ئوقۇتقۇچى بولسىڭىز كۆرۇپ قويۇڭ
ئاپتور:دىڭ لىمېي چېن شياۋۋېي ئىسىملىك بىر كىشى ماڭا تېلېفون بېرىپ،قاتتىق ھاياجانلانغان ھالدا:–دىڭ مۇئەللىم ، سىزنى ئاخىر تاپتىم – دېدى. ئۇماڭا ئۆزىنىڭ ئون نەچچە يىل بۇرۇنقى ئوقۇغۇچۇم ئىكەنلىكىنى ئېيتىۋىدى،خىيال قۇشۇم يىراقلارغا ئۇچۇپ كەتتى ، ئون نەچچە يىللىق ئوقۇتۇش ھاياتىمدا نەچچە مەكتەپ ئالمىشىپ،نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇتقانلىقىم ئۈچۈن، چېن شياۋۋېي ئىسىملىك بۇ ئوقۇغۇچۇمنى پەقەتلا ئەسلىيەلمىدىم. ئۇ: –ئەينى ۋاقىتتا بىز تولۇقسىز 3– يىللىقتا ئوقۇيتتۇق، سىز مەكتىپىمىزگە يېڭىدىن تەقسىم قىلىنىپ كەلگەن ئىدىڭىز، شۇ چاغدا سىز قىزىل چاقماقلىق يامغۇرلۇق چاپان كىيىۋاپتىكەنسىز–دەپ ئەسكەرتتى. ئويلاپ باقسام، راست شۇنداق قىزىل چاقماقلىق يامغۇر چاپىنىم بارئىكەن.ئۇ مېنىڭ تازا جۇشقۇن ياش چاغلىرىم ئىدى، مەن ئۇ چاپىنىمنى كىيىپ ،بىر توپ بالىلارنىڭ ئالدىدا، كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ: بۇندىن كېيىن مەن سېلەرگە دەرس بېرىمەن– دېگەن چېغىمدا،ماڭا تەلمۈرۈپ قاراپ تۇرغان بالىلار كۆزۈمگە خۇددى قۇياش نۇرىغا تەلپۈنگەن ،بولۇق ئۆسكەن ئاپتاپپەرەسلەردەك كۆرۈنۈپ كەتكەن ئىدى. –مەن ئۇ چاغدا سىنىپنىڭ شىمالىي تەرەپ دېرىزە يېنىدىكى بۇلۇڭدا ئولتۇرىدىغان سىنىپ بويىچە ئەڭ شوخ، بالىلار بىلەن تولا سوقۇشىدىغان ئوقۇغۇچى ئىدىم.بىر قېتىم دېرىزىنى چېقىۋەتكەن ۋاقتىمدا سىز مېنى ئىشخانىڭىزغا ئەكىرىپ سۆھبەتلەشكەن ئىدىڭىز.مۇئەللىم ئېسىڭىزگە ئالالىدىڭىزمۇ؟–ئۇ يەنە ئېسىمگە سېلىشقا باشلىدى. –ھە... سىزكەنسىزدە!.كۆڭۈل ئىكرانىمدا بىردە ئېنىق،بىردە غۇۋا ھالەتتە ئېگىز بويلۇق،كىشىگە ئالىيىپ قارايدىغان،تۇرقىدىن گەدەنكەشلىكى چىقىپ تۇرىدىغان بىر بالا پەيدا بولدى.ئۇ دائىم كېچىكىپ كېلەتتى،تاپشۇرۇق ئىشلىمەيتتى،ھەتتا ئوغرىلىقچە تاماكا چېكىشنى ئۆگىنىۋالغان ئىدى.ئۇبار سىنىپنى يېڭىدىن قولغا ئالغان ۋاقتىمدا،بۇرۇنقى سىنىپ تەربىيىچىسى مەن بىلەن ئالايىتەن ئۇ توغرىلىق سۆزلىشىپ: ئاتا-ئانىسى بۇرۇنلا تۈگەپ كەتكەچكە،ھاممىسى بىلەن بىللە تۇرىدۇ،ھاممىسىنىڭ بالىلىرى كۆپ بولغاچقا،ئۇنىڭ تاماق ۋە كىيىم-كېچىكىدىن باشقىغا كۆڭۈل بۆلۈپ بولالمايدىكەن.شۇڭا ئانچە تەربىيە كۆرمىگەن،بەك شوخ،ھېچنىمىگە كاللىسى ئىشلىمەيدۇ،ئۇنى تىلغا ئېلىپ قالغان مۇئەللىملەرنىڭ ھەممىسىنىڭ بېشى ئاغرىيدۇ-دېگەن ئىدى. –مۇئەللىم،مېنىڭ دېرىزە چېقىۋەتكىنىم ئېسىڭىزدىمۇ؟–ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرىۋاتاتتى. ئەلۋەتتە ئېسىمدە بار.ئۇلارنىڭ سىنىپىنى قولۇمغا ئېلىپ بىر ھەپتە بولا–بولمايلا،ئۇ ماڭا ئىش تېرىپ بېرىپ، پارتىدىشى بىلەن ئۇرۇشۇپ دېرىزىنى چېقىپ ،تېخى قولىنى ئەينەك كېسىۋەتكەن ئىدى. –سىز مېنى چاقىرغان چېغىڭىزدا،مەن سىزنى باشقا مۇئەللىملەرگە ئوخشاش، مېنى راسا تىللاپ تەكشۈرۈشنامە يازغۇزىدۇ،ئاندىن ھاممامنى چاقىرتىپ،ئەينەكنى تۆلىگۈزىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم.لېكىن سىز ئۇنداق قىلمىدىڭىز،سىز مېنى ئىزدەپ تېپىپ،ئاۋال مېنى شىپاخانىغا ئەكىرىپ قولۇمنى تاڭغۇزۇپ،مەندىن ئاغرىدىمۇ دەپ سورىدىڭىز.ئاندىن ماڭا كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ،بۇندىن كېيىن باشقىلار بىلەن ئۇرۇشما،باشقىلارنى ئۇرساڭ مانا مۇشۇنداق ئۆزەڭمۇ يارىدار بولىسەن،توغرىمۇ–خاتامۇ؟دېدىڭىز ھەمدە ئەينەكنى ماڭا تۆلىگۈزمەي ئۆزىڭىز پۇل چىقىرىپ ئورنىتىپ قويغان ئىدىڭىز–ئۇ شۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقىنىدا ئەسلىمىلەر ئىچىگە چۆكۈپ كەتكەندەك قىلاتتى. خېلى ئۇزۇن مەزگىل ئۆتكەن بولغاچقا، مەن دەماللىققا ئېسىمگە ئالالمىدىم.ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۆتمۈشتىكى پارچە–پۇرات ئىشلار ئادەمگە يېقىپمۇ قالىدىكەن.ئۇ تۇيۇقسىز:مۇئەللىم،سىزنىڭ قىلغانلىرىڭىزدىن مەن شۇنداق تەسىرلەندىم،بىراق ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغىنى سىزنىڭ بىر ئېغىز سۆزىڭىز بولدى–دېدى. مەن ھەيران قالدىم.ئۇ مېنى قايسى سۆزنى ئېسىگە ئالسۇن دەيدىغاندۇ؟مەن زادىلا ئويلاپ يېتەلمىدىم. ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ:–مۇئەللىم،سىزنىڭ يادىمدا قالغان بىر ئېغىز سۆزىڭىز،سەن ھەرگىزمۇ ناچار ئوقۇغۇچى ئەمەس،دېگەن سۆزىڭىز ئىدى–دېدى. مۇشۇ بىر ئېغىز سۆزۈمنى ئۇ ئون يىل يادىدا ساقلاپتۇ . ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ، ئۇ ھازىر بىر مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى ئىكەن ، ئۇ دائىم گەپ ئاڭلىمايدىغان شوخ بالىلارنى چاقىرتىپ سۆھبەتلىشىدىكەن، سۆھبەت ئاخىرىدا كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇلارغا : سىلەر ئەسلىي ناچار ئوقۇغۇچى ئەمەس – دەيدىكەن. بىر ئېغىز سۆز– سۆزلىگۈچىگە نېسبەتەن بەلكىم ئېسىدىن بىردەمدىلا كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى مۇمكىن.لېكىن ئاڭلىغۇچىغا نېسبەتەن بەزىدە بىر ئۆمۈر يادىدىن چىقمايدۇ.
خەنزۇچە‹‹نەزەر››ژورنىلىدىن سەنەۋەر ئابدۇراھمان تەرجىمىسى
|