سىنىپ مۇدىرىنىڭ تەشكىللەش ئىقتىدارى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. چۈنكى، بىر سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش، ئەخلاق – ئىنتىزام ۋە سىنىپنىڭ كۈندىلىك ئىشلىرى نوقۇل ھالدا سىنىپ مۇدىرىنىڭ زىممىسىدا بولۇپ، شۇ سىنىپنىڭ ياخشى – يامان بولۇشىدا سىنىپ مۇدىرى مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇڭا، سىنىپ مۇدىرىدا مۇكەممەل ھالدا كەسپىي بىلىم بولۇش بىلەن بىللە، مەلۇم تەشكىللەش ئىقتىدارى بولۇش كېرەك.
مېنىڭچە سىنىپ مۇدىرى تەشكىللەش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن:
1.سىنىپ مۇدىرلىرى ئوقۇغۇچىلارنى چۈشىنىشى كېرەك. سىنىپ مۇدىرىغا نىسبەتەن چۈشىنىش ئىككى قاتلاملىق بولىدۇ. بىرى، ھەربىر ئوقۇغۇچىنى ئايرىم چۈشىنىش؛ يەنە بىرى، سىنىپ كوللېكتىپىنى بىرلىك قىلغان ئاساستا چۈشىنىش. ھەربىر ئوقۇغۇچىنى چۈشىنىشتە، سىنىپ مۇدىرى ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكى، ئائىلە ئەھۋالى، مەكتەپتىكى ئىپادىسىنى چۈشىنىشى كېرەك. بۇ ئوقۇغۇچىلارنى تەلىم – تەربىيە ۋە باشقا ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە يېتەكلەشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. بەزى سىنىپ مۇدىرلىرى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىسمىنى بىر يىلغىچە بىلمەيدۇ. بۇنداق بولغاندا، قايسى ئوقۇغۇچىنىڭ قانداق ئىقتىدارى، قانداق ئالاھىدىلىكى بارلىقىنى، قايسى ئوقۇغۇچىنى قانداق يېتەكلەش كېرەكلىكىنى بىلمەيدۇ – دە، نەتىجىدە، ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزى بىلگەن ئۇسۇل بويىچە تەربىيەلەش يولىغا ماڭىدۇ. يەنە بىرى، سىنىپ مۇدىرى سىنىپ كوللېكتىپىنى چۈشىنىشى كېرەك. ئوقۇتۇش ھەم سىنىپ باشقۇرۇش داۋامىدا سىنىپ مۇدىرى سىنىپ كوللېكتىپىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى چۈشىنىشى، يەنى سىنىپتىكى ئوغۇل – قىزلارنىڭ سانى، ئۇلارنىڭ ياش جەھەتتىكى پەرقى، ئىتتىپاق ئەزالىرى ۋە پىئونېرلارنىڭ سانى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي بىلىشى كېرەك.
2. يېتەكلەش ماھارىتى بولۇشى كېرەك. سىنىپ مۇدىرى يېتەكلەشكە ماھىر بولغاندىلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەشەببۇسكارلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىشلارغا نىسبەتەن ئاكتىپ، پائالىيەتچان پوزىتسىيەدە بولۇشى كېرەك.
3.يىغىن ئېچىش ئۇسلۇبى بولۇشى كېرەك. مەكتەپلەردە سىنىپ يىغىنى، ئاتا – ئانىلار سۆھبەت يىغىنى، ئىتتىپاق ئەزالىرى، پىئونېرلار يىغىنى ۋە ئەھۋالىغا قاراپ ئېچىلىدىغان ھەرخىل يىغىنلاردا سىنىپ مۇدىرلىرى 1 – ئامىل بولۇپ، سىنىپ مۇدىرلىرى يىغىن ئېچىش جەھەتتە پىلانلىق، مەقسەتلىك، قاراتمىلىقى ۋە نىشانى بولغان مۇئەييەن مەسىلىنى ھەل قىلىشنى پىلانلاپ، كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتىشى كېرەك.
4. ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا ماھىر بولۇشى كېرەك. سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئۆزىنى چوڭ تۇتماسلىق، ھەيۋە قىلىپ ئوقۇغۇچىلارغا بېسىم ئىشلەتمەستىن، مۇلايىم، كۆيۈمچان، مېھرىبان بولۇشى، ئۆزىدىن سەۋەنلىك ئۆتۈلسە دادىل ھالدا ئۆزىنى تەنقىد قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۈشىنىشىنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغان بولۇشى كېرەك.
5. ئۆزىدە توغرا بولغان پىسخىكا پەزىلەتنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. سىنىپ مۇدىرىنىڭ ياخشى ئوبرازى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن مۇھىم، سىنىپ مۇدىرىدا ئوقۇغۇچىلارنى بىزار قىلىدىغان ناچار، پىسخىكىلىق پەزىلەتلەر، مەسىلەن: گېپىدە تۇرمايدىغان، مىجەزى ئىتتىك، چېچىلاڭغۇ، مەسئۇلىيەتسىز، ھۇرۇن، ئەخلاقسىز بولسا، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئالدىدىكى ئوبرازى سۇسلىشىپ قالىدۇ. شۇڭا، سىنىپ مۇدىرىدا ساغلام بولغان پىسخىكا بولۇشى كېرەك.
(ئاپتور: توقسۇن ناھىيەسى ئىلانلىق يېزا بەشيۇلتۇز باشلانغۇچ مەكتەپتىن) |