مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2062 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • خانىدان تۈنۈگۈن 14:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • دىلكەش ئۈلۈشكۈن 09:24 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا موبارەك بولسۇن~

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشى بولماق مىڭ يىلچىلىك،يامان بولماق بىر دھمچىلىك.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مقۋىلىك دەرەخنىڭ بېشى تۆۋەن،بىلىملىك ئادەمنىڭ يۇزى تۆۋەن.

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • نۇردۇن تۈنۈگۈن 11:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام،دوسلار بايرىمىڭىلارگە بۇبارەك بولسۇن!بايراملىق تىللا سوۋغا قىلمامسىلە؟

  • پۇرخۇن تۈنۈگۈن 00:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    نېمە قىلىۋاتىسىز؟ دوستلىرىڭىز بېلەن ئورتاقلىشىڭ ...جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

  • زەپەر 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىشچاندىن تەر چىقىدۇ،ھورۇنندىن ئۇھ چىقىدۇ.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    دىلىڭدا نېمە بولسا تىلىڭدا شۇ.

كۆرۈش: 195|ئىنكاس: 0

قوش تىل ۋە ئانا تىل

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

5

دوست

426

جۇغلانما

ئەتتىرگۈل ئەزا

Rank: 3Rank: 3

قىزغىنلىق
90 سەر
تىللا
26 دانە
تۆھپە
85 سەر
شۆھرەت
113 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 23:36:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر دۇنيادا بىرنەچچە مىڭ خىل تىل بار. بۇ تىللارنىڭ ھەممىسى ئۆزىنى ئىشلىتىدىغانلار ئۈچۈن ئانا تىل ھېسابلىنىدۇ. تەتقىقات نەتىجىسىدىن قارىغاندا، بىر تىلنىڭ گىرامماتىكىلىق قۇرۇلۇشقا ئىگە مۇكەممەل تىل بولۇپ شەكىللىنىشى ئۈچۈن ئىككى-ئۈچ مىڭ يىل ۋاقىت كېتىدىكەن. شۇڭا، بۇ تىللارنىڭ چوڭ-كىچىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەممىسى نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە. بىر مىللەتنىڭ ئەقىل-پاراسىتى، مەدەنىيەت-سەنئىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرى، سەرگۈزەشتلىرى ئۇنىڭ تىلىغا سىڭگەن بولىدۇ. تىل يېزىق ئارقىلىق خاتىرىلىنىدۇ. تىللار ئىنسانىيەتنىڭ كۆپ مەنبەلىك تىل سىستېمىسى ئېكولوگىيەسىنى شەكىللەندۈرىدۇ، شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن، جانلىقلار كۆپخىللىقىنىڭ تەبىئەت ئېكولوگىيەسىگە پايدىلىق بولغىنىغا ئوخشاش تىل تۈرلىرىنىڭ كۆپ خىل بولۇشىمۇ ئىنسانىيەت تىل-مەدەنىيەت ئېكولوگىيەسىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولىدۇ. شۇڭا، ھازىر تىل تەتقىقاتچىلىرى تىل ئېكولوگىيەسىنى خۇددى تەبىئەت ئېكولوگىيەسىنى قوغدىغانغا ئوخشاش زور كۈچ بىلەن قوغداش لازىم، دەپ قارايدۇ.
1999-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى ھەر يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنىنى «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» قىلىپ بەلگىلىگەن.
20-ئەسىرنىڭ ئاخىرىلىرىدىن باشلاپ ئىنسانلار بىلىم ئىگىلىكى ئاساس قىلىنغان ئۇچۇر دەۋرىگە قەدەم قويدى. بۇنىڭ بىلەن ھەر قانداق بىر ئانا تىل شەخسنىڭ ئالاقىلىشىش ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدىغان بولۇپ قالدى. بۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئىككىنچى بىر تىلنى ئۆگىنىشكە مەجبۇر بولدى. ئېلىمىز ۋە خەلقئارادا «قوش تىل» مائارىپى مەيدانغا كەلدى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ ھەر خىل قاراشلارمۇ ئوتتۇرىغا چىقتى. مەسىلەن: يېقىندا ياپونىيەلىك تىلشۇناس يانگېن جۇلاڭ: «مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىش ۋە خارابلىشىش قائىدىسى» دېگەن ماقالىسىدە ئانا تىلنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا ئالاھىدە توختالغان. ئېلىمىزدىكى تىلشۇناسلار «ئانا تىل بىر مىللەتنىڭ تەپەككۇر خاتىرىسى ۋە مەدەنىيەت ئىزناسى، مىللەت روھىنى تەشكىل قىلىدىغان ئاساسلىق ئامىل. ئانا تىلنىڭ راۋاجلىنىشى مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇڭا، ھەر قانداق مىللەت ئۆزىنىڭ تىلىنى قىزغىن سۆيىدۇ، تىلنىڭ ساپلىقى، ساغلاملىقىنى قوغدايدۇ ھەم تىلنىڭ دەخلى - تەرۇزگە ئۇچرىشىغا يول قويمايدۇ» دەپ قارايدۇ.
ھازىر دۇنيادا ئىنسانلار قوللىنىۋاتقان تىللار نۇرغۇن بولسىمۇ، لېكىن قوللىنىش دائىرىسىگە قاراپ خەنزۇ تىلى، ئىنگلىز تىلى، رۇس تىلى، ئىسپان تىلى قاتارلىق 13 خىل تىل دۇنيا بويىچە ئاساسلىق تىل، دەپ قارىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە خەنزۇ تىلى، ئىنگلىز تىلى، رۇس تىلى قاتارلىق ئالتە خىل تىل ب د ت نىڭ خىزمەت تىلى سۈپىتىدە قوللىنىلىدۇ. شۇڭا، بۇ ئاساسلىق تىللار دۆلەتلەر ئارا ئىقتىساد، پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدۇ.
تەتقىقات نەتىجىلىرىگە قارىغاندا، ئانا تىل ۋە بىرەر چوڭ تىلنى ئۆگىنىش ئىجتىمائىي ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇشقا پايدىلىق بولۇش بىلەن بىللە، ئادەم بەدىنىدىكى يوشۇرۇن ئىقتىدارنى جارى قىلدۇرۇشقا، شەخسلەرنىڭ، جۈملىدىن مىللەتنىڭ پىسخىك ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق بولىدىكەن.
ئانا تىلنى ئۆگىنىش بىلەن ئىككىنچى تىلنى ئۆگىنىش بىر-بىرىگە قارىمۇ قارشى ئەمەس. بەش بارماقنى بىراقلا ئېغىزغا سالغىلى بولمىغىنىدەك بىر نەچچە تىلنى بىراقلا ئۆگەنگىلىمۇ بولمايدۇ. شۇڭا، ئالدى بىلەن، ئانا تىلنى پىششىق ئۆگىنىش ھەم شۇ ئاساستا ئىككىنچى تىلنى ئۆگىنىشنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. ھازىر تەتقىقاتچىلار «تىل پىكىر قىلىش قورالى بولغانلىقتىن، ئانا تىل ئاساسى پۇختا بولغاندىلا ئېنىق ۋە كۈچلۈك پىكىر قىلغىلى، ئىككىنچى تىلنى ئاسانراق ئۆگەنگىلى بولىدۇ. شۇڭا، ئىككىنچى تىلنى ئوبدان ئۆگىنىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن، ئانا تىلنى ياخشى ئۆگىنىش لازىم» دەپ قارىماقتا.
بالىلىق مەزگىل تىل ئۆگىنىشنىڭ ئالتۇن دەۋرى بولۇپ، بۇ چاغدا بالىلار ئانا تىلنى تېز ئۆگىنىدۇ. چۈنكى ئۇلار تىلنىڭ كېلىش-كەلمەسلىكى، توغرا ئىشلىتىلگەن-ئىشلىتىلمىگەنلىكى، سۆزنىڭ گىرامماتىكىلىق قۇرۇلمىسى، ئىبارىلەرنىڭ مەزمۇنى بىلەن كارى بولمايدۇ، باشقىلارنىڭ مەسخىرە قىلىشىدىنمۇ ئەنسىرىمەيدۇ. خەنزۇ تىلى ئېلىمىزدىكى ئورتاق تىل بولۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئارا ئىدىيە، ھېسسىيات ئالماشتۇرۇش، بىرلىكتە تەرەققىي قىلىش، ئۆز ئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلىش، مىللىي ئىناقلىق، ئىتتىپاقلىق، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇڭا، ئۇنى تىرىشىپ ئۆگىنىش لازىم.
ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا ئانا تىل ۋە ئىككىنچى تىلنى ئۆگىنىش ھەر بىر شەخسنىڭ خىزمەت، ئۆگىنىش، ئالاقىلىشىشىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. تىل ئۆگىنىش ھەر بىر شەخسنىڭ ئىقتىدارى، ساپاسىنى ئۆستۈرۈشتىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
مەنبە:جۇڭگو تور تېلېۋىزىيىسى ئۇيغۇرچە تورى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 00:49, Processed in 0.180298 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش