مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2076 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى باشقۇرغۇچىلار تېما يوللاشتا ھەر ۋاقىت سىزگە يول كۆرسىتىدۇ، تارتىنماڭ!

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى ئەزالار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • چىركىن 2 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن ماتىرىيال يوللىماقچى ئىدىم

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بىلمەسلىك ئەيىپ ئەمەس، تىرىشماسلىق ئەيىپ!

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللىغاندا تېما ھەققىدە قىسقىچە ئىزاھات بېرىپ يوللايلى!

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • ئەلەم تۈنۈگۈن 19:38 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك!

  • شاشتېكىن تۈنۈگۈن 18:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    «2-،3-،4-ۋە 5-يىللىقلارنىڭ خەنزۇتىلى دەرس تەييارلىقى»نىڭ چۈشۈرۈش ئادىرېسى يېڭلاندى.

كۆرۈش: 73|ئىنكاس: 3

ئاتا-ئانىسىنى خورلىغان ۋاپاسىز ئوغۇل

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

31

تېما

6

دوست

1351

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
252 سەر
تىللا
169 دانە
تۆھپە
228 سەر
شۆھرەت
268 سەر

تىرىشچان ئەزاتۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-15 13:23:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                ئاتا-ئانىسىنى خورلىغان ۋاپاسىز ئوغۇل

                                                              قانۇنغا مۇراجەت قىلىش


            ھەسەن بىلەن پاتەمخانلار 70 ياشقا ياماشتى. بۇ دەل ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى تەرىپىدىن ياخشى كۈتىۋېلىنىپ، ئۆمىرىنىڭ ئاخىرىنى راھەت-پاراغەت بىلەن ئۆتكۈزۈپ، پەرزەنتلىرىگە ئىنساپ ۋە بەخت تىلەپ خاتىرجەم ياشايدىغان چاغلىرى ئىدى، ئەپسۇس بۇ خىل بەخت ۋە خاتىرجەملىك ئۇلارغا نىسىپ بولمىدى.«چوڭ بولغاندا بىزنى باقار، ھالىمىزدىن خەۋەر ئالار» دەپ مىڭ بىر جاپا مۇشەققەت، ئارزۇ-ئارمانلار بىلەن چوڭ قىلغان ۋاپاسىز ئوغلى تەرىپىدىن كۆپ قېتىم  خورلاندى، ھاقارەتلەندى...، ھېچكىم ئويلاپ باقمىغان ئازاپلارغا مۇپتىلا بولدى. ئۆز پەرزەنتى تەرىپىدىن شۇنچە خورلۇق ۋە دىشىرۋاچىلىققا ئۇچرىغان بۇ ئەر-خوتۇنلار ئامالسىزلىقتىن قانۇننىڭ دەرۋازىسىنى چېكىشكە، قانۇن ئارقىلىق ئۆزلىرىنى قوغداشقا، قانۇننىڭ ئۆزلىرىنى خاتىرجەملىككە ئىگە قىلىدىغان قورال ئىكەنلىكىنى ۋاپاسىز ئوغلىغا تونىتىپ قويۇشقا مەجبۇر بولۇشتى. ھەسەن بىلەن پاتەمخانلارنىڭ بايانىغا ئاساسەن، ئاتۇش شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى 24–ئۆكتەبىر جاۋاپكار ئالىمنى ئاتا-ئانىسىنى خورلاش جىنايىتى ئۆتكۈزگەن دەپ قاراپ بىۋاستە قولغا ئالدى.


                                                                  خورلانغان بوۋاي-مومايلار


- ھەي ئاغىنىلەر، چىرايلىق مېڭىشىپسىلەر، سەپىرىڭلار قاياققا بولدى، بىرەر يەردە ئولتۇرۇش-باراۋەت قىلمايدىغانسىلەر؟دىدى ئىشىك ئالدىدىكى ئوڭغۇل-دوڭغۇل يەرلەرنى تۈزلەۋاتقان ئەركىن يولدا قاتارلىشىپ كېتىۋاتقان تەڭتۈشلىرىغا قاراپ:

- ھەي، سېنىڭ تېخى خەۋرىڭ يوقما؟ بۈگۈن ئاتۇش شەھەرلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ سودىيەلىرى كەنت ئاھالىلەر كومېتىتىدا ئالىمنىڭ ئاتا-ئانىسىنى خورلىغانلىقى توغرىسىدا سەييارە سوت ئاچىدىكەن، شۇ يەرگە ماڭدۇق.

- ھە شۇنداقمۇ؟ ئالىمنىڭمۇ قانۇننىڭ جازاسىنى تارتىدىغان ۋاقتى كېلىدىكەن-ھە؟ بىچارە ھەسەنكام بىلەن پاتەمخان ئاچاملار ئالىمنىڭ خورلاشلىرىدىن ۋاقىتلىق بولسىمۇ قۇتۇلىدىغان بوپتۇ، سىلەر ماڭغاچ تۇرۇڭلار، مەنمۇ قولۇمدىكى ئىشنى تۈگىتىپلا كەينىڭلاردىن يېتىشىمەن.

ئالىمنىڭ ئاتا-ئانىسىنى خورلىغانلىق توغرىسىدىكى سەييارە سوتنىڭ كەنت يىغىن زالىدا ئېچىلدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان ئۇرۇق-تۇققان، قوشنا قۇلۇملاردىن سىرت كەنت ئاھالىلىرىدىن بولۇپ 100 دىن ئارتۇق كىشى سەھەردىلا كەنتنىڭ يىغىن زالىغا يىغىلىپ بولۇشقان ئىدى .

سەييارە سوتنىڭ باشلىنىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرۇشقان بىۋاستە دەۋا قىلغۇچى ھەسەن بوۋاي بىلەن پاتەمخان مومايلار بىر تەرەپتىن زال ئىچىدىكىلەرگە خىجىللىق ئىچىدە يەر تېگىدىن قارىسا بىر تەرەپتىن جاۋاپكار ئورنىدا ئولتۇرغان ۋاپاسىز ئوغلىغا نەپرەت بىلەن قاراپ ئولتۇراتتى .

سودىيە سەييارە سوتنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلىشى بىلەن ھەسەن بوۋاي كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئالغىنىچە ئوغلى ئالىمنىڭ ئۆزلىرىنى بىر قانچە يىللاردىن بۇيان قىلغان-ئەتكەن، خورلىغان قىلمىشلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ كۆرگەن ئازاپلىق كەچۈرمىشلىرىنى بايان قىلىشقا كىرىشتى.

- بۇ دۇنيالىقتا ئۈچ ئوغۇلغا ئاتا-ئانا بولۇپتۇق، ئەر–خوتۇن ئىككىمىز تىرىشىپ–تىرمىشىپ، ئىقتىسادچانلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈش بىلەن پەرزەنىتلەرنىمۇ ئەتراپلىق تەربىيەلىدۇق، ئوغۇللارمۇ كەينى-كەينىدىن چوڭ بولۇشۇپ، ئىڭەككە تاقاشتى. شۇنداق قىلىپ تاپقان-تەرگەنلىرىمىز بىلەن ئۈچ ئوغۇلنىڭ بېشىنىمۇ تېنچ-ئامان ئوڭشاپ، ئۆي ئوچاقلىقمۇ قىلىۋالدۇق، ئەمما ئوتتۇرانچى ئوغلىمىز ئالىمنىڭ نىكاھتىن تەلىيى كەلمىدى بولغاي ، ئۈچ قېتىم تويىنى قىلغان بولساقمۇ، ھەر قېتىملىق تويى ئاجرىشىش بىلەنلا ئاخىرلاشتى. نىكاھتا پەشۋا يەپ، تۇرمۇشتىن كۆڭلى سۇ ئىچمىگەن پەرزەنتىم ئالىم شۇ كۈندىن باشلاپلا كەنتىمىزدىكى بىكار تەلەت بالىلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ، كۈندۈزلىرى ھاراق ئىچىپ بېشى قايغان، پۇتى تايغان يەرلەردە ئويناپ يۈرسە، كېچىلىرى مەست ھالەتتە ئۆيگە كېلىپ، ئەر-خوتۇن ئىككىمىزنى ئۇخلاتماي سەۋەپسىز، ئۇرۇپ-تىللاپ، خورلايدىغان بولىۋالدى. نىكاھتا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاچقىمىكىن، دەسلەپتە ئۇنىڭ قىلغانلىرى كۆزىمىزگە كۆرۈنمەي بۈگۈن ئوڭشىلىپ قالار، ئەتە ئوڭشىلىپ قالار دەپ بىر قانچە يىلنىمۇ ئۆتكۈزدۇق، ئەمما ئالىمدا ئۆزگىرىش ئۇياقتا تۇرسۇن، تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ، بۈگۈنى پۇل بەر دەپ جار سالسا، ئەتىسى ئۆيدىكى پۇلغا يارايدىغان نەرسىلەرنى تۇيدۇرماستىن سېتىپ خەجلەيدىغانمۇ بولىۋالدى. ئەر-خوتۇن ئىككىمىز ئۇنىڭغا كۆپ قېتىم تەربىيە قىلغان بولساقمۇ، ئۈنۈمى بولمىدى. ئىككەيلەن ئۇنىڭ تىل ئاھانىتى، تاياق-توقماقلىرى ۋە  توختاۋسىز خورلاشلىرىغا چىدىماي، يۇرتىمىزدىن چىقىپ كېتىپ، ئۇنىڭدىن مەلۇم مەزگىل بولسىمۇ قۇتۇلۇشنى ئويلاشتۇق، ھەم 2005–يىلنىڭ باشلىرىدا بۆرتالاغا چىقىپ شۇ يەردە تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلىدۇق. ئارىدىن تۆت يىل ئۆتكەندە كەنجى ئوغلىمىز قەيسەرنىڭ ئۆلۈم خەۋرى كەلدى. ئەر–خوتۇن ئىككىمىز يۇرتقا قايتىپ، ئوغلىمىز قەيسەرنىڭ نەزىر-چىراقلىرىنى تۈگەتكەندىن كېيىن كىچىك كېلىنىمىز، نەۋرىلىرىمىز بىلەن چوڭ ئۆيدە بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلىدۇق، گەرچە ئارىدىن تۆت يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، ئالىمنىڭ خۇيى تېخىچە ئۆزگەرمىگەن ئىكەن. ئالىم كۈندە دىگۈدەك ھاراق ئىچىپ كىرىپ بىز بىلەن  ئۇرۇشقاننى ئاز دەپ، يەڭگىسى ھەم ئۇنىڭ باللىرىغىمۇ ئازار بېرىپ تۇردى. 2012–يىلى كىرگەندىن بۇيان ئالىم تېخىمۇ ئەسەبىيلىشىپ ئەر–خوتۇن ئىككىمىزنى داۋاملىق ئۇرۇپ-تىللاپ خورلايدىغان بولىۋالدى، گەرچە ئۇ بىزنى شۇنچە خورلىغان بولسىمۇ، يەنىلا ئۇ بىزنىڭ يۈرەك پارىمىز بولغاچقا دەردىمىزنى ئىچىمىزگە يۈتۈپ كۈن ئۆتكۈزدۇق. 4–ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى بولسا كېرەك، ئالىم مەست ھالاتتە ئۆيگە كىردى- دە، سەۋەپسىزلا بىزنى يەنە ئۇرۇپ خورلاشقا باشلىدى. تۇيۇقسىز كۆتۈرۈلگەن قىيا-چىيالاردىن خەۋەر تاپقان قولۇم-قوشنا، مەھەللە ئاقساقاللىرى ئۆيگە كىرىپ ئالىمغا نەسىھەت قىلغان بولسىمۇ، ئالىم ئۇلارنىڭ نەسىھەتىگە قۇلاق سېلىپمۇ قويمىدى. شۇنداق قىلىپ بۇنداق خورلاشلار پات-پات يۈز بېرىپ تۇرىدىغان بولۇپ قالدى، بىز ئامالسىز بۇ ئەھۋاللارنى كەنت كادىرلىرى، يېزىلىق ساقچىخانىدىكى خادىملارغىمۇ ئېيىتتۇق، ئۇلار ئالىمغا كۆپ قېتىم تەربىيە قىلدى، ئەمما ئۇلارنىڭ نەسىھەتلىرى ئالىمنىڭ بۇ قۇلىغىدىن كىرىپ يەنە بىر قۇلىقىدىن چىقىپ كەتتى، بوۋاي كۆز ياشلىرىنى سۈرتۇپ، تىترەك ئاۋازى بىلەن سۆزىنى بايان قىلىشقا باشلىدى:

     -8 -  ئۆكتەبىر كۈنى ئىدى، ھويلىدا ئولتۇرۇپ چارۋىلارغا شاخ توغراۋاتاتتىم، ئالىم مەست ھالدا ھويلىغا كىرىپ، نەۋرىلىرىمنى قورقاتقىلى تۇردى، مەن ئالىمنىڭ پەيلىدىن قورقۇپ، ئۇنى ئۆيگە كىرىپ ئارام ئېلىشنى ئېيتقان بولساممۇ، ئالىم ماڭا ۋارقىرغىنىچە يەنە ئۆزىنىڭ سەنىمىگە دەسسىگىلى تۇردى، بۇ چاغدا چوڭ ئوغلۇم نىجات:‹ دادامغا نىمانداق ھۆرمەتسىزلىك قىلىسەن› دىگىنىچە ئالىم بىلەن جىدەللىشىپ قالدى، قوشنىلار يېزىلىق ساقچىخانىغا تېلىفۇن ئۇرغان بولسا كېرەك، ساقچىلار شۇ ھامانلا ئۆيگە كېلىپ، ئالىمنى ساقچىخانىغا ئېلىپ كەتتى. ساقچىلار ئالىمغا بىرمۇنچە تەربىيە قىلغاندىن كېيىن ئۇنى شۇ كۈنىلا قويۇپ بەردى. كەچلىك تاماقنى يەپ بولۇپ بىردەم ئارام ئېلىش ئۈچۈن يېتىۋىدىم، ئالىم تۇيۇقسىزلا كېلىپ گېلىمنى بوغۇپ ئۇرۇشقا باشلىدى. پاتەمخان قورقۇپ كېتىپ، قولۇم-قوشنىلارنى باشلاپ ئەكىرگەن بولسىمۇ، ئالىم قوشنىلارنىڭ توسۇشلىرىغا قارىماي، كەتمەننىڭ چولدىسى بىلەن مېنى ئۇرۇپ يارلاندۇردى.....
زال ئىچى ئىنتايىن تىمتاس بولۇپ، ھەممەيلەننىڭ دىققىتى ھەسەن بوۋاينىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان ئاچچىق كەچۈرمىشلەردە ئىدى، ئولتۇرغانلارنىڭ بەزىلىرى كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئېلىشسا، بەزىلىرى ياقىلىرىنى تۇتىشىپ، جاۋاپكار ئورنىدا بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ئولتۇرغان ئالىمغا نەپرەت ئوقىماقتا ئىدى.
ھەسەن بوۋاي بىر ئاز توختىۋېلىپ ئېغىر ئۇھسىنغان ھالدا سۆزىنى داۋام قىلدى:
          - ئىشقىلىپ سەككىز ئون يىلدىن بۇيان ئوغلۇم ئالىمنىڭ ئەر –خوتۇن ئىككىمىزنى خورلىغان ۋەھشىيانە قىلمىشلىرى توختاپ قالغىنى يوق، بۇ جەرياندا بىر كۈنمۇ خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرەلمىدۇق، يېشىمىز 70 كە يېقىنلاشتى، شۇڭا قانۇن ئورۇنلىرىنىڭ بىزدەك ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق –مەنپەئەتىنى قوغداپ. ئوغلىمىز ئالىمنى قانۇن بويىچە جازالاپ، ئۆمرىمىزنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزىشىمىزگە كاپالەتلىك قىلسا» دەپ ئالىم ئۈستىدىن شىكايەت قىلدى .

           جاۋاپكار ئورنىدا ئولتۇرغان ئالىم :«ئاتا-ئانام مېنى ئۆيدىكى مال-مۈلۈكلەرنى سېتىۋەتتى دەپتۇ، مەن نىمىنى سېتىپتىمەن، ماڭا دەپ بەرسۇن، مېنى ئۇلار قاتىللىق قۇرالى بىلەن ئۇردى دىدى ، بۇ گەپلەرنىڭ ھەممىسى يالغان » دەپ ئىقرار قىلدى ۋە ئۆزىنى ئاقلىدى .


                                                                      جىنايى جازا


             ئاتۇش شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى دېلوغا قاراپ چىققاندىن كېيىن جاۋاپكار ئالىمنىڭ قىلمىشىدىن خورلاش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دېلونىڭ دەلىل-ئىسپات پاكىتى تولۇق، جاۋاپكار كۆپ قېتىم ئاتا-ئانىسىنى ھاقارەتلەپ، ئۇرۇپ تىللاپ خورلىغان، يۇرت –جامائەت ھەم ئاھالىلەر كومىتېتىدىكى كادىرلار تەربىيە قىلغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ نەسىھەتىنى ئاڭلىمىغان، يېزىلىق ساقچىخانىدىكى خادىملارمۇ كۆپ قېتىم تەربىيە قىلغان بولسىمۇ، ئالىم داۋاملىق ھاراق ئىچىپ ئاتا-ئانىسىنى خورلاپ جەمئىيەتتە يامان تەسىر پەيدا قىلغان، ئاتا-ئانىلىرىغا ئارامچىلىق بەرمەي، ئۇلارنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە تەسىر يەتكۈزگەن، جاۋاپكارنىڭ سوتتا جىنايىتىنى تونۇپ تۆۋە قىلىش ئىپادىسى ئادەتتىكىچە دەپ قاراپ ، 12 –نويابىر سوت ئېچىپ، جاۋاپكار ئالىمغا خورلاش جىنايىتى ئۈچۈن مۇددەتلىك بىر يىل ئالتە ئايلىق قاماق جازاسى بېرىش توغرىسىدا ھۆكۈم چىقاردى .   

ئەسكەرتىش : كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلدى

( ئاپتورلار : قىزىلسۇ ئوبلاستلىق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈم ۋە ئاتۇش شەھەرلىك سوت مەھكىمىسىدىن )

مەنبە : شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

293

تېما

106

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6765 سەر
تىللا
1727 دانە
تۆھپە
10811 سەر
شۆھرەت
5784 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-15 15:25:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئانا رازى خۇدا رازى»  دەيدىغان گەپ بار، بۇ  نائىنساپ ئۆز ئاتا - ئانىسغا شۇنداق خورلۇقلارنى سالغان  بولسا ،ئۇمۇ ياخشى كۈن كۆرمەيدۇ .  
ئادەم ئەتكەنگە تەزىم ئەت .

139

تېما

42

دوست

8947

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1899 سەر
تىللا
591 دانە
تۆھپە
1761 سەر
شۆھرەت
1647 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىدادىل ئەزا ئوردىنىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-15 17:14:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ پەرزەنتلىرىمىڭزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ-دىيانەت ئاتا قىلسۇن!
ھەقىقەت چىرىغىنى پۈلىگەننىڭ ساقىلى كۈيىدۇ!

574

تېما

30

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
7206 سەر
تىللا
2942 دانە
تۆھپە
7888 سەر
شۆھرەت
5848 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-15 21:31:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيادا ئاتا- ئانىنى رازى قىلىش تىنمۇ ئارتۇق موجىزە بارمىدۇ . ھەي  ئاتا - ئانىغا ئاسىيلىق قىلغانلار ياخشى كۈن كۆرمەيدۇ دەپ قارايمەن
ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 03:48, Processed in 0.421488 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش