مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 1816 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • دىلرۇس 13 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاشنىڭ بۇ رەڭلىرى، بايقاشقا باشقىچە قۇلا قوشۇپتۇ.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:45 [ئىنكاس(0)] [...]

    تۇرمۇشتىكى ئەڭ زور بەختسىزلىك — تۇرمۇشقا قۇللارچە ئىتائەت قىلىشتۇر.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەقىدىسىز تۇرمۇش قاقاسلىشىپ كەتكەن باغ، ئىشەنچ بولمىغان تۇرمۇش يولى ئېگىز تاغ–داۋانلار بىلەن تولغان يولدۇر. ...

  • زەھرا 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردە ئۆزگىرىش ھەقىقەتەن بەك كۆپقۇ؟

  • دىلرۇس 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    قەدىمى جايدىن ئارىلما چەت بولسىمۇ، سويگىنىڭدىن ئايرىلما سەت بولسىمۇ.

  • ئىلغار 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    دۇنيادا ھەممىدىن تاتلىق نەرسە قېرىنداشلىق مېھرى

  • دىلرۇس 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    سەندىن ئاجىز دۈشمىنىڭنى، قۇدرەتلىك ساناپ، تەييارلىق قىلساڭ، نوسرەت ساڭا مەنسۇپ بولىدۇ.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    تۇرمۇشقا تولۇق ئىشەنچى بار كىشىلەر تۈنۈگۈنىدىن ئەپسۇسلانمايدۇ، بۈگۈنىنى قەدىرلەيدۇ، ئەتىسىنىڭ تېخىمۇ گۈزە ...

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:45 [ئىنكاس(0)] [...]

    دۇنيادا ئۈمىدسىز تۇرمۇش بولمايدۇ، ئۈمىدسىز ئادەملا بولىدۇ.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:43 [ئىنكاس(0)] [...]

    پۇل بولماسلىق بىچارىلىك، پۇل ئۈچۈنلا ياشاش رەزىللىكتۇر، پۇللا بولغان تۇرمۇش ئەپسۇسلۇق ئىچىدىكى تۇرمۇشتۇر.

  • زەھرا 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار ،مەن كەلدىم .

  • قەسىر 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبىرىمىزنىڭ بەت يۈزى جەلپكار ھەم چىرايلىق ،قالتىس بېزىلىپتۇ.

  • ئىلغار 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچى ئىنسان قەلبىگە تۇنجى مەرىپەت نۇرىنى ئېلىپ كىرگۈچى مەشئەل،ئۇ ئىنسانىيەت مەدىنىيەت تارىخىنىڭ ئاسمى ...

  • دىلرۇس 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يۈرەك قېتىدا ساقلانغان پىنھان سۆيگۈنىڭ يىلتىزى بەك چوڭقۇر، بەك مەزمۇت بولىدۇ.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:46 [ئىنكاس(0)] [...]

    تۇرمۇش ئاچچىق–چۈچۈك بولىدۇ، ئەمما ئۇ ھەرگىز بەتتام بولمايدۇ.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىجاد–ئىختىرا بولمىغان تۇرمۇش ھەقىقىي تۇرمۇش ئەمەس، بەلكى ئۇ كۈن ئۆتكۈزۈشتۇر.

  • abdihnijan ئۈلۈشكۈن 03:29 [ئىنكاس(0)] [...]

    ‹‹مۇقام ››جاھانداتاڭىنىڭ ساداسى،جاھانغاجانكى ئۇنىڭ ناۋاسى،ھېچ تەڭ كېلەلمەس بولبۇل ناۋاسى،ئالەمدە ي....

  • دىلرۇس 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئېغىنىغان ئاتنىڭ قىلى قالىدۇ، كۆيگەن ئوتنىڭ كۈلى قالىدۇ.

  • ئىلغار 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش بىز مۇئارىپچىلارنىڭ ئىللىق ئائىلىسى

  • كۆلەڭگە 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەنمۇ مۇنبەر گە تما يوللىماقچىتم  قانداق يوللاشنى بىلمىدىم

  • دىلرۇس 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    پەزىلەت- تەربىينىڭ مىۋىسىدۇر.

كۆرۈش: 1093|ئىنكاس: 22

ئەشۇ يىزىلاردىكى ئاتا-ئانىلارغا مۇراجىئەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

623

تېما

132

دوست

12 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

adminنامىنى بايقاشقا ئۆزگەرتتى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
9036 سەر
تىللا
93107 دانە
تۆھپە
5662 سەر
شۆھرەت
6145 سەر

ئاتامانمۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-3 23:33:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەشۇ يىزىلاردىكى ئاتا-ئانىلارغا مۇراجىئەت


رۇزىمۇھەممەت تۇردى ئارتۇچ


جاپاكەش دىھقان ئاتا-ئانىلار ھال-كۈنىڭلار قانداقراق كېتىۋاتىدۇ؟سىلەرنىڭ تۇرمۇشۇڭلارنىڭ قانداق بولۇشى ھەممەيلەننىڭ تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋتلىك بولغاچقا بالدۇرراق ئۆزۈڭلار كۈتكەن تۇرمۇشقا يېتىشىڭلار مېنى ھەرۋاقىت ئويلاندۇرىدۇ.ئەمما شىنجاڭنىڭ ھەممە يىزىلىرىدا ئەمەس بەلكى جەنۇبى شىنجاڭنىڭ  قىسمەن يىزىلىرىدىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ باللىرىنى مەكتەپكە ئەۋەتمەسلىكى، پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشۇغا كۆڭۈل بولمەسلىكى ھەردەم بىز ئوقۇتقۇچىلارنى ئازاپلايدۇ. پېقىر تۆۋەندىكىدەك كۈچلۈك بىر ئىلتىجا بىلەن ئەشۇ يىزىلاردىكى ئاتا-ئانىلارغا بۇ مۇراجىئەتنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.يۈرەك سۆزلىرىمنى يېقىندا بىر دىھقان ئاتا-ئانىنىڭ ئۆيىدە بولغان ئەھۋاللاردىن باشلاي:
  بىز ئوندەك ئوقۇتقۇچى مەكتەپكە كەلمىگىنىگە خېلى بولغان بىر ئوغۇل ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆيىگە ئائىلە سۆھبىتىگە باردۇق.ئۇنىڭ ئاتىسى بىزگە ئانچە خۇش چىراي ئېچىپ كەتمىدى.بىز ئۇنىڭغا بالىنىڭ ھازىرقى يېشىدا ئوقۇمىسا بولمايدىغانلىقىنى، ئائىلە قىىيىنچىلىقىنىڭ ئۇزۇنغا بارمايدىغانلىقىنى، ئەمما بىلىمسىزلىك ئېلىپ كەلگەن قىيىنچىلىقنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈردۇق.بىراق ئۇ «مېنى ئاتام ئوقۇتمىغان، ئاتامنىمۇ ئاتىسى ئوقۇتماپتىكەن، شۇڭا مەنمۇ بالامنى ئوقۇتمايمەن!» دەۋاتىدۇ.بىز يەنە بىر تالاي كاپىشىدۇق،بىراق ئۇ گەپلىرىمىزدىن ھىچ تەسىرلەنمىدى. قايسى بىر تىلىۋىزىيە ئىلانىدا «ئوقىغان ئوغۇل ئاتىدىن ئۇلۇغ» دىيىلىدۇ.سەھرادىكى دادىلار قاچانمۇ مۇنۇ يىراقىنى كۆرەر دادىدەك دىيەلەيدىغان بولار؟! دىگەنلەرنى ئويلاپ پوق يىگەندەك بولۇپ ئۆيدىن چىقىتۇق.
يىزىلاردىكى ئەشۇ قەدىردان ئاتا-ئانىلار،ھازىر قىسمەن يىزا مائارىپىمىزدا ئەڭ ھەل قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلە ئاتا-ئانىلارنىڭ باللىرىنى مەكتەپكە ئەۋەتمەسلىكى،ئوقۇغۇ چىلارنىڭ  مەكتەپكە كەلمەسلىكى بولىۋاتىدۇ.بۇنىڭغا كەڭ يىزا ئوقۇتقۇچىلىرى زور كۈچتە خىزمەت ئىشلەپ تىرىشىۋاتىدۇ.يەرلىك ھۆكىمەتلەرمۇ قانداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلارنى كۆپلەپ مەكتەپكە جەلىپ قىلغىلى بولىدىغانلىقى ئۈستىدە باش قاتۇرۇپ چارە-تەدبىر كۆرۇپ ھەل قىلىۋاتىدۇ.ئەمما دىھقان ئاتا-ئانىلارنىڭ ئاڭ سەۋىيىسى، بىلىمگە،ئوقۇتۇشقا بولغان تۇنۇشى يىتەرلىك بولمىغاچقا كىيىنكى ئۆپكىدىن ھازىرقى كاناينى ئەۋزەل كۆرۇپ باللىرىنى ئائىلە ئىشلىرىغا ،ئاسان پۇل تاپقىلى بولىدۇ دەپ ھۈنەرلەرگە بىرىۋاتىدۇ.مەنمۇ بىر يىزىدا ئىشلەيدىغان خەلق ئوقۇتقۇچىسى،مەن ھەرۋاقىت ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ كۆپلەپ بىلىم ئىلىشىنى،ئاخىرغىچە ئوقۇشىنى ئويلايمەن. مەن ئىشلەۋاتقان بۇ يەردە مۇنداق ئەھۋال مەۋجۇت:بىرى،شۇنداق ئوقۇغۇسى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە ئىقتىسادى ياخشى ئەمەس شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇيالمايدۇ.يەنە بىرى، ئائىلە ئىقتىسادى ياخشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشى ياخشى ئەمەس،بۇلارمۇ ئاقىۋەت يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقىيالمايدۇ.قانداقلا بولمىسۇن ئاخىرى ھىساپتا ئاتا-ئانىلارنىڭ دېگىنى دېگەن بولۇپ بالىنى ئوقۇ دىسە ئوقۇيدۇ بولمىسا ئوقۇمايدۇ.قەدىرلىك ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ئوقۇش ئوقۇماسلىقى سىلەرگە باغلىق بولغاچقا سىلەرگە ئىلتىجا قىلاي باللىرىڭلار ئوقۇسۇن،ئائىلە قىيىنچىلىقى پەقەت بىر مەزگىللىكلا.سىلەر تا ھازىرغىچە قىلىپ تۇگىتەلمەيۋاتقان ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىنى بالىلار تىخىمۇ تۈگىتەلمەيدۇ.ئەمما ئۇلار بىلىم ئىگەللەپ ئاندىن ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىغا ياردەملەشسە ئىشنىڭ ئۈنىمى ۋە سۈپىتى بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە ياخشى بولىدۇ.
ھازىر پارتىيە-ھۆكىمەت بارلىق مەبلەغنىڭ كۆپ قىسمىنى مائارىپقا بولۇپمۇ يىزا مائارىپىغا ئىشلىتىۋتىدۇ.بەلكىم دىھقانچىلىق ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ مەكتەپلەرگە كىلىپ باقمىغان بولىشىڭلار مۇمكىن،مەكتەپلەرنىڭ قىياپىتى ئىلگىركىدىن ئاسمان-زىمىن پەرق قىلىدۇ.رەت-رەت،ئىگىز بىنالارمۇ يىزا مەكتەپلىرىدە قەد كۆتۇرۇپ ئىلغار ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى ،مىھرىبان ئوقۇتقۇچىلار، پارتىيە-ھۆكىمەتنىڭ چەكسىز غەمخورلىقى كەڭ يىزا ئوقۇغۇچىللىرىنى ھەرۋاقىت خاتىرجەم ئوقۇش پۇرسىتىگە نائىل قىلدى.بىراق ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى بۇ ئىسىل مۇھىتتا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش قىزغىنلىقى ئەشۇ مۇھىتقا ماسلاشمايۋاتىدۇ.شۇنداق بولسىمۇ بىز ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇلارى شۇ بۇلغاندىن كىيىن دەپ ئىككىلىنىپ قالمايمىز،ھەرزامان ئۇلارنىڭ ئوقۇش ئىدىيىسىنى يۇقۇرلىتىشقا ، ئاڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۇرۇشكە تىرىشىمىز.بىرمۇ ئوقۇغۇچىنىڭ بىلىمسىز، قاراقورساق بولۇپ قىلىشىنى خالىمايمىز.چۈنكى ھازىرقى شارائىت تۇلىمۇ ئەۋزەل،ئۇلار ئەشۇ مۇھىتتا،مۇشۇنداق شارائىتتا ئوقۇۋالمىسا قاچان ئوقۇيدۇ.شۇڭا سۆيۇملۇك ئاتا-ئانىلار بالىلارنى ئوقۇتۇشتىن ھەرگىز يالتىيىپ قالماڭلار! سىلەر كىچە-كۈندۇز پەرزەنتىڭلارنىڭ گۈزەل كەلگۇسىنى، بەختىيار تۇرمۇش كەچۇرىشىنى ئويلايسىلەرغۇ؟ئۇلاردىن كۈتكەن گۈزەل ئىستىقبال دەل ئەشۇ بىلىم نۇرىنى تارقىتىدىغان مەكتەپلەردە.شۇنداق تۇرۇقلۇق نىمىشقا ئۇلارنى مەكتەپكە ئەۋەتمەيسىلەر؟«بالىمىز ئوقۇپ ئالىم بولامتى» دەيسىلەر،بىز ئالىم قىلىشقا تىرىشىمىز،ئەمما ئۆز نىنىنى ئۆزى تىپىپ يىيىەلەيدىغان ياراملىق،ھەقىقى بىر ۋىجدان ئىگىسى بولۇشمۇ ئەۋزەل ئىشقۇ.تۈزۈك ئادەم بولالماي ياشاپ كىلىۋاتقانلارمۇ كۆپقۇ؟ سىلەر بالىرىڭلارنىڭ پاك دىيانەتلىك،دۇرۇس نىيەتلىك، كۈيۇمچان،راۋۇرۇس بىر ئادەم بولىشىنى تىلەيسىلەرغۇ؟ھازىر قىسمەن ئادەملەرنىڭ ئۆزىنى ئۇنتۇپ ،يامان يولدىن قايتماي،ئاتا-ئانىلىرىنى زار-زار يىغلىتىپ جەمىيىتكە يۈك بولۇپ قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋاتىسىلەر،بۇ ئەسكىلىكلەرنىڭ كۆپ قىسمى جىقراق ئوقىمىغان،مەكتەپ يۇزى كۆرمىگەنلەردىن كىلىپ چىقىۋاتىدۇ ئەمەسمۇ؟!
مەن بىلىمەن ،سىلەر ھەرگىزمۇ ئۆز پۇشتۇڭلارنىڭ قاپ يۈرەك چوڭ بولۇپ، كۆزۇڭلاردىن نادامەت يىشى ئاقتۇرىشىنى خالىمايسىلەر.تۈۋەندە مەن سىلەرگە ئەمدىلا 7-يىللىقتا ئوقۇۋاتقان بىر ئوقۇغۇچۇم يازغان«بالىلارنى ئوقۇتۇڭلار ئادەملەر» ناملىق شېئرىنى ئوقۇپ بىرەي:

بالىلارنى ئوقۇتۇڭلار ئادەملەر،
يۈرىكىنى تۈتۈن قاپلاپ كەتمىسۇن.       
ئۇلارنىڭمۇ ئىچىلىشقا ھەققى بار،
غۇنچە تۇرۇپ دىلى ئازاپ چەكمىسۇن.

بالىلارنى ئوقۇتۇڭلار ئادەملەر،
يۇرۇپ كەتسۇن قەبرە تامام نادانلىق.
ئاقىل ئۇۋا سالغان ئەزىز ماكانغا ،
قانات سۆرەپ كىللەلمەيدۇ زاۋانلىق.

بالىلارنى ئوقۇتۇڭلار ئادەملەر،
غۇرۇر،ۋاپا،ۋىجدان بىلەن ياشىسۇن.
ئۇلارمۇ بىر ئوت چاقنىتىپ ئەقلىدىن،
كۆزۇڭلارنى ئىپتىخاردا ياشلىسۇن.

   قەدىرلىك ئاتا-ئانىلار بىشڭلارنى قاتۇرىۋاتقان، بالىلارنى مەكتەپكە ئەۋەتمەسلىككە سەۋەپ بولىۋاتقان ئېتىز-ئېرىق ئىشى باللىرىڭلارنى ئوقۇتقاندىن كىيىن تىخىمۇ ئاسانلىشىدۇ،قولايلىشىدۇ.ئەگەر بالىلار ئوقۇمىسا ئۇلاردا نە غورور،نە ۋىجدان،نە كۆيۇم يىتلمەي سىلەرنى بىقىش ئۇياقتا تۇرسۇن ئۆزىنىمۇ قوغداپ قالالمايدۇ.سىز ئوقۇتسىڭىز،قوشنىڭىز ئوقۇتسا،تۇققانلىرىڭىز ئوقۇتسا ئۇ چاغدا يىزىمىزدا ئىقساسلىقىلار كۆپىيىپ يىزىمىزنىڭ تەرەققىياتمۇ ئالغا سىلجىيدۇ.ھەممىمىزگە جاپا تۇيۇلغان ئىشلار ئاسانلىشىدۇ.ئۇنداق بولمىسا نىمىشقا ھۆكمەت شۇنچە كۆپ پۇللارنى بالىلارنى ئوقۇتۇشقا ،ياخشى تەربىيلەشكە سەرپ قىلىدۇ؟! قەدىرلىك ئاتا-ئانىلار بىشڭلارنى سلكىۋىتىڭلار،پەرزەنتىڭلارنىڭ ئىستىقبالى بىلەن ئويناشماڭلار ،گەرچە بالىلار سىلەرنىڭ بولسىمۇ ئۇ يەنىلا جەمىئيەتكە تايىنىپ ياشايدۇ.ئوقۇتقۇچىلارنىڭ،پارتىيە- ھۆكىمەتنىڭ،پۇتكۈل جەمىئيەتنىڭ بالىلارنى ئوقۇتۇشقا قانچىلىك كۈچەۋاتقانلىقىنىمۇ ئويلاپ قۇيۇڭلار.بالىلارنى ئوقۇتۇش سىلەر ئاتا-ئانىلارنىڭ ،بىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ،كەڭ جەمىئيەتنىڭ ۋىجدانى بۇرچى.شۇڭا بالىلار ئوقۇپ قالسۇن ، ئوبدان ئوقۇپ سىلەردىن كىيىن قالسىمۇ تىنەپ-تەمتىرىمەي ئۆزىنىڭ گۈزەل بەختىنى تاپالايدىغان بولسۇن!!
(ئاپتۇر يۇپۇرغا ناھيىە 3- ئوتتۇرا مەكتەپتە)

ماتىرىيال يوللىغاندا بايقاش تامغىسىنى بېسىشقا، بەيدۇ تور دېسكىسىغا يوللاشقا ئەھمىيەت بىرەيلى!
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

561

تېما

27

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6926 سەر
تىللا
2801 دانە
تۆھپە
7628 سەر
شۆھرەت
5541 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-4 00:01:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زەپەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-4 00:03  

بەك ياخشى تىما يوللاپسىز  مۇراجەتنامىنى تەپسىلى ئۇقۇپ چىقتىم . راستىنلا يېزا مەكتەپلىرىدە  بەزى كۆپ قىسىم ئاتا- ئانىلار پەرزەنتىنى مەكتەپكە چىققىلى قويماسلىق چىققىلى قويسىمۇ كۈن ئۆتكۈزۈپ مەكتەپ پۈتتۈرۈشنىڭ كۇيىدا بۇلۇپ ئۆز بالىسنىڭ ئۇقۇشىنى توختىتىش   كۇيىدا بۇلىۋاتىدۇ.  ئۇلار نىمىشقا پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ  شۇ دىھقان پەرزەنتىگە سالغان مەپلىخىنى بىلمەيدىغاندۇ. ھازىر مەكتەپلىرىمىزگە يۇقىردىن  ئۇقۇشتىن ئاۋالقى قوش تىل يەسلى سىنىپ بىر ئۇقۇغۇچى ئۈچۈن  بىر كۈنلۈك تاماق راسخۇتى 4.5 يۈەندىن ، ئاساسى مائارىپتىكى بىر ئۇقۇغۇچىنىڭ  ھەر بىر ئۇقۇغۇچىغا بىر ۋاخ تاماق بىرىپ خاتىرجەم ئۇقۇشى ئۈچۈن 3 يۈەندىن پۇل بىرۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا يەنىلا پەرزەنتىنى مەكتەپكە بەرمەسلىك . ، بەرگەن تەقدىردىمۇ ھەرخىل سەۋەپلەرنى كۆرسىتىپ بالىسنى ئاجىرتىش . ياكى يۇقاپ كەتتى دەپ ئۇقۇتقۇچىغا بۆھتام چاپلاپ  بالامنى مۇئەللىم ئۇرۇپتۇ . دىگەندەك خاتا پىتنە ئىغۋالارنى تارقىتىپ بالىسىغا ھە رخىل تىلىۋىزور ئارقىلىق ئىلان بىرىش . گىزىتتە ئىلان بىرىشتەك ئەھۋاللار ئارقىلىق بالىسنى ئاجىرتىش كۈيىدا بۇلىۋاتىدۇ . بۇنداق ئەھۋاللار ئىنتايىن ئېغىر . شۇ ڭا كەڭ ئاتا - ئانىلارنىڭ  پەرزەنتىنى مەكتەپكە تۇلۇق بىرىپ پەرزەنتىنىڭ بىلم ئېلىپ جەمىيەتكە ياراملىق بۇلۇپ چىقىشى ئۈچۈن مەدەت بىرشىنى ئۈمۈد قىلىمەن
بايقاش مۇنبىرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز  بىرلىكتە تىرشايلى

623

تېما

132

دوست

12 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

adminنامىنى بايقاشقا ئۆزگەرتتى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
9036 سەر
تىللا
93107 دانە
تۆھپە
5662 سەر
شۆھرەت
6145 سەر

ئاتامانمۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-4 00:16:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئويلايمەن بۇ بارلىق يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كۆڭلىدىكى گەپلەر. مەنمۇ ھەر قېتىم بەزى ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى مەكتەپكە بەرمەيۋاتقانلىقىنى كۆرسەم ۋە ئاڭلىسام مىللەتنىڭ كەلگۈسى بولغان شۇ بالىلاردىن خەلقىمىزنىڭ تەقدىرىدىن ئەنسىرەشتەك بىر خىل تۇيغۇ مىنى بىئارام قىلىدۇ. توغرا بالىلىرىمىز ئوقۇشى كېرەك. ئۇلار ھەرگىزمۇ مەڭگۈ باش كۆتۈرمەي كەتمەن چېپىشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان جاپاكەشلەردىن بولۇپ قالمىسۇن! ھەي دېھقانلار سىلەرنىڭ پەرزەنتىڭلارمۇ راھەت كۆرۈشكە، بىلىم ئىگەللەپ بېشىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ ياشاشقا ھەقلىق.
ماتىرىيال يوللىغاندا بايقاش تامغىسىنى بېسىشقا، بەيدۇ تور دېسكىسىغا يوللاشقا ئەھمىيەت بىرەيلى!

246

تېما

44

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
2496 سەر
تىللا
939 دانە
تۆھپە
2911 سەر
شۆھرەت
2157 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىجەۋھەر ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-4 00:27:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كونىلاردا:‹‹كۆپ ياشىغان نېمىنى بىلەر،كۆپ ئوقۇغان ھەممىنى››دېگەن ھىكمەتلىك سۆز بار،بۇ تېمىنى باشتىن-ئاخىر ئوقۇپ تولىمۇ سۆيۈندۈم ۋە ئاشۇ جاپاكەش،مېھرىبان ئۇستازلانىڭ مېھنەتسىز ئەجرىلىرىدىن مەمنۇن بولدۇم،ئەي،ئاتا-ئانىلار ئۆز پەرزەنتىڭلارنىڭ بىلمىگە بولغان تەشنالىقىنى ھەرگىزمۇ چۈشەپ قويماڭلار!
ئۇلار قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەت مائارىپىدىن بەھر ئېلىشقا تامامەن ھوقۇقلۇق!!!
مەرھابا قۇتلۇق كۈنۈڭگە---‹‹بايقاش››!!!

133

تېما

20

دوست

2892

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
653 سەر
تىللا
148 دانە
تۆھپە
565 سەر
شۆھرەت
549 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش مەلىكىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-4 00:34:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھۋال ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق ئەمما مىنىڭچە بۇنى پۈتۈنلەي ئاتا-ئانىلاردىن كۆرۈپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ. بىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ ئەسئۇلىيىتىمىز بار. ئەگەر بىز بىر ئىككى قېتىم مۇشۇنداق ئەھۋالغا يۇلۇقساقلا بوشۇشۇپ بەل قويىۋەتمەي. ئارتۇچ ئەپەندىم ئېيىتقان ئالتۇندەك گەپلەرنى ھەر بىر ئاتا-ئانىغا ئۈزۈلدۈرمەي تەشۋىق قىلالىساق، ئاتا-ئانىلار يىغىنلىرىنى بىلىم ئىگەللەشنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈرىدىغان مۇنبەرگە ئايلاندۇرالىساق، ئاتا-ئانىلار قوبۇل قىلالايدىغان ئۇسۇلدا ئۇلارنىڭ قەلبىگە سىڭىپ كىرەلىسەك، بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشمۇ ئۇنچىۋىلا تەس ئەمەس دەپ قارايمەن.
بايقاش بارغانسىرى قىزىپ كەتتى...جۇمۇ!

441

تېما

71

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
5906 سەر
تىللا
3171 دانە
تۆھپە
9078 سەر
شۆھرەت
4233 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-4 00:43:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
..... بالىلىرىمىز ئوقۇشى كېرەك. ئۇلار ھەرگىزمۇ مەڭگۈ باش كۆتۈرمەي كەتمەن چېپىشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان جاپاكەشلەردىن بولۇپ قالمىسۇن!......

توغرا دەيسىز، ھازىرقى دەۋىر بىلىم ئىگىلىكى دەۋرى، ئىختىساس ئىگىلىرى دەۋرى. بالىلىرىمىز ئوقۇشى، بىلىم ئېلىشى، ھېچ بولمىغاندا دەۋىر تەرەققىياتىغا ماسلىشىپ، مۇستەقىل ياشاش، مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلەش ئىختىدارىنى ھازىرلىشى كېرەك. 80-ۋە 90-يىللارغا قارىغاندا ھازىر خەلقىمىزنىڭ مائارىپ ئىدىيەسى، مائارىپ قارىشى كۈنسېرى يېڭىلىنىپ بېرىۋاتىدۇ. ئۇ چاغلاردا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېرىم ئۆمرى ئوقۇغۇچىلارنى ئېتىزلىقتىن ھەيدەپ ئەكىلىش، بالىلار سەۋەپلىك ئاتا-ئانىلار بىلەن زىددىيەتلىشىش، ئوقۇغۇچى تۇراقلاشتۇرۇش نىسپىتى ئۆلچەمگە يەتمەي، جەرىمانە تۆلەش.... قاتارلىق زىددىيەتلەر ئىچىدە ئۆتكەن.... شۇنداق زىددىيەتلىك خىزمەت سەۋەبىدىن نۇرغۇنلىغان مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ۋاقىتسىز قېرىپ كەتكەن، نۇرغۇنلىغان ئىختىدارلىق ئوقۇتقۇچىلىرىمىز مائارىپچىلار قوشۇنىدىن ئايرىلغان ئىدى.
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

120

تېما

3

دوست

2593

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
594 سەر
تىللا
309 دانە
تۆھپە
410 سەر
شۆھرەت
476 سەر

بايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-4 03:28:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرزەنتلىرىمىزنىڭ بىلىم ئىگەللەپ، «كەكىنىڭ دەستىسى» بولماي، ۋىجدانلىق ئادەملەردىن بۇلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

213

تېما

25

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3674 سەر
تىللا
922 دانە
تۆھپە
8476 سەر
شۆھرەت
3502 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-4 17:38:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىمىنى  كۈرۈپ  ئاپتۇرنىڭ ھازىرقى  يېزىلىرىمىزدىكى  بىر قىسىم ئاتا - ئانىلار  بىلەن مەكتەپ  تەلىم  تەربىيىسى  ئوتتۇرىسىدىكى  زىددىيەتنى يەنە  بىر قېتىم  چۈشۈنۈپ  يەتتىم،ھەمدە  ئادمېن ئەپەندىگە ئوخشاش مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى جۈملىدىن   پەرزەنتلىرىمىزنىڭ كەلگۈسى  ئىستىقبالىدىن  چۈچۈدۈم.
70-يىللاردا  كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى  ئىنتايىن ناچار، جەمىيەت  تەرەققىياتى  «ئىپتىدائى» ھالەتتە  تۇرغان مەزگىللەردە  ، دىھقانلار  پەقەت  بالىلىرىنى  « ئايلىق نورما»  ئۈچۈن ئوقۇتاتتى،   بۇ ۋاقىتلار  مەدىنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ تازا ئەچجىگە چىققان مەزگىل بولغاچقا  مەكتەپلەر  يرىم كۈن  ئوقۇغۇچىلارنى سىياسى جەھەتتىن  تەربىيىلەش  بىلەن  « ئۈزۈندە» يادلاتقۇزسا، يېرىم كۈن ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىگى » بىلەن  چېنىقتۇراتتى،80 -90-يىللارغا  كەلگەندە،  مەكتەپلەر  يېڭى باشتىن جانلىنىپ  ئوقۇ - ئوقۇتۇش خىزمىتى ھەقىقى يۈكسەلگەن ئالتۇن دەۋېرگە ئايلاندى.   ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكى  تەڭشىلىپ،   ئاساسى مەقسەتنى  تەلىم- تەربىيە ، ئوقۇ- ئوقۇتۇشقا  قارىتىلدى،   بۇ  ۋاقىتلاردا  دىھقانلارنىڭ  چۈمىچى  بىر قەدەر  مايلىشىپ  قالغاچقا  ، ئىدىيىسىدە  يۈكسىلىش  بولۇپ، پەرزەنتلىرىنىڭ  كېيىنكى  تەقدىرى ئۈستىدە  ئاز- تۇلا  باش قاتۇرالايدىغان دەرىجىگە  يەتتى،   بولۇپمۇ  مەكتەپلەرنىڭ ئەخلاقى تەربىيە ئۈنىمى  ھەقىقى  يۈكسۈلۈپ  ئوقۇتقۇچى -ئوقۇتقۇچىدەك،  ئوقۇغۇچى  - ئوقۇغۇچىدەك  بولۇش ھەقىقى  ئەمىلىلەشتى، ئوقۇتقۇچىلار ئكز ئوقۇغۇچىلىرى ئالدىدىدا  تاماكا  چېكىش  ئۇياقتا تۇرسۇن  ،  چاي ئىچىشكىمۇ  رايى بارمايتتى،  ئوقۇغۇچىلار  بولسا  ئوقۇتقۇچىلا بار   يەردىن  ئەگىلىپ  ماڭاتتى  ياكى  توختاپ  تۇرۇپ ئوقۇتقۇچى  مېڭىپ  بولغاندا  ئاندىن ماڭاتتى، ..........................   بۇنداق  مىساللارنى  ئالسام   ئىنتايىن  كۆپ ، 2000-  يىللاردىن  كېيىن  بولسا ..............  دىسەك  گەپ  جىق....... ئوقۇتقۇچىلار    پىداگۇك،  پىسخىلۇگىيە  نىڭ  نىمە ئىكەنلىكىنى  ئۇنتۇپ  قالغاندەكلا،   ئۆز ئوقۇغۇچىلىرى  ئالدىدا  ئىناۋىتى يوق،   بەزى ۋاقىتلاردا  توپلىشىپ ماڭغان ئوقۇغۇچىلارغا   شۇ  مۇئەللىم  يول  بېرىدۇ...............
ئەي  سۈيۈملۈك  تورداشلىرىم   دىھقاندىن ئاغرىنمايلى ،   شۇلار  ئۆز  پەرزەنتلىرىنىڭ كېيىنكى  ئىستىقبالىنى  ئويلىماي  قالماسما،      بىز  ئوقۇتقۇچىلار  شۇ  دىھقانلارنىڭ  ۈمىدىنى  قانچىلىك  ئاقلىيالىدۇق؟    بالىلارغا   ئادەم  بولۇشنى   ،  كەلگۈسىنى،  يۇرۇتۇپ بېرەلىدىكمۇ؟   
قايسى  بىر  ئەدىپ « ئوقۇتقۇچىنىڭ  قانداق  بولىشى   ، شۇ  مىللەتنڭ  كەلگۈسىگە  مۇناسىۋەتلىك»  دىگەن  سۆزنى  قالدۇرغان.  بۇ  بىر جۈملە  سۆز    بىز  ئۈچۈن  ھەر  ۋاقىت   كۆز ئالدىمىزدىن يىراق  كەتمەسلىكى  كېرەك.
دىھقانلىرىمىز   بىز  ئوقۇتقۇچىلانى  شاللىۋەتمىسۇن،   ئۇلار  بىزگە،  بىزنىڭ  تەربىيىمىزگە  ئىشەنگەندىلا  بالىلىرىنى  قۇلاقتىن تۇتۇپ  بىزگە ئەكىلىپ بېرىدۇ.   
مۇنبەر  ئەھلىگە  سالام!

287

تېما

101

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6638 سەر
تىللا
1700 دانە
تۆھپە
10700 سەر
شۆھرەت
5663 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-4 20:03:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىى ئوقۇپ ئۆزەمنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپكە ئېلىپ كېلىش يولىدا تارتقان جاپالىرىم كۆز ئالدىمغا كېلىشكە باشلىدى . بۇ ئەھۋال بىزنىڭ يېزىدىمۇ بار بولۇپ بىر قىسىم ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنى مەكتەپكە بەرمەيۋاىتدۇ  . ھۆكۈمەت 9 يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى قىسمىنى ھەقسىز قىلىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاتىرجەم ئوقۇشىغا ئاساس سېلىپ بەرگە ن بولسىمۇ، ئەمما  ئاز ساندىكى بىر قىسىم ئاتا - ئانىلار نىمىنى ئويلايدىكىن  پەرزەنتلىرىنى مەكتەپكە بەرمەيۋاتىدۇ .  ئاشۇ يوقۇرنىڭ مەكتەپكە كەلمەيۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىتاستىكا جەدۋىلىنى سورىغان ھامان باشلىرىمدىن تۇتۇن چىقىپ كېتىدۇ . ئۇلارغا ئەمىلى ئەھۋالنى مەلۈم قىلسىڭىز تەنقىدنى بولىشىغا ئاڭلىغان ، ئاتا - ئانىلارنىڭ ئالدىغا بارسىڭىز بىر قىسىم ئاتا - ئانىلارنىڭ « بالىنى ئۆزەم تۇققان . ئوقۇتامدىم ، ئوقۇتمامدىم ئۆزەمنىڭ ئىشى » دىيىشلىرى ئوغامنى ئورلىتىپ قويىدۇ .
مەنمۇ ئويلاپ كېتىمەن، قانداق قىلغاندا  ئاتا - ئانىلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ ؟ ھېچ چارىسىنى تاپالمىدىم .

باھا سۆز

مەرىپەت ئۇ يەردە ئەھۋال ئېغىرمۇ نىمە؟  يوللىغان ۋاقتى 2013-4-5 22:55
ئادەم ئەتكەنگە تەزىم ئەت .

2

تېما

27

دوست

1804

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
305 سەر
تىللا
209 دانە
تۆھپە
333 سەر
شۆھرەت
357 سەر

مائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-5 00:01:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىى ئوقۇپ ئۆزەمنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپكە ئېلىپ كېلىش يولىدا تارتقان جاپالىرىم كۆز ئالدىمغا كېلىشكە باشلىدى . بۇ ئەھۋال بىزنىڭ يېزىدىمۇ بار بولۇپ بىر قىسىم ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنى مەكتەپكە بەرمەيۋاىتدۇ  . ھۆكۈمەت 9 يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى قىسمىنى ھەقسىز قىلىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاتىرجەم ئوقۇشىغا ئاساس سېلىپ بەرگە ن بولسىمۇ، ئەمما  ئاز ساندىكى بىر قىسىم ئاتا - ئانىلار نىمىنى ئويلايدىكىن  پەرزەنتلىرىنى مەكتەپكە بەرمەيۋاتىدۇ .  ئاشۇ يوقۇرنىڭ مەكتەپكە كەلمەيۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىتاستىكا جەدۋىلىنى سورىغان ھامان باشلىرىمدىن تۇتۇن چىقىپ كېتىدۇ . ئۇلارغا ئەمىلى ئەھۋالنى مەلۈم قىلسىڭىز تەنقىدنى بولىشىغا ئاڭلىغان ، ئاتا - ئانىلارنىڭ ئالدىغا بارسىڭىز بىر قىسىم ئاتا - ئانىلارنىڭ « بالىنى ئۆزەم تۇققان . ئوقۇتامدىم ، ئوقۇتمامدىم ئۆزەمنىڭ ئىشى » دىيىشلىرى ئوغامنى ئورلىتىپ قويىدۇ .
مەنمۇ ئويلاپ كېتىمەن، قانداق قىلغاندا  ئاتا - ئانىلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ ؟ ھېچ چارىسىنى تاپالمىدىم

باھا سۆز

گۈلزار باشقىلارنىڭ ئىنكاسى سىزنىڭ ئىدىيىڭىزگە ۋەكىلللىك قىلالامدۇ ؟  يوللىغان ۋاقتى 2013-4-6 17:18
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-8-1 14:09, Processed in 0.632321 second(s), 44 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش