ئانا تىل مۇھاببىتى
مەخمۇت ئاۋۇت (مۇزاتى)
چىن سۆيۈپ ئانا تىلىڭنى، رەڭ-جۇلا قاتساڭ ئەگەر، بىلدۈرەي ئالەمچە ھۆرمەت، سۈيىدە ئاقساڭ ئەگەر.
ئاشقۇسىدۇر بۇ جاھاندا ئانا تىلنىڭ ھۆرمىتى. يار بىلىپ،تانماي ئۇنىڭدىن كۈي-غەزەل يازساڭ ئەگەر.
تىلىمىز ئۇزدۇر،يېقىملىق، بارچە تىللار تىجىسى، بىر ۋاراقلاپ تارىخىڭغا مۇراجەت قىلساڭ ئەگەر.
نە بولۇر تەقدىرى ئۇندا،جۆيلىسەڭ ئەبجەش قىلىپ، ئۇ ئۆڭۈپ بولمامدۇ شالغۇت، ساپ تىلىڭ بۇزساڭ ئەگەر.
بىخ سۈرۈپ كۆكلەيدۇ قانداق،دىل بېرىپ سۆيمەي تۇرۇپ، يوقۇلۇپ،بولمامدۇ نابۇت، ئۇنتۇلۇپ-تانساڭ ئەگەر.
تىل بىلەن بولۇر نامايان، شۇ مىللەتنىڭ خاسلىقى، قوغدىماق تەس ئۇ بۇزۇلسا سۈكۈتتە تۇرساڭ ئەگەر.
تىل ئىگەللەش ياخشى ئامما ئانا تىلدىن چانمىغىن، يۈز كېلەمسەن ئاۋامغا، يەر قىلىپ ئۇرساڭ ئەگەر.
جانغا ئۇ ئابى ھاياتتەك،بىز ئۈچۈن تۇرسا بۈيۈك، بۇ يۈرەك قانداق چىدايدۇ، ئۇنى خار قىلساڭ ئەگەر.
قان بىلەن كىرگەچ ئانا تىل، چىققۇسىدۇر جان بىلەن، بولمىقىم جاندىن جۇدادۇر، ئايرىماق بولساڭ ئەگەر.
مەنبە: ئۆز ئىجادىيىتىم. |