مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2071 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • ئامان 2 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 6 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 8 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى ئەزالار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • خانىدان تۈنۈگۈن 14:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • ئامان 3 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • ئامان 6 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • چىركىن يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن ماتىرىيال يوللىماقچى ئىدىم

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • نۇردۇن تۈنۈگۈن 11:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام،دوسلار بايرىمىڭىلارگە بۇبارەك بولسۇن!بايراملىق تىللا سوۋغا قىلمامسىلە؟

  • پۇرخۇن تۈنۈگۈن 00:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    نېمە قىلىۋاتىسىز؟ دوستلىرىڭىز بېلەن ئورتاقلىشىڭ ...جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

كۆرۈش: 29|ئىنكاس: 1

رۇبائىيلار (مۇزاتى)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

55

تېما

1

دوست

1632

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
338 سەر
تىللا
288 دانە
تۆھپە
267 سەر
شۆھرەت
321 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 22:19:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   گۇلزار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-18 22:45  

رۇبائىيلار

مەخمۇت ئاۋۇت(مۇزاتى)

ھەقنى-ھەق دېيىشكە ئىرادەم پەۋەس،
ساقتىغا خوشۇم يوق،قىلمايمەن ھەۋەس؛
كۆز بوياپ ياشاشنى خالىماس كۆڭلۈم،
چىن ئىنسان بولۇشقا بار مەندە ھەۋەس.

ھاياتلىق يولۇڭدا مۈشكۈلات تولا،
شەيتاننىڭ دامىغا بولما مۇپتىلا؛
كىرسەڭ گەر مەست بولۇپ كۆڭۈل كەينىگە،
قالىسەن پىنھانە،يالغۇز چۆلدىلا.

ئۆتۈسەن ھالاللاپ ياشىساڭ  غەمسىز،
بولمىغىن ھاياتتا ئەقىلسىز-پەمسىز؛
نادانلىق گوياكى قاراڭغۇ تۈندۇر،
ئۆتمىسۇن كۈنلىرىڭ مەنىسىز-تەمسىز.

ئاقىلغا بىرلا سۆز بولۇر كۇپايە،
نادانغا تاياق ھەق،سۆز بولۇر زايە؛
ناداننى ئاقىلغا ئۆزگەرتمەك قىيىن،
بولمىغاچ ئۇنىڭدا ئىنتىلىش-غايە.

ئۆم-ئىناق ئائىلە گوياكى جەننەت،
تاپىدۇ ھاياتمۇ چىن مەنا-قىممەت؛
ئەر-ئايال،پەرزەنتلەر ئۆتسە گەر ئىجىل،
تاپىدۇ شۇندىلا ئەۋلادلار نۇسرەت.

داجىيدۇ كەتمەنمۇ قورققاچ ساماندىن،
ئادەممۇ پەر قاچار پەسكەش،ناداندىن؛
بۇلارنى يەڭمەكمۇ ئۇنچە تەس ئەمەس،
ئالسا كۈچ ئىزدىنىپ ئەقىل-كالامدىن.

توغرىنى ھۆرمەتلە،ئاڭا قۇلاق سال،
خاتانى توغرىلا، ئاڭا ئۇلاق سال؛
توغرا-خاتانىڭ پەرقى تاغ-داۋان،
چۈشەنمەي ئەگەشسەڭ بولىسەن ئوسال.

ھۆرمەتكە ھازاۋەر ئۇلۇغدۇر دېھقان،
ھالاللىق نىممەتچۈن تۆكىدۇ تەر-قان؛
ئەجرىدىن كۈلگەچكە بۇ ھايات كۆكلەپ،
ھۆرمىتى ئاۋامنىڭ كۆڭلىدە گۈلخان.

يامانغا ھەمراھدۇر بىر يامان غەرەز،
ئويلايدۇ يامانلىق چۈنكى ئۇ مەرەز؛
چۈشەنگەچ ھەر كىشى قاچىدۇ ئۇندىن،
روشەندۇر ئەل كۆزى،قىلىدۇ پەرەز.

قىلساڭ گەر بىراۋغا زەررە يامانلىق،
بولمايدۇ ساڭىمۇ كۆڭۈل ئاراملىق؛
بولساڭ ئەلدە ئەپ ئۆتمەك ناۋادا،
بول ئىلمىي،قىلمىغىن كاجلىق-نادانلىق.

بىلىمدۇر  دىلىڭغا نۇر بەرگەن چىراق،
نادانلىق تۈنىنى قوغلىغان يىراق؛
دىل بېرىپ ئۇنىڭغا،ئىگىلىسەڭ گەر،
ھاياتلىق گۈللىرىڭ چاچار خۇشپۇراق.

ئىنسانغا مۇھىمى تەننىڭ ساقلىقى،
دوستلۇقنى چىڭىتار كۆڭۈل ئاقلىقى؛
يار ئۈچۈن كېرىكى ۋەدىلا ئەمەس،
ئىشەنچنى ئاشۇرار ئۇنىڭ پاكلىقى.

بولساڭ گەر مەنسەپدار ئاۋامنى ئويلا،
پاك ياشاپ،ئادالەت يولىنى بويلا؛
نەپسىڭنىڭ قۇربانى بولما ئالدىراپ،
گىدەيمە،ئىنسانىي ۋىجداننى ئويلا.

يۆلىسەڭ ئاجىزنى چىڭىيدۇ ئۇلۇڭ،
بولساڭ گەر ھەق-ئادىل،ئېچىلار يولۇڭ؛
ئىشلەتسەڭ ئەقلىڭنى بىلىپ جايىدا،
ئەجىرىڭ نان بېرىپ،ئۇزىرار قولۇڭ.

يار قىلساڭ ئۆزۈڭگە مەينى-كەيىپنى،
قىلىدۇ ئاپىردە نىجىس ئەيىپنى؛
بولىسەن ۋەيرانە ئۇنىڭ قولىدا؛
ئارتىسەن ئاقىۋەت كىمگە ئەيىپنى.

دوستلۇقنىڭ قىممىتى بىلىنمەس كۈندە،
چىراقمۇ ئەسقاتار كېچىدە-تۈندە؛
ساقلانسا قەلىبتە، چىقمىسا ئەستىن،
ئۆتۈلەر قەدىرى غېرىبلىق كۈندە.

مەنبە: ئۆز ئىجادىيىتىم .
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

293

تېما

106

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6765 سەر
تىللا
1727 دانە
تۆھپە
10811 سەر
شۆھرەت
5784 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 22:49:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇزات ئەپەندى شېئىرلىرىڭىز بىلەن مۇنبەرنى جۇلالاندۇرۋەتتىڭىز .  ھەر بىر شېئىرىڭىزدا ئۆزگىچە ئوي- پىكىر  ھەم تەربىيە بولۇپ ئوقۇرمەنلەرگە داغدام يولنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن رەھمەت سىزگە .
ئادەم ئەتكەنگە تەزىم ئەت .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 01:59, Processed in 0.414519 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش