مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2076 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى باشقۇرغۇچىلار تېما يوللاشتا ھەر ۋاقىت سىزگە يول كۆرسىتىدۇ، تارتىنماڭ!

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى ئەزالار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • چىركىن 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن ماتىرىيال يوللىماقچى ئىدىم

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بىلمەسلىك ئەيىپ ئەمەس، تىرىشماسلىق ئەيىپ!

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللىغاندا تېما ھەققىدە قىسقىچە ئىزاھات بېرىپ يوللايلى!

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • ئەلەم تۈنۈگۈن 19:38 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك!

  • شاشتېكىن تۈنۈگۈن 18:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    «2-،3-،4-ۋە 5-يىللىقلارنىڭ خەنزۇتىلى دەرس تەييارلىقى»نىڭ چۈشۈرۈش ئادىرېسى يېڭلاندى.

كۆرۈش: 76|ئىنكاس: 2

ئەنئەنىۋى بالىلار ئويۇنلىرى( بىرلىكتە ئوينايلى)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

5

دوست

426

جۇغلانما

ئەتتىرگۈل ئەزا

Rank: 3Rank: 3

قىزغىنلىق
90 سەر
تىللا
26 دانە
تۆھپە
85 سەر
شۆھرەت
113 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-1 23:17:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر بالىلار ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرى  


خەلقىمىز قەدىمدىن تارتىپ پەرزەنتىلەرنىڭ ئەتراپلىق ساغلام يېتىلىشىگە بەكمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن . بالىلار تىلى چىقىپ ئېسىنى بىلگۈدەك بولغاندىن باشلاپلا ئۇلارغا ناخشا-قوشاق ئېيتىش ، ئۇسسۇل ئويناش ،ساز چېلىشنى ،خەت يېزىشنى ئۆگۈتىش ، تېپىشماق تاپقۇزۇش ،رەسىم سىزدۇرۇش قاتارلىق تەربىيلەر بىلەن بىللە ھەرخىل بالىلار ئويۇنلىرى ئۇلارنىڭ مەنىۋىيىتىگە سىڭدۈرۈلەتتى. بولۇپمۇ ئەقىل –پاراسەتلىك ئاتا –بۇۋىلىرىمىز مەكتەپ يوق شارائىتلاردا ئۆزلىرىنىڭ ئەقىل –پاراسىتىگە تايىنىپ ،بالىلارنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي ، جىسمانىي ،گۈزەللىك ۋە ئەمگەك ماھارىتى جەھەتلەردىن ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان نورغۇن بالىلار ئويۇنلىرىنى ئىجاد قىلىپ، بالىلارنى كېچىكىدىن باشلاپلا تەبىئەتنى سۆيۈش ۋە قوغداشقا، باشقىلار بىلەن ئىناق –ئىجىل ئۆتۈشكە دەۋەت قىلغان ،ئەقىللىق ، چىداملىق ،باتۇر ،ئەدەپ –ئەخلاقلىق قىلىپ تەربىيلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن .

دۈم –دۈم ئويۇنى.

بۇ ئويۇن بالىلارنىڭ ھوشيارلىق تويغۇسىنى كۈچەيتىشكە تولىمۇ ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان ئويۇنلارنىڭ بىرى. ئىزدىگۈچى بالا ئىزدەش جەريانىدا ئۆزىنىڭ ئەقلىنى ئىشقا سېلىپ ئەڭ تىز سۈرئەتتە مۆكۈپ تۇرغۇچىلارنى تىپىپ چىقىدۇ. بۇ جەھەتتە ئۇ ئەتراپىدىكى ھەربىر نوقتىغا سەگەكلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ.

مېھماندارچىلىق ئويۇنى

مېھماندارچىلىق ئويۇنى ئەجدادلىرىمىز ئىجاد قىلغان بالىلارنى ھەقىقىي ئادىمىيلىك خۇسۇسىيەت بىلەن تەربىيلەشنى مەقسەت قىلغان ئېسىل مىراسلىرىنىڭ بىرى. بولۇپمۇ قىزلارنى كىچىكىدىن باشلاپلا، ھايالىق ، پاكىز ، چوڭلارنى ھۆرمەت قىلىشنى ئۈگۈتىدىغان ، چوڭلارنى قەدرىگە يېتىدىغان قىلىپ تەربىيلەشتە موھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ كەلگەن .قىزلىرىمىز ئەنە شۇ ئويۇنلار ئارلىق تۇرمۇشنى ئويۇن ئارقىلىق چۈشەنگەن . ئوينىغان ئويۇندىن توپلىغان تەجرىبىلىرى بويىچە ئائىلىدە ئاتا –ئانىسىنىڭ ئىشلىرىغا ياردەمدە بولغان . ئۇلارنىڭ ھالىغا يەتكەن . ھويلا-ئارام ،ئۆي ، ئىشىك ئالدىنى پاكىزە تۇتۇشنى ئۈگەنگەن.

‹‹چىلىشىش›› ئويۇنى

‹‹چىلىشىش›› ئويۇنى ئۇيغۇر ئوغۇل ئۆسمۈرلىرى ئۆزلىرىنىڭ جىسمانىي جەھەتتىن ھەقىقىي قابىل ياكى ئەمەسلىكىنى ئايرىشتىكى مۇھىم ئۆلچەملەرنىڭ بىرى ساناپ ئىشتىياق بىلەن ئوينايدىغان، كىشىنى مەھلىيا قىلىدىغان قىزىقارلىق ئويۇن. بۇ ئويۇن قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىرىدە ئوينىلىدۇ.

تەپكۈچ ئويۇنى

تەپكۈچ ئويۇنلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرى ئىچىدە ئەڭ كەڭ ئومۇملاشقان ئويۇن تۈرلىرىدىن بىرى . مەشھۇر ئالىم مەھمۇد قەشقىرى ئۆزىنىڭ «تۈركى تىللار دىۋانى» دا بۇنى «تەپۈك» دەپ خاتىرلەش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ ياسىلىش ئۇسۇلى توغرىسىدىمۇ توختالغان . تەپكۈچ ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ئىچىدە ئوغۇل – قىز ئورتاق ئوينايدىغان ئويۇن تۈرى بولۇپ ، پۇت بىلەن تېپىپ ئوينايدۇ . بۇنداق ئويۇن ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ پۇت ھەرىكىتىنىڭ چاققان بولۇشى ، كۆز گىمناستىكىسىنىڭ ياخشى ئوينىلىشى ئۈچۈن ياخشى بولۇپلا قالماستىن ، بالىلارنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ناھايىتى پايدىلىق . بۇنداق ئويۇن بالىلارنى بەدەن گۈزەللىكى جەھەتتىن ياخشى يېتىلدۈرىدۇ .

‹‹تاش تەرمەك›› ئويۇنى

ئادەتتە ‹‹چاكۇم›› دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ئويۇن ئۇيغۇر قىز ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئەڭ ئامراق ئويۇنلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ئەتىياز، ياز ۋە كۈز كۈنلىرى پاكىز سەينالاردا ئوينىلىدۇ. بۇ ئويۇننى ئىككى قىز ئۆزئارا ئوينىسىمۇ ياكى قىزلار 4 – 5تىن بىر گۇرۇپپا بولۇپ ئوينىسىمۇ بولىدۇ.بۇ ئويۇن سىلىقلانغان بەش تال ئۈچكە ياكى ئۈچكە چوڭلۇقىدىكى بەش تال تاش بىلەن ئوينىلىدۇ.بۇ ئويۇن قىزلارنى جاسارەتلىك، سەۋرچان، ئۈمىدۋار، تەرتىپلىك بولۇشقا يېتەكلەيدۇ؛ سۆز بىلەن ھەرىكەتنى ماسلاشتۇرۇشقا ۋە قوشاق توقۇشقا ئۆگىتىدۇ؛ كۆز، قول ۋە ئېغىز قاتارلىق ئەزالارنىڭ ماس ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ئۆسمۇرلەرنى چاققان، زېرەك قىلىپ يېتىلدۈرىدۇ.
‹‹قارا – قارا قۇشلارىم›› ئويۇنى

‹‹قارا – قارا قۇشلارىم›› ئويۇنى ئۇيغۇر قىز – ئوغۇل ئۆسمۇرلىرى ئارىسىدا بىر قەدەر كەڭ تارقالغان، مەزمۇنغا باي ئويۇنلارنىڭ بىرى بولۇپ، ھەممە پەسلىدە ئوينىلىدۇ. بالىلار ‹‹قارا –قارا قۇشلارىم›› ئويۇنى ئارقىلىق ئىناقلىقنىڭ كۈچ – قۇدرىتىنى ھېس قىلىدۇ، ئانا – بالا ئوتتۇرىسىدىكى مېھىر – مۇھەببەتنىڭ قەدىر - قىممىتىگە يېتىدۇ.
‹‹ئويمۇ ــ قويمۇ؟›› ئويۇنى

‹‹ئويمۇ ــ قويمۇ؟›› ئويۇنىنى قىز ــ ئوغۇللار خالىغان ۋاقىت ۋە ئورۇندا، ئومۇمەن تالا ــ تۈزدە ئەركىن ــ ئازادىلىك، سىلىق ــ سىپايىلىق ئىچىدە ئوينايدۇ.
بالىلار ‹‹ئويمۇ ــ قويمۇ؟›› ئويۇنى ئارقىلىق ھەرقانداق ئورۇن ۋە ۋاقىتتا سۆز ــ ھەرىكەتتە جەبدەس بولۇپ، ئويناپ سۆزلىسىمۇ ئويلاپ سۆزلەش ماھارىتىنى ئاشۇرىدۇ.

بۆشۈك ئويۇنى

بۆشۈك ئويۇنى ئۇيغۇر قىز ئۆسمۈرلىرى ياقتۇرۇپ ئوينايدىغان ئەنئەنىۋى ئويۇن بولۇپ، قىزلارنىڭ ئائىلىۋى تەربىيە ئېلىشىدا، ياخشى ئەخلاق يېتىلدۈرۈشىدە بەلگىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ ئويۇن ئۇيغۇرلار بۆشۈكتىن پايدىلىنىپ ئۆز پەرزەنتىلىرىنى ھەر جەھەتتىن ساغلام يېتىلدۈرۈشكە ئادەتلەنگەندىن باشلاپلا، ئۇيغۇر قىز ئۆسمۈرلىرى ئارىسىغا سىڭىپ كىرگەن ھەمدە بەلگىلىك دەرىجىدە تەرەققىي قىلىپ، بۈگۈنكى كۈندىكى تاكامۇللاشقان ‹‹بۆشۈك›› ئويۇنى ھالىتىگە كەلگەن. ئۇيغۇر قىز – ئۆسمۈرلىرى بۇ ئويۇننى 3 – 4 ياشقا كىرگەندىن باشلاپلا ئوخشىمىغان ئۇسۇل ۋە سەۋىيەدە ئويناپ، مەكتەپ يېشىغا يەتكەنگە قەدەر داۋاملاشتۇرىدۇ. ئويغۇر قىز ئۆسمۈرلىرى بۇ ئويۇن ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى، ئانىسىنىڭ ئۆزىنى چوڭ قىلىشتا سەرپ قىلغان يۈرەك قېنى قاتارلىقلارنى ئاز– تولا تونۇپ يېتىپ، ئاتا – ئانا قەدىرىگە، بولۇپمۇ ئانىنىڭ قەدرىگە يېتىدۇ؛ تۇرمۇشنىڭ ئۇششاق تەرەپلىرىگىچە دىققەت قىلىپ، كىچىكىدىنلا بۆشۈك ۋە ئۇنىڭغا كېتىدىغان ھەرخىل ‹‹جابدۇق››لارنى تەييارلاشنى ئۆگىنىدۇ؛ ئەجدادلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا بۆشۈكنىڭ قانچىلىك مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ.

‹‹ياڭاق سوقۇشتۇرۇش›› ئويۇنى

‹‹ياڭاق سوقۇشتۇرۇش›› ئويۇنى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ئارا بىر قەدەر كەڭ تارقالغان ۋە قەدىمىيلىككە ئىگە ئويۇن بولۇپ، روزى ھېيت ۋە قۇربان ھېيت كۈنلىرىدە ئوغۇللار تەرىپىدىن ئوينىلىدۇ. بۇ ئويۇن شەكىل، مەزمۇن، تەرتىپ، خۇلاسە قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزگىچە بولغاچقا، مەھمۇد كاشغەرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا تىلغا ئېلىنىپ: «ئەنەچلىك – ياڭاق سوقۇشتۇرۇش ئويۇنى ئۈچۈن كولانغان ئورەك، ياڭاق سوقۇشتۇرۇش ئۈچۈن تەييارلانغان ...» دەپ ئىزاھلانغان. بۇ ئويۇن دىيارىمىزنىڭ ئارزۇلۇق مېۋىلىرىدىن بىرى بولغان ياڭاقنى ۋاسىتە قىلىپ، ھېيت – ئايەم كۈنلىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ ھېيتنى خۇشال – خۇرام تەبرىكلەش، ئۆزئار ئۆم بولۇپ بالىلارچە مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈشنى چىقىش قىلغان. چۈنكى، شۇ كۈنلۈك «ياڭاق سوقۇشتۇرۇش» ئويۇنىدا ئۇتۇلغان ياڭاقلار سورۇن باشقۇرغۇچىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا ئويۇن ئوينىغۇچى ۋە ئويۇن كۆرگۈچىلەرگە مۇۋاپىق بۆلۈپ بېرىلىدۇ، بولۇپمۇ ئىگە چاقىسىز يېتىم – يېسىرلەرگە، بوۋاي – مومايلارغا قەدەر ئۈزلەشتۈرۈپ بېرىلىپ، ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا مېھرىبانلىق يەتكۈزۈلىدۇ.

تال چىۋىقنى ئات ئېتىپ ئويناش

تال چىۋىقنى ئات ئېتىپ ئويناش ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ تارىختىن بۇيان ئۈزمەي داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بىر خىل قىزىقارلىق ئويۇنى. بۇ ئويۇننى ئوغۇللار پۈتكۈل زېمىن يېشىل كىمخابتىن يارىشىملىق تون كىيىپ، يېڭىچە ھاياتقا خۇشال قەدەم تاشلىغان باھار پەسلىدە ئوينايدۇ. بۇ ئويۇن ھەققىدە ئۇيغۇرلاردا مۇنداق قوشاق بار:

ئۇششاق بالىلار ئوينايدۇ،
تال چىۋىقنى ئات ئېتىپ.
مۇساپىرلار يىغلايدۇ،
ئۆز يۇرتىنى ياد ئېتىپ.
بۇ ئويۇن ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە، يۈگۈرۈش سۈرئىتىنى پەيدىنپەي ئاشۇرۇپ يۈگۈرۈش ماھىرلىرىدىن بولۇشىغا، ئات ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشىغا پايدىلىق.

‹‹ئاق تېرەك، كۆك تېرەك›› ئويۇنى

بىرىنچى خىلدا، ئويۇنغا قاتناشماقچى بولغان قىز – ئوغۇللار مەھەللە – كويلاردا يىغىلىپ، ئۆزلىرى ئارىسىدىن كۆرسىتىلگەن ئىككى ‹‹ئانا››نىڭ رەمبۇت ئېلىشى ئارقىلىق ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنىدۇ، ئاندىن ئىككى گۇرۇپپا ئۆز ‹‹ئانا››سىنى قاتارنىڭ بېشىغا ئېلىپ، 30 – 35 مېتىر ئارىلىقتا بىر – بىرىگە قاراپ تۇرۇشىدۇ.
بۇ ئويۇن بالىلارغا ئۆم – ئىناقلىقنىڭ ھەرقانداق ئىشنىڭ غەلبىسى ئىكەنلىكىنى تونۇتىدۇ. ‹‹پادىدىن ئايرىلغاننى بۆرە يەر›› دېگەن ھەقىقەتنى بالىلارنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرىدۇ.
قوشماق ئاداش ئويۇنى

قوشماق ئاداش ئويۇنى - ئۇيغۇرلار ئارىسىدا دوستلۇق ، ۋاپادارلىق ، ساداقەتمەنلىكنىڭ سىموۋۇلى سۈپىتىدە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى ئويۇن.

مۆكۈشمەك ئويۇنى
مۆكۈشمەك ئويۇنى- ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مەھەللىلەردە توپلىشىپ ئوينايدىغان ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئويۇن پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ، بۇ پائالىيەت چەبدەسلىكنى ، يۈگۈرۈش تېزلىكىنى ، چىداملىقىنى ، كوللېكتىۋىزىملىق روھىنى ئۇرغۇتۇشقا ئەھمىيىتى ناھايىتى زور .
‹‹ئىلەڭگۈچ›› ئويۇنى

‹‹ئىلەڭگۈچ›› ئويۇنى ئۇيغۇر قىز ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئەتىۋارلىق ئويۇنلىرىنىڭ بىرى. مەشھۇر ئالىمىمىز مەھمۇد كاشغەرى بۇ ئويۇن ھەققىدە توختىلىپ: ‹‹ئىلەڭگۈچ – گۈلەڭگۈچ قىزلار ئوينايدىغان بىر خىل ئويۇننىڭ نامى. ئارغامچىنىڭ ئىككى ئۇچى بىر ياغاچقا ياكى لىمغا باغلىنىدۇ، ئوتتۇرىسىغا بىر قىز ئولتۇرىدۇ، پۇتلىرى بىلەن يەرنى تېپىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بەزەن ئورلەپ، بەزەن پەسلەيدۇ›› دېگەن .دېمەك، بۇ ئويۇن ئەزەلدىنلا ئۇيغۇر قىز ئۆسمۈرلىرىنىڭ ياخشى ئەرمىكى بولغان
بالىلار بۇ ئويۇن ئارقىلىق تەن ساغلاملىقىنى ئاشۇرىدۇ، ئۆزئارا ئوتۈنۈش، يول قۇيۇش، ياردەملىشىش قاتارلىق ئەخلاقىي پەزىلەتنى يېتىلدۈرىدۇ.

‹‹ۋىژىلداق›› ئويۇنى

‹‹ۋىژىلداق›› ئويۇنى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ئارا كەڭ تارقالغان بولۇپ، بىر يىلنىڭ ھەرقايسى پەسىللىرىدە، ئاساسلىقى يېزا ــ قىشلاقلاردا كۆپرەك ئوينىلىدۇ. شۇڭلاشقىمۇ بۇ ئويۇننىڭ يېزا بالىلىرى ئارىسىدا يەنە ‹‹غۇژ ــ غۇژ›› دېگەنگە ئوخشاش ناملىرىمۇ بار. بالىلار بۇ ئويۇننى ئۆز ئالدىغا ياكى بىر ــ بىرى بىلەن مۇسابىقىلىشىپ ئوينايدۇ.
بۇ ئويۇن بالىلارنىڭ جاسارىتىنى ئاشۇرىدۇ، بىلەك ۋە كۆكرەكلىرىنى چېنىقتۇرىدۇ، جۈملىدىن ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاۋاز پەرقلەندۈرۈش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرىدۈ، بالىلارنى روھلۇق، ئىرادىلىك، چىداملىق ئۆسۈپ ــ يېتىلىشكە يېتەكلەيدۇ.

‹‹پىلدىرلىغۇچ›› ئويۇنى

‹‹پىلدىرلىغۇچ›› ئويۇنى ئۇيغۇر ئوغۇل بالىلىرى قىش كۈنلىرى ئەڭ كۆپ ئوينايدىغان ئويۇن بولۇپ، ‹‹نۇر›› ئويۇنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ ئويۇن بالىلارنىڭ ساغلام، غەيرەتلىك ئۆسۈشىگە ياردەم بېرىدۇ؛ كۆز، پۇت، قول ۋە باشقا ئەزالارنىڭ  ھەرىكەتچانلىقىنى ئاشۇرىدۇ؛ ئۆزئارا بەيگىگە چۈشۈپ نەتىجە قازىنىش ھەۋىسىنى ئۆستۈرىدۇ


‹‹قارىغۇ چاشقان›› ئويۇنىنى.

‹‹قارىغۇ چاشقان›› ئويۇنىنى قىز - ئوغۇللار ئەتىياز، ياز ۋە كۈز پەسىللىرىدە مەيدان ياكى ھويلىلاردا ئوينايدۇ.
بۇ ئويۇن بالىلارنىڭ ئاڭلاش سېزىمىنى ئۆستۈرىدۇ، سەزگۈرلۈكىنى كۈچەيتىدۇ، چىدامچانلىقىنى ئاشۇرىدۇ.

«يامغۇر ياغىلاق »ئويۇنى

بۇنىڭدا بالىلارنىڭ تەبىئەتكە بولغان ئىلتىجاسى ئىپادىلىنىدۇ. بالىلار ئۆزى ياشاۋاتقان مۇھىت تەبىئەتنىڭ تەسىرىدە ئۆزگىرىپ دەل –دەرەخ ،زىرائەتلەر سارغايغاندا ،پىژغىرىم ئىسسىق زېمىننى كۆيدۇرگەندە يامغۇر تىلەپ مۇنداق قوشاق ئوقۇيدۇ:

يامغۇر ياغىلاق ،
ئۆچكە ساغىلاق.
ئاسماندىكى چوكاننىڭ،
ئەمچىكى يۇمىلاق.

ئاق بۇلۇت، قارا بۇلۇت،
زىرائەتلەر سارغايدى.
يامغۇرۇڭنى تۆكسەڭچۇ؟
ئوينايدىغان بالا بارمۇ؟

بالىلار بۇ ئويۇن ئارقىلىق تەبىئەت ھەققىدىكى دەسلەپكى ساددا چۈشەنچىگە ئىگە بولىدۇ.

ئاپتاپ چىق »ئويۇنى

بۇنىڭدىمۇ بالىلارنىڭ تەبىئەتكە بولغان ئىلتىجاسى ئىپادىلىنىدۇ. بالىلار سۇغا چۆمۈلگەندە ھاۋا تۇتۇلسا ياكى ھاۋا تۇتۇلۇپ ئۇدا بىر قانچە كۈن يامغۇر ياغسا ،قوياش نورىغا ،ئاپتاپقا بولغان تەشنالىقىنى تۆۋەندىكى قوشاقنى ئۈنلۈك توۋلاپ ئىپادىلەيدۇ:

ئاپتاپ چىق ، ئاپتاپ چىق،
ئەسكى چاپان سۆرۈپ چىق.
ئەسكى چاپان بولمىسا،
يېڭى چاپان سۆرۈپ چىق.

يېڭى چاپان بولمىسا ،
بۇلۇت كەينىدىن ماراپ چىق ،
ماراشقا يول قويۇلمىسا ،
بەش بالاڭنى يېتىلەپ چىق .

بۇ ئويۇندىمۇ بالىلار تەبىئەت ھادىسلىرى بىلەن ئىجدىمائىي تۇرمۇشنىڭ چەمبەرچاس باغلانغانلىقى ھەققىدىكى چۈشەنچىگە ئىگە بولىدۇ ھەم بۇقوشاقنىڭ رىتىملىق ،ئاھاڭدارلىق ۋە مۇزىكىلىق ئېيتىلىشى بالىلاردا دەسلەپكى مۇزىكا سېزىمىنى يېتىلدۈرىدۇ.

«چۆچۈرە قاينايدۇ»ئويۇنى

بۇ ئويۇندا بىر قانچە بالا توپلىشىپ مۇنداق قوشاق توقۇيدۇ:

چۆچۈرە –چۆچۈرە قاينايدۇ،
ئاپام ماڭا بەرمەيدۇ.
ئۆزىمۇ بىرنى يېمەيدۇ،
قازان تۈۋىنى يالايدۇ.

خەققە مېھمان بولغاندا ،
خوشاللىقا پاتىدۇ.
ئۆيگە مېھمان كەلگەندە،
بېشى ئاغرىپ ياتىدۇ.

بۇ ئويۇندا بالىلار نىڭ چوڭلاردىن كۈتىدىغان ئارزۇسى نامايەن قىلىنغان بولۇپ ،چوڭلارنىڭ تونۇش بىلىش ،قولۇم –قوشنا ،ئۇرۇق –تۇققان  ۋە دوست –بۇرادەرلىرى بىلەن مۇناسىۋەتتە بېخىل ،پىخسىق بولماسلىقىنى ،مېھماندۇست ،كەڭ قورساق بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ.

تۆگە- تۆگىلەڭ
بالا بوينىغا قاراپ، بىر-بىرىنىڭ ئارقا پىشىنى تۇتۇپ تىزىلىپ، تۆگە بولۇپ ئېڭىشىپ تۇرىدۇ. يەنە 7-8 بالا بىر- بىرىنىڭ قولىنى تۇتۇپ دۈگلەك بولۇپ تۇرىدۇ. تۆگە بولۇپ تىزىلغان بالىلار ئۆز سېپىنى بۇزماستىن دۈگلەك بولۇپ تۇرغان بالىلارنىڭ ئارىلىقلىرىدىن ئىڭىشىپ ئۆتىدۇ. شۇ چاغدا دۈگلەك بولۇپ تۇرغان بالىلار بىلەن تۆگە بولۇپ تۇرغان بالىلار ئوتتۇرسىدا قوشاق ئېيتىشىش باشلىنىدۇ.
دۈگلەك بولۇپ تۇرغان بالىلار:
قاتار- قاتار تۆگىلەر.
نەگە- نەگە ماڭدىڭلار؟
تۆگە بولۇپ ئۆتكەن بالىلار:
تۇزغا- تۇزغا ماڭدۇق بىز.
دۈگلەك بولۇپ تۇرغان بالىلار:
تۇزۇڭ نەگە تۆكۈلدى؟
تۆگە بولۇپ ئۆتكەن بالىلار:
ئارا يولغا تۆكۈلدى.
دۈگلەك بولۇپ تۇرغان بالىلار:
تاسقاپ- تاسقاپ ئالساڭچۇ،
تاغىرىڭغا سالساڭچۇ!
تۆگە بولۇپ ئۆتكەن بالىلار:
تاغىرىمدا تۆشۈك بار.
ماراپ تۇرغان مۈشۈك بار
كېيىن ئىككى گۇرۇپپا ئالمىشىپ ئويۇننى داۋاملاشتۇرىدۇ
. ۋاللەي(گاگا-چۇك)
توپ ئويۇنى

بۇ ئويۇننى قىزلار ئوينايدۇ. تۆت بەش قىز توپنى نۆۋەتلىشىپ ئويناپ قوشاق ئېيتىدۇ. شەرت: توپنى قاچۇرماسلىق ھەمدە قوشاق ئېيتىشتا دۇدۇقلاپ قالماسلىق ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە قوشاقنى توپنىڭ ئۆرلەپ چۈشىشىگە ماسلاشتۇرۇپ ئېيتىش كېرەك. توپ قولدىن چۈشۈپ كەتسە ياكى قوشاق ئېيتىشىشتا دۇدۇقلاپ قالسا، ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا بىرى ئوينايدۇ. قوشىغى تۆۋەندىكىچە:

چىگىچى، بۇغدايچى،
خەمىگى دۇغدايچى.
كېچىلەپ زۇۋانى قوي،
زۇۋىنىڭ قايسى قىز.

ئەڭ كىچىگى ۋوپا قىزى
ۋوپانى ۋوپا دىمەڭلار،
ۋوپا يالغانچى بولار.
ۋوپادىن كۆر بوۋاڭنى تاپ،
بوۋا بەك ياخشى بولۇر.
بوۋىنىڭ بىر تال تۈكى،
ئىشەككە ئاغامچا بولۇر.

ئۇچۇپ چىقتىم ھاۋاغا،
سەكرەپ چۈشتۈم دەرياغا.
دەريا سۈيى قۇيالدى،
پاتمىچۇقلار بويالدى.

بىرىنىڭ ئېتى كۇچۇلا،
بىرىنىڭ ئېتى پۇچۇلا.
ئاپپاق ساقال بوۋىلار،
قىلدى نەچچە توۋىلار...

ھاۋا- ھاۋا، ھاۋاچاق،
چاۋا تەردىم بىر قۇچاق.
چاۋانى ئېلىپ قاچتى،
پاقا بىلەن قۇمۇچاق.

ئۆتۈگۈم دىستا ئۆتۈك،
مېڭىشىم تاراق- تۇرۇق.
روزىنىڭ ئون بەشىدە.
چۈشتى غازاڭ شاراق-شۇرۇق.

يولدىشكامنىڭ بىر قىزى،
باسما كۆينەك كىيىپتۇ.
باسما كۆينەك كىيگەندە،
ھىلىمبەككە تېگىپتۇ.

ھىلىمبەككە تەككەندە،
ئالتە بالا تۇغۇپتۇ،
ئالتە بالا بەرى پوق،
ئېيتاي دىسە لاتا يوق.

لاتا دىگەن ئۆگزىدە،
چىقاي دىسە شوتا يوق.
شوتا دىگەن دەرەختە،
كېسەي دىسە پالتا يوق.

پالتا دىگەن بازاردا،
ئالي دىسە پۇلى يوق.
پۇل دىگەن ساندۇتا،
ئاچاي دىسە ئاچقۇچ يوق.

ئاچقۇچكاملار ئۆلۈپتۇ،
ئاق مازارغا كۆمۈپتۇ.
ئاق مازارغا بىر دەمدە،
ئاق تىكەنلەر ئۈنۈپتۇ...
يىغلايدىغان ئادەم يوق
ئۆزى قوپۇپ يىغلاپتۇ...
.....................
قوشاق ئەنە شۇنداق داۋاملىشىۋېرىدۇ .

قارلىق ئويۇنى

قاردا قارلىق تاشلىدۇق ،
بۇ ئويۇننى باشلىدۇق .
يېڭى قارنىڭ خوشلۇقىدا ،
سىزگە قارلىق تاشلىدۇق.
دەپ باشلانغان ۋە :
قارلىق ئاپارغان كىشىنى ،
پەم بىلەن تۇتسىلا .
يۈزلىرىگە قار سۈركەپ ،
ئالدىمىزغا كەلسىلە
دەپ ئاخىرلاشقان قارلىقنى يېزىپ ، نىشانلانغان ئۆيگە يېقىن بولسا پىيادە ، يىراق بولسا ئۇلاغلىق بېرىپ ، قارلىقنى ئۆينىڭ بەلگىلىك بىر يېرىگە تىقىپ قويۇپ ، ئۆيدىن چىقىۋېتىپ < پالانى يەردە قارلىق قويۇپ قويدۇم > دەپلا قاچىدۇ . قارلىق تاشلانغان ئۆيدىن بىر ئادەم قوغلايدۇ . ئەگەر ئۇنى تۇتۇۋالسا ، ئۇنىڭ يۈز - كۆزىنى بوياپ جۇۋىنى تەتۈر كىيگۈزۈپ مەھەللىمۇ - مەھەللە ئايلاندۇرىدۇ . تۇتۇلۇپ قالغان تەرەپ ئالاھىدە مېھمان چاقىرىپ < قارلىق چېيى > ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ . ئەگەر قارلىق ئەكەلگۈچى تۇتۇلماي قېچىپ كەتسە ، قارلىق تاشلانغان ئۆي قارلىق چېيى بېرىدۇ . شۇنداق قىلىپ ، مەھەللىدە قىش بويى < قارلىق چېيى > ئۈزۈلمەيدۇ .
قارلىق ئويۇنى -ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئەتكە سېغىنىش ۋە ئاقنى ئۇلۇغلاشتىن ئىبارەت
قەدىمكى ئېتىقادىدىن كېلىپ چىققان .

مەنبە:ئۆسمۇرلەر تورى ۋە ئۇيغۇر  ئەنئەنىۋى  بالىلار ئويۇنلىرى  كىتابىدىن ئىلىندى
ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
ئامان + 5 + 5 + 5 + 5ياخشى تېما.
بايقاش + 5 + 5 + 5 + 5ياقتۇردۇم!
pari + 5 + 5 + 5 + 5بارىكاللار تېرىشىڭ!

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 15 تىللا + 15 تۆھپە + 15 شۆھرەت + 15  باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

200

تېما

96

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6953 سەر
تىللا
1441 دانە
تۆھپە
7466 سەر
شۆھرەت
5474 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىبايقاش مەلىكىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-1 23:33:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېڭى كەلگەن قەدىمىڭىزگە مۇبارەك !!
بەك ياخشى تېما يوللاپسىز  سۈيۈندىم مانا مۇشۇنداق ياخشى تېمىلىرىڭىزنى مۇنبەرداشلاردىن ئايىمىغايسىز ! داۋاملىق تىرىشىڭ.
مىللى مائارىپنى گۈللەندۈرۈش ھەممىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئوليىتى ۋە مەجبۇريىتى

640

تېما

134

دوست

12 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

adminنامىنى بايقاشقا ئۆزگەرتتى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
9202 سەر
تىللا
93509 دانە
تۆھپە
5803 سەر
شۆھرەت
6305 سەر

ئاتامانمۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-3 02:05:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ ئەنئەنىۋى  بالىلار ئويۇنلىرىمىز بارغانسىز يۇقىلىش گىرداۋىغا بېرىپ قالغان ئىدى. بۇ يوللاپ ناھايىتى ياخشى قىلىپسىز. مەكتەپلەردە ئۆزىمىزنىڭ ئۇيۇنلىرى ئويناشقا تەشكىللەشتە ياخشى پايدىلىنىش ماتىرىيال بولغىدەك! رەھمەت سىزگە.
ماتىرىيال يوللىغاندا بايقاش تامغىسىنى بېسىشقا، بەيدۇ تور دېسكىسىغا يوللاشقا ئەھمىيەت بىرەيلى!
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 03:04, Processed in 0.461697 second(s), 42 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش