈشكۈن 09:24 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا موبارەك بولسۇن~

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشى بولماق مىڭ يىلچىلىك،يامان بولماق بىر دھمچىلىك.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مقۋىلىك دەرەخنىڭ بېشى تۆۋەن،بىلىملىك ئادەمنىڭ يۇزى تۆۋەن.

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • نۇردۇن تۈنۈگۈن 11:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام،دوسلار بايرىمىڭىلارگە بۇبارەك بولسۇن!بايراملىق تىللا سوۋغا قىلمامسىلە؟

  • پۇرخۇن تۈنۈگۈن 00:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    نېمە قىلىۋاتىسىز؟ دوستلىرىڭىز بېلەن ئورتاقلىشىڭ ...جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

  • زەپەر 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىشچاندىن تەر چىقىدۇ،ھورۇنندىن ئۇھ چىقىدۇ.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    دىلىڭدا نېمە بولسا تىلىڭدا شۇ.

كۆرۈش: 55|ئىنكاس: 0

ۋىجدانىمىز بىلەن ئىش قىلايلى (مۇزاتى)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

55

تېما

1

دوست

1632

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
338 سەر
تىللا
288 دانە
تۆھپە
267 سەر
شۆھرەت
321 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 17:42:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  
ۋىجدانىمىز بىلەن ئىش قىلايلى، ‹‹ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى›› بىزنى يېڭى دەۋىردىكى تېلەمچىگە ئايلاندۇرۇپ قويمىسۇن!
(مۇزاتى)
       دۆلىتىمىزنىڭ كۈنىسىرى گۈللىنىشى ، ئىقتىسادىنىڭ ئۈزلۈكىسز يۇقۇرىلىشغا ئەگىشىپ، پارتىيىمىز خەلىققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنىڭ دائىرسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ ،كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ،جۈملىدىن، بىر قىسىم تۇرمۇشتا قىينچىلىقى بار ئاممنىڭ قىيىنچلىقتىن ۋاقىتلىق ئۆتۈۋېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاز بولمىغان  تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىۋاتىدۇ .بولۇپمۇ يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان پارتىيىمىز مەركەز مالىيەسىدىن پۇل چىقىم قىلىش ،يۇقىرى- تۆۋەن ھەر دەرىجىلىك پارتىيە- ھۆكۈمەتلەرنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ئارقىلىق ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى تارقىتىش سىياسىتىنى  يولغا قويۇپ ،ھەقىقىي قيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقتىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئىلگىرىكى 5 تە كاپالەتلىك ئائىلىلەرنى قۇتقۇزۇشتىن ، شەھەر -بازارلاردىكى شەھەر نوپۇستىكىلەرنى قۇتۇلدۇرۇشقا يەنە  تەدرىجىي  قۇتۇلدۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ شەھەر ، يېزا -بازارلاردىكى يېزا نوپۇستىكى قىينچىلىقى بار ئاممىنى ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلىدىن بەھرىمان قىلىشقىچە كېڭەيتىپ ، ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى كىنىشكىسىنى  كۆپلىگەن ئاممنىڭ تۇرمۇش ، پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇش ،شۇنداقلا داۋالىنىش …قاتارلىق ئىشلىرىدىكى قىيىنچلىقىنى ھەل قىلشتىكى  مۇھىم ، كەم بولسا بولمايدىغان ‹‹ ئەڭگۈشتەر ››گە ئايلاندۇرۇپ ،پارتيە ھۆكۈمىتىمىزنىڭ ئىللىقلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇرماقتا .
     ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى كىنىشكىسى بارلار مەيلى شوپۇرلۇق پىراۋا ئالسۇن ، ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇسۇن ، ئېغىر كېسەل بولۇپ يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىلاردا يېتىپ داۋالانسۇن ، ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتا پۇلىنى تاپشۇرۇش جەھەتتە بولسۇن پايدىسىنى كۆرگەچكە  ، كۆپلىگەن ئامما ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى كىنىشكىسىنى  ئېلشقا ئىنىتىلىدىغان كەيپىيات ئومۇميۈزلۈك شەكىللەنمەكتە ….
     بىلىشىمچە،  ئىلگىرى 5 تە كاپالەت ئائىلىسى دېگەن ئىسىمىدىن كۆپلىگەن كىشىلەر ئۆزىنى قاچۇراتتى ، كەنىتتىن تىزىملاش ئېلىپ بارسا ناھايىتى ئاز ساندىكى ھەقىقىي قىينچىلىقى بارلارلا تىزىملىتاتتى ،  ھەتتا بەزىلەر بۇ تىزىملىككە كىرىپ قېلىشنى ، 5 تەكاپالەت ئائىلىسى بولۇپ قېلىشىنى ھاقارەت ھېس قىلاتتى .خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى قىش پەسىللىرىدە بىر قىسىم ئاشلىقى تۈگىگەن ، قىيىنچىلىقتا قالغان ئاممىنىڭ قىشتىن  خاتىرجەم ئۆتۈۋېلىشغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئۇن- ياغ  ، كۆمۈر قاتارلىق ماددىي بويۇملارنى تارقاتسا خەلق ئىشلىرى ئىشخانىلىرنىڭ ئالدىغا ھەقىقىي قىيىنچىلىقى بار  كىشلەرلا كېلەتتى ، شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسم كىشىلەر يەنىلا بىر خىل  خىجىللىق ھېس قىلشاتتى .لېكىن يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان پارتىيە ، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ جەھەتتىكى قۇتقۇزۇش سالمىقىنى زورايتىشى ئادەمنى ھەقىقەتەن خۇشال قىلىدۇ . ئەمما ، پارتىيە، ھۆكۈمىتىمىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىقىتسادىي سالماقنى زورايتىشىغا ئەگىشىپ بۇنىڭدىن بەھرىمان بولىدىغان كىشلەرنىڭ سانىمۇ  يىلسىرى كۆپىيىپ بارماقتا . قارايدىغان بولساق قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرىنى تارقاتقان ۋاقىتلاردا خەلق ئىشلىرى ئىشخانىلىرىنىڭ ئالدى ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغانلىقى ،  يۇرتتا بىرمۇ قىينچىلىقى يوق ئادەم قالمىغاندەك ئاجايىپ تەسىراتقا كېلىپ قالىمىز .ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزىتىدىغان بولساق شۇ ئادەملەر ئارىسىدا ياشلار، تۇرمۇشى خېلىلا ياخشىلار ، كادىرلارنىڭ ئۇرۇق -تۇغقانلىرىنىڭمۇ بارلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلماي تۇرالمايمىز .
     ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى مېنىڭچە ئەسلى تۇرمۇشتا ھەقىقىي قىيىنچىلىقى بار، ئاساسەن  ئىقتسادىي كىرىم مەنبەسى يوق ، يىللىق كىشى بېشى كىرىمى شۇ ناھىيە ،جۈملىدىن شۇ يېزىنىڭ يىللىق كىشى بېشى كىرىم تەقسىىماتىدىن خېلىلا تۆۋەن ئائىلىلەرگە بېرىلىدىغان ، بىر قېتىم كىنىشكا ئالغانلار ئۆمۈرۋايەت شۇ كىنىشكىدىن پايدىلانمايدىغان ، ئىگى چاقىسىز ، تۇرمۇش قىينچىلىقى ئېغىر ، ياش جەھەتتە چوڭىيىپ بالا – چاقىلىرى ئۆلۈپ كەتكەن ياكى قارىماي  قويغان ۋەياكى ئائىلىسدە بىرەسى ئېغىر كېسەللىك سەۋەبىدىن ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقتا قالغانلارغا بېرىلىدىغان كىنىشكا بولسىمۇ  يېقىنقى بىر قانچە يىلنىڭ مابەينىدە كۆپلىگەن  خېلى يۇقىرى كىرىم مەنبەسىگە ئىگە،  تۇرمۇشى ياخشى كىشلەرنىڭمۇ بۇ توپقا كىرىشكە ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى ھەمدە بىر قىسىملىرنىڭ بۇ توپقا ئاللىبۇرۇن  كىرىپ‹‹ ئەڭگۈشتەر›››نى قولىغا ئېلىپ بولغانلىقىنى ، ئەتراپىدا  ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى  قىينچىلىقتا قالغانلارنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ  قىلچىمۇ تەپ تارتماي ياكى خىجىل بولماي   ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى تارقىتىش مەركىزىنىڭ ئىچىدە شۇلار بىلەن بىر سەپتە تۇرغانلىقىنى ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ .قىزىق يېرى بەزى كىشىلەر ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى كىنىشكىسىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۆيلىرىدىكى تېراكتور ، موتىسكىلىتلارنى سېتىۋېتىپ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپەلەت پۇلى ئېلىش ئۆلچىمىگە چۈشۈش تەييارلىقىنى قىلىۋاتقانلىقى يەنە بەزى كىشىلەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى كىنىشكىسىنى ئالغاندىن كېيىن تۇرمۇشنى  شۇ كىنشكىگە باغلاپ ئۆزىنى تاشلىۋىتىپ ھورۇنلىشىپ كېتىپ بارغانلىقىدەك ئادەمنى ھەقىقەتەن ئەپسۇسلاندۇرىدىغان رىئاللقنىمۇ ئۇچرىتىپ تۇرۋاتىمىز .
  دېمەك،  ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى كىنىشىكىسى خېلى كۆپلىىگەن كىشىلىرىمىزنى ئىلگىرىلەشتىن ، ئالغا بېسىشتىن توختىتىپ ، مەڭگۈ ئاشۇنداق تايىنىۋېلىپ ياشاش ئىدىسىيگە ئىگە قىلىپ قويىدىغان پاسسىپ كەيپىيات خېلىلا ئومۇمىيلىشىپ قالدى.
    ھازىر بىرقىسىم يىزا ئاساسى قاتلام  كەنىت كادىرىلىرىنىڭ كادىرلىق قىلىش مۇددىئاسى  خىزمەت قولايلىقىدىن ،شۇنداقلا قىسمەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئائىلىسىنى ، ئۇرۇق -تۇغقانلىرى ، يېقىنلىرىنى  ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى ئېلىش ئوبېيكتى قىلىش ئۈچۈن بولۇپ، ئۇلار بۇ جەھەتتىكى ھەر خىل‹‹ كۆرۈنمەس ››يۇچۇقلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ كېلىۋېتىپتۇ .
    بەزىلەر بۇ كىنىشكىنى ئېلىش ئۈچۈن بىر قىسىم ئىسىتلى دۇرۇس  بولمىغان  كادىرلار  بىلەن تىل بىركتۈرۈپ ،تەكشۈرگىلى كەلگەنلەرنى كونا ئۆيلەرگە باشلاپ كۆز بويامچىلىق قىلمىشلىرنى سادىر قىلۋاتقان ئەھۋاللارمۇ يوق ئەمەس .بىر  قانچە  كۈننىڭ  ئالدىدا  يىزىمىزنىڭ  مەلۇم كەنىتىدە 100مىڭ يۈەنلىك تۈگىمەن قۇرغان بىر  دىھقاننىڭ  پۈتۈن  ئائلىسى  بۇيۇنچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى كىنشكىسى  ئالغانلىقنى  يەنە  بىر  بىر  دېھقاننىڭ  بىر قانچە پەرزەنىتنىڭ ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ،ئۆزىنىڭ يىزا بازىرىدا  بىر  قانچە ئىغىز  ئجارە دۇككنى  تۇرۇپ    نوپۇسقا  ئەڭ  تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى ئالىدىغانلىقنى  باشقىلاردىن ئۇقۇپ ناھايىتى ئەپسۇسلاندىم .
      شۇنداق، ئالسا  ھۆكۈمەتنىڭ پۇلىنى  ئالىدۇ . لېكىن ئىلشىقا  تىگىشىلىك  ئادەملەر  ئىلىشى كېرەك .
كونىلارنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا : <<ئاجىز،يىتىملارنىڭ ھەققىگە قول ئۇزاتقۇچىلار  شۇنى تىلىگۈچىلەردۇر>>.
قارايدىغان بولساق ئەتىراپىمىزدا ھىلىمۇ تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى خىلىلا ئغىرلار بار  ،ئۇلار  ئقتىسادى جەھەتتىن قىينىلىۋاتقان بولسىمۇ ھىچكىمگە  دادلىماي  تىرىشىپ -  تىرمىشىپ ئىشلەپ ، ئۆزى يىمەي ، ئۆزى كىيمەي  ئالى مەكتەپلەرگە ئۆتكەن   باللىرىنى ئۇقۇتۇش    يولىدا  تىنمىسىز جاپا چىكىۋاتدۇ ، خۇددى بۇ دۇنياغا يەنە بىر قېتىم كىلىدىغاندەك .
    قىسىقىسى، نۆۋەتتە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى ئىلش كىنشكىسىگە ئىگە بولۇش جەمىيەتتە  بىر تۈرلۈك قىزق تېما بولماقتا .بۇ كىنشكىمۇ ھەققەتەن بىر‹‹ ئەڭگۈشتەر››گە  ئايلنىپ قالدى  . كنىشكىگە ئىگە بولغانلار كۆپ ئشلاردىن غەم قىلمايدىغان بولدى .لىكىن  ھەقىقى قىينچىلىقى تۇرۇپ بۇ‹‹ ئەڭگۈشتەر››گە ئىرىشەلمىگەنلەرچۇ ؟ ئۇلار قاچان پارتىيە ھۆكۈمەتىنىڭ بۇ ‹‹ئەڭگۈشەر››ىگە ئىرىشىدۇ .
      شۇڭا ، بۇ خىزمەتكە قارىتا يۇقۇرىدىن تۆۋەنىگىچە يەنىمۇ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ ، كەسىپى خادىملارغا بولغان  تەربىيلەش ،باشقۇرۇش ، ئەمىلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ ،   ھەقىقى ئىشلەپ ، ئەمەليەتكە يۈزلنىپ ، ئۆتكەلنى چىڭ تۇتۇپ  ، ئىللىقىلىقىنى ھەقىقى    مۇھتاجلارغا يەتكۈزۈش ئىشقا ئاشۇرۇلسا .......
تۇرمۇشى باياشات تۇرۇپ ،ھەقىقى قىينىچىلىقى بارلاردىن بۇ ‹‹ئەڭگۈشەر››نى سۆڭەك تالاشقان ئىتتەك تالىشىپ يۈرمىسەك ،ئىنساپ ۋە ۋىجدانىمىزنى ئەشۇ ئازغىنا مەنپەئەتكە، «سەدىقە»گە تېگىشىۋەتمەيلى.   
نامراتلىقنى تالاشمايلى، تىلىمەيلى، ئۇنى نومۇس دەپ بىلەيلى!
ھالال ئەجىر بىلەن ياشاشقا ، بېيىشقا ئىنتىلەيلى!
‹‹ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى›› بىزنى يېڭىى دەۋىردىكى  تېلەمچىگە ئايلاندۇرۇپ قويمىسۇن!
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 00:18, Processed in 0.182400 second(s), 39 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش