ئۆز قائىدە-يوسۇنلىرىمىزنى بۇزمايلى
ئامانگۈل تۇنىياز
بىز-ئۇيغۇر مىللىتى ئەزەلدىن قائىدە-يوسۇنلۇق، ئۆز مىللىي خاسلىقىمىز ۋە ئۆرپ-ئادىتىمىزنى ساقلاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان مىللەتلەرنىڭ بىرسى. ئەلۋەتتە، ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە قائىدە-يوسۇنلىرى بولىدۇ. شۇ قاتاردا، بىز-ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتىمىز تولىمۇ ئۆزگىچە ۋە ئىنتايىن ئېسىل بولۇپ، باشقا مىللەتلەردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدىغان نۇرغۇن خاس ئادەتلىرىمىز بار.
بىزنىڭ بۇ يەردە تىلغا ئالماقچى بولغان مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىمىز ۋە قائىدە-يوسۇنلىرىمىز بولسا ئاتا-بوۋىلىرىمىزدىن مىراس قالغان، مىللىتىمىز ئارىسدا تا ھازىرغا قەدەر داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋىى قائىدە-يوسۇنلىرىمىزدىن كېسەل يوقلاش، تۇغۇت يوقلاش، مۇسىبەتلىك بولۇپ قالغانلارنىڭ قارىسىنى ئۇشتۇش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن، بىر-بىرىدىن ھال سورايدىغان ئېسىل ئەخلاق-پەزىلەت مىللىتىمىز ئارىسىدا ھازىرغا قەدەر كەڭ ئومۇملىشىپ كېلىۋاتقان ياخشى قائىدەرلەرنىڭ بىرى.
بىراق، ھازىر كىشىلەرنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئىستىمال سەۋىيەسىنىڭ كۈنسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، بىزنىڭ بۇ خىل ئۆرپ-ئادەت ئۇسۇلىمىزنىڭ شەكلى بار-بارا ئۆزگىرىپ، كىشىلەرنىڭ بۇخىل «ئىلغار مەدەنيەت»كە بولغان كۆز قارىشىى تەدرىجىي سۇسلاپ كەتتى. بىز سەگەكلىك بىلەن ياخشى ئويلىنىدىغان بولساق، بۇنىڭدىن نەچچە يىللار ئىلگىرى قاتناش ناھايىتى قولايسىز، ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرى يوق ۋاقىتلاردا بىز بىرەرسىنى يوقلاش ئۈچۈن قارشى تەرەپنىڭ ئۆيىگە ئۇدۇللا بېرىپ، ئالدىمىزغا بىر پىيالە ئىسسىق چاي قۇيسىلا شۈكۈر-قانائەت ھاسىل قىلىپ، يۈز كۆرۈشۈپ قايتىپ كېلەتتۇق. بىراق، بىز ھازىر كېسەل يوقلىغىلى، ياكى تۇغۇت يوقلىغىلى بارماقچى بولساق شۇ بىمارنى ئالدىن خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇپ، بىرمۇنچە تەييارلىق قىلدۇرۇپ، ئۆزىمىزنى كۈتكىلى قويىدىغان، قارىسىنى ئۇشتۇش ئۈچۈن، «قىرقى» توشقاندا رېستۇرانغا چاقىرىپ، ئەر-ئايال جەم بولۇپ ھاراق-شاراب قۇيۇپ قارىسىنى ئۇشتۇشتەك... نۇرغۇن يامان ئىللەتلەر ئەۋج ئېلىپ كەتتى.
ئەلۋەتتە، دوستلارنىڭ بىر-بىرىدىن ھال سورىشى، شۇنداقلا ساھىپخاننىڭ دوستلىرىغا كەڭ قوللۇق قىلىپ، ئۇلارنى ياخشى كۈتىۋېلىشى بىر ياخشى ئىش. بىز بۇ دۇنياغا پەقەت يەپ-ئىچىش ئۈچۈنلا كەلگەن ئەمەس. شۇڭا بىز بۇنداق ھەشەمەتچىلىك قىلىپ، باشقىلارغا بىھۇدە بېسىم بولىدىغان ئىشلاردىن ئۆزىمىزنى تارتساق، باشقىلارغا ھەقىقى كۆڭۈل ئازادىلىكى بەخش ئەتسەك بۇ ھەممىدىن ئەۋزەل دەپ قارايمەن.
بىز بارغانلا يەردە ساھىبخان سالغان داستىخانغا قارايدىغان، يېمەك-ئىچمەك مول بولمىسا، سىرتقا چىقىپلا سۆز-چۆچەك قىلىدىغان يامان ئىللەتنى ئۆزىمىزگە يۇقتۇرۋالمايلى. شۇ سەۋەبلىك، بىر-بىرى بىلەن ئىختىيارى بېرىش-كېلىش قىلىدىغان قائىدىلەر تۈگەپ، بۇ قائىدە-يوسۇنلارنىڭ شەكلى تەدرىجى ئۆزگىرىپ، بۇ ياخشى قائىدە ھازىر «قەرز قايتۇرۇش» سورۇنىغا ئايلىنىپ قالغاچقا، بۇ خىل تەمەخورلۇق ئىللەتلىرىمىز ھەر ۋاقىت دىلىمىزنى غەش قىلماقتا.
بىزدىكى بۇنداق يامان ئىللەت تۈزەلمىسە، خەلقىمىز مەڭگۈ روناق تاپمايدۇ. تەمەخورلۇق، ھەشەمەتچىلىك ئەزەلدىن يامان ئىللەت. بىز بىراۋنى يوقلىساق چوقۇم ياخشى نىيىتىمىز بىلەن يوقلايلى! بىزگە يەپ-ئىچىش ئەمەس، بەلكى دىدار-مۇلاقەت، سەمىمىي سىردىشىش، كۆڭۈل سوراش غەنىمەت!
ئۆز قائىدە-يوسۇنىمىزنى، ئىنسانىي ئەخلاق-پەزىلىتىمىزنى، ئۆزىمىزنى-ئۆزىمىز دەپسەندە قىلمايلى! نىيىتىمىز ھەر ۋاقىت دۇرۇس، كۆڭلى-كۆكسىمىز كەڭ بولسۇن!
مەنبە :جۇڭگو رادىيو تورى شىنجاڭ ئۇيغۇرچە قانىلى
|