كۆرۈش: 294|ئىنكاس: 3

پۈتۈن مەملىكەتتە 21 مىللەت تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
پۈتۈن مەملىكەتتە 21 مىللەت تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ
دۆلىتىمىزدىكى مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ مىللىي ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلىرى ئالاقىدار قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مىللىي تىل-يېزىقتا دەرس ئۆتۈش بىلەن خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشى بىرلەشتۈرۈلگەن «قوش تىل» مائارىپى تۈزۈلمىسىنى يولغا قويدى. نۆۋەتتە، مەملىكەت بويىچە 10 مىڭدىن ئارتۇق مىللىي ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپتە 21 خىل مىللەت تىلىدا «قوش تىل» ئوقۇتۇشى قانات يايدۇرۇلدى.
    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلىتىمىزنىڭ «قوش تىل» مائارىپى تېخىمۇ كۈچەيدى ۋە ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىلدى، مىللىي تىل-يېزىقتا دەرس ئۆتۈشنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، دۆلەت ۋە يەرلىك مالىيە مىللىي يېزىقتىكى دەرسلىك مەخسۇس ياردەم خىراجىتى تەسىس قىلدى. ھازىر، مەملىكەت بويىچە يىلىغا تۈزۈلۈپ، تەرجىمە قىلىنىپ نەشردىن چىقىۋاتقان ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقىدىكى دەرسلىك 3500 خىلدىن ئاشىدۇ، ئومۇمىي تراژى 100 مىليوندىن ئاشىدۇ. بەزى جايلار يەنە مىللىي تىل، خەنزۇ تىلى ۋە چەت ئەل تىلىدىن ئىبارەت «ئۈچ تىل» ئوقۇتۇش سىنىقىنى قانات يايدۇرماقتا.
    ئىگىلىنىشىچە، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىل-يېزىقىدا تەربىيە ئېلىشىغا كاپالەتلك قىلىش ئۈچۈن، دۆلەت بۇنىڭدىن كېيىن «قوش تىل» ئوقۇتۇش تەتقىقاتى، دەرسلىك تۈزۈش ۋە نەشر قىلىش ئىشلىرىغا نۇقتىلىق ياردەم بېرىدىكەن، مىللىي رايونلاردىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى بويىچە تەربىيىلەش ۋە دەرسلىك قۇرۇلۇشىنى يەرلىك مائارىپ تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، دۆلەتنىڭ دەرسلىك ئىسلاھاتى تەلىپىگە ئاساسەن، يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە مىللىي يېزىقتىكى دەرسلىكلەرنى ئىشلەشكە تولۇق كاپالەتلىك قىلىدىكەن ۋە ئەھمىيەت بېرىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جايلار ئاكتىپ شارائىت يارىتىپ، ئانا تىلدا دەرس ئۆتۈلىدىغان مىللىي ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە تەدرىجىي ھالدا باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1-يىللىقىدىن باشلاپ خەنزۇ تىلى دەرسى تەسىس قىلىدىكەن؛ ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ئاساسەن، خەنزۇ تىلىدا دەرس ئۆتۈلىدىغان مىللىي ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە مىللىي تىل-يېزىق دەرسى تەسىس قىلىپ، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بىر مەكتەپتە ئىلىم ئېلىشىنى تەشەببۇس قىلىدىكەن
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2013-4-9 22:13:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇگەپلەرنى ئوتتۇرغا قويغىلى خېلى ئۇزۇن بولدى . بىراق ھازىرغىچە ئەمىللەشمەيۋاتىدۇ . بۇ جەھەتتە ئىشەنچە بەك يوق دىيەرلىك
ۋاقتى: 2013-4-15 22:35:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارغانسىرى بىرخىللا تىل بىلەن ئوقۇتىۋاتىمىز.
ۋاقتى: 2015-11-19 16:54:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىرىڭىزگە كۆپ تەشەككۇر، جاپا تارتىپىسز.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش