بۇ يازمىنى ئاخىرىدا گۇلزار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-20 11:01
خەپ ھاراق
(بىر مەيخور تىلىدىن)
مەخمۇت ئاۋۇت(مۇزاتى)
چاغلاپ نادان، باغرىڭ ئاچتىڭ خەپ ھاراق، سۆيۈپ مېنى چىڭ ياماشتىڭ خەپ ھاراق، ساپ ئەقلىمنى ئېلىپ قاچتىڭ خەپ ھاراق، پۇل-مېلىمنى بۇزۇپ-چاچتىڭ خەپ ھاراق، قىلىپ ۋەيران، كۆڭۈل ئاچتىڭ خەپ ھاراق.
زورلاش بىلەن سالدىم ئوتلاپ بىر نۆۋەت، كەلدى قىلىپ ئىككىنچىسى ھەي دەۋەت، ئۈچىنچىدە كىردى تەنگە جاسارەت، قىلالمىدىم ئىچكەنسىرى قانائەت، ئاستاغىنە ھىم چىرماشتىڭ خەپ ھاراق.
شۇندىن بېرى تۇتار پات-پات خۇمارى، بولماس ئىچمەي ئۈلپەتداشلار قاتارى، قىينار جاننى چىشلىۋالسا ئاھ-زارى، قىلغاچ زەئىپ ، قالماس تەننىڭ مادارى، قىلىپ خۇمار ئوتنى ياقتىڭ خەپ ھاراق.
ئىچكەچ دائىم ئايلاندۇردى «زابوي»غا، كەيىپلىكى سالدى مېنى ھەر كويغا، قالدىم ئوخشاپ بىئەقىل،دۆت،تومپايغا، باستىم قەدەم شالىم چېچىپ ھەر جايغا، ھۇش كاللامنى ئېلىپ قاچتىڭ خەپ ھاراق.
يۈرگەچ مەسخۇش يۈرۈشمىدى ئىشلىرىم، قالمىدى ساق مۇشت-پەشۋا يەپ چىشلىرىم، كەتتى زايە ۋاقتىم، يازۇ-قىشلىرىم، كۆرگەنلىرىم بولدى خىيال-چۈشلىرىم، تاۋىقىمغا توپا چاچتىڭ خەپ ھاراق.
تاپالمىغاچ كەيىپلىكتە ئۆيۈمنى، تۆكۈۋالدىم ئەل ئىچىدە يۈزۈمنى، ئىلىك ئالماس ئەمدى ھېچكىم سۆزۈمنى، بولدۇم رەسۋا، تونالمىدىم ئۆزۈمنى، زەئىپلەشتىم،ھەددىن ئاشتىڭ خەپ ھاراق.
كەچتىم ئەمدى يولىمايمەن يېنىڭغا، سالدىڭ جەۋرى،قىيناپ مېنىڭ جېنىمغا، بولدۇڭ كۈيە بىسات،پۇلۇ-مېلىمغا، ئۇردۇڭ خەنجەر ساپ يۈرۈكىم-دىلىمغا، لەنەت ساڭا،زېھنىم چاچتىڭ خەپ ھاراق.
...................................... ئەي يارەنلەر بۇ كوچىغا كىرمەڭلار، بېرىپ كۆڭۈل،شىرىن خىيال سۈرمەڭلار، باشلىسا ئۇ،ھەريان ئېزىپ يۈرمەڭلار، بولسۇن ئىبرەت،مەندەك كۈننى كۆرمەڭلار، تۇيۇق يولغا ئىشىك ئاچتىڭ خەپ ھاراق. مەنبە : ئۆز ئىجادىيىتىم. |