قانداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىزدىنپ ئۆگىنىش روھىنى يىتىلدۇرگىلى بولىدۇ؟
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىزدىنىپ ئۈگىنىش روھىنى يېتىلدۈرۈش_ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ياراملىق كىشىلەرنى تەربىيەلەپ چىقىشنىڭ ئاساسى. بۇنىڭ ئۈچۈن: 1 .ئوقۇتۇش جەريانىنى ياخشى پىلانلاش ۋە ئۆزگەرتىش ، ئوقۇتۇشنى ياخشى تەشكىللەش كېرەك . دەرسخانىدا قاتماللىق قىلماي ، ئوقۇتۇش ئەمىلىيىتىدە كونكىرىت ئەھۋالغا ئاساسەن ، ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى تەڭشىيەلىشىڭىز ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىھتىياجىنى بايقاپ ، ئوقۇتۇش جەريانىنى ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرتىپ تۇرۇش كېرەك . ئوقۇتۇش لاھىيىسىنى بىز تۈزگەن بىلەن ، ئۇ ئۆزگەرمەيدىغان نەرسە ئەمەس ، ئۇنى ئوقۇتۇش جەريانىدا ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەشكە ، ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ . 2 .ئوقۇغۇچىلارغا مۇۋاپىقىيەت تۇيغۇسى ۋە خوشاللىق بەخىش ئېتىش كېرەك . ئوقۇغۇچىلارنى ئىزچىل ئۆگىنىشكە زورلاۋەرگەن بىلەن ، جاپالىق ئۆگىنىش مۇھىتى ئوقۇغۇچىلاردا ئاسانلا ئۇڭۇشسىزلىق تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ . شوڭا دەرسخانا مۇھىتى خوشاللىق كەيپىياتىغا چۈكىشى ، ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ھەربىر كىچىك ئىش ھەركىتىنى كۈزىتىپ ، ھەر بىر كىچىك ھالقىلاردا ئوقۇغۇچىلارنى تەغدىرلەش، ھەر بىر كىچىك مۇۋاپىقىيىتىنى مۇئەييەنلەشتۇرۇش ، ئوقۇغۇچىغا ئۇزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ، رۇلىنى بىلدۇرۇش كېرەك . ئوقۇغۇچى بىر ئىشنى ياخشى قىلسا ، تەغدىرلەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ، بىر ئادەتتىكى سۇئالغا توغرا جاۋاپ بەرسە تەغدىرلەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ، توغرا جاۋاپ بېرەلمىگەن تەغدىردىمۇ سەخسىيىتىگە تېگىدىغان گەپ قىلماستىن ، رىغبەتلەندۇرۇڭ . بالىلار بىزنىڭ ماختىشىمىزغا مۇھتاج . خوشاللىق ۋە مۇۋاپىقىيەت تۇيغۇسى ئوقۇغۇچىڭىزنىڭ ئىزدىنىشىگە ، ئىلگىرلىشىگە تۇركە بولىدىغان ئىچكى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ . 3 .ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاش كېرەك .ئوقۇتۇش جەريانى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش جەريانى ، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا ئېنىق بولمىغان ھادىسە ياكى بىلىملەرگە قارىتا نۇرغۇن « نىمە ئۈچۈن» لەرنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ « گۈمانلىق مەسىلىلەر « نىمە ئۈچۈن » لەر ئۈستىدە ئىزدىنىشكە يېتەكلەپ ، ئېنىق جاۋاپقا ئىرىشىشىكە يېتەكلەش كېرەك ، بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسىلىلەرگە يۇلۇققاندا ئىزدىنىپ ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتەرگىلى بولىدۇ . 4 . ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسىلىلەردىن گومانلىنىش قابىلىيىتىنى يىتىلدۇرۇش كېرەك .ئوقۇتقۇچى دەرسخانا ئوقۇتۇشى جەريانىدا «گۇمانلىق مەسىلە » ، « ئېنىق جاۋابى بولمىغان مەسىلە » ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلاردا گومان پەيدا قىلىپ ، تىما بەلگىلەپ ، تەكشۇرۇشكە ، ماتىرىيال توپلاشقا تەشكىللەپ ، مەخسۇس مۇزاكىرىگە ئۇيۇشتۇرۇش ، ئاخىرىدا ئوقۇتقۇچى خۇلاسىلەشتەك ئۇسۇللار ئارقىلىق ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇرنىڭ جانلىقلىقىنى ، مۇستەقىل قول سېلىپ ئىشلەش ئادىتىنى ، ئىزدىنىش روھىنى يىتىلدۇرگىلى بولىدۇ . 5. ئوقۇغۇچىلارغا ئۆگەنگەن بىلىملەرنى ئىشلىتىش پۇرسىتى بىرىش كېرەك . ئوقۇتقۇچى دەرسلىكنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ياخشى ئېگەللەپ ، ئوقۇغۇچىلارنى ئۆگەنگەن بىلىملەر ئاساسىدا قول سېلىپ ئىشلەشكە ، كۈزۈتىشكە ، تەپەككۇرغا يېتەكلىەش ئارقىلىق ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاپ ، ئۇلارنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگىنىش ، تەدبىقلاش ، خۇلاسىلاش ، ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى يىتىلدۇرۇش كېرەك . بىز بۇ ىوقتىغا سەل قارىغانلىقىمىز ئۇچۇن ئوقۇغۇچىلىرىمىز تىكتۆتبۇلۇڭ ، ئۈچبۇلۇڭلارنى دوسكىغا سىزىپ ، يۈزىنى ھىساپلاڭ دىسەك ، ھىساپلىيالايدۇ ، بىراق مەكتەپنىڭ مەيدانىنى ھىساپلاڭ دىسەك ھىساپلىيالمايدۇ... مىنىڭچە تىكتۆت بۇلۇڭ دەرسىنى بىرسائەت سىنىپتا ئۆتكەندىن كىيىن ، يەنە بىر سائەتىنى سىرتتا مەشىق دەرسى قىلىپ ئۈتۈشكە بولىدۇ . 6 .ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇشۇرۇن قابىلىيىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىش كېرەك .ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگىنىش نەتىنجىسىگىلا قارىماي ، ئىجتىمائى ئالاقە قابىلىيىتى ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ، ئىجتىمائى پائالىيەتكە قاتنىشىش قابىلىيىتى ... قاتارلىقلارغا تەڭ ئىتىبار بىرىپ ، ئۆزىنىڭ يۇشۇرۇن قابىلىيىتىنى جارى قىلىدۇرۇپ ، ئۈزىنى نامايەن قىلىش پۇرسىتى بىرىش كېرەك ، پۇرسەتنى قانچە كۆپ يارىتىپ بەرسىڭىز ، ئوقۇغۇچى ئۈزىنىڭ تېخىمۇ مۇھىملىقىنى تۇنۇپ يېتىدۇ ، ئىشەنچىسى ئاشىدۇ ، ئاكتىپچانلىقى ئېشىپ ، ئۆزلىكىدىن ھەركەتكە كېلىدۇ . 7. « ئەلاچى ئوقۇغۇچى » يىتىشتۇرۇشنى بىردىنبىر مەخسەت قىلماسلىق مەخسەت قىلماسلىق كېرەك . جەمىيەت «ئەلاچى ئوقۇغۇچى»غا قارىغاندا ئەخلاقلىق – پەزىلەتلىك كىشىلەرگە تېخىمۇ مۇھتاج .
مەنبە :قىزىلبايراق بازىرى گۈزەل باشلانغۇچ مەكتەپتىن : قۇربان توختى |